قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1667|ئىنكاس: 32

( دولان ) ئامېرىكىغا بولغان 10 خىل خاتا قاراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

94

تېما

3

دوست

4287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 969
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 482
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 18:58  

ئامېرىكىغابولغان 10 خىل خاتا قاراش
شۈ شىلياڭ
دولان تەرجىمىسى
جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئامېرىكا ئۇزۇن مەزگىل يېپىق ھالەتتە تۇرغاچقا ئازبولمىغان خاتا قاراش كىلىپ چىققان، بۇ يەردە دېيىلگىنى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى جۇڭگولۇقلارنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىز ئىستاستىكا ئىلمىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسەتمەيدۇ.
  1،ئامېرىكا زۇڭتوڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بىلەن باراۋەر دەپ قاراش. بۇ ئېھتىمال ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان خاتا قاراش بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئىنگىلىز تىلىدىكى زۇڭتوڭ ( president )دېگەن سۆز پەقەت زۇڭتوڭ دېگەن مەنانى بىلدۈرمەيدۇ بەلكى لىدېر، ئالىي مەكتەپ مۇدۇرى ۋە جەمئىيەتنىڭ رەئىسى دېگەندەك مەنا غىمۇ ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇڭتوڭ دەپ تەرجىمە قىلىشمۇ بىرخىل خاتالىق، چۇنكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى ھەممىدە دېگىنى ھېساپ بولىدىغان، ھەممىگە قۇماندانلىق قىلىدىغان، يۈكسەك ھوقۇق ئىگىسى دېگەن خاتا قاراش كەپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە زوڭتوڭ ( president ) نىڭ ئەڭ توغرا تەرجىمىسى « مەمۇرىي ھۆكۈمەت باشلىقى » دېگەنلىك.ئامېرىكا ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان سىياسىي تۈزۈلمىنى يولغا قويغان، ئۇندىن باشقاجامائەت پىكرىنىڭ ئەركىن نازارىتىدە، ئامېرىكا زوڭتۇڭنىڭ ئىقتىدارى، دىپلوماتىيەدەۋرىدە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىش بىلەن ئۇرۇش دەۋرىدە ئۈچ خىل ئارمىينىڭ باش قوماندانلىق رولىدىن باشقا، كۈندىلىك سىياسەت بەلگىلەش ھوقۇقى جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدىنمۇكىچىك بولىدۇ. ئامېرىكا زوڭتوڭ سايلىمى ھەرگىز ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمەس، ئامېرىكىلىقلارمۇ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى تۈپەيلىدىن ھەرگىز زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشالمىغان ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئىنچىكە بولغان بىريۈرۈش تۈزۈمى سايلامنىڭ ئادىل، باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەرقانداق كىشى پۇل ئارقىلىق سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
  2،ئامېرىكا زۇڭتوڭ خانىمىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئانىسى دەپ قاراش. بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاددىي ھالدىكى ئوي-پىكرىنىڭ نەتىجىسى. جۇڭگولۇقلار دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ خانىمىنى « دۆلەت ئانىسى » دەپ ئادەتلەنگەن، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا زوڭتوڭ خانىمى پەقەت بىرىنچى خانىم خالاس، بۇ دۆلەتتە ھېچكىشى دۆلەت ئانىسى دەپ ئاتىمايدۇ، چۈنكى دۆلەتنىڭ خۇجايىنى ئاۋام پۇقرا، ئەگەر زوڭتوڭ خانىمىنى « دۆلەت ئانىسى » دەپ ئاتىسا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن زوڭتوڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.
  3،ئامېرىكىدا قورال-ياراق ھەددىدىن تاشقىرى كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلانغان، جەمئىيەت ئامانلىقى ناچار دۆلەت دەپ قاراش. بۇ خىل خاتا قاراش دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن 21 ياشقاتوشقان پۇقرانىڭ قورال-ياراغقا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار، بۇ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق بەلگۈلەنگەن. ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جىففىرسۇن يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورىغا ئىگەبولۇشى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن بىرى، ئەگەر مۇستەبىت مۇتىھەم ھۆكۈمەتكە دۇچكەلگەندە، پۇقرالاردىكى قورال-ياراق بۇخىل مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى چەكلەش ۋە چۆچۈتىش رولىغا ئىگە دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە ئامېرىكا مەكتەپلىرىدەبەزىدە قوراللىق قاتىللىق ۋەقەسى يۇزبەرسىمۇ، ھەمدە ھەربىر پۇقرادا قورال-ياراق بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئەڭ ياخشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ،چۈنكى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇشى ئىنتايىن قاتتىق. مەسىلەن ئامېرىكىدا ئۇزۇن قورال بىلەن قىسقا قورالغا ئىگە بولۇشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ،ئەگەر بازاردىن ئۇزۇن قورال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ساقچى ئىدارىسىگە يازمائىلتىماس سۇنىسىز، ساقچى ئىدارىسى 24 سائەت ئىچىدە سىزگە جاۋاب بېرىدۇ ۋە يۈزتۇرانەكۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن قورال سېتىۋېلىش ئىسپاتنامىسى بىرىدۇ، بۇئىسپاتنامىنى ئېلىپ قورال بازىرىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇزۇن قورالنى سېتىۋالسىڭىزبولىدۇ، بۇ ئۇزۇن قوراللار AK47تىپلىق ئاپتومات ياكى باشقا ئاپتۇماتىك قورالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق قورامىغايەتكەن بىر پۇقرا قىسقا قورال سېتىۋالماقچى بولسا، 3 ئاي بورۇن ساقچى ئىدارىسىگەئىلتىماس قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ساقچى ئىدارىسى سىز بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ،قورالغا ئىگە بولۇش مۇددىئايىڭىزنى سوراپ، سىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىش تارىخىڭىزنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدىكى قورال-ياراغ ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە قورال ساقلاشتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ئىگەللەيدۇ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، سىزگە قورال سېتىۋېلىش ئىسپاتنامىسى بىرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئۇزۇن قورال ۋە قىسقا قورال سېتىۋېلىشتىكى تەلەپ ئوخشىمايدۇ؟ سەۋەبى قىسقا قورال ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇپ، خەۋپلىك دەرىجىسى يوقىرى. ئامېرىكا ئائىلىلەردىكى قورال-ياراغنى قورامىغا يەتمىگەن بالىلار ئالىدىغان جايغا قويۇشقابولمايدۇ، چوقۇم بىخەتەر ئىشكاپتا ساقلاش ھەمدە قورال بىلەن ئوقنى ئايرىپ قويۇشى لازىم. سىرىتتا قورال ئېلىپ يۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك سەۋەب بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدا ھەر بىر كىشىگە بىردىن ئارتۇق قورال توغرا كەلسىمۇ، بىراق جەمئىيەت ئامانلىقى ئىنتايىن ياخشى، ھەرگىز جۇڭگولۇقلار ئويلىغاندەك ئۇنداق قالايمىقان ئەمەس.
  4،ئامېرىكىدا شەھۋانىيلىق، قىمار ۋە زەھەر ئاپەتكە ئايلانغان، جىنسىيەت ئېچىۋېتىلگەن دەپ قاراش. ئامېرىكىدا ھەرقانداق بىر شىتاتتا زەھەر سودىسىغا يول قويۇلمايدۇ ۋە قانۇن جەھەتتىن قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئازبولمىغان زەھەر چەككۈچىلەربار، بۇنىسى راس، بىراق زەھەر سېتىش-چىكىش قانۇنسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. لېكىن شەھۋانىيلىق ۋە قىمار مەسىلىسى بىرئاز مۇرەككەپ، ئامېرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم شىتاتلاردا شەھۋانىيلىق ۋە قىمار چەكلىنىدۇ، بىراق نېۋادا شتاتى قاتارلىق ئازساندىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بىرقانچە شتات، بولۇپمۇ لاسۋېگاس قاتارلىق شەھەرلەردە شەھۋانىيلىق ۋە قىمارغا يول قويۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپىگە ئايلانغان، بۇ خۇددى جۇڭگونىڭ ئاۋمېن ئالاھىيدە رايونى قىمار شەھىرى بولغانغا ئوخشاش، چۈنكى بۇ ئىچكى قورۇقلۇق قۇملۇق بەلۋىغىدىكى شتاتلاردا يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، قاتناش قولايسىز، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە چەكلەنگەن شەھۋانىيلىق ۋە قىمارنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك ۋە كۆڭىل ئېچىش كەسپىگە يىتەكچىلىك قىلغان. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئامېرىكىنىڭ شەھۋانىيلىق ۋە قىمار كەسپىنى باشقۇرۇش تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق، بولۇپمۇ باج تاپشۇرۇش تەرتىپى ئىنتايىن قاتتىق، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار تەربىيىلەنگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا چىقىدۇ، مۇكەممەل بولغان كەسپىي ئەخلاق تەلىپى بار، بارلىق ئىشلار قاتتىق بولغان قانۇن تەرتىۋىگە ئىگە،جۇڭگولۇقلار ئويلىغاندەك قارا جەمئىيەت تۇسىنى ئالغان كەسىپ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ شەھۋانىيلىق ۋە قىمار كەسپى جۇڭگودىكىدەك كۆرۈنۈشتە چەكلەيدىغان، ئەمەلىيەتتەھەممە جاينى قاپلايدىغان ئەھۋال ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكىدا جىنسى قاراش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، پەقەت قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بولىدۇ، پەقەت ئەركىن، باراۋەر ۋە ئىختىيارىي ئاساستىكى جىنسى مەسىلىدە چاتاق چىقمايدۇ. جىنسى پاراكەندىچىلىك ئامېرىكىدا ئىنتايىن جىددىي بولغان مەسىلە ھىساپلىنىدۇ، ئەگەرئەرلەر ئازراقلا دىققەت قىلمىسا جىنسى پاراكەندىچىلىك جىنايىتى بىلەن سوتقاچاقىرتىلىدۇ.
  5،ئامېرىكىلىقلار ئائىلىگە ئېتىبار بەرمەيدۇ دەپ قاراش. ئامېرىكىدىكى ئائىلەئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىمالدا AAتۈزۈمى قوللىنىلغان، پەرزەنىتلەر قورامىغا يەتكەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، ئاتا-ئانىسى قېرىغاندا پەرزەنتىنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ، بۇئىشلار ۋاپادارلىقنى تەكىتلەيدىغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش؛ شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگولۇقلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلەقارىشىنى باغرى تاش، رەھىمسىز دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللەنگەن، ئەمەلىيەتتەئامېرىكىلىقلار ئائىلىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئامېرىكىدا كۆڭىل ئچىش، ساياھەت ۋە ئارام ئېلىشنى ئائىلە بويىچەبىرگە ئۆتكۈزىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. ئامېرىكىلىقنىڭ « ئائىلە » قارىشى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ « ئائىلە » قارىشى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكىلىقنىڭ « ئائىلە » (family ) سى، جۇڭگولۇقلارنىڭ  « house » دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ھەم « home» دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ( family ) قارىشى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى تەكىتلەيدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلە دېگىنى ئامېرىكا ئىنگلىز تىلىدىكى « house » دېگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆينى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۆي ئىجارە ئېلىشنى ياخشى كۆرۈشى، ئۆينى مۇھىم بىلمەي ئائىلە ئەزالىرىنى مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، جۇڭگولۇقلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆينى مۇھىم بىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى مۇھىم بىلمەيدۇ. جۇڭگولۇقلاريۇرتىدىن ئايرىلسا، ئۆزى چوڭ بولغان ئاشۇ كونا ئۆيدە ھازىر بىركىشى ئولتۇرمىسىمۇئۆزەمنىڭ ئۆيى دەپ قارايدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆز ئائىلەم، ئادەم نەدە بولسا، ئائىلە شۇ يەردە دەپ قارايدۇ.
  6، ئاقساراينى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ئورنى دەپ قاراش. « ئاق ساراي » دېگەن سۆز،ئىنگلىزچىدا the white house دېگەنلىك بولۇپ، مىنگو دەۋرىدە خەنسۇچە « خۇادېخۇۋسى » ( 滑德豪斯 ) دەپ تەرجىمە قېلىنغان، « ئاق ساراي » دېيىلمىگەن، چۈنكى ئىنگلىزچىدا ساراي دېگەن بۇ سۆز palace دېگەنلىك بولۇپ، ئەگەر « ئاق ساراي » دەپ تەرجىمە قىلىنسا، بۇ سۆزئىنگلىزچە the white palace دېگەنلىك بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلار بۇ قورۇلۇشنى سالغاندا ساراي « palace » دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، خان ياكى پادىشاھ تۇرىدىغان سارايئەمەسلىكىنى بەلكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خىزمەت ئورنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاقساراي دۆلەتنىڭ بولۇپ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ ۋە ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرىدۇ، تۆت يىلدىن كېيىن سايلام ئەھۋالىغا ئاساسەن خۇجايىن ئالمىشىدۇ، بۇنداق ئىمارەت بىلەن خان سارىيى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بىراق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېغىر بولغان فېئوداللىق قارىشى ئاق سارايغىمۇ خاتا تەبىر بەرگەن.
  7.ئامېرىكىنىڭ « شتاتى » جۇڭگونىڭ « ئۆلكىسى » بىلەن باراۋەر دەپ قاراش. ئامېرىكابىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت زىمىنى ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئامېرىكىدا 50 شتات بار،ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى شتات « state » دېگەننىڭ مەنىسى دۆلەت دېگەن مەنىگە ئىگە، ئامېرىكىنىڭ تولۇق نامى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى « the united states of America » قىسقارتىپ USA دەپ يېزىلىدۇ، ياكى قىسقارتىپ United State دېيىلىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى قوشما دۆلەت دېگەن مەنىگە ئىگە. ئامېرىكىدىكى 50 شتاتنى 50 دۆلەت دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ دۆلەت ئورتاق بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي قانۇن ئاستىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ، بۇ شىتاتلار دىپلۇماتىيە ۋە ئورۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن باشقا بارلىق ھوقۇققا ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى شتاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرى بار، ھەرقايسى شتاتنىڭ ئەھۋالى ئۆزئارا ئوخشىمايدۇ، باج ئېلىش نىسبىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىدا شتات باشلىقى زوڭتوڭنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىمايدۇ،چۈنكى ئۇنى زوڭتوڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئەمەس بەلكى خەلق سايلىغان بولۇپ، سايلىغان خەلققە مەسئۇل بولىدۇ، ھەرگىز زوڭتوڭ ئالدىدا جاۋاپكار بولمايدۇ، ئەگەر زوڭتۇڭ ھەرقايسى شتاتنى تەكشۈرگەندە، شتات باشلىقى ياكى شەھەر باشلىقى كۈتۈۋالمىسىمۇ ۋە ھەمرا بولمىسىمۇ بولىدۇ، بۇلارنى جۇڭگولۇقلار ھەرگىز چۈشەنمىگەچكە خاتا قارش كەپ چىققان.
  8،ئامېرىكىدا ئىرقىي كەمسىتىش ئېغىر، كەمسىتىشكە تولغان دۆلەت دەپ قاراش. ھەقىقەتەن ئامېرىكا تارىخىدا نىگېر قوللارنى كەمسىتىش-خورلاش تارىخى بولغان، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى شەرمەندىلىك بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىلىقلار 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نىگېر قوللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باشقا ھەرخىل كەمسىتىش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغان.نۆۋەتتە ئامېرىكىدا كەمسىتىش ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر جىنايى قىلمىش ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلغاندا جىنسى، يېشى، يۇرتى،ئائىلە ئەھۋالى، ئىرقى، رەڭگى، مىللىتى دېگەننى شەرت قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن كەمسىتتى دەپ گۇمان قىلىنىپ، سوتقا ئەرز قىلىندۇ. ئامېرىكادۇنيادا مىللەت ۋە ئىرىق ئەڭ كۆپ دۆلەت بولسىمۇ، ھەر قايسى ئىرىق، مىللەت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە كىشىلەر ئەڭ ئىناق ياشايدىغان دۆلەتتۇر.
  9،ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ھەققى بەك قىممەت، نامراتلارنىڭ باللىرى ئوقۇيالمايدۇ دەپ قاراش. ئامېرىكا مائارىپى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار خاتاچۈشەنچىگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مائارىپى ناھايىتى ئادىل، تەربىيلىنىش پۇرسىتىمۇ شۇنداق ئەتراپلىق، ئامېرىكا 12 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمان بولىدۇ، ئوقۇغۇچى ئوقۇش ھەققى تاپشۇرمايدۇ ۋە ھېچقانداق قۇشۇمچە ھەق ئېلىنمايدۇ. قانداق بالا بولۇشتىن قەتئى نەزەر، ئامېرىكىدا بولسىلا مەكتەپكەكىرەلەيدۇ، ئالىي مەكتەپتە گەرچە ھەق ئالسىمۇ بىراق ئىقتىسادىي ياربەرمىگەنلىكتىن ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق فوندى جەمئىيەت بار،ئۇندىن باشقا نۇرغۇن شىركەتلەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئالدىن ياردەم بىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇتتۈرگەندىن كېيىن ياردەم قىلغان شىركەتتە خىزمەت قىلىپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى شەرتسىز ئوقۇپ كىتىدۇ.
  10،ئامېرىكىدا مەكتەپ تاللاشقا يول قويۇلمايدۇ، پەقەت ئۆزى تەۋە رايۇندا ئوقۇيالايدۇ دەپ قاراش. بۇ مەن دۆلەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان خەۋەر، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا مەكتەپ تاللاشقا يول قويىدۇ، سىز مەكتەپ تاللاشتىن بورۇن تۇرۇشلۇق ئورۇننى تاللىشىڭىز كېرەك، يەنى سىز نەدە تۇرسىڭىز بالىڭىز شۇ يەردە ئوقۇيدۇ دېگەنلىك، بۇجەھەتتە دۆلەت ئىچىدە خاتا چۈشەنچە مەۋجۇت. بۇ جۇڭگودىكىدەك چوقۇم نەدىن ئۆي سېتىۋالسا، ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىنى ئاپىرىپ قايسى مەكتەپتە ئوقۇشنى بىكىتىشكەئوخشىمايدۇ.ئامېرىكىدا قايسى رايوندىن ئۆي سېتىۋالسا چوقۇم شۇ رايۇندا ئوقۇيدۇدېگەن تەلەپ يوق، ئۆي ئىجارە ئالسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئوقۇيدىغان بالا ئورۇق-تۇغقان،دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ھالقىلىق مەسىلە ئوقۇغۇچىنىڭ نەدە تۇرىدىغىنى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە سىز ئۆي سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ بىراق بالىڭىز ئۇ ئۆيدە تۇرمىسا، ئۇ يەردە ئوقۇشقا بولمايدۇ، ئۇنداقتا مەكتەپ بالىنىڭ ھەقىقى تۇرۇشلۇق ئورنىنى قانداق بىلىدۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي، بالىڭىز مەكتەپكە تىزىملاتقان بىرىنجى كۈنى، تاپشۇرغان ئىلتىماسقا تۇرۇشلۇق ئادرىسىنى يازسىڭىزلا كۇپايە، ئامېرىكىلىق سىزگە ئىشىنىدۇ، بىراق ئۇلار ئادەم ئىۋەتىپ تەكشۈرىدۇ، ئەگەر سىز دېگەن ئادىرىستابالىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا بۇبىر ئېغىر بولغان ئىشەنچ ۋەقەسى ھىساپلىنىپ، جەرىمانەتۆلەشتىن سىرىت، سەمىمىيەتسىز دەپ خاتىرلىنىدۇ ۋە سىزگە نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ساياھەت ئاپتوبۇس شوپۇرى سۇن ئەپەندى لوس ئانژېلېستىكى بايلار رايۇنىداتۇرىدۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ بالىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىغا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئادرېسى يېزىلغان بولۇپ، بالىلار ئاشۇ رايۇندىكى مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدەتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ناۋادا تەكشۈرۈپ قالسا، ئېغىر بولغان ئىشەنچ مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دوستلىرىنىڭ بالىسىنىڭ مۇشۇ ئائىلىدە ھەقىقى تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا قورامىغا يەتكەن بىر كىشى بۇ بالىلارغاقارىشى كېرەك، چۈنكى ئامېرىكا قانۇنىدا 12 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئۆيدە يالغۇزقويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم 24 سائەت قورامىغا يەتكەن كىشىلەر ۋەسىيلىك قىلىش كېرەك،بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئاز يۈك ئەمەس، بۇ ئىقتىسادىي يۈكنى شۇ ئائىلىدە بالىلىرى تۇرىۋاتقان دوستلىرى ئۇستىگە ئېلىشى كېرەك.



.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1306
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا باغداش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

for ark

34

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4217
تۆھپە : 3346
توردىكى ۋاقتى: 847
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا،تېمىدا خەتلەر چاپلىشىۋاپتۇ،تەھرىرلىگىلى بولماسمۇ؟
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

0

تېما

2

دوست

656

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17219
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baxkent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-6 20:08  

«كۆرگەن كۆرگىنىنى دەيدۇ، كۆرمىگەن ئاغزىغا كەلگىنىنى» دېگەن گەپتەك بولىدۇ شۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزىبىر ئادەتتىكى ئوي- خىياللىرى جوڭگۇلۇقلارنىڭ كاللىسىغا كېپ قالسا، «بۈيۈك بايقاش»، «ئىلمىي تەپەككۇر» دەپ ئاتىلىپ، گېزىت- ژورناللارنىڭ باش بېتىدە تەشۋىقات قىلىنىدۇ شۇڭا.


باغداش ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى قايتا جەم بولغانلىقىمىزدىن خوشالمەن! مۇشۇ ھەپتە مەن ئاڭلىغان بىردىنبىر خۇشخەۋەر باغداش تورىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقى بولدى. ھازىر ئويلىسام، بۇ نەچچە ئايدا ئۆزۈمنى خۇددى بىر مەھبۇستەك ھىس قىپتىمەن.

5

تېما

0

دوست

2170

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 405
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا باغراش،نادىر تىمىلار بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشتۈق.

0

تېما

0

دوست

2197

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 441
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبىرەكلەيمەن!دولاننىڭ سەرخىل تىمىلىرىنى قايتا كۆرگەنلىكىمگە ئالەمچە خوشالمەن.

yaxnar

1

تېما

4

دوست

4588

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1060
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا باغراش

7

تېما

0

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  318
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 237
تۆھپە : 147
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تورىنىڭ قايتا ئىچىلغىنىدىن ئالەمچە خوش بولدۇم. بولسا قادىر ئەپەندىم يازمىلېرىڭىزدىن ھوزور ئىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، بولسا تېمىڭىزنى تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز،ئاساسلىق يەرلېرىنى ئۇقالماي قالدۇق رەھمەت سىزگە.

0

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8490
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا باغداش..ھەجەپ   سىغىندىم

0

تېما

0

دوست

304

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19988
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس،  باشقىلار دىگەندەك مەنمۇ باغداشنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشھال بولدۇم . كىرىپلا بۇتىمىنى كۈرۈپ ئادەمگە پايدىلىق  ئۇچۇرلاردىن بىر نەچچىنى بىلىۋالدىم ، بى تىمىدا دىيىلگەندەك  ئامرىكا ھەققىدىكى گەپ سۆزلىرىمىزدە راس بىر تەرەپلىمىلىك بار .
بولسا تىما ئىگىسى خەتلەرنى ئايرىپ يېزىپ يوللىسا ،ياكى تەستىقلىغۇچىلار تەھرىرلىۋەتسىمۇ بولاتتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )