قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1606|ئىنكاس: 5

شايىم شاۋايېۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

24

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1019
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شايىم شاۋايېۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا




        يېقىنقى 4-5 يىلدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ئورنى تولماس جۇدالىق، يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈردى. بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىجات قىلغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىز سېپىنىڭ شالاڭلىشىپ كېتىشى ئەدەبىياتىمىزنى سېزىلگىدەك يىتىمسىرىتىپ قويدى. ھازىر ئويلىسام، بۇلار ھەم دەرتمەن، ھەم زوقمەن ئەۋلات بولغان ئېكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى زۇلۇمدىن جان قاچۇرۇپ، ۋەتەننى تەرك ئەتكەن ياش، تالانتلىق ئەدىپلەر ئېدى. ۋەتەنگە، ئەلگە بولغان زور مۇھەببىتىنى، ئەلەم ۋە سېغىنىش-كىنەشلىرىنى سىيا قىلغان ئۇلار قازاقستان، ئۆزبەكستان ۋە قىرغىزستانغا چېچىلىپ كەتسىمۇ، ئورتاق ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈن قوشتى.
        بۇ تەرەپتە بولسا، بېلى قاتماي تۇرۇپ، ئۇرۇشقا كەتكەن ئاتىلارنىڭ ئورنىدا كەتمەن چېپىپ، قىسىر يىللارنىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدىن ئۆتكەن بوغۇم شەكىللەندى. ئۇلار تېز ئۆسۈپ-ئۇلغىيىپ، ھەر قايسىسى بىر ئورغۇپ ئاققان بۇلاقتەك، ئەل تەشنالىغىنى قاندۇردى. شۇلارنىڭ بىرى يازغۇچى-دراماتۇرگ شايىم شاۋايېۋدۇر. ئەدىپ ھايات بولسا، بۇ يىل 75 ياشقا تولار ئېدى.
شاۋايېۋ ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇنى ئىجاتكار سۈپىتىدە شەكىللەندۈرگەن شارائىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە توختالغان توغرا.
       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 — 80-يىللىرى بارلىق جەھەتتىن، جۈملىدىن ئەدەبىياتتىمۇ نىسبەتەن ئىلگىرىلەش يۈز بەردى. بىز ھازىر ئۆتكەن تۈزۈمنى قانچە قارىلىساقمۇ،ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئىنكار قىلالمايمىز. راست، غايىگە زور چەكلەشلەر بولدى. ئەدەبىيات«سوتسيالىستىك رېئالىزم» چەمبىرىگە «قامالدى». ئەمما يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت ھېساۋىغا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ تۇردى. ئۇلار ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئېدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ھەرقانداق تەرەققىيات ئۈچۈن زۆرۈر ئامىللارنىڭ بىرى.
            يەنە بىر مۇھىم پەيت — بۇ دەۋىردە، ئۇمۇمەن، كېڭەش ئەدەبىياتى تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ، بۇ جەرياندا رۇس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولدى. رۇس تىلى ۋاستىچىلىق رول ئاتقۇرۇۋاتقاچقا بۇ تەبىئىي ئېدى. كېڭەش يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. ئىقرارقىلىش كېرەككى، شۇ دەۋىردە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى ھېلىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىدى.
ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى گەرچە شەرىق ئەنئەنىلىرىدىن چەتنەپ كەتسىمۇ، خېلى چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى. سۆزۈمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھېزىم ئىسكەندەروۋ، زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، ج.بوساقوۋ، ئىليا بەختىيار، مۇرات ھەمرائېۋ، تۇرغان توختەموۋغا ئوخشاش شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىش كۇپايە.
     بىز بۈگۈن سۆز قىلىۋاتقان شايىم شاۋايېۋمۇ شۇ دەۋىرنىڭ،يەنى ئەدەبىياتىمىزدا ھازىر «ئاتمىشىنچىلار» دەپ ئاتاپ يۈرگەن ئەۋلاتنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولدى. بىرى بولغاندىمۇ، ئۇ ئۆز دېمەتلىك قەلەمداشلىرى ئارىسىدىكى كۆپ قىرلىق ۋە ئەڭ ئامەتلىك ئىجاتكارلارنىڭ بىرى. يازغۇچى، دراماتۇرگ، رېژىسسېر، ئاكتىيور. موشۇساھالارنىڭ ھەر قايسىسىدا ئۇ مەلۇم ئۇتۇقلارغا يەتتى. ئۆزىنىڭ ئىز-تامغىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى. زامانداشلىرىنىڭ ئۇنى ۋ.شۇكشىنغا قىياس قىلىشىمۇ بېكار ئەمەس ئېدى. يۇرتداشلىرى بولسا، ئۇنى موشۇ كەمگىچە «بىزنىڭ ئايتماتوۋىمىز» دېيىشىدۇ. بەلكى، بۇنىڭدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ھەقىقەت باردۇ.
خوش، شاۋايېۋ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نېمە بەردى؟ «ئانارگۈلى»، «چىمەن دوپا»، «ئىمزاسىز خەتلەر»، «سېھىرلىك ئاق بۇلۇتلار»، «سېنى ئىزدەيمەن»،«يوقالغان قەلەم» پوۋېستلىرى، «بىلال نازىم» رومانى ۋە كۆپلىگەن ھېكايىلەر. ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەرلەر دېيىشتىن يىراقمىز. ئەمما بىر قىسمى بەدىئىي جەھەتتىن مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا قوشۇلغان تۆھپە ئېكەنلىگى تالاشسىز. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ يېزا ھاياتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلىرى، ئۇ يەردىكى شارائىتنى ياخشى بىلگەنلىگىدىن تەبىئىي چىققانلىغى بىلەن كىتاپخاننى بىردىن ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بۇنىڭدا يازغۇچى تىلىنىڭ راۋان ۋە ئەۋرىشىملىگىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۆزىڭىزنى،خۇددى سەھرادا يۈرگەندەك ھىس قىلىسىز.
     يازغۇچىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدىن مەخسۇس بىلىمى يوق بولسىمۇ، ھاياتنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا ئۇنىۋېرسىتېت بولدى. تۇغما قابىلىيەتلىك ئەدىپنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا ئوقۇپ، ئۇنىڭ باشتىنلا ئۆز ئېتىقاتى، پىكرى، پەلسەپەسى بار، يەنى زوگۇلىسى چىڭ بولغانلىغىنى سېزىشكە بولىدۇ.
       سەنئەتمۇ ئەدەبىيات بىلەن قوشكېزەك. سەھنە — مەڭگۈلۈك قاينام. بىر كۈنى تېياتىر ئىشىگىنى ئاچقان ھەرقانداق ئاكتىيور ئۇنى قايتا ياپالمايدۇ.بۇ سېھىرلىك ۋە مەپتۇنكار قاينام ئۇنى يۇتۇپ تىنىدۇ. جوشقۇن تالانت ۋە سەنئەتكە بولغانمۇھەببەت ئاكتىيورنى موشۇ زەنجىربەندلىككە ئۆز مەيلى بىلەن يېتىلەپ بارىدۇ. «غېرىپ— سەنەم»، «ئانارخان»، «يەكمۇ-يەك»، «نەسىردىن ئەپەندى»، «مالىنوۋكىدىكى توي» قاتارلىقلارداچوڭ-كىچىك ئوبرازلارنى ياراتقان ئاكتىيور-شاۋايېۋنىڭ تەغدىرىدە بۇ قۇتلۇق دەرگاھمۇچوڭ رول ئاتقۇردى. ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت بەئەينى قوش قانات بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىلھامبەخش ئەتتى. ئۇ قەغەز بېتىدىكى قەھرىمانلىرىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى ئارمان قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇ 1972-يىلى ئالمۇتا سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رېژىسسېرلۇق فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، 2-3-يىل تېلېۋىزىيىدە ئىشلەپ، تەجرىبە توپلىدى. ئاخىرى، بۇ ساھادا كەسپىيلەرقاتارىغا قوشۇلدى.
1975-يىلى يازغۇچى، ئاكتىيور-شاۋايېۋ ئانا تېياتىرىغا ئەمدى رېژىسسورسۈپىتىدە قايتىپ كەلدى. دەسلەپ تېياتىرنىڭ باش رېژىسسېرى ئەزەربەيجان مەمبېتوۋ رەھبەرلىگىدە«لەيلى — مەجنۇن»، «ئاق كېمە»، «ئالتۇن كەش»، «گىلەمچىلەر» ئەسەرلىرىنى قويدى. كېيىنىرەك بولسا، شۇ چاغلاردا — كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى سۈپىتىدە شەكىللىنىپ ئۈلگەرگەن ئەدىپ دراماتۇرگىيادىمۇ قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدى.
        ھەرقانداق ئەسەرنى سەھنىلەشتۈرۈش ئۈچۈن دراماتۇرگ بىلەن رېژىسسورنىڭ ھەمكارلىغى ھاجەت ۋە ئۇلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىشى لازىم. ئەينى شارائىتتا ئۆزى ھەم دراماتۇرگ، ھەم رېژىسسور بولغان شاۋايېۋقا غەلىبە ئۈچۈن ئۇ ياراتقان ئوبرازلارنى بابىغا يەتكۈزىدىغان تالانتلىق ئاكتىيورلارلا كېرەك ئېدى. شۈكرى، تېياتىرىمىز بۇ جەھەتتىن قۇرۇق قول بولمىدى. شۇنداق قىلىپ، دۇنياغا «سېنىڭ قارا كۆزلىرىڭ»، «ئاكام ئۆيلىنىدۇ»ئوخشاش مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە ئىشقى-مۇھەببەت ماۋزۇسىغا يېزىلغان زامانىۋىي ئەسەرلەر ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىدى. تاماشىبىن ياش ئەدىپنىڭ ئەسەرلىرىنى بىردىنلا ئىللىق قارشى ئالدى. بۇ شاۋايېۋنىڭ «ئېتى دۆڭگە چاپقان» يىللىرى ئېدى. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ«مېنى ئاكام دېگىن» ھېكايىسى، «چىمەن دوپا»، «ئانار گۈلى» پوۋېستلىرى قولدىن-قولغا تەگمەي، ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان كىتاپلارغا ئايلاندى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ئابروي-ئۇتۇغىغا مەتىنلىرىنى ئۆزى ئىجات قىلغان ناخشىلار تۈرتكە بولدى. سەھنە ئەسەرلىرىگىمۇ ناخشا مەتىنلىرىنى ئۆزى يازدى. كۆپلىگەن ناخشىلىرى شۇ يىللىرى ئاممىباپ بولغان «ياشلىق» ئانسامبلىنىڭ رېپېرتۇرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، ئەل ئىچىگە تاراپ كەتتى.
      ئەدىپ يېشى ئۇلغىيىپ، ھاياتنىڭ تالاي سىناقلىرىدىن ئۆتكەچ،ئاستا-ئاستا تارىخىي ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئېلىنى زىيارەت قىلغان، قازاقنىڭ ئەجايىپ پەرزەندى، ئىتنوگراف-ئالىم چوقان ۋەلىخانوۋنىڭ ھايات-پائالىيىتىگە بېغىشلانغان «قەشقەرىيە»، خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى ئابدۇللا روزىباقىېۋنىڭ تەغدىرى ھەققىدىكى «بېگۇناغا بەش ئەيىپ» ۋە ئۇيغۇر پۇشتىنىڭ پاجىئەلىك سەھىپىلىرىنى يورۇتقان«بىلال نازىم» ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرى دۇنىياغا كەلدى.
       ئۇلار نېمىسى بىلەن قىممەت؟ ئۆتمۈشنى «پلاستىنكا» ئوخشاش قايتا قويۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ، زادى؟
       بار! بۇنى شايىم شاۋايېۋ دائىم ھىس قىلىپ ياشىدى.چۈنكى تارىخ قانچە قېرى بولسا، زۇلۇم-زوراۋانلىق، ئازاپنىڭ يىلتىزىمۇ شۇنچە چوڭقۇر. ئۇ ھېلىمۇ ئىنسانىيەتنى ئەگىشىپ، ھامانەم كۈزىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەدىپ ئۆز زامانداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىزگۈلۈككە ئۈندەشنى ئۆز بورچى دەپ بىلدى.
        شاۋايېۋ توغرىلىق سىر چەككەندە، ئۇنىڭ تەرجىمانلىق پائالىيىتىگە توختالماي مۈمكىن ئەمەس. تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرنى ئوقۇماققا ئوڭاي بولغىنى بىلەن ئەمەلگەئاشۇرماق مۈشكۈل ۋە جاۋاپكەرلىگى ئىنتايىن زور ۋەزىپە. ئۆزگە تىلدىكى ئەسەرنىڭ تىلىنى، روھىنى، غايە ۋە ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن سىرت، بۇنى كىتاپخانغا ئېنىق تىلدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن چوڭقۇر بىلىم، ماھارەت، دىت-تالغام زۆرۈر. تەرجىمە — بۇ رىقابەت مەيدانى.مۇئەللىپ بىلەن تەرجىمان تاقابىل تۇرغاندا، ئوقۇرمەن قەلبىگە يول تاپىدۇ. دايىم ئىجات قاينىمىدا يۈرگەن ئەدىپ بۇ ساھادىمۇ يېمىشلىك ئەمگەك قىلدى. مۇختار ئەۋېزوۋ، سابىتمۇقانوۋ، غ. مۈسرېپوۋغا ئوخشاش قازاقنىڭ كلاسسىكلىرى، م.گوركىي ھەم م.شولوخوۋتەك مەشھۇر رۇس يازغۇچىلىرى، شۇنداقلا دۇنىياغا داڭلىق ۋ.شېكسپىر، مولئېرنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنىئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا تونۇشتۇرۇشتا تەرجىمان شاۋايېۋ كۆرۈك بولغان ئېدى.
    ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قازاق، رۇس، خەنزۇ، ئۆزبەك، ئۇكرائىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ ساھادىكى پائالىيىتى قازاق تېلېۋىزىيىسىدە «ئالىتاغ»ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەر پروگراممىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان 1985 — 90-يىللىرى تېخىمۇ ئىنىق كۆرۈندى. ئۇ «قازاق فىلم» كىنو ستۇدىيەسىگە تەكلىپ قىلىنىپ، موشۇ يەردە تەشكىل قىلىنغان تەرجىمانلار توپىغا رەھبەرلىك قىلدى. ئاكتىيورلارنىمۇ جەلىپ قىلغان ھالدا، مەزكۈر ئىجاتكار توپ تەرىپىدىن 50تىن ئوشۇق كىنو-فىلم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،كۆرسىتىلدى.
      ھاياتى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بىلەن بىرتۇتاش بولۇپ كەتكەن ئەدىپ، ئارىلىقتا قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ئەدەبىي كونسۇلتانت، كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر دېگىدەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنى باشقۇردى.
        شايىم شاۋايېۋ 2008-يىلى 72 يېشىدا ھاياتتىن ئۆتتى. ئۈچ يېشىدا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ، يىتىمچىلىقنىڭ، يوقسىزچىلىقنىڭ ئازاۋىنى تارتقان ئەدىپ، بېشىغا ئامەت-بەخىت قونغاندا، ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقىگە تارىتىپ بەردى.ئۆزىگە بولسا، ئازاۋىنى قالدۇردى. سەۋەپ — ھەرقانداق ئىجاتكار كىچىككىنە بەخىت ئۈچۈن ئالەمچە ئازاپ چېكىدۇ.
ئېسىمدا، مەتىنى ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ «دەسلەپكى مۇھەببەت»ناخشىسىنى بويتاق يىگىتلەر كېچىلىرى توپ-توپ بولۇشۇپ، كوچا كېزىپ، تىنماي ئېيتىشاتتى.كېيىن ئۇ ناخشىنى بىز ئېيتتۇق. ئاندىن بىزدىن كېيىنكىلەر…
…دەيمەن، شاۋايېۋمۇ ئۆز ناخشىسىغا ئوخشاش خەلقىمىز قەلبىگە مەڭگۈ سىڭىپ قالغۇسى.


جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 15:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى 4-5 يىلدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ئورنى تولماس جۇدالىق، يوقىتىشلارنى باشتىن كەچۈردى.
مەرھۇملارنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.
بۇ يوقىتىشلار  تۇلۇقلىنىپ كىتىدۇ، بەزىبىر يوقىتىشلارنىڭ ئالدىدا بۇ ھىچنىمە ئەمەس.
بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

1746

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15536
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 15:29:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بولسا شايىم شاباينىڭ تەرجىمىھالىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى تاپالماي بەكمۇ قىينىلىپ كەتكەنىدىم...

uyghur

22

تېما

2

دوست

6115

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4471
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1283
تۆھپە : 1005
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 17:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچان؟قەيەردە تۇغۇلغان؟قەيەردە ۋاپات بولغان؟

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4223
توردىكى ۋاقتى: 4329
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ادەمنىڭ بىر ماقالىسىنى ۇقۇغان .ىدىم

3

تېما

1

دوست

1749

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 491
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 15:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلال نازىمى دىگەن ئەسىرىنى كۆرسەك بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )