قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5525|ئىنكاس: 44

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى ۋە تەركىبى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

195

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20864
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 20:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى ۋە  تەركىبى

مۇشۇ تارىخى  ئەسەر يازغانلار قولاقلىرىنى يوپورۋىلىپ يازمدىغاندۇ دىگەن قاراشقا كىلىپ قالدىم . چىدىمغانلقىتىن بو ئەزغىنە مۇلاھىزنى ئوتتورغا قويماقتىمەن كەڭ ئوقورمەنلەرنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇت قىلىمەن .   
ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ھونلار  بولسىمۇ ، بەزى ئاتالمىش يوغان سەللە ئۇنۋانلق تارىخچى ئەدىپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ھونلاردىن ئايرىپ قارغاننى  ئازدەپ تۈركلەردىنمۇ ئايرىپ قاراپ ئەزەلدىن بىر ئاتا بىر ئانىدىن بولغان قىرىنداش  ئۆتكەن قەۋىمىنى بىر-بىردىن   ھەدەپ ئايرىشقا ئۇرۇندى ، بۇ بەئەينى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى  تارانچى ۋە قەشقەرلىك ئىككى مىللەتكە ئايرىشقا ئۇرۇنغاندەكلا ئىش  .تارىخى پاكىتلار تاغدەك بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرۇپ ھىلگەرلىك بىلەن راسنى يالغان ،يالغاننى راست ، بۈگۈن  كۆمۇپ ،ئەتىسى 3000-يىللق  تارىخى يادىكارلىقنى قىزىۋلىش ، ياخشىچاق بولىمەندەپ ئالتۇننى كۆرسىتىپ قويوشتەك مايمۇن ئويىنى ئويناشتى .

توققۇز ئوغوز توققوز ئۇيغۇر ۋاريانتىنى دەستەك قىلىپ ئۇلىنىشتىكى بارلق مونبەرلەربەسبەستە دەبدەپە قىلىپ ئۇزۇننى قىسقا قىلىپ قويدى ،  سىر-تادۇشنى قارلۇقلارنى قانقىل ئاتالغانلارنى، ئون ئوق ،ئۈچ ئوق ، ئاق ھونلارنى ،ياۋرۇپاغا بىسىپ كىرگەن ئونوغۇر قەبىلىرىنى يەنى ئاتىللا ھون تەڭىرقۇتلۇق ىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتى ،كىلىپ چىقىشنى يىلنامە ۋە مەدەنىيەت ھەم تىرتورىيە جەھەتتىن تارايتىشقا ۋەياكى بىر تۇققان قىرىنداشلانى ئايرىشقا ئۇرۇندى .   
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ تەركىبىنى تىخىمۇ ئىچىكىرلىسەك :   
تۇر   تۇرا   تۇران (يەنى تۇران ) ھون (تۈرك يوچول بۇدۇن يەنى كۆچمەن تۈرك ) توغلۇق ، ئاق ھون (ئۇلۇق ياۋچىلار  يەننى ياۋلارنى زىمىنىغا كەلتۇرمىگۈچىلەر )، ساكلار ،توخالار ،ئاندىن ئون ئۇيغۇر  توققوز ئوغوز  توققوز ئۇيغۇر (بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىللىرى بىرلەشمە ئىتتپاقى ) ، قەبىلىلەر ئىسمىنىڭ يوقىلىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىلىنىشنىڭ ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىشى .
  
تارىخ ھامان تارىخ  :
  

ئۇغۇزنامە داستانىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇغۇزخان ئۇبرازى ۋە ئۆتمىشى ئۇلۇق تارىخى شەخىس ھون تەڭىرقۇتلۇقىنىڭ قاغانى باتۇر تەڭىرقۇت بىلەن ئوخشاش ، ھون سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى تۈرك يوچول بۇدۇن يەنى كۆچمەن تۈرك خەلىقى دىگەنلىكتۇر ،    قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى  تۇران قاغانى مەشھۇر  «قاراخان» (ئەفراسىياپ ، ئالىپ ئەرتۇڭا ) نىڭ ئەۋلادىدىن دەپ قارىغانلىقى .
  ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى.  تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىسىتېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ .
  
قەدىمكى چاغلاردا ھۇن ياكى تۈرك دەپ ئاتالغان خەلقلەر ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭجەنۇب شىمالىدا ياشىغان ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە ئالتاي تاغلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلارغا دائىر نۇرغۇن قەۋرىلەر تېپىلغان. بۇ قەۋرىلەردىن چىققان ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ جەسەتلىرى ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل ئۇستىخانلىق ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىلەن ئوخشاش، ئۇلار قاڭشالىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك، قاۋۇل ئىدى. ھۇنلار ئېگىز بوي، قاۋۇللىقى، چىرايى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى قەدىمكى جۇڭگو تارىخىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .   
مىلادىنىڭ 735 - يىلى قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغانلىقىنىڭ (مىلادىنىڭ 681- يىلىدىن مىلادىنىڭ 743 - يىلغىچە) قاغانى بىلگە قاغان (مىلادىنىڭ 716 - يىلدىن 735 -يىلغىچە) خاتىرىسىگە ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا مەر مەر تاشتىن قويۇلغان مەڭگۈتاشتا توققۇز ئوغۇزلار مەن بىلەن نەسىلداش ئىدى،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى دېيىلگەن. يادىكارلىقتا ئېيتىلغان توققۇز ئۇغۇزلاردەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 605 - يىلدىن 845 - يىلغىچە) شەرقىي ئۇيغۇرلار،غەربى ئۇيغۇرلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنەتتى .
ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن شامانىزمغا ئېتىقات قىلىشاتتى. شۇنداقلا بۆرىنى مۇقەددەس ھېسابلاپ، ئۇنى بەختنىڭ ئالامىتى دەيدىغان تۇتېمىزمغا ئىشىنەتتى.ئوغۇز داستانى ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسەئەرگىنە قۇن داستانى قاتارلىق يىلنامە، داستانلاردىكى بۆرى ھاققىدە ئەپسانىلەر، مانا شۇ بۆرى تۇتېمى ھەققىدىكى ئېتىقادنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدا ھۇن، ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ نەسلى خۇسىسىيەتلىرى، تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، تۇتېم ۋە دىننىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشلىقى ھەققىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار، ئۇلارنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى، ئېرقىي جەھەتتىن سېرىق تەنلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولسا كېرەك .   
قان قېرىنداشلىق جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولغان ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ شەرقتىكى موڭغۇل نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن ئۆزئارا چېتىشىپ سىڭىشىپ كېتىشتىن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان، قان قېرىنداشلىقى جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىققان .  
مەسىلەن: ئۇلار شەرقىي سىبىرىيىدىكى لىنا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان خاكاسلار (قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى) گەنسۇدىكى سالالار، سېرىق ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، باشقۇردلار، تاتارلار،تۈركمەنلەر، مورداۋالار، چۇۋاشلار، ئوكرائىنادىكى قالاچلار، كاۋكازدىكى چىركەسلەر، داغان تاتارلىرى،  ئىراقتىكى ئەزەربەيجانلار، ئىراندىكى قالاچلار، تۈركىيە تۈركلىرىدىن ئىبارەت . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي خەلقلەر ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ياشىغان تېررىتورىيىسى، ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە ۋە غەربىي جەنۇبىغا قاراپ، بىر تۇتاش ھالدا سوزۇلۇپ كەتكەن .   
مەن خەن تارىخى ئەسەرلىرىدىكى ئىسپاتلارنى ئىلىشنى خالىمىدىم  چۈنىكى بۇپاكىتلار مەنچە يىتەرلىك .





ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق  بىر قاتار مەسىلىلەرگە رەدىيە

بۇ ئەسەرنى ئەينى يىلى (ئورخون تارىخ مۇنبىرى )گە يوللىغان ئىدىم، بىلىمىم چەكلىك  كۆپچىلىكنىڭ  تەنقىدى پىكىرى بىرىشىنى سورايمەن .

1. ھون نامى توغىرسىدا ..

بىز ھازىر ئاتاۋاتقان :«ھون« نامى ياۋرۇپادىن  كىرگەن ، يەنى خەن تىلىدا :«匈奴« دەپ خاتىرلەنگەن .
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىزھلىمىغانمۇ ؟
12 -ئەسىردە ئۆتكەن ئىددقۇتلىق مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇلى سەلى تۇتۇڭ ئۆزى تەرجىمە قىلغان شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالى دىگەن ئەسىردە :«匈奴»خىتىنى :«تۈرك يۈچۈل بۇدۇن« يەنى :«كۆچمەن تۈرك خەلقى « دىگەن مەندە  .

2. ئۇيغۇرنى تۈركتىن ئايرىپ قاراش  .

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشنى تۈركلەردىن ئايرىپ قاراش بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلق  ئالقاپلارنىلا ئىشى خالاس ،  ئۇيغۇرلار توققوز ئوغوزلاردۇر ،تۈرىكلەر ئۇنداق ئەمەس دەيدۇ .
بىز بىلگە قاغان مەڭگۈتىشىغا نەزەر سالساقلار مۇنۇ خەتلەرنىڭ تاشقا ئويۇلغانلقنى كۆرەلەيمىز ، :« توققوز ئوغوز خەلقى ئەسلى ئۆز خەلىقىم ئىدى ،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى ......«  
مانا مۇشۇ يىتەرلىتۇر ،چۈنكى بۇ مەڭگۈ تاش كۆك تۈرىك قاغانلقى دەۋرىدە تىكلەنگەن .

3. ئۇيغۇر نامى توغىرسىدا .

ئۇيغۇر نامى بۇرۇندىنلا مىللەت نامى بولغانمۇ ياكى قەبىلە نامى بولغانمۇ ؟
ئۇغوزنامە داستانىدا :« مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانىمەن « دەپ خىتاپ قىلدى ئوغوزخان .  بۇداستاندا دىيىلگەن ئۇيغۇر نامى ئاددىلا بىر نەچچە قەبلىنىڭ ياكى مىللەت نامى بولماستىن بەلكى يۈزلىگەن قەبللەر بۈيۈك ئىتتپاقىنىڭ نامى ،يەنى بىر ئىتتپاقنىڭ نامى .
بۇنىڭ دەللى  توققوز ئۇيغۇر (ئۇغۇز )بۈيۈك ئىتتپاقى  ، ئىچكى تاشقى توققوز قەبللەر ئىتتپاقى .
دىۋاندا ، مەھمۇد كاھىشغەرى  ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى دەپ ئاتايدۇ .

4. ئورخون ئۇيغۇر خانلقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغىرسىدىكى خاتا قاراش

كۆك تۈرىك قاغانلقى 550-يىلى تۈمەن قاغان تەرىپىدىن قۇرۇلدى ۋە تۈمەن قاغانننىڭ ئوغلى مۇقان قاغان دەۋرىدە مىسلىسىز گۈللەندى ھەم 580-يىلى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە بۆلىندى ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (582__630) ﺑﯩﻠﻪﻥ غەربى ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (680__742) .
605-يىلى ئۇلۇق ئىلتەبىر سۈركېن ئېركىن  ئورخون بويىدا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ قۇرۇلغانلقنى جاكالىدى .مانا 605-يىلى ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ  قۇرۇلغان ۋاقتىدۇر . 744-يىلى بولسا كۆل بېلگە قاغان ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقنىڭ كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ  ئورننى رەسمى ئالغانلقنى جاكالىغان  .


5. 845-يىلى ئۇيغۇرلار تاشقى موڭغولدىن كەلگەنگە رەدىيە :

840-يىلى مەركىزى ئۆلكە ئىغىر تەبىېئى ئاپەت  ۋە ئاسىى باش ۋەزىر قارا قوۋۇ باشلاپ كەلگەن قىرغىز قوشونى بىلەن قاغانبالق قارا بالغانسۇننىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى ،خانلق جىددى پەيىتتە پايتەخىتنى كۆچىرىش كىرەك ئىدى ، تىكېىنلەرنىڭ  قاغانلق ئورنى تالىشش كۈرەشلىرى كەسكەنلەشتى ،  ئۆگە تېكىن ئۆزىنى قاغان  دەپ ئاتىدى پانتېكىن ۋە بۆكۈتىېكن  يابغۇلۇق  ئۇنۋانىغا نائىل بولدى ، بىراق كىيىنكى ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى ،
مانا بۇ مەزگىل تاڭ خانلقى ئاجىزلاپ لىڭىشىپ قالغان ،ئەكىسچە تىبەتلەر ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىل بولوپ  ، تاڭ خانىلقغا ۋە ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقغا تەۋە بولغان يىپەك يولىدىكى موھىم شەھەرلەرگە يەنى دەشتىئاتا (دوڭخۇاڭ)قوچو ،قاراشەھەر ، كىرۇرەن ،ئۇدۇن ،سۇلى ، كۈسەن قاتارلق شەھەرلەرگە ئوت ئاچقان  تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلى ئىدى .
ئۈگە تىكىېن تىبەتلەر بىلەن قان كىچىپ جەڭ قىلىپ دەشتىئاتا نى چۆرىدىگەن ھالدا850 -يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى .
پانتىكىن ئىددقۇتنى تىبەتلەر قورىشاۋۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ 847-يىلى ئىددقۇتتا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئىددقۇت ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى  ۋە بۆكۈتىكىن پانتېكىنگە  ھەمدەمدە بولوپ تىبەتلەرنى تەڭرى تېغنىڭ جەنۇبى شىمالدىن تەل-تۆكۈس قوغلاپ چىقاردى ۋە بۆكۈخانغا ئىلىك خان مەرتىۋىسى بەردى ۋە سۇلى غا ئورۇنلاشتى ،كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە كۆل بىلگە  قادىرخان ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئۇلۇق قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان  .
ئەمدى گەپكە  كەلسەك مەركىزى ئۆلىكدىن(ئورخون ئۇيغۇرلىرى) كەلگەنلەر  پان تىكىن رەھپەرلكىدىكى 15  قەبىلە ئەڭ كۆپ ھىساپلىساق  120مىڭ ئادەم بۆكۆتىكىنگە تەۋە بولغانلارنى تەخمىنى قوشقاندىمۇ 200مىڭ غان يەتمەيدۇ ........شۇمەگىلدە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئاھالە سانى 1 مىليون ئەتراپىدا  ،   ئۇرخوندىن كۆچكەنلەرنىڭ ئىتتقاتى شامان بىلەن مانى دىنى ،چارۋۇچىلقنى ئاساس قىلدىغان قالاق كۆچمەن تىپپىك يايلاق خەلقى ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالدىكى خەلق بولسا بۇددا دىننى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى ،شەھەرلەشكەن ،تارغىچىلقىنى (دىھقانچىلقنى ) ئاساس قىلغان ئىلغار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان  خەلق .
ھەرقانداق كالىسى بار ئادەم بولسلا ماڭقۇرۇت بولمىسلا ئايرۋالالايدۇ .
كۆپ سانلق دىنى ،كەسىپى ،ئاساسى ئۇخشىمىغان خەلق قانداق بولوپ نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەممسى  ئۇيغۇر ئاتالدى ؟ ئەلۋەتتە ئازسانلقنى ئاسمىلاتسىيە قىلدى ..... كۆپ سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغان  غەربى ئۇيغۇرلار ئىدى .
ئەينى دەۋىردە قىرىنداشلىرىمىز كۆچۈپ كەلگەن .
سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغانلار سىر-تاردۇش (شەرقى ئۇيغۇرلار ) ئۈچ قارلۇق (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ،باسمىل (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ياغما (توققوز ئۇيغۇرنىڭ غوللوق قەبلىسى ) .
يەنە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى  840-يىلىدىن مىڭ يىللار ئىگىرى بىز بۇ يەردىتۇق .
گۇمان :
ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ كۆچىشى پەقەت ۋەپەقەت خەن تارىخى خاتىرلىرىدىلا  خاتىرلەنگەن ، تۇرپاندىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلغا تەرجمە قىلغان :«ئىزۇپ مەسەللىرى ..... ئودىسا «دەك يۇنان ئەپسانلىرى تېپىلدى ، يەنە كىلىپ بىز مەدەنىيەت كىرەلەشكەن يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەت، ئۇنىڭ  ئۈستىگە بىزدىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىزنى ماراپلا تۇردىغان پارىسلار ،تىبەتلەر ،ئەرەپلەر ،ھىندىلار  بار نىمە ئۈچۈن ئۇلار بىرەسىمۇ بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالمىدى ؟ بىزدىن نۇرغۇن ئەدىپلار ئۆتتى مەيلى ئىددقۇت قاغانلقى مەيلى قارخانىلار نىمە ئۈچۈن بۇۋەقەنى بىرەسىمۇ تىلغا ئىلىپ قويمىدى ؟ ئۇيغۇرلار راست كۆچكەنمۇ ياكى كۆچمىگەنمۇ ؟

6.تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئاتالمىش تارىخچىلار تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەننى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا موڭغۇللار بۇ ئاتالغۇنى زادى كىمدىن قوبۇل قىلغان؟
موڭغۇلارغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ھەققىدە:
ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <يىلىچىننىڭ موڭغۇلشۇناسلىق ھەققىدىكى ماقالىلىرى> ناملىق كىتابتا مۇنداق بايانلار بار: موڭغۇل تىلىغا ئوۋچىلىق مەزگىلىدە تۈركىي قاتارلىق تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر 30 پىرسەنت ئەتراپىدا؛ چارۋىچىلىققا ئاىت ئاتالغۇلرنىڭ 70 پىرسەنتىنى تۈرك - ئۇيغۇرلردىن قوبۇل قىلغان(مەسىلەن، بۇقا - بۇخ، مارال - مارال...)؛ دېھقانچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارغا تېرىقچىلىق - دېھقانچلىقنى ئۆگىتىشى
بۇ ھەقتە چىڭگىزخان زامانىسىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار. تۆمۈر تۆۋرۈك يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس كىتابلارنى يازغان، يەنە تۇرپان، بېشبالىق ھەمدە ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا موڭغۇلىيەگە كۆچۈرۈلۈپ ئاپىرىلىپ، دېھقانچىلىققا سېلىنغان. بۇلار موڭغۇللارنىڭ دېھقانچلىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلاردۇر. ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار دېھقان دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەيتمەيتتى. تارىغچى، تارىمچى، دەپ ئاتايتتى. دېھقان ئاتالغۇسى پارىسچە.

مەنبە : ئىلى تارىخى ماتېرىيالىدىن ئېلىندى .


7. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇبتىن كۆچۈپ چىققان دىگەنگە :

ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.

ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرى زادى قانداك شەكىللەنگەن؟ قانداق ئولتۇراقلاشقان؟

ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان- ئىلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى سىياسى، مەمۇرى ۋە مەدىنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن قېتىملاپ قەيت قىلىنغان.

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى ۋە تىيانشان ئىتەكلىرى قەدىماىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئىدى. «ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىدىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقى ۋە غەرىبى ئىككى قىسىمغا بۈلۈندى.»، «غەرىپتىكى ئۇيغۇرلار ئىرىتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۈلۈنىڭ ئارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.» (ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-بەت). بۇ ئارلىق ئەلبەتتە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرى كۆچمەن ھالدا ياشاپ كەلگەن. بۇلار كۆچمەن خەلىق بولغانلىقتىن، فىيۇدالىزىم تۈزۈمىگە ئاستا ئۆتكەن. بۇ كۆچمەن فىيۇدالىزىم چارۋىچىلىق خۇجۇلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى يايلاقلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا راۋاجلانغان. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار « تارانچى» دەپ ئاتالغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھىلىھەم ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە تارىخچى دوكتۇر رىزانور « كونا زامانلاردىن بىرى تۈرۈك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھۇبۇبات ئەكمىشلەر، مىۋە ياغاچلارى يىتىشتۈرمىشلەر...... دۇنيانىڭ ھېچبىر يىرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۈيۈدىغان ۋە مۇداپىيە ئىتىدىغان خەلق يوق.»، « ئىلى سۈزى تۈرۈكچىدە مەشھۇر دىمەكتۇر، تارىم- تۈرۈكچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دىمەكتۇر. ئەسلى تۈرۈكچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». يەنە بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا «تارانچى» دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى، بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇت قەشقىرى «تارانچى» دىگەن سۆز (دىۋاندا تارىغچى دەپ ئېلىنغان) نىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «پۈتۈن تۈرۈك قەبلىلىرى ھۈنەر-كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاشلا ....‹چى› نى قۇشۇدۇ. مەسىلەن: ‹تارىغ- ئاشلىق› سۈزىدىن ‹تارىغچى-دېھقان› ....... دىگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش» (تۈركى تىللار دىۋانى، 2-توم 63-، 64- بەتلەر). بۇنىڭدىن ئىلى ۋادىسىدا قەدىمقى زامانلادىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى مۇڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا مىلادىدىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار «5- ئەسىردىن باشلاپ.... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى» (قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- بەت). تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 5- ئەسىردە سېلىنغان، شۇ چاغدا ئوتتىرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت ماركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. 5- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋە تىيانشاندىكى يايلاقلار ئۈچۈن جورجانلارغا قارشى كۈرەش باشلىغان. جورجان تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى شىرون زامانىسىدا (مىلادى 400- يىلدىن 411- يىلغىچە) قاغانلىقنىڭ زىمىنى غەرىبى جەنۇپتا ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەرىپتە ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرىقتە چاۋشەننىڭ غەرىبىگىچە، شىمالدا ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان. ئۇيغۇرلا مىلادى 487- يىلى جورجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487-546- يىللار) قۇرغان. ياپۇنىيىلىك تارىخچى ئەنبۇ جيەنفۇمۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىگىز ھارۋىلىقلار يەنى تۇغلۇقلار 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىللىرى كۆپ، يۇقالماس مىللەت دەپ قارىلىپ كەلدى.»، «شۇنداق قىلىپ تۇغلۇقلار دۇنياغا تۇنۇلمىغان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن تاتىپ شەرىقى، غەرىبىي تۈركىستانغىچە بولغان بىپايان زىمىندا شۇ خىلدىكى مىللەتلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىر 7- ئەسىرنى كۈتۈۋالدى» (غەرىبىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات. خەنزۇچە نەشىرى، 5-، 6- بەتلەر). دىمەك بۇنىڭدىن 6-7- ئەسىرلەردە ئىلى ۋادىسىنىڭ «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دائىرىسىدە بولغانىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.

بىز ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى يەنى شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىنمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئاساسلارنى تاپالايمىز. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىنمۇ بىز ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بۇلالايمىز.

بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھازىرقى شىمالى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىەە بىرىلگەن مۇقەددىمىسىدىنمۇ كۈرۈۋالالايمىز: «دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرىقتەرەك جايلاردا، ھىچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتىپاقى بولغان. بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بۇلۇپ، نايمان ئۇيغۇرلار، يەنى ‹سەككىز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بۇلۇپ، ‹توققۇز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. توققۇز ئۇيغۇرلار غەرىبى جەنۇپقا قوغلىۋىتىلگەن چاغدا سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بۇلاتتى»(تارىخى رەشىدى، خەنزۇچە نەشىرى، 1- قىسىم 106- بەت).

ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجرا ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن 839- يىلى يىمىرىلگەندى كىيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرىقى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈتۈكۈن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، خانلىقنىڭ خەرىبى قىسمىدىكى كەڭ جايلارغا كۈچۈپ كەلدى. 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ياغمىلار ۋە قارلۇقلار ئىلى، يەتتىسۇ ۋە چۇ رايۇنلىرىدا، يەنى ئىلگىركى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرىبى زىمىنىدا، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كىيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايۇنىمۇ تەۋە بولدى... بۇ ھاكىمىيەت ‹قاراخانىلار› دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تەركىۋىدە... ياغمىلار ۋە قارلۇقلاردىن باشقا ...... چىگىللەر، ئاندىن باسمىل، توخسى، چارۇق.... قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. (تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز، 2-، 3- بەتلەر).

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى 9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 850- يىلدىن 1250- يىلغىچە بولغان تۆت ئەسىر داۋامىدا قۇچۇ خانلىقىمۇ ھۈكۈم سۈردى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەتئەل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى› دەپ ئاتالدى.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكتى بولغان ياغما، توخسى، چىگىللەر قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئالاھىيدە رول ئوينىدى. قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياغمىلار قەشقەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ‹قاراخانىلار خانى تۈركىي قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى›، ‹ياغمىلار باشلىقىنى بۇغرا، قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى› (قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى). ‹ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلاتتى، ھالبۇكى بۇ نامنىڭ تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام خانلىقى، يەنى... قاراخانىلار خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز›. بىز مۇنداق خۇلاسىنى 10- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن قەدىمقى جۇغراپىيىلىك تارىخى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق ئەسەردىنمۇ كۈرەلەيمىز.

ئىلى ۋادىسىنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ: «ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى تەخمىنەن بالقاش كۈلۈنىڭ شەرىقى چېتىگىچە، ھەمدە غۇلجىغىچە بارغان ھەمدە جۇڭغارىيىنىڭ غەرىبى چېتىگىچە كىڭەيگەن». (گرېنارد: ‹بۇغراخان ھەققىدە رىۋايەتلەر›) بۇ خانلىقنىڭ چېگرىسى ‹غەرىبى تىيانشاننىڭ شىمالى ئىتىكىدە، غۇلجىنىڭ شىمالىدىكى تەلكە تاغلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئالاتاۋغىچە بارغان».(غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات). يۇقىرىقى تارىخى ماتىرىياللاردا ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» گە قىستۇرۇپ بىرىلگەن خەرىتىدە ‹غۇلجا› دىگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ پاكىتنىڭ ئۈزى ‹غۇلجا› دىگەن نامنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ھىچبولمىغاندا 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە پاكىتنى كۆرگىلى بۇلىدۇ: چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى چاغاتاي ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان ئالمالىقنى ئۆز خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان. ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى ئىلىدا تۇغۇلغان. ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكىمۇ ئىلىدا ياشىغان. ئۇنىڭ قەبرىسى چاپچال ناھىيىسىدىكى خونىخاي مازىرىدا.

چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) ھۈكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىۋىدە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەۋى، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى باستۇرۇش جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسە دىگۈدەك يېرىمى قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىرى ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىكام قۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قەشقەرىيىدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. 1759- يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كىيىن 6000 ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردىن 600 ئائىلە قاينۇققا، 500 ئائىلە قاشقا، 1100 ئائىلە بولوبورغۇسقا، 900 ئائىلە جىرغىلاڭغا، 400 ئائىلە تاش ئۆستەڭگە، 600 ئائىلە بايتۇقايغا، 800 ئائىلە خونىخايغا، 500 ئائىلە دادامتۇغا، 600 ئائىلە ئارا ئۆستەڭگە ئۇرۇنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئۇرۇنلاشقان.

200 نەچچە يىلدىن بىرى باشقا جايلاردىن ئىلىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان-تەر تۈكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل ۋادىغا ئايلاندۇردى. دىمەك، يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ۋادىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ۋادىنى گۈللەندۈرۈش ھەم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇلىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.


«گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.



قوشومچە :

ياۋۇرۇپا ھون قاغانىقى
4-ئەسىر ئەمدىلا كىرشىگە ياۋۇرۇپاغا  دەششەتلىك كۈنلەر كىلىشكە باشلىدى .
ئونوغۇر(ئون ئۇيغۇر ) قاتارلق ئۈچ قەبىلىدىن  تەشكىل تاپقان  قوشۇن يولتۇز قاغان باشچىلىقىدا  ئىتېل دەرياسىدىن تىز سۇرئەتتە ئۆتۆپ ئالانلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقادى ، ئالانلار ئامالسىز شەرىقى رىم دىن پانالق تىلىدى ،  شەرقى رىىم پانالق بىرىش بەدىلگە ئالانلارنى خورلىدى ،ئالانىلار شەرقى گوتلار بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، ھون قوشونغا بالامىر(مەنىسى : بالا قاغان )رەھبەلىك قىلغاندا شەرقى رىم ئىمپىريىسگە جازا يۈرۈشكە ئاتلاندى ، رۇئا  قاغانغا كەلگەندە شەرقى رىم ئىپىريىسىنىڭ  ئاز بىرقىسىم زىمننى ئىگىلەلىدى ۋە شەرقى رىمىنى ئولپان تۆلەش ھالىتىگە يەتكۈزدى .
«تەڭىرنىڭ جازاسى ،تەڭرى قامچىسى «  دەپ تەرىپلەنگەن ئاتىتلا (مەنىسى :ئاتا قاغان ، ) قاغان تەختكە چىقىپلا شەرقى رىم ئىمپىريىسى يوق قىلدى ،غەربى رىم ئىمپىريىسى ھەسسلەپ ئولپان تۆلەش بەدىلگە ئۆزىنى ساقلاپ قالدى .تەڭىرنىڭ قامچىسى ئاتالغان قاغان بىر ئايالنىڭ قولدا ئۆلتۇرۇدى .ئاتتلا دىن كىيىن 4ئەقىلسىز ئوغلىغا قالدى،  ياۋۇرۇپا ھون ئىمپىريىسى تىزلىكتە پارچىلنىپ كەتتى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى .

مەنبە: ئورخون شەجەرىسى(پەرھات جىلان ) ، يىپەك يولىدىكى توققوز ھىكىمەت(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ) ، قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  )،  ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (تورغۇن ئالماس ) .

مەۋلان تۇران

0

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20880
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 23:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.جانلىق تارىخ دەرسى .دېمىسىمۇ تۇيۇقسىزلا تەڭرى تاغلىردا پەيدا بوپ قالغان تارىخلارنى ئۇقىسام كۈلگۈم كېلەتتى.لىكىن يېقىن مەزگىلگىچە تۈرك نامى بىلەن ئاتالغانلىقىمىزچۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئاخىرقى نىشان

5

تېما

0

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14374
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 199
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 00:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە  ئىلى ،يەنى غۇلجۇلۇقلارنىڭ ئاتا بوۋىللىرى 200 -300يىلنىڭ ئالىدىدا قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا تەرەپلەردىن كۆچۈپ كەلگەن دىيىش بىر تەرەپلىملىك ئىكەندە

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19299
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 00:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ۋە پۇخرا پروگرامما گۇرۇپپىسى بىلەن قانداق ئالاقىلشالايمەن ياكى خىزمەت ئىستىلى تەكشۇردىغان ئۇرۇنلا بولسىمۇ بۇلىدۇ .مەن قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيە سىدىن بۇلمەن . ئۆي چېقىش توغرىلۇق بەك ناھەقچىلىققا ئۇچراپ كەتتىم .ماڭا ياردەم قىلساڭلا  مەن كىمنى ئىزدەيمەن .

0

تېما

0

دوست

-35

جۇغلانما

چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20164
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : -26
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 01:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ۋە يۇرتۋازلىىقنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى بىلەن بىزنىڭ تارىخىمىزنى مەقسەتلىك بۇرمىلاشلار قېتىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىمىز ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنىڭ بىخەۋەر يۈرۈشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىشتۇر،بالىلىرىمىزغا يوقنىڭ ئورنىدا بېرىلىۋاتقان ئۆز تارىخىمىز توغرىسىدىكى ئاندا-ساندا بىلىملەر ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ئەجداتلىرىدىن قالغان ئېرسىي خۇسۇسىيەتلىرىنى تەدرىجى سۇسلاشتۇرماقتا،تارىخنى ئۆگۈنۈش بىر مىللەت توپىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە ئىشتۇر،بىزدىكى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق كىشىلىرىمىزنى چوڭقۇر ئويغا سېلىشى كېرەك....

3

تېما

0

دوست

822

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13385
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 04:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خۇلاسە بوپتۇ!

3

تېما

1

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19132
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 05:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتاين چۈشىنىشلىك ھەم تەپسىلى ئىسپاتلىق يىزىلىپتۇ.رەھمەت سىزگە.

1

تېما

0

دوست

1594

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7688
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 301
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 13:17:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alpamix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-28 13:18  

ئىسىل تارىخ  مانا  بۇنى  ئەسلى  تارىىخ  دەيمىز  ،ھارمىغايسىز  قېرىندىشىم~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )