- تىزىملاتقان
- 2013-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2268
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
8.93%
|
ئىستودېنت بورىچى
تېما ئىگىسىدىن: مۇنبەرنىڭ ئۇنۋېرساللىقىنى ئاشۇرۇش (تەنقىدىي تېمىلار بىلەن ماختايدىغان،ئىلھام بېرىدىغان تېمىلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى) ،جۈملىدىن جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تېڭىرقاپ تۇرىۋاتقان ئىستودېنتلارنىڭ ،ئىشسىز ياشلارنىڭ ئىلھام ئېلىپ چىقىش يولى تېپىشىغا مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن ،مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن يول تاپقان ياشلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئۆلكە يولى 210-لېنىيەسىنىڭ شايار ناھىيە بازىرىدىن كۇچا ناھىيە بازىرىغا تۇتىشىدىغان بۆلىكىدە مېڭىپ قالسىڭىز،شايار ناھىيەسىگە قاراشلىق قىزىلبايراق بازىرىنىڭ تاللىققوتان كەنت تەۋەسىدىكى يولنىڭ شىمال،جەنۇب تەرپىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەبىئىي قومۇشلۇقنى ھەم بۇ قۇمۇشلۇق يېنىدىكى يول بويىدا «مەھەمەت ئازات بورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى»دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر بورا زاۋۇتىنى،زاۋۇتتا بىر قانچە ئادەمنىڭ قولدا ۋە بورا توقۇش ماشىنىسىدا تېنىم تاپماي بورا توقىۋاتقانلىقىنى،بورا سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى كۆرىسىز.بۇ بورا زاۋۇتىنى مۇشۇ تاللىققوتان كەنتىدىكى 34ياشلىق ئستودېنت مەھەمەت ئازات قۇرغان.
مەھەمەت ئازاتنى ئاتا مىراس بورىچى ديىشكە بولىدۇ.مەھەمەت ئازاتنىڭ ئاتىسى 60ياشلىق دېھقان ئازات سۇلايمان 15ياش ۋاقتىدىلا ئۆز كەنتىدىكى بورىچى ئۇستامغا شاگىرت كىرىپ،بورا توقۇش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ،ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا بۇ ھۈنەرنى قىلىپ كەلگەن.توي قىلغاندىن كېيىن خوتۇنىمۇ بۇ ھۈنەرنى ئۈگىنىپ، دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ بورا توقۇپ سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن.مەھەمەت ئازات قاتارلىق تۆت ئوغلى،ئىككى قىزىمۇ ئاتا-ئانىسىدىن بورا توقۇشنى ئۆگىنىپ،مەكتەپتى قويۇپ بەرگەن بوش ۋاقىتلىرىدا ،تەتىللەردە ئاتا-ئانىسىنىڭ بورا توقۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى.ئازات سۇلايمان ئاكا قىزىلبايراق بازىرىغا تەۋە 200مو تەبىئىي قۇمۇشلۇقنى 1985-يىلدىن باشلاپ بەش يىللىقتىن ھۆددە ئېلىپ،بورا توقۇپ سېتىپ ،بورا باھاسى ئەرزان بولغان شۇ يىللاردىمۇ يىلدا بورىچىلىقتىنلا 15-20مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىپ كەلگەن.مەھەمەت ئازات 1995-يىلدىن 1998-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ بورا توقۇپ تاپقان پۇلىدا خاتىرجەم ئوقۇپ،ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،بىر قانچە يىل ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولدى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېھقانچىلىق،بورىچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. 2008-يىلدىن باشلاپ ناھىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە قىزىلبايراق بازىرىنىڭ باغۋەن كەنتىدە «سىتودېنت كەنت كادىرى»بولۇپ،ئېلىكتىرلىق تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شوغۇللاندى.بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەچ،ئائىلىسىدە بورىچىلىق كەسپىنى قىلىدىغانلار كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئاساسەن ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بورا زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلاپ،بۇ ھەقتە بازارلىق پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلدى.ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى بازار تەستىقلاپ بەردى ۋە بۇلارنىڭ بورا زاۋۇتى قۇرىشىنى قوللاپ،قۇمۇشلۇق ئەتىراپىدىكى يول بويىدىن 30مو ھەقسىز يەر ئاجىرتىپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر مارتتا بۇ يەرگە«مەھەمەت ئازات بورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى»نى قۇردى،زاۋۇتقا 35مىڭ يۈەنگە بىر دانە بورا توقۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ،ئۆزى زاۋۇت باشلىقى بولۇپ،ئىلمىي باشقۇرۇش،ئۇچۇر ئىگىلەپ،سېتىپ چىقىرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.ئاتا-ئانىسى،بىر ئىنىسى ۋە يەنە مۇشۇ كەنتتىن قوبۇل قىلغان بورا توقۇشنى بىلىدىغان تۆت نەپەر دېھقان ياش مەخسۇس قول ۋە ماشىنىدا بورا توقۇشقا مەسئۇل بولدى.زاۋۇتتا ئىشلىگەنلەر توقىغان بورىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ،ئايدا 3000يۈەن ئەتىراپىدا ئىش ھەققى ئالىدۇ.مەھەمەت ئازات بۇلتۇر ئۆكتەبىردە قۇمۇشلۇقنى يەنە بەش يىللىق توختام بىلەن،يىللىقىنى 50مىڭ يۈەندىن جەمئىي 250مىڭ يۈەنگە ھۆددە ئالدى.ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا قولدا توقۇلغان بورا چوڭ ،پۈتۈن قۇمۇشتا گۈل چىقىرىپ توقۇلىدۇ.زاۋۇتتا بولسا ئۇششاق قۇمۇش ۋە قۇمۇش پارچىللىرىنىمۇ زايا قىلماي تۈز ،پۇختا توقۇپ چىقىرىلىدۇ.خېرىدار قايسى خىل بورىغا ئېھتىياجلىق بولسا ،شۇ خىل بورىنى توقۇپ بېرىدۇ.ھازىر يېزىلاردا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولغاچقا ،بۇ بورا زاۋۇتىدىكىلەر ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.بۇ زاۋۇتتا ئايدا بورا توقۇش ماشىنىسىدا 12مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتا،قولدا30-40دانە بورا توقۇپ چىقىرىلىدۇ.بۇ زاۋۇت قۇرۇلغان بۇلتۇر مارتنىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىل مارتنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى بىر يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 240مىڭ يۈەن،ساپ پايدىسى 60مىڭ يۈەن بولغان.زاۋۇت باشلىقى مەھەمەت ئازات ماڭا مۇنداق دېدى: ھازىر بازار تەۋەسىدىكى ئەمىن ئۆي سېلىۋاتقان دېھقانلارغا بورىنى توقۇپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىمىز.بازار ئىشلىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ،ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۆسۈمسىز قەرىز مەبلىغى ھەل قىلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ.بۇ مەبلەغ بىلەن ئۆزۈمدە بار مەبلەغنى قوشۇپ،يەنە بورا توقۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ،زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا،ئۆلچەملەشتۈرۈپ،ناھىيە ئىچى ۋە سىرىتىنى بورا بىلەن تەمىنلەش ھالىتىگە كەلتۈرىمەن.
مەھەمەت ئازاتنىڭ ئاتىسى ئازات سۇلايمان مۇنداق دېدى:بىز ھۆددە ئالغان قۇمۇش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.بۇلتۇر يازدا شىمالىي شىنجاڭ،جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇمۇش ئۆستۈرۈلىدىغان يۇرتلارنى ساياھەت قىلىپ كەلدىم.قۇمۇشلۇق ماڭا گۇيا باغۇ-بوستانلىق كۆرۈنۈپ،كۆڭلۈم بەك يايراپ كېتىدۇ.بىر قىسىم جايلار بىلەن دېيىشىپمۇ قويغان.سىرىتتىن قۇمۇش سېتىۋالمىساق بولمايدۇ.
بۇ يىل بورىنىڭ بازىرى پەۋقۇللاددە ئىتتىك،باھاسىمۇ سەل ئۆسكەن بولغاچقا،بۇ بورا زاۋۇتى بۇ يىل مارتنىڭ ئاخىرىدىن ماينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىككى ئاي ئىچىدىلا ماشىنىدا 24مىڭ مېتىر ،قولدا 70دانە بورا توقۇپ سېتىپ،ئومۇمىي كىرىمنى86مىڭ يۈەنگە،ساپ كىرىمنى 40مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەن. «مەھەمەت ئازات بورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى»بازار تەرپىدىن«ئىستودېنت كەنت كادىرى ئىگىلىك تىكلەش،تەربىيەلەش بازىسى»قىلىپ بېكىتىلدى.مەھەمەت ئازات ئائىلىسىدىكىلەر ئۆز نۆۋىتىدە ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بورا توقۇش ھۈنىرىنى ساقلاپ قالغۇچى ۋارىسلار ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم |
|