ئەسسالامۇ كۆزۈم قىيمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم!!! بۈگۈنكىدەك ئايرىلىش كۈنىنىىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلىشسەكمۇ يەنە نېمە ئۈچۈندۇر ۋۇجۇدىمىزدا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھېسىيات،بىرخىل ھاياجان ئەكىس ئېتىدۇ؟ چۈنكى بىز بۈگۈندىن ئىتىبارەن تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش كۈندە كۆرىشەلمەيمىز،بىر سىنىپتا بىللە ئوقۇيالمايمىزپىكىر ئالماشتۇرالمايمىز مۇنازىرلىشەلمەيمىز شۇڭا ،مەن ‹‹خوش ›دېگەن سۆزدىن تولىمۇ بىزار.چۈنكى بۇ سۆز كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازاپلىرىنى سېلىپ،داغى ھەسرەتكە قويىدۇ.مەن گەرچە سىلەردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ھەر خىل شەكىلدە خوشلاشقان بولساممۇ،لېكىن ھەر دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماڭا قالدۇرۇوپ كېتىدىغان ئەستىلىكلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويسام كېرەك. سىلەرنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى قەلبىڭلارغا پۈككەن،گۈزەل ئەسلىمىلەرگە باي،ئارزۇلارغا تويۇنغان ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىڭلار بالىلىق قەلبىڭلارغا ياشلىقنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرىنى يېقىپ بەزىدە خوشاللىق،بەزىدە ئازاپ،ھەتتا بەزىدە ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى سىلەرگە ھەمرا قىلىپ،تۇيدۇرمايلا سىلەر بىلەن خوشلاشماقتا.مانا بۇ خوشلىشىش سىلەرنىڭ يىڭى بىر پەللىگە ئات سېلىشىڭلارنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ،ماڭا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلىسە،مانا بۇخۈشلىشىش ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرگۈدەك نەتىجە بىلەن خارەكتىرلەنسە،مەن بۇخىل خوشلىشىشتىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم،بەلكى‹‹خوش›،دېگەن سۆزگە بولغان نارازىلىق ھىسياتلىرىم خوشاللىق ياشلىرى بىلەن پاك-پاكىزە يۇيۇلغان بولاتتى. تۈنۈگۈنكىدەكلا ئىسىمدە،تولۇق ئوتتۇرىغا يىڭىدىن قوبۇل قىلىنغان چىغىڭلاردىكى بالىلارچە ساددىلىق بىلەن ئەندىكىش ئىچىدە مەسۈملەرچە پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىڭلاردا ھازىر ياشلىقنىڭ ئىزگۈ ئۇچقۇنلىرى يالتىراپ ئىشەنىچ، مۇھەببەت ۋە چوڭقۇر خىياللار بىلەن ئىنتىلمەكتىسىلەر.ئۈچ يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى سىلەرنى بەزىدە خوشال قىلىپ،بەزىدە يىغلىتىپ، بەزىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلدۈرۈپ،بەزىدە ئاچچىق خورلۇقنىڭ قىرتاق تەملىرىنى تىتىتقۇزۇپ،بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى.مەن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنىڭ 22-يىلىدا سىلەردەك ئوماق ئەقىللىق ھەم يەنە تىنىمسىز بالىلىرىم بىلەن ئىلگىركى سىلەرگە قەلبىمدە پەيدا بولغان ئاچچىقلىنىش،غەزەپ،قىيداش ھىسياتلىرىنى ئاللاقاياقلارغا تاشلاپ قويۇپ تۇرۇپ قىيالماسلىق بىلەن خوشلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ تۇرۇپتىمەن.ئايرىلىش ئالدىدا ئۆز بالىلىرىمنىڭ ماڭا قاتتىق ئازاپلارنى ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر سەھۋەنلىكلىرىمۇ ئاتىلىق مۇھەببەت سۇلىرىدا پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ قىيالماسلىقنىڭ مەيىن شاماللىرى ،ئاچچىقنىڭ غىرىبانە تۇمانلىرىنى سۈرۈپ ماڭماقتا.چۈنكى سىلەر يەنىلا بالائەمەسمۇ !!.!راس مېنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمدىن كۆڭلۈم قاتتىق رەنجىگەن يەرلىرىمۇ بولغان لىكىن يەنە ئۇلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى تەسەللىلىرى،كۆڭلۈمنى ئاۋۇتۇشلىرى ماڭا روھى مەلھەم بولدى. مەن سىلەردىن تولىمۇ مىننەتدارمەن.مەن يەنە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۈش ئەندىزىسى شەكىللەندۇرگەن بىسىملار تۈپەيلىدىن سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىر قىسىم ئەركىنلىرىكڭلاردىن بىئختىيار ھالدا مەھرۇم بىلىپ قويغانلىقىمدىن ئۆزىرلىكمەن. سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئاتا ئۈچۈن ئۆز بالىلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت ۋە تەسەللى بولمىسا كېرەك.مەن گەرچە ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلالىدىم دەپ قارىمىساممۇ بىر ئۇستاز بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئۈچ يىلنى سىلەر بىلەن دەرقەمتە ساخ-سالامەت ئۆتكۈزۈپ،چىرايلىق خوشلىشىش پۇرسىتى بەرگەن ياراتقۇچىغا مىڭلارچە ھەمدۇ سانالار ئىيتىمەن.ھەم يەنە سىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇتۇقلىرىڭلارنى ،خوشاللىقلىرىڭلارنى،خاتىرجەم بەخىتلىك تۇرمۇشۇڭلارنى كۆرۈشنى نىسىپ قىلسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن. مەن‹‹خوش››دېگەن سۆزدىن بىزار.چۈنكى ھەر قىتىملىق خوشلىشىش سىلەر بىلەن بىرگە مېنىڭ ياشلىق كۈچلىرىمنى،ئوتتۇرا ياشلىق تەمكىنلىكلىرىمنى ئېلىپ مېڭىپ خۇددى كوچا ئاپتۇبۇسىنىڭ شوپۇرىدەك ئاخىرقى بىكەتكە تەنھا يىقىنلاشتۇرماقتا.قەددىمنى پۈكمەكتە.مېنىڭ قەلبىم پەقەت سىلەردەك بالىلىرىم ئارقىلىقلا،سىلەرنىڭ تەسەللىلىرىڭلار ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي كۈچ-قۇدرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.پۈتۈن تۇرىدۇ.شۇڭا بالىلىرىم بىلەن ھەر قىتىم خوشلاشقان ۋاقتىمدا يىللارنىڭ ماڭا ئاتا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن. مەن ئايرىلىش مىنۇتلىرى يىقىنلاشقانسىرى بىزنىڭ ئۈچ يىللىق تاتلىق ۋە قىرتاق ئەسلىمىلىرىمىزنىڭ تەنھا ئىگىسى بولۇپ خىيال سۇرمەكتىمەن.سىلەرنى نىمىلەرگە ئىرىشتۈرۈپ نىمىلەردىن مەھرۇم قىلىپ قويغانلىقلىرىم ھەققىدە ئويلانماقتىمەن.ئاتىلىق مۇھەببىتىم ئۇستازلىق مىھرىم بىلەن سىلەرنى خىيالەن كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزمەكتىمەن.ئۆزەمنىڭ سىلەرنى تەربىيىلەش جەھەتتە قانداق سەھۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىرىمنى جۇغلىماقتىمەن.گىدىرماچ خىياللار پەخىرلىنىش ۋە ئۆكۈنۈش ھىس تۇيغۇلىرى ئارلىشىپ كەتكەن ئەسلىمىلەر توختاۋسىز قەلبىمنى تاتلىماقتا.مەن بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئىزچىل سىلەردە بىرخىل خاس ئىدىيە،توغرا ئادىمىيلىك ،ئىشەنىچ ۋە سەمىمىلىك تۇيغۇسى،گۈزەل پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم.مىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىم قانچىلىك ئۈنۈم بەردى بۇ سىلەرگە ئايان.بۇ جەرياندىكى پىلانلىق ئۇرۇنۇشلىرىم بەزى ساۋاقداشلار تەرىپىدىن توغرا قوبۇل قىلىنىشقا ئىرىشكەن بولسا، بەزىلىرىڭلارنىڭ ئەركىنلىك ھەققىدىكى يۈزەكى تونۇشۇڭلارغا نىسبەتەن بىرخىل بىمەنىلىك بولۇپ تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن.مەيلى قانداقلا تەسىر بىرىشىدىن قەتئىنەزەر مەن ئۆزۈم كۆزلىگەن مۇنەۋۋەر، پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش نىشانىغا يەتتىم دەپ قارايمەن. سىلەر ئەمدى مىنىڭدەك سىلەردىن داۋاملىقلا ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغان بىر تەرسا ئوقۇتقۇچىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر ئىلگىرى سىلەر ئۈچۈن يىقىمسىز بىلىنگەن ۋەز نەسىھەتلىرىم شۇنداق بىر كۈنلەردە سىلەرنىڭ ھايات دوقاللىرىنى يىڭىشكە بولغان ئىشەنچىڭلارنى تىكلەشتە كىچىككىنە مەدەت بولۇپ قالسا شۇنىڭ ئۆزى مۇۋاپىقىيەت. سىلەر ئەمدى كىيىنىشىڭلارغىمۇ ئارلىشىدىغان چاچ پاسۇنۇڭلارمۇ كۆزىگە سىغمايدىغان بىر مۇتەسسىپتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىسىلەر،شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ مەدەنىيەتنىڭ سىلەرنى مەىست قىلغۇچى سىھرى كۈچلىرى ئاجىزلاپ بىر ۋاقىتلاردىكى چاچ جىدەللىرىنىڭ قىممىتىنى غۇۋا ھىس قىلغان ۋاقىتلىرىڭلاردىكى مەمنۇنىيەت كۈلكىسىنى ھىس قىلغان ۋاقىتلىرىم بەلكىم مىنىڭ نەتىجەم بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ھايات ھارۋىسىنى توختاۋسىز سۆرەپ چىرايىغا ھارغىنلىقنىڭ ئىغىر ئىزنالىرى چۈشكەن بىر يولۇچى بىلەن خوشلىشىۋاتىسىلەر........ سىلەر قەلبىدىكى ئاچچىق ياشلىرىنى ئەرلىك جاسارىتىگە تايىنىپ سىرتقا چىقىرىشقا ئامالسىز تۇرىۋاتقان بىر باغرى قان ئاتا بىلەن خوشلىشىۋاتىسىلەر......... مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش تالاي ئىشلار ھەققىدە خىيال سۈرگەن ۋاختىمدا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن سىلەرنىڭ كۈتكەن يەرلىرىڭلاردىن چىقالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. سىلەرنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۈلۈش ،بىللە قىيغىتىپ ئويناش جۇشقۇنلىقىغا ئىگە بولغان بىر سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قولىدا 3 يىل تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. مەيلى بىز قانداقلا ئارزۇ -ئۈمۈدلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىزدىن قەتئىي نەزەر ھاياتىڭلارنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرىنى مەن بىلەن ئۆتكۈزدۈڭلار ئەگەر بۇنۇڭغا پۇشايمان قىلىپ قالمىساڭلارلا مەن ئىنتايىن خوش. خەيىر گەپلىرىمنى تۈگىتەلمەيدىغاندەك قىلىمەن ئاخىردا بىر ئاتا ھەم بىر ئۇستاز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىمتاھانىڭلارغا نەتىجە،كەلگۈسۈڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
|