- تىزىملاتقان
- 2013-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4169
- نادىر
- 1
- يازما
- 322
ئۆسۈش
72.3%
|
داۋامى
« مەن تۇركلەرنىڭ ئەڭ سوزمەنلىرىدىن، پىكىرنى روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن. تۇرك، تۇركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سوزلىرىنى، قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۇركچە ». ئاتاقلىق ئالىمىمىز ماھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، قەبرىسىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى ھازىر دۇنيا ئېتراپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى نىمە ئۇچۇن ئوزىنى « تۇرك » دەيدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ساپ تۇركچە دەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەرنى بىر خەلق دەپ قارىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ مەيلى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە بولسۇن كېيىنكى چاغلاردا بولسۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇركلەر ئوزلىرىنىڭ بىر خەلق دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر تىلى ساپ تۇركچە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ ـ ئادەت، تېرىتورىيە، ئىقتىسادىي بىرلىك بارئىدى. ئالىم ئەسىرىدە خاقانىيە دائىرىسىدە ياشىغۇچى ئەجدادلىرىمىزنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتايدۇ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئەلىدىكىلەرنى «ئۇيغۇرلار »، «تات ئۇيغۇر » دەپ ئاتايدۇ. «تات ئۇيغۇر›› ئاتاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇسۇلمان تۇركلەردىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ‹‹تات›› ئاتالمىسىنى قوللىنىش بىر مىللەتنى ئېتىقاد جەھەتتىن پەرقلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلامدۇ قانداق؟
ماھمۇد كاشغەرىنىڭ زاماندىشى خاقانىيىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، جامائەت ئەربابى يۇسۇپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق ئەسىرىگە نامەلۇم ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان مۇقەددىمىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (20 ـ 19) ‹‹تۇركىستان ئەللىرىدە بۇغراخان تىلىنچە تۇرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياخشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسىف قىلمادى›› ـ ‹‹پۇتۇن تۇركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە بۇغراخان تىلىدا تۇركىي سوز بىلەن (ھىچكىم) بۇنىڭدىن ياخشىراق كىتابنى يازغىنى يوق››
33. قۇر ئاي ئول بۇكىتابقا قەبۇل بولدۇقى
بۇ تۇركلەر تىلىندە ئەجەپ كۆردۇكى
(يا، بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغۇچى،
بۇ تۇركچە ئەسەرگە ئەجەپلەنگۇچى)
73. ئەرەبچە، تەجىكچە كىتابلار ئوكۇش
بىزىڭ تىلىمىزچە بۇ يۇمغى ئۇقۇش
(بىزنىڭ تىلىمىزدە بۇ يالغۇز شۇلا.)
75. بۇ تۇركچە قوشۇغلار تۇزەتتىم ساڭا
ئوقىدا ئۇنۇما دۇئا قىل ساڭا
(بۇ تۇركچە قوشاقلارنى تۇزدۇم ساڭا،
ئوقۇردا ئۇنتۇما دۇئا قىل ماڭا)
‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› داستانىغا يېزىلغان مۇقەددىمە قانداقلا بولمىسۇن مىلادىيە 13 ـ ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان. مۇقەددىمىنىڭ خاقانىيە خاقانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇشى ھەمدە ئۇلارنى ‹‹ شەرقنىڭ مەلىگى، ماچىنلار بەگى›› دەپ مەدھىيىلىشى ھەمدە ئۇلارنى بىلىم سويۇشتە ‹‹ دۇنيادا بىرلا ـ ئاجۇندا يەگ›› دىيىشلىرى سوزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئەسەردە تۇرك ئىبارىسى ئېتنىك نام سۇپىتىدە قوللىنىلغان.
ئەمدى بىز ‹‹ئۇيغۇر ئېلى›› تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئاتاقلىق ئالىم سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ نىمە دەپ يازغانلىقىنى كورۇپ باقايلى: ‹‹بەش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن تۇرك ئۇيغۇر تىلىنچە ئىكىلەيۇ ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۇرك ـ ئۇيغۇر تىلىغا ئىككىنچىلەپ تەرجىمە قىلغان››. ئالىم ‹‹ئالتۇن يارۇق››نى تەرجىمە قىلغاندا مۇنداق يازىدۇ: ‹‹بىش بالىغلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ياڭىردى تۇرك تىلىنچە ئەۋىرمىش ـ بەشبالىقلىق ساڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قايتىدىن تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلىغان››. ئالىمنىڭ پارچىسى تېپىلغان يەنە بىر تەرجىمە ئەسىرىدە: ‹‹ئون ئۇيغۇر ئەلىنتە كىنكى بوشوغۇتلۇق بىس بالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تاۋغاچ تىلىنتىن ئىكىلەيۇ تۈرك تىلىنچە ئاقتارمىش ـ مەدھىيىلەنگەن ئون ئۇيغۇر ئېلىندە كېيىن ئوقۇمۇشلۇق بولغان بەشبالىقلىغ سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىككىنچىلەپ تۇرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان».
سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10 ـ ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنڭىغا ئوخشاشلا 8 ـ ، 9 ـ ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئوز تىلىنى « تۇرك تىلى » دەپ ئاتىغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئوز تىلىنى ئورتاق ھالدا « تۇرك تىلى »، ئوزلىرىنى بولسا « تۇرك » دەپ ئاتىغان. ئوزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ « تۇرك ـ ئۇيغۇر » دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى » دىگىنىدەك « ئۇيغۇر » سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا « ئۇيغۇر تىلى بولسا »ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئوزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دولەت نامى بويىچە ئوزلىرىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى ‹‹تارىخىي رەشىدى›› ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئۇيغۇرىستان›› دەپ يازغان.
بۇ ئىككى خانلىق تېرىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۇرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا ماھمۇد كاشغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پىرتانراكشمۇ ئۇيغۇر تۇرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۇننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى›› ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن ـ يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ ‹‹ مەڭگۇ تاشتا مۇنداق دىيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۇركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۇ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۇبھىسىز جاۋاب بەردى›› دىگەن يەكۇننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ ‹‹ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۇپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كورسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلق تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۇرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۇرگەن » دەپ يازىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى « ھون تارىخى »، « تۇرك تارىخى » ۋە « ئۇيغۇر تارىخى » دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كوپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفىسسور لىن گەن « تۇرك تارىخى » ناملىق كىتابىدا « ئۇيغۇر = تۇرك » دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۇشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردە ئوزلىرىنى تۇرك دىسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۇشىنەلەيمىز.
مىلادىيە 10 ـ ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كولەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەردىجى ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۇلگۇرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستىلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش توغلۇق تومۇرخان مىلادىيە 1348 ـ يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۇركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۇزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئېدىئولوگىيە پەرقىمۇ تۇگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شىۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر نەۋائى « مۇھاكىمە تىل لۇغەتتىن » ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ « بابۇرنامە » سىدە بىر نەچچە جايدا « ئۇيغۇر » ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا « تۇرك » نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئوزىنى « تۇرك » ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق دىگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللا، ھوسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئوزلىرىنى « تۇرك » دەپ ئاتىغان. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ 1884 ـ يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى (回疆) دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن 缠头 دەپ ئاتىغان.
« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350 ـ يىللاردىن 1935 ـ يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا « تۇرك » دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۇسىنى ئالغان. ئۇنداقتا « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟
|
|