قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6161|ئىنكاس: 49

تەكلىپ،1000يىللىق ھەقىقەت. تارىخ!!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

649

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19918
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 08:43  

قۇر بىشىدا.
«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقىغىن پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇقەلەم بىلەن)خەت يېزىشنى، ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى».
سۈرە «ئەلەق»(96سۈرە)،1-5-ئايەت
بۇ ئوقۇش. ناھايىتى كەڭ دائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ بىشى بولسا ھەممىباپ پەنلەر نى كەينىگە تىزساق بولىدۇ. بىزلەرنىڭ ئىككى.  قامۇس ۋە لۇغات كىتاپىمىزدا،  نۇرغۇن ئىلىم بار. چەتئەللىكلەر ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنى پاكىت كەتمەيدىغان دەلىلدۇر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھرىبان تور ئەھلى، ئۇيغۇر قىرىنداشلار، سىلەرنىڭ تىنىڭلارغا ساقلىق ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، يازمىشىمنىڭ بىشىدا بولسۇن.
بارچە نۇقساندىن پاك بولغان، زەررىچە شەيئېنىڭ ئىگىسى بولغان زۇل جالال مەدەتكارىڭلار.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خاتۇن ئەۋلادلىرى، ساھابىلىرى، تۆت چارىيار، ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىلىرىمىز دۇاگايىڭلاردا ھەرۋاخ بولسۇن!
تارىخقا قىززىقماسلىق، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋا، ئالىم-ئۆلىمالىرىنىڭ تارىخىنى ئۇقماسلىق ۋە يالغان ئىيتىپ بۆھتان قىلىش نۇمۇس، خائىنلىقنىڭ ئالامەتىدۇر. ئەسلەشتىن لەكمىڭلارچە  تىپىلغۇسىز خىسلەت، نۇرغۇن ھىكمەت ۋە نەسىھەت، ئىبرەتلىك تارىخى ئىزلار يادلىنىدۇ. بەدلىگە «رومان» دىن. ئىبارەت چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەدەبىيات ئابىيدىسى ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تولۇق ئىشىنىڭ!
ئۇشبۇ يازمىشنىڭ ماۋزۇسىنى نىمە دەپ قوياي، ئوخشاش چىقماي قالسا تەئەججۇپلىنىپ كەتمەڭ. مۇنبەرلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. مۇناجاتلىق، ئوچۇق خەتلىك، ئۆتۈنۇشلىك، ئاشكارلاش خاراكتىرلىك تىمىلەر ئالدىنقى قاتارغا تىزلىدىكەن. ۋە ئىنكاسنىڭ كۆپ بولىشىغا قاراپ ئۇزۇن  تۇرغۇزىدىكەن، ئاڭلىشىمچە، ھەر قايسى مۇنبەر باشلىقلىرى. ئالاھىدە ئەزالىرىنىڭ پىكىرى بىلەن مەلۇم  تىمىلارنى باسۇرۇپ قويالايدىكەن. بۇ، پۇچەك ئىش. كۆپ، مۇنەۋۋەر مۇنبەرلەر نىڭ خىسلىتى بولۇپ قاپتۇ. بۇ، بىزدىكى بىر كىشىنى زىيادە كۆتۈرۇپ كىچىككىنە قۇسۇر چىقىپ قالسا ‹ئوتتەك قىززىپ، پو؟ تەك سويۇپ›تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇپ تاشلىۋىتىشىمىزنىڭ ئالدىنقى كۆرنىشلىرى دەپ قارايمەن، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەيىپلىنىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭ مىسالى ئەندىزى. ئاتام رەھمەتلىك، «كۆپ ماختاش، زىيادە ئالقىشلاس، ئاخىردا شۇ، كىشىنىڭ مەغرۇر قىلىپ بىر ئىشلار بىلەن سۆكۇلۇپ ئىنسان تىلىغا كەلمۇگۇدەك بۆھتانلار بىلەن نەزەردىن چۈشۈپ، كىتىشىدىن دىرەك بىرىدۇ. ھەرقانداق بىركىم ماختىسا ئىپادىسىگە سىزمۇ رەھمەت ئىيىتڭ. ئەيىپلىسە، نىمىشكە ئەيىپلەيدىغانلىقىنى زىھنىڭىز بىلەن ئويلاپ. ئەيىبىڭىزنى يىپىپ ئەمەس تۈزتۇپ، نۇقسان ئاز ئىشتىن بىرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۈڭ. بۇ، سىزنىڭ تەربىي قوبۇل قىلىپ، خۇلاسىلەپ، يەكۇن چىقىرالايدىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى»دەپ نەسىھەت قىلاتتى.
ئۇشبۇ پۈتۇكنى نەچچە كۇن سەرىپ قىلىپ يىزىپ پۇتتۇردۇم. تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلىرىنى تولۇقلۇدۇم. ئىلىۋىتىشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى ئىلىۋەتتىم.
ياۋرۇپا ئەدەبىيات سەنئىتى 16-ئەسىردە گۇللەنگەن بولسا، 11-ئەسىردە ‹باغدات› بىلەن تەڭ يولدا بىر-بىرىنى سىلىستۇرغۇسىز بەيگە ئاتلىرىدەك تەڭ چاپقانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن. قۇربىشىدىن كىيىنلا تەكلىپ بەردىم. ئەگەر باغداش قوبۇل كۆرۇپ، قىززىق تىمىغا چىقارسا، بۇ يازمىشتىكى تەكلىپىم سىلەرگە ھەدىيە، ئەگەر قوبۇل كۆرمىسەڭلار. «باغداش» تا بىسىلىپ قالسا، باشقا مۇنبەرلەرگە ئىۋەتىشىمنى خائىنلىق دەپ، قارىمىغايسىلەر. ئىشىنىمەن بىركۇنى تەكلىپىم روياتلىققا چىقىدۇ.
بۇ، يازمىشتىكى تارىخ،ئۈچ ئالىمنىڭ قىسمىتى، خىسلىتى، ۋەسىيەتلىرى. ئاتامدىن ئاڭلىغان ئەسلىمەمگە تايىنىپ قۇرلارغا تىزدىم. كىتاپلارنى ئاختۇرغىنىمدا پەش چىكىتلىدىن ئوخشاش چىقتى. گاھى ئەسلىمەمدىكى يىل نامىلەرنى كىتابلاردىن تاپالمىدىم، ۋە بەزى ئىسىملارمۇ تولۇق ئەمەس.
قۇر بىشىدىن كىيىنكىسى،مۇنبەرلەرگە پىكىر-تەكلىپىم. ئاخىردا، تارىخ، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ئىيتىپ بەرگەن قىسسىلىرى.
ئەجىرىم بىكار بوپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرىسەم، رەھمەتلىك ئاتام. خىياللىرىمدا :-«ئۇنداق بولمايدۇ. ئوغلۇم! سەن، مەن سۆزلەپ بەرگەن، نۇرغۇن ھىكمەت ۋە ئىبرەتلىك تارىخنى، ئۇنۇتقان، بۆھتانچى، كاززاپلاردەك بايان قىلمىدىڭ.  يۇرۇق دۇنيادا ۋە پانىي ئالەمدە، زۇل جالال ئەجىرىڭنى يەردە قويمايدۇ. خالىسلىق يەردە قالمايدۇ، سەن ھىچقانداق پايدىنى كۆزلىمىدىڭ. بىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدىڭ. مەن، ئىككى يىللىق قەسلەر بىلەن شېھىت بولۇپ سىنى تاشلاپ كەتكىنىم بىلەن. ئىگەڭ، سىنى قوغداۋاتىدۇ. غەيرەت قىل ئوغلۇم! رەببى ئارزىلاتقاننى بەندە خار قىلالماس، مانا بۇ، ھەقىقەت! ئادالەتسىزلىكلەردىن مەيۈسلەنمە. ئىزىمنى، يۈرىدىغان يولۇڭنى تاپتىڭ!» دەپ. خىيالىمغا ئەينەن كىلىپ رىغبەت بىرىۋاتىدۇ. ئىشەنمەمسىز.  مەن، تولۇق ئوتتۇرنى ئاران پۇتتۇرگەن، ئازغۇن، زەردىلىك سەپرا ئوغۇل، قانداقلارچە مۇسىبەتتىن كىيىن يازمىشلارنى يازىدىغان بولۇپ قالدىم. رەببىنىڭ ئلھاملىرىمىدۇ. ياكى «شېھىت ئاتام»روھى ئۆزىنىڭ سىرلىق ۋاپاتىنى بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە ئىلھاملىرىنى سىڭدۇرۋاتقانمىدۇ، قۇلاق تۈۋىمگە كىلىپ ئىيتىپ بەرگەنمىدۇ. راستىنى زۇل جالال ئۆزى بىلىدۇ.
بۇلارنى يېزىۋىتىپ، پىغانلىق، ماتام يىغام قايتىلاپ. كۆزلۇرۇمگە ھەسرەت نادامەت، ئۆكۇنۇش ياشلىرى ماڭلايلىرىمدىن سىرغىتىپ ناتىۋان، كەبىي ئاجىز، نازۇك، بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدۇرۇۋاتقىنىدا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ خىياللىرىمنى چىچىش نىيتىدە سىرىتقا قاراپ ماڭغىنىمدا، ئارقامدىن ئاتامنىڭ ھاسا ۋە ئاياغ تىۋىشى كەلگەندەك، «سىرلىق قەسلەردە».«شېھىت»بولغان، ئاتام رەھمەتلىك، كەينىمدە باردەك ھىس قىلىپ جسمىم ئىرىپ، تەنلىرىم تىتىرەپ، نەچچىلەپ رىئاللىققا تەن بىرەلمەي، كەينىمگە قاراپ قالدىم.؟؟
ئەپسۇس. ھەقىقەت، مىنى ھەر قىتىم، مازاق قىلىدۇ. مەسخىرە بىلەن، رىئال دۇنيادا. ئەڭ راسچىل ھەق«ئۆلۇم» نى بىلدۈرۇپ. ئاتام سىماسىنىڭ مەڭگۇگە يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ زاڭلىق ئىتىدۇ.
11_mh000.jpg
نىمىشكە تولا ئاتىسىنى تىلغا ئالىدىغاندۇ دەپ، قالماڭ تورداش. مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى رەھمەتلىك ئاتامنىڭ، ئىخلاسمەن ۋاپا ئەھلى شاگىرىتلىرى ئانا يۇرتىمىزدا خوشنا يۇرتلاردا، چەتئەللەردە بار. بۇ، يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىزنىڭمۇ. يىنىڭىزدا، خىزمەت ئورنىڭىزدا، خوشنىڭىزنىڭ ئارىسىدا، ھەتتا ئۆزىڭىز بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن. بىر، ئىلىم ئىگىسى ھۆرمەتلىگۈچى ياخشى ساۋاقداش(ئاتام،ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇنداق ئاتايتى) كىشى بولسىڭىز. خالىس بىر دۇا قىلىپ قويسىڭىز. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ روھى. مىللەت- شاگىرىتلەر، دوس-يارەن، پەرزەنتلەردىن رازى .  ئۆزى ئارزۇ قىلغان، ئالىم-ئۆلىما، ئەدىپلەرنىڭ ئاخىرەت ماكانى «جەننەتۇل رىزۋان» دا، ئەمىن تاپقان بولار ئىدى. سىلەرگە مەن ئوغلى لۇتپىنىڭ، رازىلىق سالاملىرىم ھەر دۈئالىرىمدا بولاتتى



.
«مۇنبەر ژورنىلى» تەسىس قىلساڭلار.
رەھمەتلىك ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى«ئەفەندى ھەزرەت» ھايات كۇنلىرى قىسقىغىنە مۇڭداشقان، بىر-بىرىگە، ياخشى تەسىراتلارنى بەرگەن. گۇلەن ئەفەندىنىڭ ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان، پائالىيتىدە «مەتبۇئاتلار، توردا يىزىلغان تىمىلارنى، ئىنكاسلارنى نەشىر قىلشقا قوشۇلمىدى.»دىگەن. سۆزى مىنى ئويغا سىلىپ قويغان ئىدى. ماتىمىمنىڭ ئۈچىنجى كۇنىسى ئۇ، كىشى بىلەن كۆرۇشكىنىمدە ئاتامنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ سورىغان ئىدىم، «ئۇلار شۇنداق كۆز قاراشتا بوپ قاپتۇ» دىگەن كۇنلەر ئۆتۇپ. دۇككان ئىزدەش غىمىنى چۆرۇپ تۇرۇپ. خالىسانە نەزەرگە ئىلىنماي قالغان، ئىش توغرىسىدا ئويلۇنۇشقا باشلاپ قالدىم. مۇنبەرلەرگە قايتىدىن قارايدىغان. بولۇپمۇ، مۇنبەرنىڭ يازمىشلىرىغا سەپسالىدىغان، كۈزتىدىغان بولدۇم. ھەتتا ئىككى تىمامنى باغداشنىڭ بەس-بەس مۇنازىرە. بىكىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۇزۇپ، كۈزتۇپ باقتىم. ئۆتۈنۇشلۇك ئىنكاسمۇ يىزىپ باقتىم. دەل. رەھمەتلىك ئاتام، دىگەندەك چىقتى.
ئەڭ تىز ھىسسىيات:- ھىسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، دەرھاللا تىما چىقىرىش، كۆرۇپ، ئىپادىسىنى دەرھاللا يوللاش. مەۋھۇم شەكىلدىكى تورنىڭ تىز بولغۇنىدەك، مۇنبەرلەرنىڭ يازمىشلىرى ۋە ئىنكاسلىرى ناھايىتى تىز. ھەر قانداق يازمىشلەردىن كىيىن چوقۇم ھەر ئەزانىڭ تىز ئىنكاسى.
بۇلار، دەل مۇنبەر ئەھلىنىڭ نۇقسانى. ئەزالارنىڭ، ھىسىيات كەينىدىكى راسچىللىقىنىڭ ئىپادىسى. دەل، مۇشۇ تىز ھىسىيات.سۇبىكتىپلىققا، چىقىرىلغان نۇقسان، دىيىشىمگە رۇخسەت قىلساڭلار.
ئوخشۇتۇش ئارقىلىق ئىپادىلىسەم:- كەيىپ قىلغان كىشى، كەيىپنىڭ مەسلىكىدە كىملەرگە نىمە دىگەنلىكىنى بۈلمەيدۇ. يىشىلگەن چاغدا ‹سەن ماڭا پۇستانە گەپنى قىلدىڭ› دىسە، سەت ئىش قىلىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ نىم قىلارىنى بىلەلمەيدۇ. لىكىن يامان كىشى بوينىغا ئالمايدۇ. يەنە بىرى:- ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قالسا. ‹سەترەك تىللىسام بوپتىكەن، ياكى جان يىرىگە ئۇرۇپ نىم بولسام بوپتىكەن› ئەقلى بار كىشى، ‹ھەي نىمىدەپ دەشنام بەرگەندىمەن، ئۇرمىسام بوپتىكەن،› دەپ ئويلايدۇ.
بۇ ئىككى ئوخشۇتۇشۇمنى ئويلىنىپ بىقىڭلار. ھەر قانداق تىمىنىڭ كۆرۇلۇپ بىرىلگەن ئىنكاسلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھىسىيات تىز كەلگەن چاغدا مەسلىك كەيپىگە تامامەن ئوخشۇتۇشقا بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، گاھى ئىنكاسىڭىز ۋە يازمىڭىزغا باشقىدىن قارىغان چىغىڭىزنى ئەسكە ئالسىڭىز بولىدۇ.
مەتبۇئاتلارغا كەلسەك، ئۇلاردا گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلاردا پېرىنسىپچانلىق بىلەن خىزمەت روھى بار، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيتى تولۇق بېلىنىپ تۇرىدۇ. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ «تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ» دىگەن كىتابىنى مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەن ئۇرۇپ بەرگەن. ئۇنىڭ (ئاخىرقى سۆزدە) ئەدىپلەرنىڭ قانداق ئىزدىندىغانلىقىنى، كىتابىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن قانداق ئەجىر قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتىلاپ تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلغان. كىتابىغا شەرھىيلەپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىزدەنگەنلىكىنى يوشۇرۇن بىلدۇردىغان. قىسقىغىنە، ئارىيەسى:-
«تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ» ئەسلىمە.
ئاپتۇر:- مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى
(ئاخىرقى سۆز) دىن ئىلىندى
(ئەبۇل فەرەجىل ئىسفاھانى«ئاغانى» دېگەن. مەشھۇر كىتابىنى 50يىلدا يېزىپ بولغان، ئەگەر ئۇ «جامائەتكە يارايدىغۇ، ئاخىرەت ئەمەلىي ئەمەس، مۇشۇنچىلىك يازسام بولار»دېگەن بولسا ئىدى، بۇ كىتابى بەش يىلدا تاماملىغان بولار ئىدى. شۇنچىلىك زېھىن كەتكەن بۇ كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئۆز قولى بىلەن يازغان دەسلەپكى نۇسخىسى «مۇسەۋىدەسى»نىڭ باغداد شەھىرىدە3-4مىڭ دەرھەم( روسىيە ھېسابىدا160تىللا)غا سېتىلغانلىقى مەلۇم. 327-بەت)
بۇنىڭدى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، يازغۇچىلىق ئىلمى كۆپ زىھىن، ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان پەللىسىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر كاتتا پەن. مەتبۇئاتلارغا دەل مۇشۇنداق ئەسەرلەر كىرەك.
مۇنبەرنىڭ يازمىشلىرىنى «ژورنال» قىلىپ چىقارسا. ئۇنىڭ كۆپ ئوقۇرمەنلەرگە ئىرىشىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلالىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. پەن تېخىكىنىڭ مەسئۇلى بولغان تور دۇنياسىغا. ئۇنىڭ، جەۋھىرى مۇنبەرلەرگە، ئالقىشلار ئىننىق گەۋدىلنىپ تۇرغىنى ئىسپات تەلەپ قىلىشقابولمايدىغان ھەقىقەت. بۇ، تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەدىپلەرنىڭ تەييار ئەسەرلىرىنى كۆچۈرىۋەرمەي. جانلىق يىرىنى مىسال قىلىپ ئالساق. ئۆزىمىزنىڭ پىكىرنى شۇ، ھىكمەتكە تەتبىقلاپ يازساق، قابىلىيتىمىزنى ئىنىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەدىپنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت قىلغان بولاتتۇق.
مۇنبەرلەردە، تورنىڭ يىنىدىكىلەر كۆرەلىگەن نى ياخشى ئەسەرلەر بار. لىكىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى «تور» دىگەن. بۇ، ياخشى مەۋھۇم شەيئىگە ئۆچمەن بولۇپ قالغان. ئاتا-ئانىلارنى خەبەردار قىلىشىمىز كىرەك. ئۇلارغا توردىمۇ  ياخشى ئىشلارنىڭ كۆپلەپ بولىۋاتقانلىقىنى، ھەرخىل قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ ياردەم ئىزدىگەنلەرنىڭ، ياردەمگە ئىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرۇش شەرەپلىك ئىش دەپ ئويلايمەن. مىنىڭ بۇ، كىچىككىنە يازمىشىمدا.
باغداش باشلىق، ھەممە مۇنبەرلەرگە تەكلىپىم :-
توردىكى يازمىشلەرنىڭ سۇپىتىنى، ئىشتىراكچى قوللىغۇچىلارغا بىرىدىغان قۇۋۋىتىنى، تور ئەھلىنىڭ زوقىنى كەلتۇردىغان يىڭىچە بىر يازمىشلەرنى يازساڭلار. ھىسىياتنى كونتۇرۇل قىلىپ تەھلىل ۋە تەھسىل قىلىپ، ئىجابىي تىما-ئىنكاس بەرسەڭلار. چۈنكى مۇنبەرنى چەتئەللىكلەر كۆرمەيدۇ. راسچىللىق سۈكۇتلۇك كۈزتۈشتىن كەلسە. تىخىمۇ، راسچىل، ھەققانى بولىدۇ.
جاپاكەش مەرھۇم  ئەدىپ، يازغۇچى  مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى  نىڭ  ئوغلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىراۋلارنىڭ رەھمەتلىك ئاتامنىڭ نەچچە يىللىق كۈچ سەرىپ قىلغان كىتابىنى، تەستىقتىن ئۆتكۇزمەي، «ئىمزا قۇيۇش» تىن. ئىبارەت ئاددىي ئىشنىمۇ 60نەچچە يىللىق دوسلىقىنىڭ ئۈستىگە قويالمىغان، ۋاپادارلىقىنى-ۋاپاسىزلىقى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن، دوستىنىڭ ئۆزىدىن ئىشىپ كىتىشىنى خالىماي،«ئاددىي بولۇپ قاپتۇ» دەپ، نەچچە رەت قايتۇرۋەتكەنلىكىنى، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ مىڭلارچە «بالا چاغدىكى دوستۇم ئۇنىماپتۇ، تەستىقلاپ بەرمەپتۇ، ئاددىي بوپ قاپتۇ دەپ قايتۇرۋىتىپتۇ، قويغان، ئىمزاسىنى كۆزۇم بىلەن كۆرمىسەم ئىشەنمەسكەنمەن» دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ھەسرىتىنى، زايا كەتكەن گۆھەر يازمىشلىرىنىڭ، يىقىن بۇرادىرىنىڭ بىر نىمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، قۇلقۇم بىلەن ئاڭلاپ. ئاتامنىڭ ئەپسۇسلانغان ھالىتىنى، كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ. ئەشۇ، گۇزەل ھىسلارغا تولغان. بىلىنمىگەن نى ھايات ئەدىپلەرنىڭ شەنىگە، ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت ۋە ئىززەت تۇغۇلۇپ، ئابىدىلەرنىڭ تىكلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ. مۇنۇ تەكلىپنى بىرىۋاتىمەن.
مەن ئىشىنىمەن،  ھەممىباپ يازمىلار چىقىدىغان. بۇ، ژورنال. يىڭى چىقىپلا ئالقىشقا ئىرىشەتتى، مۇنبەرلەرنىڭ ھەممىدىن ياخشى يىرى، مىللەتنىڭ پارچىلاشقا ئۇرۇنمايدىغان. بۆلگۇنچىلىك ئىدىسىيى يوق. دۆلەتنىڭ قانۇنىغا تۈزىمىگە بوي سۇنىشىنى مۇنبەر باشلىقلىرى، تەكىتلەپ تۇردۇ. ئەزا بولغانلارنىڭ بىرىنجى بولۇپ كۆرىدىغان ئەسكەرتىشىمۇ شۇ.
«گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نىمە پايدا»دەپ. مەتبۇئاتلار تونىماي قىلىۋاتقان ئەدىبىيات گۇلزارىدىكى، خۇشقەلەملىك زاتلارنى سىلەر بالدۇر تونۇپ. بولۇپمۇ، باغداش ئەھلىنىڭ بىرىنجى بولۇپ تەسىس قىلىشىڭلارنى ئارزۇ-ئۈمىد قىلىمەن، قالغان گەپ ياخشى-يامان ئىنكاسلاردا قالدى.

بۇ، تارىخنى تەنقىدى نەزىرىڭلاردا كۆرگەيسىلەر. مۇكەممەل دىيەلمەيمەن، لىكىن، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن تارىخ بايانىغا ھۆرمەت قىلىپ ئەينەن يازدىم. كىتاپلارنى، راسلىقىنى شەرھىلىگەن ئاساستا كۆردۇم لىكىن كۆپ كۆچۇرمىدىم. نەچچە كۇنلەپ، دۇككاننىڭ غىمىنى قىلماي، سىلەرگە يارىشىغا، بىلىپ قىلىشىڭلار، ئۈچۈن ئۈچ ئالىم كىشىنىڭ تارىخىنى قىسقىغىنە بايان قىلدىم.

يۈسۇپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئۇل بىسىلىس ئابىدىسى ئالدىد ...

يۈسۇپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئۇل بىسىلىس ئابىدىسى ئالدىد  ...
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە
قارا خانىيلەرنىڭ پايتەختى«ئوردۇكەنت»كاشغەر، يىنىدىكى قۇز ئوردۇ بالاساغۇندا 1019-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1085يىلى دىيارى كاشغەردە ۋاپات بولغان.
ئالىمنىڭ شاھ ئابىدە ئەسىرى، «قۇتاد غۇ بىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۇچى بىلىم)، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا، كاشغەر يىزقىدا يىزىلغانلىقى پاكىت دەلىلى بىلەن ھەممىگە مەلۇم.
قامۇس نىڭ ئەدەبىي تۈرى«داستان»- 85باپ، 6654بېيىت،13مىڭ 300دىن ئارتۇق مىسرادىن تەركىپ تاپقان.  ئەسەر، مەسنىۋى (ئىككىلىك شەكىل). ئارۇز ۋەزىنىنىڭ مۇتەققارىپ بەھرىدە يىزىلغان. ئەرەپ پارىس تىللىرىنى پەقەت چوڭ زۆرۈرىيەت ئاستىدىلا ئىشلەتكەن. ئاساسەن قاراخانىيلەرنىڭ ساپ تىل تەركىۋى«ئوردۇ كەنت»  كاشغەر يىزىقى دا يىزىلغان.
ئالىم 1070-1069-يىللىرى ھىجىرىيە462-يىلى 18ئايدا يىزىپ پۈتتۇرۇپ. قاراخانىيلەر خانلىقىنىڭ، شۇ، ۋاقىتتىكى خانى «ئەبۇ ھەسەن سۇلايمان بۇغراخان»غا تەقدىم قىلغان. خان، ئالىمنىڭ ئۆتكۇر قەلمىگە، ئاپىرىن ئىيتىپ دۆلەتنىڭ تۆت چوڭ مەرتىۋىسىنىڭ، بىرى بولغان «خاس ھاجىپ»لىق يۇقىرى مەسلىھەتچىلىك، تۈۋرۇكلۇك، ئۇنۋانىنى بەرگەن.
بۇ ئەسەر پۇتۇپ تەقدىم قىلىنغاندىن كىيىن كۆپ ئەللەرگە ئابىدە بولۇپ شاھلارنىڭ دەستۇر كىتاپلىرى بولغان ھەممىسىنىڭ كىتاپقا ئايرىم ئات قۇيغانلىقى قامۇس دا ئىنىق مەلۇم.
قامۇس ئالىمنىڭ ئۆزقەلىمى بىلەن يىزىلغان قەدىم ئۇيغۇرچە نۇسقىسى، دۇنيا دا تىخى تىپىلمىغان، قامۇسنىڭ. ئۈچ نۇسخىسى، بولۇپ. ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسقىسىلىرى ئىبارەت.
بۇ، نۇسقىلاردىن ۋېنا نۇسخىسىنى «19ئەسىر ئەدەبىيات-سەنئەت، قايتا گۇللەنگەن» چاغلىرىدا ۋىنگىرىيىلىك ئا،ۋامبىرى، روس ئالىمى ۋ،رادلۇۋ تۇنجى قىتىم نەزمىي يەشمىسىنى يىشىپ تىرانسىكرىپسىيىسى بىلەن ئىلان قىلىپ دۇنيا ئەھلىگە تونۇتقان. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەپ. رەھمەتلىك ئاتام ھەر قىتىم ئىسىملىرىدىن تارىتىپ ئىنىق ئىيتىپ بىرەتتى، ئەسلەپ گاھى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسكە ئالالماي ئامالسىز كىتاپقا قاراپ كۆچۇردۇم.
نەزمىي يەشمىسىنى:-(مەسئۇل)ئا،ئۆتكۇر. ئەھمەد زىيائى. مەمەتئىمىن يۈسۇپ.
تىرانسىكرىپسىيىسى:-(مەسئۇل)ئابدۇشكۇر تۇردى. ئابدۇللاھ مۇھەممەدى. مەھمۇد زەيدى.


ئالىم ئىسلام ئۆلىماسى، مۇرەتتەپ قارىي. بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇتكۇل، ئەسەرنى ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئەۋۋال مىھرىبان نىڭ نامى بىلەن باشلاپ.  ماختاشقا تىگىشلىك «زۇل جالال»نى مەدىھلەپ، ماختاپ سۈپەتلەپ بۇلۇپ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسىلامنىڭ تۆھپىسىنى، ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى، خاتۇن ئەۋلادلىرىغا دۇئالەر. يىقىن تۆت ساھابىسى ۋە تۇققان، دوسلىرى تۆت خەلىپىنى، دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىدا ئايرىلماس تۆت تادۇغا، ئوخشۇتۇپ سۈپەتلەپ دۇئالەر يازغان. بۇغراخانىغا ھەم مەدھىيە سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەدەبىيات گۇلزارىغا ۋە خەلقىگە قوشقان تۆھپىسىنىمۇ بايان قىلغان. «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلارنىڭ بىر جۇملىسىنى يىشىش ياكى ئوخشۇتۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەڭ ئاخىرقى ساماۋىي كىتاپلارنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئىنىق شەرھىيلىگەن ھۆكۇم بار، ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇش مۇمكىن ئەمەستۇر. مىنىڭ بىلىدىغىنىم. قامۇس كىتابىمىزنىڭ ئالىمى. ئۇلۇغ ساماۋى كىتاپ ۋە شەرىف كىتاپنىڭ ئىلھامىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىقىنى ئىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، ھەمدە ۋەسسىيەتلىرىدە«ئۇ، دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، بۇ، دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ،»دەپ، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ،بايانلىرىنىڭ نىگىزىنى چۈشەندۇرىدۇ. قامۇس، «قۇتادغۇ بىلىك».«شاھ ئەسەر»دىيىلگەن. ئەڭگۇشتەر، داستاندۇر.

مەھمۇت كاشغەرى قەبرىگاھى

مەھمۇت كاشغەرى قەبرىگاھى
مەھمۇت كاشغەرى توغرىسىدا


قاراخانىيلەر خانلىقىنىڭ شاھزادىسى، «قارا خانىيلەر» ئۇرىقى. شاھزادە. «ئوردۇ كەنت» كاشغەر، نىڭ غەربىي جەنۇپتىكى 45كىلومىتىرچە كىلىدىغان ئوپال يىزىسى سۇلتان باغنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تۇتۇشىدىغان «ئازىخ كەنت»(سۆسەر ئاغزى)دە تەخمىنەن 1008-يىللىرى تۇغۇلغان.

مەھمۇد كاشغەرى نىڭ نەسەپنامىسى:-


ئابدۇكىرىم ساتۇق بۇغراخان.(932-يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان خانلىق دىنى قىلغان،955-يىلى. قەبرىگاھى ئاتۇش مەشھەتتە)
سۇلايمان ئارسىلان خان . (1056-يىلى ۋاپات تاپقان،)
ئەبۇل ھەسەن قىلىچ بۇغراخان (992-يىلى ۋاپات بولغان)
يۈسۈپ قەدىرخان(1032-ۋاپات تاپقان)
مۇھەممەد بۇغراخان(1057-ۋاپات بولغان)
ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد چاغرى تېكىن«شەمسۇد دەۋلە ئارسىلان ئىلىك»(1057يىل ۋاپات تاپقان)
مەھمۇد بىن ھۈسەيىن ئەل كاشغەرى.«مەھمۇد كاشغەرى»(1008يىلىدىن 1105يىلىغىچە) كىتاپتىن كۆچۈرۇلگەن.
ئانىسىنىڭ ئىتى ـ  بۈۋى، بۇبى رابىيە. شۇ، زامانەمدىكى مەرىپەتپەرۋەر خوجا سەيپىدىن موللامنىڭ قىزى. يۇقىرى مەلۇماتلىق خان ئۇرۇقلىرىغا ماس كىلىدىغان بىلىمدار بۈۋى ئايال.
بۇ نەسەپ تەركىپىنىڭ ئالدىنقى خاقانلىرىمۇ بار، مىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خاندىن باشلاپ تىزغىنىمنى كەچۈرگەيسىلەر.
ئالىم، دەسلەپقى تەلىماتنى ئانىسىدىن، ئۆز يۈرتى ئوپالدا دىنىي مەدىرىسلەردە ئالغان. كىيىن كاشغەردە «مەدىرىسى ھامىددىيە» دە شەيخى ئىمام- ئىبنى خەلەف ئۆلىمادىن ئالغان. ئالىم پىشقان مۇرەتتەپ قارى. شۇ، دەۋىرنىڭ ئۆگىنىش زۆرۇر دەپ قارالغان قۇمۇق پەنلەرنىڭ(ھەممە پەنلەر) ئىلمىنى ئۈگەنگەن. تىللاردىن تۈرك تىلى ۋە گىرامماتىكىسىغا پىسششىق. ئەرەپ تىلى، پارىس تىللىرىنى تولۇق بىلىدۇ. ئىلمىي نۇجۇمدىمۇ يىتىشكەن ئالىم(ئاستىرنوم، يۇلتۇزلار ئىلمى) جۇغراپىيە، تارىخ، قاتارلىق ئىلىملىرى. تۈرك، ئىلىگە مىراس ئابىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ رويادلىققا چىقىشىغا چوڭ تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇستا نەيزىۋاز ئىكەنلىكىنىمۇ شەرھىيلىگەن ئىسپاتلار تولۇق.«دىۋان» دا:-«مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كىزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلەرنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيلىرىنى ئىنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»دەپ پۇتۇلگەن.
قارا خانىيلەرنىڭ تەخت تالىشىش كۆرشىدە ئاتىسى بوغۇپ ئۆلتۇرۇلگەن، يەتتە بىر نەسەپ قىرىنداشلىرى زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۇلگەن. ئالىم ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۈچىراپ قىلىشىدىن، ئەندىشە قىلغان. باشقا خان ئۇرۇقلىرىنى ھۆرمەتلىگۇچىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يوشۇرنۇپ يۈرۇپ«مۇق يولى»(قۇش يولى) ئارقىلىق چىگىردىن چىقىپ، تۈرك تىلىداسۆزلەشكۇچى بارلىق قەۋىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۈزتۇپ، ھەر بىر قەۋىمنىڭ، تارىخى، جۇغراپىيلىك ئورنى، قەبىلىسىنىڭ ئورنى، مىللەت نامى، ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىق گەۋدىلىك، ئالاھىدىلىكلىرىنى روشەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن. ئاتام رەھمەتلىك:-«ئالىم، سەرگاندان تۇرۇپمۇ، كۆپ ئەجىر قىلىپ ھەممە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نەقىل قىلغان، ئاساسلىقى: تىلىنىڭ بىر بىرىگە ئۆتۈپ ئەبچەش بولۇپ كىتىشى نىڭ ئالدىنى ئىلشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ھىس قىلغان. سەرگاندانلىق ھاياتىنىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزۇپ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كە ماتىريال توپلىغان.»دىگەن. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ بۇ سۆزىمۇ دىۋاننى تولۇق كۆرۇپ بولۇپ قىلغان باھا سۆزى، ئالىمنىڭ خىسلىتىنىڭ تىلدىكى بايانى.
ئاز كام 20يىللىق سەرگاندانلىق ھاياتىدا 20دىن ئارتۇق، تۈرك قەۋمىنى كىزىپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ياشاش ئادەتلىرى، يۇرىت ماكانىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل بىر چوڭ لۇغەتكە ماتىريال توپلىغان. ئەبەدىي بىر ئابىدە بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلغانلىقى كىتاپتا ئىننىق بايان قىلغان. ۋە تۈرك ئاتلىق بۇ چوڭ قەۋىمنىڭ نۇھ ئەلەيسىلامنىڭ تۈرك ئاتلىق ئوغلىنىڭ پەرزەنىتلىرى ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىلىپ بايان قىلىدۇ، ئالىم 1072-يىلى باغدادقا بىرىپ ئاز كەم 20يىللىق توپلىغان ماتىريالىنى رەتلىگەن. لۇغەت پۇتكەندىن كىيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ۋارىسى «مۇقتەدىي بىئەمۇرۇللا»غا تەقدىم قىلغان. ئالىمنىڭ يەنە
«كىتابۇ جەۋاھىرىن لۇغاتىت تۈرك»نى. تۈرك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى سۈپىتىدە«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى تولدۇرۇپ، تۈركى تىللارنىڭ گىرامماتىكىسىنى تۈزەپ چىققان. لىكىن، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى تىپىلمىغانلىقى كىتابىلاردا بايان قىلىنغان. ھەم بۇ ئىككى كىتاپتىن باشقا كىتاپ يازغانلىقىغا ئىسپات يوق، دەپ قىسقىچە بايان قىلغان. توپىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كىيىن  قارا قانىيلەرخانلىقىدىكى  «ئابدۇ جەلىل كاشغەرى». ئەلچىلەرنى سودا كارۋانچىلىرىغا قوشۇلۇپ، باغداد خەلپىسى بىلەن، دوسلۇق ئورۇنتۇش ۋە خان ئۇرقى مەھمۇد كاشغەرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە باغدادقا ئىۋەتكەن. ئالىم «بۇ،كىتاپ. مىنىڭ ئۆمرۇمنى ئاخىرلاشتۇردى».«دىھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تىرىيدۇ، ئادەمنىڭ ياخشىسى ئۆز يۇرتتا قىرىيدۇ»دەپ. يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ. يۇرتىغا كارۋانلار بىلەن بىللە ماڭغان. كاشغەرگە قايتىپ كىلىپ. ئۆز يۇرتى ئوپالدا ماكانلاشقان ھەم«مەدىرىسى مەھمۇدىيە»دەپ ئاتالغان مەدىرىسنى بىنا قىلدۇرۇپ 10يىل مۇددەرىسلىك قىلغان. ئاخىرىدا 1105-يىلى 97-يىشىدامەدىرىسنىڭ دەرىسخانىسىدا ۋاپات تاپقان. مەدىرىسنىڭ سۇلتانباغ بىلەن تەكياگاھ نىڭ شىمال تەرپىگە دەپنە قىلغان. ھازىرقى ئورنى دەل شۇ جاي. 1948-يىللىرى بىر قىتىم خەلىق تەرىپىدىن رىمىنۇت قىلىنغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا خاراپلاشقان. 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كۇمىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن، قايتىدىن رىمۇنىت قىلدۇرۇلغان ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى دەپ بەلگلەنگەن، شۇندىن ئىتىۋارەن نەچچە قىتىم رىمىنۇت قىلدۇرلۇلغان، ھازىرغىچە قەبرىگاھ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۇپ تۇرماقتا.
مەھمۇد كاشغەرى يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى تۇنجى بولۇپ ھىس قىلغانلىقىنى، ئۆزى سىزغان «دائىرە»سىدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. چەتئەل ئالىملىرى 16ئەسىلەردىن كىيىن ئاران ھىس قىلغان. ھىساپلاپ باقسىڭىز بوۋىمىزنىڭ ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ كامالەتكە يەتكەن پىر كالاملار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز. چەتئەللىكلەرنىڭ كىتاپلىرىدا يوق ئەزىر دۇردانىلەر، مانا بۇ، ئىككى بوۋىمىزنىڭ بەخىت قامۇسى، لۇغاتىدە بار. لىكىن ئۇلار ئەينى دەۋىرلەردە 10يۈەن، 6.66پۇڭغا  سىتىلغان، ماڭا ھەرگىز 10يۈەن100يۈەندەك ئىدى دىمەڭ، ئالغۇسى بار ئادەم ھازىرمۇ ئىلىۋاتىدىغۇ، كۆرگىسى بار ئادەم چەتئەللەردىن ئالاھىدەن كىلىۋاتىدىغۇ.


«تۇركىي تىللار دىۋانى» نىڭ. ئۇيغۇر چە نەشىرىنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىنى ئۇنتۇپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ :-ئا،ئۆتكۇر. ئابدۇسالام ئابباس. ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللاھ. دامۇللا ئابدۇلھىمىت يۇسۇفى، خەلىم سالىخ. ھاجى نۇر ھاجى. ئوسمان مەھەممەد نىياز. سابىت روزى. (مەسئۇل مۇھەررىر)ئىبراھىم مۇتئى. (مۇھەررىر)ئىمىن تۇرسۇن. مىرسۇلتان ئوسمانوۋ. (كىتاپتىن كۆچۇرۇلدى.)
مەن، ئابدۇقادىر دامۇللام توغرىسىدا مۇنۇ ئىككى بوۋىمىزنىڭ قىسسەسى، بىلەن تەڭ ئاڭلاپ كىلىۋاتقان قىسسىلەرىدىن بىرى، رەھمەتلىك ئاتام. بىشىغا دوپپا، كاستىيۇم بۇرۇلكا، گالاستۇك، كاستىيۇمنىڭ ئۈستىگە يىشىل تون كىيىپ، توي تۆكۇنلەردە سالماق، قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. مەن كېيىنىشېنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سورىغان ۋاقتىمدا ئىسلام ئۆلىماسى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پەلسەپە ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەنى جەدىدلەرنىڭ سىماسى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بەرگەن.
ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە
يىقىنقى زامان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىچىدىدىكى «جەدىد» تىزىمغا يۇقىرى ئىسلام ئورۇنلىرىدىن پەتىۋا پىچتۇرۇپ. شۇ، يىڭىچە ئىسلاھاتنى ئورناتقان. يىتۇك دىنىي ۋە پەننىي ئالىمىمىز. ئابدۇقادىر دامۇللابىننى ئابدۇلۋارىس كاشغەرى. ئاتۇش مەشھەد يىزىسىدا 1862-يىلى(ھىجىرىيە1279-يىلى)ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
تۇنجى مەدىنىيەت ساۋادىنى يۇرتىدا ئالغان، 15يىشىدا كاشغەردىكى شەيخۇل ئۆلىما مۇللا ئىسلام دامۇللامدا ئوقۇپ. ئوتتۇرا تەلىم ئالغان. ئىلىمگە قانائەت قىلماس قەلىپ. ئۇنى بۇخاراغا بىرىشقا ئۈندىكەن ئالىم بۇخارا غا بىرىپ(سەمەرقەنىت سەيقەلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام). ئىلمىي كالام، ئىلمىي فىقھە، ئىلمىي تەفسىر، ئىلمىي تارىخ، ئەدەبىيات پارىس تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەپ تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇش تاماللاپ، سەمەرقەنىت ئۇفالاردا بىرمەزگىل مۇددەرىسلىك قىلغان. ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىدە، ساياھەتتە بولۇپ. كاشغەرگە قايتىپ كىلىپ «خانلىق مەدىرىس»تە مۇدەرىسلىك قىلىش بىلەن بىرگە مۇتەسسىپ قارىي ئۆلىما، سوپا-ئىشانلار بىلەن تىركەشكەن. شىۋىتلەرنىڭ چىركاۋلىرىنى ۋە باشقا ئورۇندىكىلىرىنى چاقتۇرغان. شۇ، سەۋەپ پۇلنىڭ ئازدۇرشى بىلەن. ئىسىل ئۆلىمالىرىمىز، ئالىم بىلەن قارشىلىشىپ سۈيقەسلەردە بولغان. ئالىم قەسلەردىن ھىجرەت، ئىككىنجى قىتىملىق ھەج سەپىرى. قىلىشقا ماڭغان. «بەيتۇل مۇكەررەم»دە تاۋاپتا بولۇپ. ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ۋەزلىرىگە قاتناشقان. يىڭىچە ئىسلام كۆز قارىشىغا نىسبەتەن ئىزدەنگەن. ئالىمنىڭ كىتاپلىرىدىن «جەۋاھىرۇل ھىقان»شېئىرى ئەسىرى، مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلاقلىق. ۋەتىنىمىز جۇڭگۇ ۋە دۇنيا ئىتىراپ قىلغان يىقىنقى زامان ئىسلام ئالىمى ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان. ئالىمنىڭ مۇشۇ قىتىملىق سەپىررى ئوڭۇشلۇق، ۋە ئەتراپلىق بولۇپ مۇنۇ ئابىيدىلەرنى پۇتتۇرگەن:-
ئاقائىد زۆرۇرىيە، (زۆرۇر ئەقىدىلەر). ئىلمىي تەجۋىت، (قىرائەت ئىلمى)
ئىبادەت ئىسلامىيە،(ئىسلام ئىبادەتلىرى).
سەرىپ نەھۋى، (ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى)
مىفتاھول ئەدەپ،(ئەدەبىيات ئاچقۇچى).
تەئىلىمۇس سىبيان(ئۆسمۇرلەر تەلىماتى)
نەسائىھۇل ئەتفان،(ياشلارغا نەسىھەت) .نەسىھەت ئاممە، (ئاممىغا نەسھەت)
ئىلمى ھىساپ.    جەۋاھىرۇل ھىقان(ھەقىقەت جەۋھەرلىرى) كىتاپلاردىن كۆچۈرۇلدى.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ شەرھى ھۆكۇم تەربىيەت كىتاپلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئون كىتابى، ھازىرغىچە ئىسلام تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ پاساھەتلىك ئابىيدىلىرى سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئىككىنجى قىتىملىق ھىجرەتتىن كاشغەرگە قايتىپ كەلگەندە «جەدىد»تىزىم غا پەتىۋا پىچتۇرۇپ كەلگەن، لىكىن  شىۋىتلەر، ئۆلىما تويماس قارىلەرنى ئىشقا سالغان. ئۇلار «بۇ، خىلدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھارام، يالغۇز دىنى بىلىمنىلا ئۆگىنىش كىرەك» دىگەنلىكىنى ئىنىق خاتىرلەردە مەلۇم، مەرھۇم ئاتامنىڭ دەپ بىرىشىچە «ئابدۇقادىر ئاتلىق دىنىي مۇناپىقنى ئۆلتۇرگەنلەر جەننەتكە كىرىدۇ» دەپ. خەلقنى ئازدۇرغان. ئالىم، پىتنىلەرگە قۇلاق سالمىغان كاشغەردە «مەتلەئىل ھىدايەت»ناملىق مەكتەپ قۇرۇپ ئۆزى باشقۇرغان يىتىم يىسىلەرنى تەربىيلىگەن، ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ باي-تىجارەتچىلىرىگە تەربىي خىزمەت ئىشلەپ، 52نەپەر ياشنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارغان. ئالىم شىۋىدلەرنىڭ قەستى بىلەن كاشغەرلىك شىۋىد پەرەس، نائەھلى  بايۋەتچە ھەرەمباي دېگەن مۇناپىق، ئەھمەد مەزىنگە 300سەر كۈمۈش بىرىپ. ئۇنىڭ، ھەققىگە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلغان.
1924يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۇنى، ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام بىنى ئابدۇلۋارىس كاشغەرى، تاڭ سەھەردە ئەھمەت مەزىننىڭ خەنجىرى ئاستىدا ئۆز كۇتۈپخانىسىدا شېھىت بولغان. ئۇنىڭ قەبرەگاھى كاشغەر تاختى كۆۋرۇك قەبرىگاھىدا.
شىۋىدلەر ئالىمنى قەسلەپ يوقاتقاندىن كىيىن نۇرغۇن كاشغەرلىق  ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇپ، ئۆز دىنىغا كىرگۇزگەن. ھىسابسىز بايلىق ۋە يادىكارلىققا ئىگە بولغان. شىۋىتلەرنىڭ ئارقىدا  روسلانىڭ قارا قولى بارلىقى نىمۇ ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرەمباغ دىگەن بايۋەتچىگە قانچىلىك ئىنئام بەرگەنلىكىگە ئىسپات بولمىسىمۇ. كىنۇلاردەك ئىنىق تۇرۇپتۇ.
شۇنداق، كاشغەرلىك مەزۇننىڭ ئۆلتۇرگەنلىكى راس. لىكىن، ئۇنىڭ شىۋىدلەرنىڭ غالچىلىرىنىڭ ۋە شىۋىتلەرنىڭ قەسلىرى ئىكەنلىكى تونىماي. (كاشغەرلىك ھەر قايسىڭ ئۆلتۇرۇشكەن) دىيىش تۈپتىن خاتا!. بۇرمىلانغان تارىخنىڭ ھىچ ئەھمىيتى يوق.  ئاپپاق خوجا مازىرغا كەلسەك، شۇ، ۋاقىتتىكى سوپى ئىشانلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن، بىر ۋاقىتتا ئاپپاق خوجا قەبرىگاھىنى تاۋاپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىمۇ راس. ئابدۇقادىر داموللام كۆپ ۋەز قىلىپ. (زىيارەت قىلىڭلار،تەربىيەت ئالغىلى چىقىڭلار ئۆلۇكنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ)دەپ.  تەبلىغ قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزلىرىنى ياڭراتقان، سوپىلار ئۇنىڭغا بوي سۇنمىغان، تىل تەككۇزگەن. داموللام، ئاخىرىدا چىقىۋىتىش نىيتىگە كەلگەن. يىنىدىكى كىشىلەر تەخىر قىلىپ نەسىھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئابدۇ قادىر دامۇللامنىڭ قەسلىنىشىدە سوپى-ئىشانلەرنىڭ قارا قولىمۇ بار . يالغان تارىخقا بولغان ئىنكاسلىق راس تارىخىم مۇشۇنچىلىك بولسۇن.
قۇسۇرنىڭ ئاز بولىشى ئۈچۈن ئىسپاتلاپ كۆرگەن لىكىمنىڭ بەدىلىگە :-
قۇتاد غۇبىلىك. تۈركى تىللار دىۋانى1. تۆھپە ئۇتتۇلمايدۇ. ھىدايەت گۇلزارى1. شۇكرۇ خالۇك ئاكالىن(تۈركىيە)لىك تەتقىقاتچىنىڭ كىتابى.
مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى ئوغلى لوتپۇللا،دىن. چ چ:-2799559545

7

تېما

4

دوست

649

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19918
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MEuqkun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 00:47  

ۋاي ئاللاھ سەبىر بەرگىن، بۇتىمام، زايا كەتمىسۇن! قىرىنداشلار ھەپتە ئەجىر قىلغان تىمام ئىدى،. مۇنبەر ژورنىرى چىقىرىش تەكلىپىنى تولا ئويلاپ ئاشكارلىغان ئىدىم، قەدىردان توردىكى قىرىنداشلار (ئىسلام دىنىدىكىلەر قىرىنداش دىيىلگەن) ئۇشبۇ تارىخنىڭ خاتا يىرى بار دىگۇچىلەر بولسا ئاستىغا شەرھىلەپ قويۇڭلار ھازىر زامانىمىز تەڭ ياشلىق قۇرداشلىرىمىز، تارىخقا قىززىقماس بوپ قالغان چاغدا بىر-بىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار.
ئەي قىرىنداشلىرىم.. ماۋۇيەردە بىرى بالىنى ياخشى تەربىيلىمىگەن ئاتىغا، دەپ. ھەر قىسما بايان قىلىپ يۈرىيدۇ، مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەت يەتتە ئىقلىمدا تەڭدىشى يوق، ئىرانلەرنىڭ لەڭمىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كاللىرىدا مۇنار ياسىغان. بۇيۇك تۇرانىيلەرنىڭ، ئەفراسىيافنىڭ پەرزەنىتلىرى، مۇناپىق، پىتنىخور، بۆھتانچىلەر ھەرگىز ئۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىمەيدۇ ئەۋلادى، ھەر قىسما ھەر خىل بايانلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايرىمىچىلىقىنى، ۋە زىدىيەت كەلتۈرۇپ چىقىرىش كويىدا ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر لىقىغا ئىشەنمەيمەن. نالەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

35

تېما

2

دوست

791

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19382
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 01:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى يۇللاپسىز... ..

ئـەلـقـۇچــار

14

تېما

1

دوست

3025

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13371
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 307
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 01:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

0

تېما

0

دوست

775

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9849
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 115
تۆھپە : 161
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 02:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز  لىكىن تىل ئشلىتىشتە بەك شائىرانە بولاپ كەتتىمۇ قانداق ھىسىياتىڭىزنى ئادەتتىكى يىنك تىل بىلەن  ئپادىلىگەن بولسىڭىز تىخمۇ جەلىپ كار بولامىكىن دەپ ئويلۇدۇم  .

7

تېما

4

دوست

649

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19918
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 03:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurum يوللىغان ۋاقتى  2013-6-2 02:07
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز  لىكىن تىل ئشلىتىشتە بەك شائىر ...

تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن قىرىندىشىم. رەھمەتلىك ئاتامنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆپىنچىسىنى مەن ئۇرۇپ بەرگەچكە گاھى بايانلىرىم ئوخشاپ قالغان چىغى، دىققەت قىلاي. رەھمەت سىزگە.

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 10:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.مېھرىبان ئاللاھ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشكە نېسىپ قىلغاي ۋە ئىككى ئالەملىك سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا قىلغاي....

0

تېما

0

دوست

151

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21209
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 11:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەستلىنىشىدە ھازىرغىچە شىۋىد مىسسىيونىرلىرىنىڭ قولى بار دەپ يۈرۈپتىمەن ،ئەسلى ئاپاق غوجا تەرەپدارلىرىنىڭمۇ سۇيقەستى بار ئىكەندە

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20229
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 11:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.مېھرىبان ئاللاھ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشكە نېسىپ قىلغاي

1

تېما

0

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 623
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 12:22:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇنبەرگە چىققاندىن بۇيانقى كۇرگەن ئەڭياخشى تىما.رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )