قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: delkax613

شىۋېت ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر تېمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 16:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2013-9-7 00:14
توختاخۇننىڭ كىيىنكى ۋاقىتلىرى توغۇرسىدا مەلۇمات يوقم ...

30-يىللارنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى كېرەمبەغ دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنىدا شىۋىتسىيە مىسسىئونېرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلدى، ئاشۇ دوختۇرخانىدا دوختۇرلۇقنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىۋاتقان، كېلىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن  37 ياشلىق شىۋىتسىيەلىك سېستىرا قىز(توي قىلمىغان) لوۋېسا ئوتتۇرسىدا چوڭقۇر مۇھەببەت پەيدا بولدى، 1934-يىلى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى ئورنىدىكى تاختايلىق چېركاۋنىڭ ئاستىغا جايلاشقان قەشقەر شىۋىت نەشرىياتىنىڭ باسما ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىندى، 1937-يىلى  چىركاۋ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، مىسسىئونېرلار يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن دىنىي جەمىيەت دوختۇرخانىسى قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسى دەپ ئاتالدى، ئازاتلىقتىن كېيىن بۇ دوختۇرخانىنىڭ نامى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى، تېخى يېقىندا (بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن) دوختۇرخانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.

توختاخۇن بىلەن لوۋېسا 1935-يىلى كۇچاغا كۆچۈپ كېتىپ توي قىلدى، كېيىن توختاخۇن كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن لوۋېسانىڭ تېنى ئاجىزلاپ سىل كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى، لوۋېىسا سەكراتتىكى ۋاقتىدا يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى، شىۋىتسىيەگە دەپنە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ئەمما تاشكەنتتىن موسكىۋا ماڭغان پويىزدا لوۋېىسانىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ 1938-يىلى ۋاپات بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن جەسىتى موسكىۋا ئەتراپىدىكى بىر جامائەت قەۋرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )