قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2249|ئىنكاس: 12

ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4807

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 09:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان

بار ئىكەنۇ - يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ - توق ئىكەن. تۈلكە ياساۋۇل ئىكەن، بۆرە ھاكاۋۇر ئىكەن، غاز كانايچى ئىكەن، ئۆردەك سۇنايچى ئىكەن، قاغا قاراقچى ئىكەن، سېغىزخان يالاقچى ئىكەن، پاقا پوستەكچى ئىكەن، ئىلان تۈگمەنچى ئىكەن؛ ئەنە شۇ زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن. قىز بويىغا يەتكەندە ئەتراپتىكى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىلىرى بەس - بەس بىلەن قىزغا ئەلچى ئەۋەتىشىپتۇ.

پادىشاھ ئۇنىسىمۇ، قىز زادىلا ئۇنىماپتۇ.بىر كۈنى پادىشاھ بۇ سىرنى بىلىش ئۈچۈن، قىزىنىڭ ئالدىغا ئىنىك ئانىسىنى كىرگۈزۈپ، قىزىنى ياتلىق بولۇشقا كۆندۈرمەكچى بولۇپتۇ. ئىنىكئانا پادىشاھنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، بەخت - پاراغەتتىن، زىبۇ - زىنەتتىن، نەغمە - ناۋادىن، تاجۇ - تەختتىن سۆز ئاچقانىكەن. قىز:- مەن ھايۋاندىن پەرقلىنىمەن، مال - بايلىقتىن ئۈستۈنمەن، كىمكى شەرتىمنى ئادا قىلسا، شۇنىڭ گۈلى مەن، - دەپتۇ.ئىنىكئانا قىزنىڭ سۆزىگە ئەجەبلىنىپ خەير، نېمىكى بولسا قېنى بىر ئاڭلاپ باقاي دەپ ئويلاپتۇ. ئاندىن:- خوش، شەرتىڭنى سۆزلە قىزىم، مەن بىر ئۇقاي، مۇناسىپ كەلسە پۈتۈن ئالەمگە جاكار قىلاي، - دەپتۇ.- ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغاننى ئېيتالىغان يىگىتكە ياتلىق قىلىنسام رازىمەن، مېنىڭ شەرتىم شۇ، - دەپتۇ قىز.پادىشاھ ئىنىكئانىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق شاھزادىلەرنىڭ ئەلچىلىرىگە قىزنىڭ شۇ شەرتىنى ۋە كىمكى راستنى يالغان دېسە بېشى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەملىكەتلەرنىڭ شاھزادىلىرى، چوڭ - كىچىك يۇرتنىڭ بەگزادىلىرى ۋە ھەر قايسى خانلىقنىڭ خانزادىلىرى كېلىشكە باشلاپتۇ. لېكىن بەزىلىرى بۇ شەرتنى ئادا قىلىشقا كۆزى يەتمەي، قىزنىڭ مېھىرىدىن كېچىپتۇ. بەزىلىرى بولسا قىزنىڭ ئوت - پىراقىدا شەرتنى ئادا قىلالماي باشلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپتۇ.


پادىشاھ ئاخىرى ئىنىكئانا ئارقىلىق قىزىغا بۇ شەرتنى ئادا قىلىدىغان بىرەر ئەقىللىق شاھزادە، خانزادە، ۋە بەگزادىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. قىزىنى ئەقلىسىزلىقتا ئەيىبلاپتۇ. لېكىن قىز بۇنىڭغا زادىلا كۆنمەپتۇ. قىز ئىشەنچ بىلەن بۇنى ئېيتالايدىغان كىشى چىقىدۇ. دادام سەۋر قىلسۇن، ئەگەر چىقمىسا مەيلى دەپتۇ.شۇ تەرىقىدە كۈنلەر كەينىدىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، قىزنىڭ بۇ شەرتىنى نى - نى شاھزادىلەر، خانزادىلەر ۋە بەگزادىلەرنىڭ ئادا قىلالمىغانلىقى چۆچەك بولۇپ ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ تەرەپ - تەرەپكە تارقاپتۇ.ئەمدى گەپنى مۇشۇ پادىشاھنىڭ شەھىرىگە قاراشلىق يىراق يېزىدىكى بىر كەمبەغەل موماينىڭ ئوغلىدىن ئاڭلايلى.شەھەرنىڭ چېتىدە ناھايىتى كەمبەغەل بىر موماي ياشايدىكەن، ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بار ئىكەن، ئاتا - بالا ئىككىسى ئەتىدىن كەچكىچە كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدە ئىشلەپ، كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزىدىكەن. يىگىت شۇنچە تېتىك ئىشلىسىمۇ، بايلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ئۆز ئىسمىنى ئاتىماي گال دەپ ئاتايدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە، گال بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ رۇخسەت سوراپتۇ. موماي ئوغلىنىڭمۇ قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇندىيالماي ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، جاۋاب بەرمەپتۇ، گال ئانىسىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى سەزگەندىن كېيىن ئانىسىغا تەسەللى بېرىپ - خاتىرجەم بول ئانا، قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇندىماق ئاسان، - دەپ، ئۆزىنىڭ راسلىغان سۆزلىرىنى بىر - بىرلەپ دەپ بېرىپتۇ.


ئانىسى ئىلاجىسىز دۇئا قىلىپ رۇخسەت بېرىپتۇ. گال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئاز ماڭدىمۇ كۆپ ماڭدىمۇ، بۇنىسى نامەلۇم، ئىش قىلىپ، بىر كۈنى گال پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ياساۋۇللار بۇ يىگىتنى كۆرۈپ، ئالدىنى توساپتۇ:- سەن گاداي بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيسەم!؟ - دەپ قوغلاپتۇ. گال بۇلارنىڭ گۇمانلىرىنى سېزىپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ.- مەن ئوغرىمۇ ئەمەس، قاراقچىمۇ ئەمەس، لېكىن بىر باينىڭ سادىق قۇى، مەن شۇ باينىڭ پادىشاھتىن يوشۇرۇن تىقىپ قويغان بورداق قويلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىشكە كەلدىم. لېكىن قويلارنىڭ سانىنى شاھنىڭ ئۆزگە ئيېتىمەن.ياساۋۇللار شاھقا خەۋەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئاچكۆز شاھ خۇشاللىقىدىن گالنى چاقىرىپ:- قېنى، قويلار ھەققىدە چاققانراق سۆزلىگىن، - دەپتۇ. گال ھىچبىر ھودۇقماستىن، تېتىكلىك بىلەن:- مەن ئاۋۋال سىزگە راسلىغان سۆزلىرىمىنى ئېيتاي، قىزىڭىزمۇ كېلىپ ئاڭلىسۇن. سىز بۇنىڭ بىلەن قويلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلىسىز، سىز بىلمىسىڭىز قىزىڭىز چۈشىنىدۇ - دەپتۇ. پادىشاھ قىزىنى چاقىرىشا مەجبۇر بولۇپتۇ. گال يالغاننى باشلاپتۇ.بىرىنچى يالغان.- ئۇلۇغ شاھىم، مېنىڭ ئېتىم گال، ئۆزۈم بىر كەمبەغەل، دادامدىن يالغۇز قالغان يېتىممەن. لېكىن مەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرۈپ، ئۆلە - ئۆلە، ئاخىر ئاكا - ئۇكا بولۇپ ئۈچىمىز قالدۇق. مەن بۇنىڭغا ھەيرانمەن، لېكىن ئەجەبلىنىمەن، بىز ئۈچ بولغاندىن كېيىن ئارىمىزدا دوستلۇق، بۇرادەرلىك پەيدا بولدى، بىراق بىر - بىرىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتۇق ھەم تونۇشمايتتۇق. شۇ چاغدا ئۇچىمىزغا قارىساق كىيگەن كىيىملىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىگە ئەقلىمىز ھەيران قالدى، بىرىمىزنىڭ ياقىسى يوق، بىرىمىزنىڭ ئېتىكى يوق، يەنە بىرىمىزنىڭ غولى يوق، بىز شۇنداق قىلىپ، قارىغۇ - قارىغۇنى قاراڭغۇدا تاپىدۇ، دېگەندەك، بىر چۆلدىكى سايدا بىر - بىرىمىز بىلەن مۇڭداشساقمۇ ئاڭلىماستىن، بىللە ماڭساقمۇ كۆرمەستىن، يولدا يۈرمەي، چەتكە چىقماي، ئوتتۇرىدا مېڭىپ كېتىۋەردۇق. خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن يول ئۈستىدە ئۈچ تەڭگە ئۇچراپ قالدى. كۆزىمىزنى يۇمۇپ قارىساق، بىرىنىڭ تامغىسى يوق، بىرىنىڭ رەڭگى يوق، يەنە بىرىنىڭ ئېغىرلىقى يوق ئىكەن. بۇ ئۈچ تەڭگىنى مۇستلاشساقمۇ ئەرز قىلىشماي، تەڭ بولمىسىمۇ ياخشى - يامىنىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئادالەتلىك بىلەن بۆلۈشۈپ ئالدۇق. يەنە مېڭىۋەردۇق. مېڭىۋەردۇق. يول ماڭساقمۇ مىدىرلىماي، سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق...سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پادىشاھ شۇنداق غەزەپكە كەپتۇكى، سۆز قىلالماي ھوشىدىن كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، گالنى مىدىرلاتماي بېشىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ. گال ناھايىتى مەردلىك بىلەن تېتىك تۇرۇپ، مىيىقىدا كۈلۈپتۇ:- ئۇلۇغ شاھىم، مەن ئېيتاي، سىز ئاڭلاڭ، كاللام چېپىلماس، سۆزۈم توختىماس. سۆزىدە تۇرمىغان ئادەم بولماس. ھازىرچە ئىختىيارنى قىزىڭىزغا بېرىڭ، قىزىڭىز بۇيرۇق قىلسۇن، - دەپتۇ.تەختنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، گالنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سۆزلەۋاتقان يىگىتنىڭ ئېتى گال بولسىمۇ، سۆزى بار ئىكەن دېگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان مەلىكە تەختنىڭ ئالدىغا چىقىپ:- كىشى جانانىدىن جانىن ئايارمۇ؟كۆرۈڭ، پەرۋانىلار ئوتتىن يانارمۇ؟ھەقىقەت ئېزىز جاندىن ئۈستۈن دېگەن.قىلىچ ئالدىدا تەسلىم بۇلارمۇ؟ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاخىرغىچە سەۋر - تاقەت بىلەن ئاڭلىيالايدۇ... قېنى، ئاڭلاپ باقايلى! - دەپ يىگىتكە ئىشارەت قىلىپتۇ.پادىشاھ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئوردا ئۆلىمالىرى، ۋەزىرلىرى قۇللۇق قىلىشىپ، مەلىكىگە تەزىم قىلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ.گال يەنە سۆزلەپتۇ:- سۈيى يوق كۆلى بار بىر سايغا چۈشتۇق. سۈيى يوق كۆلدە ئۈچ بېلىق ئويناقلاپ ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ، بۇ بېلىقلارنىڭ ئىككىسى ئۆلۈك، بىرىنىڭ جېنى يوق ئىكەن. بىز ھېلىقى بېلىقلارنى ئېلىپ، ئېتىكى يوقنىڭ ئېتىكىگە سېلىپ، سايدىن چىقىپ يولغا چۈشتۇق. يولدا ماڭماي، يولدىن چىقماي كېتىۋەردۇق، كېتىۋەردۇق. قارىساق ئالدىمىزدا ئۈچ ئۆي كۆرۈندى، بىز شۇ ئۆيلەرگە كەلدۇق. ئىككى ئۆينىڭ تېمى يوق، بىرىنىڭ ئورنى يوق. ئورنى يوق ئۆيگە كىرسەڭ، ئۈچ قازان تۇرۇپتۇ. قازانلارنىڭ ئىككىسى تۆشۈك، بىرىنىڭ تۈۋى يوق. ئېتىكى يوق ئاكام ئېتىكىدىكى جېنى يوق بېلىقنى ئېلىپ، تۈۋى يوق قازانغا سالدى. بىز ئۇنى پىشۇرماقچى بولۇشتۇق. قارىساق، ئوتۇن يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوت ياقماي، ئوتۇننى ئايىماي قالاۋەرسەك، قازان قاينىماي گۆشى پىشىپ، سۆڭىكى مىلىق - مىلىق بولۇپ كېتىپتۇ. يەپ باقساق، ئىسسىقمۇ ئۆتمەپتۇ. نېمە بولسا بولسۇن دەپ ئۈچىمىز راسا يېدۇق. يېگەندىمۇ بىر - بىرىمىزگە تەكلىپ قىلىشماستىن يەۋەرۇق. بىراق يېگەن گۆش قورسىقىمىزنىڭ بىر بۇرجىكىگىمۇ كەلمەپتۇ. ئويلىساق قورسىقىمىز راسا تويۇپ كېتىپتۇ.


كەتمەكچى بولدۇق، ئۆيدىن چىقايلى دېۋىدۇق، ئىشىكتىن پاتمىدۇق. ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن، ئىلاجىنىڭ تولىلىقىدىن تام تۆشۈكىدىن چىقىپ كەتتۇق.يەنە يول يۈردۇق، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈردۇق. يۈرۈۋېرىپ بىر ئېتىزغا چىقىپ قالدۇق. قارىساق ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدە، تۆرەلمىگەن توشقان يېتىپتۇ. شېخى يوق دەرەختىن پۇتىمىغان چوماقنى ئېلىپ، ھېلىقى توشقاننى راسا بىر ئۇرۇېدۇق، توشقان جىم يېتىپ يۈگۈرگەن پېتى كولىمىغان ئورىغا چۈشۈپ جان بەردى. توشقانغا پىچاق سالماي، قول تەككۈزمەي سويساق، چىقتى ئون پاتمان گۆشى، يىگىرمە پاتمان چاۋىسى، ئالتى ئايدىن بېرى يەۋاتىمىز، ھېلىمۇ بار تەڭ ياتىسى. شۇنىڭدىن بۇيان بىز ئاچ قىلىپ ئاكام مەندىن خاپا بولۇپ، ئۆزى بىلگەن يەرگە كەتتى، يىگىرمە پاتما چاۋا ياغ ماڭا قالدى. بۇ ياغنىڭ ھەممىسىدە چورۇقۇمنى ياغلىدىم، ياغ چورۇقۇمنىڭ بىرىگە يەتمىدى. خەير، شۇنداق بولدى، ھېرىپتىكەنمەن، ئۇخلاۋاتسام بىر چاغدا جاھان زىلزىلىگە چۈشۈپ غەۋغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئويغانسام چورۇقلىرىم ساڭا ياغ تەگدى ماڭا يوق دەپ گالاڭلىشىپ مۇشتلىشىپ، قاپاقلىرىنى يېرىشىپتۇ. سۆزۈمگە كۆنمىدى، مەسلىھەتكە كىرمىدى. ئىلاج يوق، ئاخىر چورۇقلىرىمنىڭ ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇۋېلىپ ھەر بىرىنى ئۈچ شاپىلاقتىن ئۇرۇپ، جىم تۇرۇش، ئەمدى ئۇرۇش، دەپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتىم. بىر ۋاقتىدا ئويغىنىپ قارىسام، ياغلانغان چورۇقۇم غولى يوق ئۇخلاۋېتىپتۇ. ياغ تەگمىگىنى خاپا بولۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. ياغلىغان چورۇقۇمنى ئويغىتىپ، بىر كەسلەنچۈكنى ھارۋىغا قېتىپ يولغا راۋان بولدۇق چورۇقىم ھارۋىنى ھەيدىدى، مەن يول كۆرسەتتىم، شۇنداق قىلىپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۆيگە ئاسانلا يېتىپ كەلدىم.مەن ئۆيدىن چىقىش ۋاقتىدا ئۆيدە بىر موماي، بىر خوراز بار ئىدى. قايتىپ كەلسەم ئۆي يوق، ئۆي بولسىمۇ ئورنى يوق، تېمى بولسىمۇ لېيى يوق. ئەتراپقا قارىسام ھېچنىمە يوق. ماڭا بۇ تازا تارتقۇلۇق بولدى. بايان قىلاي دەپ ھۇزۇرىڭىزغا كەلدىم، - دەپ، گال ئېڭىكىنى سىلاپ خاتىرجەم تۇرۇپتۇ.پادىشاھ گال ئېيتىۋاتقان ھېكايىنىڭ مەنىسىگە يېتەلمەي، ئەتراپىدىكى ۋەزىر، ئۆلىمالىرىغا قاراپتۇ. ئۆلىمالىرىدىن بىرى پادىشاھقا:- گالنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان. يالغان ئېيتقان كىشى شاھ خەنجىرىنىڭ ئوزۇقىدۇر، - دەپتۇ.قىز بۇ سۆزگە كايىپ:- ھۆرمەتلىك ئاتا، گالغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى يەنە ئېيتسا، - دەپتۇ.پادىشاھ جاۋاب بەرگىچە، گال:- تەقسىز...، - دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ.ئىككىنچى يالغان.- تەقسىر، ئاڭلاۋاتىسىز، موماي يوق، خورازمۇ يوق، چورۇقۇمنىڭ بىرى تېخى يوق. بۇلارسىز ياشىماق تېخى تەس. شۇڭادېمىم ئىچىمگە چۈشتى، كۆڭلۈم بۇزۇلدى. خەير دېدىم. موماي، خوراز، چورۇقنى يەنە بىر ئىزدىدىم. ماڭدىم، مېڭىۋەردىم، ئورنۇمدا قېلىۋەردىم. شۇنداق قىلىپ، بىر قىشلاققا يەتتىم.


خورىزىم شۇ قىشلاقتا بىر بايغا ئىشلەۋېتىپتۇ. باينىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى پەقەت شۇ خوراز بىلەن مېڭىۋېتىپتۇ. خورىزىم بىلەن كۆرۈشتۈم، قۇچاقلىشىپ سۆيۈشتۈم. بىر - بىرىمىزنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كېتىپتۇقكى، كۆرۈشە - كۆرۈشمەي يىغىلىشىپ كېتىپتۇق. خورىزىم بايغا ئالتە ئاي كېچە - كۈندۈز ئىشلەپتۇ. خورازنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن باي بىلەن بولدى، ئاخىرى ھەققىگە بىر جۇۋالدۇرۇز بەرمەك بولدى. باي بۇنىڭغىمۇ ئاسان كۆنمىدى. جۇۋالدۇرۇزنى ئالغىنىمغا خۇش بولدۇم، خۇش بولۇپ، يەنە يولغا چىقماق بولدۇم، لېكىن خورىزىم ئۇنىمىدى، ئۇ يەنە ئۈچ ئاي ئىشلەپ، ئالدىن ھەققىنى تولۇق ئېلىپ، قايتماق بولدى. مەن جۇۋالدۇرۇزنى ئېلىپ، خورجۇنۇمغا سېلىپ، خورىزىمغا خەير دەپ، ئارقامدىن تېز كەل دەپ، يەنە يولغا راۋان بولدۇم. موماي بىلەن پاي چورۇقنى ئىزدەپ يېتىۋەردىم، كېتىۋەردىم، ھېچيەردىن تاپالمىدىم؛ ئېگىز تاغلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پۈتۈن ئالەمگە قارىدىم، كۆرۈنمىدى. ئاخىر بىر قېلىن جاڭگالنىڭ ئىچىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ قارىسام، يەتتە تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەتتە دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، بىر كىچىك ئۆستەڭ بويىدا موماي كىر يۇيۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بېرىپ يىغلاپ كۆرۈشۈپ، كېتەيلى ئانا، يۈر دېسەم، بايغا ئىشلىگىلى ئالتە ئاي بولدى، توققۇز ئاي بولغاندا ھەق بەرمەكچى، ھەققىمنى ئالماي كەتمەيمەن دەپ ئۇنىمىدى، مەن قايتىپ كېتىشكە تەمشىلىۋىدىم، ئۇسسپا كەتكىنىمگە ئۈچ كۈن بولغانلىقى ئېسىمگە چۈشتى. ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ قايناپ تۇرغان بىر چاغ ئىدى، دەريا بويىغا بارسام سۆيى غاچچىدا توڭلاپ كېتىپتۇ. مۇزنى چېقىشقا تاش تاپالماي، بېشىمنى قۇلىقىمدىن تۇتۇپ بىر قويغانىدىم، مۇز يېزىلدى. سۇنى راسا ئىچتىم، ئۇسسۇزلۇقۇم قېنىپ، يەنە يولغا چۈشتۈم. بىر يەرلەرگە بارغاندىن كېيىن قارىسام، بېشىمنىڭ تېڭى يوق، ئويلىسام دەريادا قاپتۇ. جۇۋالدۇرۇزغا قارىسام ئۇنىڭ بىسى يوق. شۇنىڭ بىلەن ئاپلا دېدىم - دە، بېشىمنى تېپىشنى ئۇنتۇپ موماينى ئالغىلى باردىم، ۋاقىت ئۈچ ئايغا توشقانىدى. موماي يوق، سۈرۈشتۈرسەم، ئىش ھەققىنى ئالماقچى بولغىنىدا باي مومايغا تۆھمەت توقۇپ، ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. مانا پادىشاھىم، ئەھۋال شۇ! ھەممە تارتقۇلۇق پېقىرلارغىمۇ؟ ئويلاپ كۆرسىلە، دەرگاھلىرىغا شۇنى ئېيتقىلى كەلدىم، - دەپ جاۋاب كۈتكەندەك تۇرۇپتۇ.پادىشاھ ھودۇقۇپ، ۋەزىر، ئۆلىمالىرىغا قاراپتۇ، ئەقىل سورىغاندەك قىلىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماراپتۇ. ۋەزىرلەردىن برى:- يالغانچىنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى پادىشاھنىڭ ھۆرمىتىگە ھاقارەت. پادىشاھىمىزنىڭ زامانىسىدا بۇنداق ئادالەتسىز ئىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس! - دەپ تۇرۇشىغا، گال:- تەقسىر، تېخى گەپ بۇ يەردە! - دەپ سۆزىنى يەنە باشلاپتۇ.

ئۈچىنچى يالغانمۇ موماينىڭ خۇنىنى ئېلىش ئۈچۈن باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ياقىسىدىن سۆرەپ، شەرىئەتكە ئېلىپ باردىم. شەرىئەت ئۇنداق دەپ، مۇنداق دەپ موماينىڭ خۇنىغا بىر ئېشەك بۇيرۇپ، شەرىئەتنىڭ ھۆكمى قەرز، ئادا قىلىش پەرز دەپ يولغا سالدى. موماي ئۈچۈن يىغلاپ، نائىلاج ئېشەكنى مىندىم - دە، يولغا چىقتم.كەڭ دەشتى باياۋاندا كېتىۋاتسام، قىرىق كارىۋان ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ بىرى ماڭا قاراپ:- ھەي گال، ئېشىكىڭ يېغىر بولۇپ قاپتۇ، باشقىدىن توقۇۋال، - دېدى. ئېشەكتىن چۈشۈپ قارىسام، راستىنلا ئېشەكنىڭ دۈمبىسىنى يېغىر بېسىپ كېتىپتۇ. بۇنى قانداقمۇ ساقايتارمەن دەپ كارىۋانلاردىن سورىسام، كۆيدۈرۈپ باسقىن دپ بىر دانە ياڭاق بەردى. ياڭاقنى كۆيدۈرۈپ بېسىۋىدىم، بىردىنلا ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدىن بىر تۈپ ياڭاق دەرىخى ئۈنۈپ چىقتى. ھەش - پەش دېگۈچە كۆكلەپ، چېچەكلەپ كەتتى، ياڭاقلىرى پىشىپ قالدى. ئېشەك ياڭاقنى كۆتۈرەلمەي، بېلى ئېگىلىپ، قورسىقى يەرگە يەتتى. ياڭاقلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېشەكنى يېتىلەپ، شۇدىگەرلىككە ئېلىپ باردىم. كۈچۈمنىڭ بېرىچە ياڭاققا چالما ئېتىشقا باشلىدىم، لېكىن بىر تالمۇ ياڭاق چۈشمىدى. شۇنچىۋالا ياڭاقتىن بىرەرسى چۈشمىگىنىگە ئىچىم پۇشۇپ، ئاستا ئاۋايلاپ ياڭاقنىڭ تۆپىسىگە چىقتىم. قارىسام، ياڭاقنىڭ ھەممىسى شور باغلاپ كېتىپتۇ. شاختىن - شاخقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرسەم، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئۈستى ئېتىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ، بىر تەرەپتە بىر ئۆستەڭ سۇ شارقىراپ ئېقىۋېتىپتۇ. بىر تەرىپىدە تاۋۇز تېرىلغان ئېتىر تۇرۇپتۇ. مەن تاۋۇزنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردۈم. پېلەكلەردىن ھەر يوغان تاۋۇزلار چۈشكىلى تۇردى. نېمىسىنى دەيسىز، بىردەمدە ھەممىسى شۇلۇقلاپ پىشتى. بىر كۈنى پىچىپ يەي دەپ بىر تاۋۇزنى ئۈزدۈم. پىچاقنى شۇنداق سېلىشىمغا تاۋۇز تاراسلاپ يېرىلىپ، پىچاق تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. پىچاقنى ئالاي دەپ تاۋۇزنىڭ ئىچىگە چۈشتۈم. قارىسام، پىچاق ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق. ئىزدەپ تاپالماي يۈرسەم بىر ئادەم ئۇچراشتى، ئۇنىڭدىن:- ئاكا، پىچاق كۆردىڭىزمۇ - دېسەم، ئۇ ئادەم:- ئاۋۋال سىز ماڭا جاۋاب بېرىڭ، ئەسلىدە بىز قىرىق كارىۋان ئىدۇق، ھەر بىرىمىزدە قىرىقتىن ئۇلاغ بار ئىدى، يوقىتىپ قويۇپ تاپالمايۋاتىمىز، كۆردىڭىزمۇ؟ - دەپ مېنىڭدىن سورىدى.- پادىشاھ ئالەم، دەرگاھىڭىزغا شۇنى ئېيتقىلى كەلدىم، ئېيتىدىغىنىمنى ئېيتىپ بولدۇم، ئەمدى قولىقىم سىزدە، - دەپتۇ.پادىشاھ ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئۇلار ھېچبىر مەسلىھەت بېرەلمەپتۇ. ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:- بۇنى خىزىردىن باشقىسى بىلمەس، - دەپ تۇرۇشىغا، پادىشاھنىڭ قىزى:- بۇنى بىلمىگەن تەبىر بېرەلمەيدۇ. يىگىت مېنىڭ شەرتىمنى ئادا قىلدى. دادا، ئەمدى تويغا رۇخسەت قىلسىڭىز، - دەپتۇ.پادىشاھ رازىلىق بېرىپ، ۋەزىر ۋە ئۆلىمالىرىنى تويغا ھازىرلىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 18:05:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى غۇلجا دىيارىدىن بىرى بولىدىغان  ئەبەي دەپ،شۇ ئاكىمىزلا بارغان بولسا مەلىكىنى ئەمرىگە ئالاركەن.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2347

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6168
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 168
تۆھپە : 587
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 19:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئوقۇغاندا راسا كۈلۋالغان ،،يەنە قىزقىپ بىرقانچە قىتىم تەكرار ئوقۇغۇنۇم يادىمدا بار

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5892

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 22:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشەنمىدىم؟
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

4805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 1091
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 23:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پادىشاھنىڭ ۋەزىر ۋۇزۇرالىرىدەك ھىچ نىمىنى پەرىقلەندۈرەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىمغۇ....

0

تېما

1

دوست

649

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18906
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 23:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئەمەت يالغاننىڭ  ھىكايىسىمۇ  نىمە ؟شۇ  ئادەممۇ ئاشۇنداق يالغان سۆزلەيدۇ .  ئۇ ئادەمنىڭ بىر كۈنى تىلۋۇزۇرى بەك نوچى ئانتىنا ئەكىلىپ قويسىمۇ ھېچنىمە چىقماپتۇ ، نىمە بولدى دەپ رىمىنۇتخانىغا ئېلىپ كىتىۋاتقان  يولدا بىر يۇلغۇنلۇق بار ئىكەن شۇ يەرگە كەلگەندە لەپپىدىلا    س س ت ۋ-5   چىقىپ كەتكەن گەپ ....
بۇلتۇر  ئەمەت يالغان ئېتىزدا ئىشلەۋاتسا ،بىر ئايرۇپلان  پەس ئۇچۇپ ،ئەمەت نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ مەن ئەۋەتكەن ئۇن گۈرۈچنى ئالدىڭمۇ ؟ دەپ بىرى ۋاقىرىغۇدەك .  قارىسا ماۋجۇشى ....

2

تېما

1

دوست

487

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17895
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 12:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چۆچەك ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ نوچىسى جۇمۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )