بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-25 13:22
بىز ل. مۇتەللىپنى بەك چوڭ بىلىمىز، شائىرلارھەققىدە گەپ بولسىلا ئۇ ئۈلگىلىك شائىر بولۇپ ئەقلىمىزگە كېلىدۇ؛ قەھرىمانلىقتىن گەپ ئېچىلسىمۇ ئۇ يادىمىزغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ھەققىدە ناخشىلار ئىجات قىلىپ، «ئۇنىڭدەك شائىر تېخى تۆرەلمىدى» دېيىشكىچە بېرىپ يەتتۇق. بۇلارنىڭ توغرۇلۇق پايى ئەلۋەتتەبار. ئەمما نېمىشقا پەقەت لۇتپۇللا مۇتەللىپ؟ ل. مۇتەللىپ شېھىت قىلىنغان چاغدا يالغۇزئەمەس ئىدى. 37 كىشى بىر قېتىمدا شېھىت قىلىنغان ئىدى (مەن بۇنى نىمشېھىتنىڭ بىرشېئىرىدىن بىلدىم). ل. مۇتەللىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە 37-ئورۇندا ئىدى. چۈنكى تەشكىلاتقا ئەڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغان. مىجەزى شوخ، ئوچۇق-يورۇق بولۇشى، دوست-ئۈلپەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قىزلار بىلەن ئوبدان ئارىلىشىدىغانلىقى سەۋەپلىك تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىشتا خېلى تالاش-تارتىشلار بولۇپ، ئاخىرى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇسىبەت مىجەز سانالسىمۇ، يەرئاستى تەشكىلات ئۈچۈن ئاجىز ھالقا بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى بولغاچقا شۇنداق بولغان. گەرچە بەزىبىر كۆزنى يۇمۇۋېلىپلا مەدھىيە ياغدۇرۇدۇغان تونۇشتۇرۇشلاردا ئۇنى تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى قىلىۋەتكەن يېزىلمىلارمۇ كۆزگە چېلىققان بولۇشىغا قارىماي، ئەمەلىيەت مانا شۇنداق ئىدى. تەشكىلاتنىڭ بېشى ۋە قۇرغۇچىسى مۇنىرىددىن خوجا، قۇرغۇچى ۋە غوللۇق ئەزالىرى ئابدۇللا روزى، ئارتۇق ئابباس قاتارلىقلار ئىدى. شائىر بىلال ئەزىزىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدى. نېمىشكىدۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى — يولباشچى بۇرۇنلاردا ناھايىتى كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنكى زامانلاردا تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. تەشكىلاتچىلىق ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنداق بىر ئىشنى قىلالىغان ئادەم بىر سىياسىي داھىي دېمەكتۇر. بۇ قەدەر موھىم بىر ئادەم ۋە ئەڭ دەسلەپ تەشكىلات قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەمپىكىر بولغان دەسلەپكى ئەزالارمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. تارىخىمىزدا بۇنداق تەشكىلاتلىنىشمۇ تەشكىلاتچىلىقمۇ كۆپ بولمىدى. بىز ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بۇ تارىخىي سىمالار شۇنچىلىك يېنىكلىك بىلەن ئۇنتۇلدىكى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىنىڭ گويا ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەكلا، قەدرى يوقتەكلا! بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە «ئىنقىلابىي قۇربان ئائىلىسى» دېگەن ماۋزەيدۇڭ ئىمزا قويغان گۇۋانامە بېرىلمىگەچكە شۇنداق بولغانمۇبۇ؟ (بىر تورداش ل. مۇتەللىپ ئائىلىسىگە بېرىلگەن شۇنداق گۇۋانامىنىڭ رەسىمىنى تورغا قويغانلىقى يادىمدا) ياكى ئۇلار ئالماشقان، كېيىنكى ھاكىمىيەتتىمۇ ئوبدان قارشى ئېلىنىدىغان شېئىرلارنى يازمىغان بولغاچقىمۇ؟ بۇ ئۇنتۇشنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ شېئىر يازمىغاچقا دەيلى دېسەك، بىلال ئەزىزىمۇ شائىر ئىدى. ئابدۇللاھ روزى دراماترۇگ ئىكەنمىش، گەرچە ئەسەرلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، شۇ چاغلارداسەھنىلەشتۈرۈلگەن ئىكەنمىش... بەلكىم مۇنىرىدىن خوجا ۋە سەبداشلىرى قۇرغان تەشكىلاتنىڭ ئىسمى بۈگۈنكى كۈندە بەزى كۆڭۈللەرگە دەھشەت سالىدىغان تىپتىن بولۇشى تۈپەيلى ئۇنى ئەسكە ئېلىش تەس بولدىمۇ؟ چۈنكى ئۇنى ئەسلىگەن ھامان تەشكىلاتنى تىلغا ئالمىسا تىلغا ئالغۇدەك شېئىرى يوق-تە، شۇڭا تەس بولدىمۇ-يا؟ ئۇنداق بولسا بىلال ئەزىزى نېمە ئۈچۈن ئۇنتۇلدى؟ ئۇنىڭ شېئىرلىرى بولغىيدى؟ مەن بىر كونادەرسلىك كىتاپتا بىر غەزىلنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلار بارمۇ؟ باشقىلارمۇ مۇشۇ ۋەتەننىڭ پەرزەنتى ئىدىغۇ؟ مۇشۇ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ياش ھاياتىدىن ئايرىلمىدىمۇ؟ ئەگەر بىز بىزنى دەپ شېھىت بولغانلارنى مۇشۇنداق تېز ئۇنتۇۋېرىدىغان بولساق، بىزنىڭ بۇنداق ۋاپاسىزلىقىمىز كەينىگە تەپمەي قالمايدۇ. كىم بىلىدۇ، بەلكىم تارتقۇلۇقلىرىمىزنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى شۇمىكىن؟ بىلگۈچى ئاللاھ. |