قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5303|ئىنكاس: 26

ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ مەشھۇر تەتقىقاتچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

15

دوست

1212

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ مەشھۇر تەتقىقاتچىسى

ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ



         ئۆتكەن يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تالدىقورغان شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس بالپىقبى يېزىسىدا بولۇشقا توغرا كەلدى. مېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا بەك قىزىقىدىغانلىغىمنى ياخشى بىلىدىغان كەسىپداشلىرىم — مۇئەللىملەر ماڭا مەشھۇر سەيياھ ۋە ئالىم نىكولاي مىخايلوۋىچ پرژېۋالسكىينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپىرى ھەققىدىكى ئىككى كىتاۋىنى سوغا قىلدى. 2000 بەتتىن ئارتۇق بۇ نادىر ئەمگەكنى مەن ئىنتايىن چوڭ قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. چۈنكى بۇ ئەمگەك ئالىمنىڭ 19- ئەسىرنىڭ 70 — 80-يىللىرى ئۇيغۇر زىمىنىغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە بولۇپ، ئۇ خەلقىمىز تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
         بۇ ئەمگەك ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى، مەن ن.پرژېۋالسكىي توغرىلىق ئېيتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆرۈۋاتىمەن. ئۇ 1839-يىلى قەدىمىي رۇس شەھەرلىرىنىڭ بىرى سمولېنسكىينىڭ يېنىدىكى كىمبوروۋ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى مىخائىل ۋە ئېلېنا پرژېۋالسكىيلار ئەسلى پولياك دۋوريانلىرىنىڭ ئەۋلادى، لېكىن پروۋوسلاۋىيا دىنىنى قوبۇل قىلىپ، روسىيەگە ئادىل خىزمەت قىلغان. ساياھەتچىنىڭ بالىلىق دەۋرى ئەجداتلىرىنىڭ ئوترادنوې ئىمېنىېسىدە ئۆتتى. ئۇ 7 يېشىدا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ، ئانىسى ۋە بالا باققۇچى ئولگا ماكارئېۋنانىڭ تەربىيىسىدە ئۆستى. كىچىگىدىن ۋالتېر سكوتت، فېنىمور كۇپېر، ماين رىد ئوخشاش ئاتاقلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆسكەن ئۇ، كېيىنىرەك ماركوپولو، كولۇمبو، ۋاسكو داگاما، ماگېللان، ئافاناسىي نىكىتىنغا ئوخشاش مەشھۇر سەياھەتچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئۆزىمۇ سەياھەتچى ئالىم بولۇشنى ئارمان قىلىدۇ. ياش پرژېۋالسكىي گىمنازىيەنى ئەلا باھالاردا تاماملايدۇ. ئۇ بولۇپمۇ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىنى ئالاھىدە قەدىرلىگەن. كىچىك چاغلىرىدا ئوۋچىلىققا قىزىقىپ، مەرگەن ئاتالغان بالا سمولېنسك ئورمانلىرىنى كېزىشنى ياقتۇراتتى.
      1855-يىلى پرژېۋالسكىي پىدائىي بولۇپ، ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلىدۇ. كېيىنىرەك بولسا، ياش ئوفىتسېر روسىيە ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ ئالىي ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە بىلىم ئالىدۇ. بۇ دەرگاھتا ئوقۇش جەرىيانىدىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن دۋوريان ئوغلى ۋارشاۋا تەرەپكە تارىخ ۋە گېئوگرافىيە پەنلىرى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئەۋەتىلىدۇ. مۇنداق ئەتىۋالىق بىلىم دەرگاھىدا خىزمەت قىلىش ھەرقانداق رۇس ئوفىسېرى ئۈچۈن چوڭ ئابروي سانىلاتتى. ئامما ن.پرژېۋالسكىي خىزمەت ۋە ئابروي-ئاتاققا ئىنتىلىپ كەتمىدى. ئۇنى ناتونۇش چەت ئەللەر، ئۆلكىلەر مەھلىيا قىلدى. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئىلتىماسىغا بېنائەن، شەرقىي سىبىرغا ئەۋەتىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ باش شتاب ئوفىسېرلىرىنىڭ تەركىۋىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
       شۇ يىللىرى ئۇ تونۇلغان سەياھەتچى پ.سېمېنوۋ تيانشانسكىي بىلەن تونۇشۇپ، يېقىن ئارىلىشىدۇ. ئۇ پرژېۋالسكىينىڭ ئۆتكۈر، ئىرادىلىك، يۇقۇرى مەدەنىيەتلىك ۋە چوڭقۇر بىلىملىك ئېكەنلىگىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئۇسسۇرىيا ئۆلكىسىنىڭ تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىشقا مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بولغۇسى ئالىم 1868 — 1869-يىللىرى دەسلەپكى قېتىم ساياھىتىنى باشلايدۇ. 1870 — 1873-يىللىرى بولسا، موڭغۇلستاننى كېزىپ تىبەتكىچە بارىدۇ.
     ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندە «ئۇسسۇرىيا ئۆلكىسىگە سەپەر» ۋە «موڭغولىيە ھەم تاڭغۇتلار دىيارى» ناملىق ئەسەرلىرىنى يازىدۇ. بۇ كىتاپلارنىڭ ئاممىباپلىغى شۇنچىلىك بولدىكى، ئۇلار بارلىق ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۆزى بولسا زامانىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. ئۇ ئاتاقلىق سەياھەتچى-ئالىملا ئەمەس، ئۆز سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ماھىرلىق بىلەن يازىدىغان تالانتلىق يازغۇچى ئېدى. ئەسەرلىرىنى ئىنتايىن كۆپ ئادەملەر تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى.
     ئۇ ئۇيغۇرلار زىمىنىدا ۋە تىبەتتە بولۇشنى ئارمان قىلدى ھەم 1876-يىلى بۇ مەخسىتىگە يەتتى. شۇ يىلى تارىخچىنىڭ «غۇلجىدىن تيانشان ۋە لوپنۇرغىچە» دېگەن كىتاۋى يورۇق كۆردى.
      ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا سەپىرىنىڭ تەپسىلاتىغا توختىلىشتىن ئىلگىرى، كۆپچىلىك بىلمەيدىغان مونۇ بىر پاكت ھەققىدە ئېيتقان توغرا. نىكولاي پرژېۋالسكىي ساياھەتچىلا ئەمەس، شۇنداقلا مەخسۇس خىزمەت خادىمى، يەنى رازۋېدچىك بولغان. بۇنى ئۇ بولغان ئۆلكىلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ سېزەتتى. ئەلۋەتتە، ئەسەرلىرىدىن سىرت، پرژېۋالسكىي ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن پايدىلىق يوشۇرۇن خەۋەرلەرنىمۇ يەتكۈزەتتى.
       بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدا قارا بۇلۇت ئەگىگەن پاجىئەلىك دەۋىرلەر بولىدىغان. 1864-يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى — ئىلى سۇلتانلىغى 1871-يىلى رۇس ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. قۇمۇلدىن باشقا يەرلەر تەركىۋىگە كىرگەن كۈچلۈك يەتتە شەھەر دۆلىتى بولسا، سىرتتىن تىنماي ھەيۋە قىلىۋاتقان دۈشمەن بىلەن كۈرىشىۋاتقان پەيت ئېدى. دەل شۇ يىللىرى ن.پرژېۋالسكىي دەسلەپكى قېتىم بۇ دەرتمەن دىيارغا قەدەم باستى. سەياھەتچى سىرلىق لوپنۇر كۆلىنى ۋە ياۋروپادا رىۋايەت بولۇپ ئېيتىلىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئىستەيىتتى.
      بۇ سەپىرى ھەققىدە ئالىم: «باغلار ۋە ئېگىز كۈمۈچتەك سۇۋادانلارغا چۆكۈپ قالغان تاپ-تازا، بىرىدىن-بىرى چىرايلىق كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارنىڭ ئارىلىغىدا كۆز يەتمەس ئاشلىق شاڭلىرى. ئىلى بويىدىكى ئوتلاقلاردا بولسا، ھېساپسىز قوي، پادا-كالا ۋە ئاتلار يېيىلىپ يۈرگەن. ئەلۋەتتە، پەقەت ناھايىتى ئەمگەكسۆيەر خەلىقلا شۇنداق ياشىشى مۇمكىن» دەپ يازىدۇ.
       سەيياھ ئىلى، تېكەس، كۈنەس دەريالىرىنىڭ ياقىسىدىكى ئاجايىپ مەنزىرىنى، تەڭرىتاغنىڭ مەغرۇر چوققىلىرىنى، يېشىل مايسا يەلپۈپ تۇرغان يۇلتۇز يايلىغىنى مېھىر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. بىراز كۈن يايلاقتا دەم ئالغان سەياھەتچىلەر ئوۋچىلىق بىلەن كۆڭۈل كۆتۈرىدۇ. ئارقار، تاغ تېكىسى، مارالغا ئوخشاش تاغ ھايۋانلىرىنى ئولجا قىلىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ كۈنگەي تەرىپى بىلەن تۆۋەنلەپ چۈشۈپ، ئۇلار ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ مەركىزى — كورلا شەھىرىگە كېلىدۇ. يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى ياقۇپبەك بەدەۋلەت بۇ ئېكسپېدىسىيەدىن خەۋەردار ئېدى. ئۇ پرژېۋالسكىينى ئىنسان ۋە ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيىتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىنىمۇ سېزەتتى. شۇڭلاشقا ئۇنى شەھەرگە كىرگۈزمىدى.
     ياقۇپبەك پرژېۋالسكىيغا ھەمرا بولۇش ئۈچۈن زامانبېك ئىسىملىق كىشىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئوقۇغان، ھەربىي مۇتەخەسسىس بولۇپ، خاننىڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى ئېدى. ئالىم ئۇنىڭ رۇس تىلىدا راۋان سۆزلەيدىغانلىغىغا ھەيران قالىدۇ. بەدەۋلەت بىلەن تۈركستان ئۆلكىسىنىڭ گۇبېرناتورى، گېنېرال كائۇفمان ئوتتۇرىسىدا پرژېۋالسكىينى لوپنۇرغا شەھەر ئارقىلىق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم بولسىمۇ، خان ساياھەتچىلەرنى كورلىغا يولاتماي قويدى. ئۇلار شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپى بىلەن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.
       ئۇلار تارىم دەرياسىنى بويلاپ لوپنۇرغا يول ئالدى. بۇ تەۋەدە ئۆمۈر سۈرىدىغان يولۋاس، ياۋايى تۆگە، جۇر، جەرەن، بۆرە، تۇڭگۇز، مولۇن، توشقانغا ئوخشاش ياۋايى ھايۋانلار ۋە تازقارا، بۈركۈت، قاقىرا، قارغا، ھۆپۈپ، تۆمۈر تۇمشۇق كەبى قۇشلار ئالىمنىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمىدى. ئۇلار ئېكسپېدىسىيانىڭ ئاساسىي تەتقىقات مەنبەسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ يولۋاس ۋە ياۋايى تۆگە پرژېۋالسكىينى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. «بىزدە بۆرە قانداق كۆپ بولسا، بۇ يەردە يولۋاسمۇ شۇنداق كۆپ ئىكەن. بىراق ئۇنى كۈندۈزى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت كېچىسىلا ئوۋلايدىغان چىرايلىق ۋە ھوشيار ھايۋان باشقا ۋاقىتتا قېلىن قومۇشلۇقنى پانالايدۇ. يەرلىكلەر ئۇنى ئۈركۈتۈپ چىقىرىپ، ئولجا قىلىشىدېكەن»، دەپ يازىدۇ ئالىم.
      ئەڭ ئېچىنارلىغى، مۆشۈكلەر سىنىپىغا ياتىدىغان ھايۋاننىڭ بۆلەكچىلا بۇ تۈرى ھازىر تامامەن يوق. كارۋان سىرلىق لوپنۇرغا يېقىنلاپ قالغاندا، كۈتمىگەن ۋەقەگە دۇچ كەلدى. ياۋروپا ۋە شەرىق ئالىملىرى تۈزگەن خەرىتىدىكى تۈزلەڭنىڭ ئورنىدا ئېگىز تاغ تۇراتتى. بۇ مەشھۇر ئالتۇن تېغى ئېدى. ئالىم ئۇنىڭ 300 چاقىرىمچە يېرىنى تەكشۈرۈپ، تەپسىلىي تەتقىق قىلدى. ئەقىلنى لال قىلىدىغان بۇ تاغنىڭ دۇنىياغا نامايەن بولۇشى ياۋروپا ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم ۋەقە بولدى.
      ئىتالىيالىك سەياھەتچى ماركو پولو بۇ تەۋەدە ياۋايى تۆگىلەرنىڭ ياشايدىغانلىغىنى يازغان. ئۆزى بۇ تۆگىنى كۆرمىسىمۇ، يەرلىكلەرنىڭ سۆزى بويىچە تەسۋىرلەپ بەرگەن. پرژېۋالسكىي ئۆز كەسىپدىشىگە قارىغاندا ئامەتلىك بولدى. ئۇ ئارمان قىلغان ياۋايى تۆگىنى ئاخىرى كۆردى. ھەتتا ئۈچىنى ئېتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدى. پرژېۋالسكىي ياۋروپا ئالىملىرى ئارىسىدا ياۋايى تۆگە ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرگەن دەسلەپكى بىئولوگ بولدى.
       ئېكپېدىتسىيە ئاخىر ئۆز مەقسىتىگە يەتتى. رۇس ساياھەتچىلىرى ئالتۇن تاغدىن ھالقىپ، لوپنۇر تۈزلەڭلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كۆلگە يەتتى. «بۇ سازسىمان كۆل غەرىپتىن شەرىققە قاراپ 100 چاقىرىمچە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. بۇ يەردە ھايات كەچۈرۈش ئىنتايىن تەس. ئادەم ئۈچۈن ھاۋارايى شارائىتى قولايلىق ئەمەس. ئاساسىي ئۆسۈملۈك قەنت قومۇشى. ئۇ ھەم تاماق، ھەم يېقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ شۇ قومۇچتىن. ئۆي دېگىنى تۆرت بۇلۇڭلۇق كەپىسىمان ماكان، ساتما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاستى يەنىلا شۇ قومۇچتىن توقۇلغان بورا. ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان يەنە بىر ئۆسۈملۈك — كەندىر. ئۇنىڭ تالچىقلىرىدىن رەخت ۋە بېلىق تۇتىدىغان تور توقۇلىدۇ. تارىم دەرياسىدا ۋە لوپنۇر كۆلىدە بېلىق ئىنتايىن كۆپ. ئۇ ئاھالىنىڭ ئاساسىي تامىقى ھېساپلىنىدۇ. تارىم ۋادىسى ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق ھۈنىرى قىزىق. دەريا ۋە كۆلدىن ئۆستەڭ چىقىرىپ قازىدۇ. بېلىق شۇ ئۆستەڭ ئارقىلىق قىرغاقتىكى ئازگاللارغا توپلىنىدۇ. ماي ئېيىدا ئۆستەڭ كۆمۈلىدۇ. ياز بويى كۆلچەكلەردىكى سۇ ھوغا ئايلىنىپ ئازىيىدۇ. كۈزدە «ھوسۇلنى» ئوڭايلا يىغىۋالىدۇ»، دەپ يازىدۇ ئالىم.
         «جىنازا ئۇزىتىش مۇراسىملىرىمۇ ئېتىۋارغا لايىق. لوپنۇرلۇقلارمۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. بىراق ئۆلگەن ئادەمنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزىتىش مۇراسىمى باشقا ئۆلكىدىكىلەرگە ئوخشىمايدۇ. «جەسەتنى قولۋاققا ياتقۇزىدۇ. يەنە بىر قولۋاق بىلەن ئۈستىنى ياپىدۇ. بۇ تاۋۇتقا مەرھۇمنىڭ بېلىقچىلىق تورلىرىنىڭ يېرىمىنى سالىدۇ. يېرىمىنى بولسا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا قالدۇرىدۇ»، سەياھەتچى بۇ مۇراسىمنى تەئەجۈپلەنگەن ھالدا تەسۋىرلەيدۇ.
        ئەتىيازدا  كۆلگە جەنۇپتىن شىمالغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان مىليونلىغان قۇشلار قونىدۇ. ئالىم ئۆز كىتاۋىدا ئەشۇ قۇشلار توغرىلىقمۇ كەڭ مەلۇمات بېرىدۇ. پرژېۋالسكىي قۇشلار ئورۇن يۆتكىگەندە، قىسقا يول ئەمەس، بەلكى دەم ئالىدىغان ۋە تاماقلىنىدىغان سۇ مەنبەلىرى بار يولنى تاللايدىغانلىغىنى دەلىللەپ بەرگەن.
      ساياھەتچىلەر تەتقىقات ئىشلىرىنى پۈتىرىپ، بۇ تەۋەنى خەرىتىگە چۈشەرگەندىن كېيىن، كورلىغا قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ياقۇپبەگ كەڭچىلىك قىلىپ، پرژېۋالسكىينى ئۆز ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات يوق. بىراق خاننىڭ پرژېۋالسكىينىڭ رۇس ئارمىيىسىنىڭ باش شتابىنىڭ چوڭ ئوفىتسېرى ئېكەنلىگى ۋە ئۇنىڭ ئىمپېراتور ئالېكساندر2 نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېگە ئابرويلۇق ئادەملىگىدىن پايدىلىنىپ، روسىيەنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە ماددىي ياردەم سورىغىنى ئېنىق. لېكىن پرژېۋالسكىي كېلىشىم-شەرتلەرنى تۈزۈش ئۈچۈن رەسمىي ۋاكالەتكە ئېگە ئەمەس ئېدى. «بىر سائەتكە سوزۇلغان سۆھبىتىمىز داۋامىدا ياقۇپبەگ بەدەۋلەت رۇسلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىغىنى، بولۇپمۇ مېنىڭ ئەمگىگىمنى يۇقۇرى باھالايدىغانلىغىنى يېنىپ-يېنىپ تەكىتلەتتى. ئۇ بىزنى ناھايىتى ئوچۇق، خۇش چىراي بىلەن قوبۇل قىلدى. ھەر ھالدا، سىرت ئەلپازىدىن ماڭا شۇنداق بىلىندى»، دەپ خاتىرىلەيدۇ ئالىم.
       پرژېۋالسكىي بۇ مىجەز-خۇلقى بۆلەكچىلا بولغان قۇدرەتلىك ئادەم ھەققىدە زور ھۆرمەت بىلەن يازىدۇ. ئۇنىڭ توغرىلىق خاتىرىلىرىدە «ئەقىللىق»، «ئاجايىپ»، «ھەيران قالارلىق» دېگەن سۆزلەرنى قوللانغان. بۇ ئۇچرىشىش توغرىلىق خاتىرىلىرىنىڭ بىرىدە: «ئۇنىڭ يۇلتۇزى بارغانسىرى نۇرسىزلىنىپ باراتتى. بىزنىڭ سۆھبىتىمىزدىن كېيىن ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپ، ياقۇپبەگ تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. كۆپ ئۆتمەي، ئۆزى قۇرغان دۆلەتمۇ غۇلىدى»، دەپ يازىدۇ.
      موشۇ ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا پرژېۋالسكىيغا غۇلجا شەھىرىنىڭ پۇقراسى، ئۇيغۇر ئابدۇل باسىت يۈسۈپوۋ ھەمرا بولدى. ئۇ خەن، رۇس تىللىرىنى ياخشى بىلەتتى. سەياھەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئېكسپېدىتسىيەنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى يېرىم يولدىن كەينىگە قايتسىمۇ، بۇ ئىرادىلىك ھەم جىسمانىي كۈچلۈك ئادەم ئالىمغا سادىق بولدى. دەسلەپ رۇس ئوفىتسېرى ئۇنىڭغا ئانچە ئىشەنمىگەن. كېيىنرەك يېقىندىن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇلار قەدىناس دوستلارغا ئايلىنىپ كەتتى. پرژېۋالسكىي قۇمۇل ۋە تىبەتكە سەياھەت قىلغاندىمۇ، ئىشەنچلىك ياردەمچىسىنى تەكلىپ قىلىدۇ. يۈسۈپوۋ ئالىمنىڭ ياقۇپبەك ۋە چىڭ جاڭجۈنى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا تەرجىمانلىق قىلدى. يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن، يەر-سۇ ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان ئابدۇل باسىت ئالىمغا دوستلا ئەمەس، مەسلىھەتچىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا چوڭ ياردەم قىلدى. «تېپىلماس تەرجىمان ھەم سادىق دوست»، دەپ ئەسلەيدۇ ئۆز خاتىرىلىرىدە ئالىم. ئابدۇل باسىتنى پرژېۋالسكىي ئۆز ۋەتىنىگە تەكلىپ قىلىپ، تۇققانلىرى ۋە يېقىنلىرى بىلەن تونۇشتۇرىدۇ.
        پرژېۋالسكىي لوپنۇردىن كېيىن تىبەتكە ئاتلىنىشنى مەخسەت قىلغان ئېدى. لېكىن بۇ قېتىم نېسىپ بولمىدى. ئۇ ئاغرىپ قېلىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن روسىيەگە يېنىپ كەتتى. ۋەتىنىدە پادىشاھنىڭ زور ھۆرمەت-ئېھتىرامىغا ئېرىشتى. ئۇنى سانكت-پېتېربۇرگ ئىلمىي ئاكادېمىياسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىگى قىلىپ سايلىدى. ئېكسپېدىسىيە ھەققىدە روسىيە ۋە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. لېكىن قەدىمىي خەرىتىلەرنىڭ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان نېمىسنىڭ ئاتاقلىق گېئوگراف ۋە گېئولوگ ئالىمى  فېردىناند فون رىختگوفېن رۇس سەياھەتچىسىنىڭ ئەمگىگىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. كونا كىتاپلاردا لوپنۇرنىڭ تۇزلۇق كۆل دەپ يېزىلغانلىغىنى تەكىتلەيدۇ. پرژېۋالسكىي دېگەن «كۆلنىڭ»  سۈيى بولسا تۇزلۇق ئەمەس. ئەسلى لوپنۇر ئۇ كۆرسەتكەن جايدىن جەنۇپتىراق ئورۇنلاشقان، دەپ پىكىر قىلىدۇ. ئەمما رۇس سەياھەتچىسى ئۆز مەۋقەسىدىن يانمىدى. ئۇ لوپنۇرنى كۆچۈپ يۈرىدىغان كۆل دەپ ھېساپلىدى. تەكلىماكان چۆلىنى كېسىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئۆز قىنىنى يۆتكەپ تۇرىدۇ. كۆلمۇ ئۇنى ئەگىشىپ كۆچىدۇ، دېگەن پىكىردە قەتئىي تۇردى.
        ۋاقىت ئالىمنىڭ پىكىرى ھەق ئېكەنلىگىنى دەلىللەپ بەردى. ھازىر تارىمنىڭ سۈيى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا، بەخىتكە قارشى، كۆل ئاستا تېيىزلاپ، قۇرۇپ كېتىش تەرىپىگە ئۆتكەن.
       ئۇيغۇر دىيارىنى كۆرۈپ قايتقان ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلار زىمىنىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ ياۋروپالىقلار ئۈچۈن تېپىشماق بولغان ئۆلكىنى قايتا زىيارەت قىلىشنى ئىستىدى.
     1879-ژىلى ن.پرژېۋالسكىي سادىق دوستى ئابدۇل باسىت يۈسۈپوۋنىڭ ھەمرالىغىدا تىبەت كە ئاتلاندى. «زايساندىن قۇمۇل ئارقىلىق تىبەتكە» ناملىق ئەمگىگىدە ئالىم بۇ سەياھەت ھەققىدە تەپسىلىي يازىدۇ.
     بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى قارا كۈنلەر ئېدى. 1877-يىلى زو زۇڭتاڭ باشچىلىغىدىكى چىڭ لەشكەرلىرى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ مەركىزى قەشقەرنى، ئاندىن خوتەننى ئىشغال قىلدى. ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر قىرىلدى. موشۇنداق دەھشەتلىك ئەھۋالغا دۇچار بولغان ئالىم بۇ ھەقتە مىسكىنلىك ئىلكىدە ئەسلەيدۇ.
     قۇمۇل ۋادىسىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئۇ دېخانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگىگە گۇۋاھچى بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى بىر ئاھالىلىق پۇنكتلىرى چۆللەرگە ئورۇنلاشقان. مۇنداق يەرلەردە قۇرغاقچىلىق كۆپ قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپ مەشەقەت ۋە ئېغىر ئەمگەك ئارقىلىق بۇ ۋادا كۆكلەپ تۇرىدۇ، دەپ يازىدۇ ئالىم.
     پرژېۋالسكىي قۇمۇلنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئېگە شەھەر ئېكەنلىگىنى بىردىن پەملىدى. ئۇ «قوزغىلاڭچىلار قۇمۇل ۋادىسىنىڭ موشۇ ئەۋزەللىكلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا بۇ يەرنى تۇتۇپ تۇرۇشقا كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلمىدى. بۇ ماڭا چۈشىنىكسىز. بۇ خاتالىققا ياقۇپبەگ بەدەۋلەتمۇ يول قويغان. تۇرپاننىڭ قۇمۇلغا يېقىنلىغىدىن پايدىلىنىپ، قۇمۇلنى قولغا ئېلىشقا بولاتتى»،  دەپ يازىدۇ.
     ئالىم ئۆز خاتىرىلىرىدە قومۇل ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئېيتىدۇ. «قۇمۇللۇقلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى قازان-تاتارلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاياللىرى بولسا مەپتۇنكار، قارا كۆزلۈك، قارا قاش ۋە قارا چاچلىق».
     قۇمۇل بۇ دەۋىردە ئۆز ئالدىغا خانلىق بولۇپ، ئۇنى ۋاڭ باشقۇراتتى. رۇس سەياھەتچىلىرى كەلگەن چاغدا شەھەرگە دۇنىيادىن ئۆتكەن ۋاڭنىڭ ئايالى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇمۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئالىمنى ئۆز ھوزۇرىغا يولاتمىدى.
      ئۇيغۇرلار تەغدىرىگە كۆيۈنگەن ئالىم ئۆزى گۇۋاھ بولغان ۋاقىئەلەرنى ئەينى پېتىچە تەسۋىرلەيدۇ. «بىز شەھەرگە كىرىشىمىز بىلەنلا قەتىل قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ كېسىلگەن باشلىرى سېلىنغان سېۋەتلەرنى كۆردۇق. بىرى — ئايال. شۇنىڭغا قارىغاندا ھۆكۈمدار ئايالنىڭ ھەرقانداق جىنايەتكە مۇرەسسەسىز ئېكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.».
     قۇمۇلدا پرژېۋالسكىينى زو زۇڭتاڭنىڭ سەپدىشى، ھەربىي گۇبېرناتور مىنچۇن قوبۇل قىلدى. بۇ ئۇچرىشىش ھۆرمىتىگە ئالىم ئەمەلدارغا ئۆز تاپانچىسىنى سوۋغا قىلماقچى بولىدۇ. بىراق ئەمەلدار ئۇنىڭدىن قوش ئاتار مىلتىغىنى سورىۋالىدۇ. سوۋغىنى سوراپ ئالمايدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ خاتىرە سۈپىتىدە بېرىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان ئالىم، خەن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاچ كۆزلۈگىگە ھەيران قالغانلىغىنى يوشۇرمايدۇ.
     ن.پرژېۋالسكىي باشلىغان ئېكسپېدىسىيە تىبەتكىمۇ يەتتى. ئەمما تىبەتلىكلەر سەياھەتچىلەرنى دۆلەت مەركىزى — لخاسا شەھىرىگە كىرگۈزمىدى. دىنىي ھەم مەمۇرىي مەركەز بولغان مۇقەددەس ماكانغا يول يېپىق ئېدى. ساياھەتچىلەر، ئاخىرى، تەبىئىتى گۈزەل كېختا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.
       1883-يىلى ساياھەتچىلەر سېرىق دەرياغا (خۇاڭخې) ئاتلاندى. لوپنۇرنىڭ تەسكىيى بىلەن يولغا چىققان ئېكسپېدىسىيە مەنزىلگە ئەڭ ئېغىر يول بىلەن ماڭدى. ئۇلار تاشقى موڭغۇلىيەدىن ئانچە يىراق ئەمەس سىبىرنىڭ كياختي شەھىرىدىن ئۆز سەپىرىنى باشلىدى. ئەسلى تىبەت ۋە لوپنۇرغا يەتتىسۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرى ئارقىلىقمۇ بېرىشقا بولاتتى. ئامما قەشقەردىكى ۋەزىيەت تىنچ ئەمەس ئېدى. شۇ سەۋەپتىن پرژېۋالسكىي موڭغۇلىيە ۋە گوبى چۆلى ئارقىلىق تىبەتكە يول تۇتتى. يول بويى كەڭسۇ، كۆك-نۇر، سەيدام ئۆلكىلىرى ۋە سېرىق دەريا ئېقىملىرىنى تەكشۈرۈپ،ئاخىرى ئالتۇن تاغنى كېسىپ ئۆتكەن سەياھەتچىلەر كۆپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈردى.
ن.پرژېۋالسكىي كۆپىرەك لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە يازىدۇ. «ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن شارائىتنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، لوپنۇر ۋە تارىم ئۇيغۇرلىرى سالامەتلىگىنىڭ ياخشىلىغى بىلەن پەرىقلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە 70، ھەتتا 90 ياشتىن ئاشقان ئادەملەرنى ئۇچراتتۇق»، دەپ يازىدۇ ساياھەتچى.
        ساياھەتچى لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەئىشىتىگىمۇ توختىلىپ: «ئۇلار موڭغۇل ۋە تاڭغۇت(تىبەت)لارغا قارىغاندا ئۆزلىرىنى پاكىز تۇتىدۇ. تاماق تەييارلاشتىمۇ تازىلىققا رىئايە قىلىدۇ. كىيىنىشى ئاددىي، بىراق سەرەمجان» دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئۆزىنى پولياك-رۇس ئاقسۈڭەكلىرىدىن ھېساپلىغان ئالىم لوپنۇر ھاكىمى كۈنچىققانبەگ ھەققىدىمۇ بۆلەكچە تەۋرىنىپ يازىدۇ. «ئۇ ئالىيجاناپ ۋە مېھرىۋان ئادەم. بىز كۆرۈشكەندە ئۇ 73 ياشتا ئېدى، سالامەتلىگىمۇ ياخشى. ئۆزى كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىشقا تىرىشىدۇ»، دەيدۇ ئالىم.
      ساياھەتچىلەرنىڭ يول ئۈستى چورخالىق يېزىسىدا بولۇشىمۇ دىققەتكە سازاۋەر. بۇ يەردە ۋاش-شەرى جىلغىسى، چېرچىن دەرياسىنىڭ تەبىئىتى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلارنى نە قىزىق سەرگۈزەشتىلەر كۈتۈپ تۇراتتى. يەنى نىيا ھاۋزىسى، كۆپ ئالتۇن كانى، كېرىيە شەھىرى، پولۇ يېزىسى ئالىمدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.
ھاياتىنى ئۇيغۇرلار زىمىنىنى ئۈگىنىشكە بېغىشلىغان ئالىمنىڭ ھاياتى 49 يېشىدا ئىسسىق كۆلدە ئۈزۈلدى.

.

0

تېما

0

دوست

1266

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 362
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 16:08:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ   بۇ   كىم   ئەمدى ؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

4

دوست

3682

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 699
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 16:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر داۋامى بولسا يولىشىڭىزغا تەشنامەن!!!

0

تېما

1

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركزاد ئاكا   كىلەر قىتىمغىچە  تاتار تۈركلىرى توغرىلىق بىر مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز

20

تېما

3

دوست

2638

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 353
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 407
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:14:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بولسا يولىشىڭىزغا تەشنامىز.

2

تېما

1

دوست

680

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 18:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ مەشھۇر تەتقىقاتچىسى......

بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئەسەر ئىكەن...

4

تېما

5

دوست

540

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20097
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 19:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مۇشۇنداق تەتققاتچىلارغا مۇھتاج

4

تېما

0

دوست

1292

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19287
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 362
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 19:46:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىزدىنىپسىز قېرىندىشىم .

0

تېما

0

دوست

268

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15338
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 20:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە...........

2

تېما

15

دوست

1212

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 20:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىغا ئەسكەرتىش يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

بۇ ماقالە قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىن ئۆرۈلگەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )