قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2642|ئىنكاس: 41

يەرلىك قىزلار بارمۇ ....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

5598

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 893
توردىكى ۋاقتى: 973
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن با ئىشلار بۇ . داڭلىق چولپانلاردىن بىرەيلەن ئويۇن قويۇپ بىريۇرۇتقا بارغاندا سەھنىگە چىقىش ئالدىدا شۇيەرلىك باللىغا يەرلىك نەشە تېپىپ بىرىشنى ئېيىتقان ، باللار تاپالماي كەلسە : -
- ئەگەر بىر كالتەك مەي تاماكا چىكىۋاممىسام سەھنىگە چىقمايمەن دەپ شەرىت قويۇپ تۇرۇۋالغان .
ماۋۇ يۇرۇتنىڭ باللىرى شۇنداق چولپانلىنى ياسايدىغىنىكەن .

ھەممىسى <<يەرلىك>>

                                                                           
            

                                                      

    سورۇن تەڭ بۇلمايلا زىرىكىشلىكنى باشلىغانلىقىمنى ھىېس قىلدىم  .بولۇپمۇ << سىز  مەن  ئەڭ ياقتۇردىغان ناخشىچى >> ،<< ناخشىلىرىڭىز  يۈرەكلەرنى لەرزىگە  سالىدۇ>>  دىگەندەك   مەن تولا ئاڭلاپ كەتكەن كونا گەپلەرنى يەنە ئاڭلىۋىرىش مىنى بىزار قىلىماقتا ئىدى  .<< ئەجەپ سورۇنغا كىرىپ قاپتىمەن ،_دەپ جىلە بۇلدۇم ئىچىمدە يىنىمدىلا كاۋاپ يەۋاتقان دوستۇمغا ئالىيىپ ،-بۇ نىڭغىغۇ يەيدىغانلا نەسە بولسىلا بۇلدى ،خۇددى كالىدەك .ئەسلىدىغۇ بۇكالا مۇشۇ يەرگە كىلىشتە چىڭ تۇرۋالمىغان بۇلسا ،كۈڭۈل كۈتۈرلۇپ قالدىغان يەرلەرگە بارغان بۇلاتتۇق ...>>
_قىنى ،قىززىقىدا ئىلىڭە ،بۇيەرلىك پاقلاننىڭ كاۋىپى ...
_ھە  ئېلىۋاتىمەن ...
       مەن نىمە كويدا ،بۇلار نىمە كويدا دەيمەن ؟خۇددى مەن بۇيەرگە پەقەت يەپ ئىچىش  ئۈچۈنلا كەلگەندەك يەرلىك قوغۇن _تاۋۇز ،يەرلىك تۇخۇم ،يەرلىك كاۋاپلار نى  يىيىشنڭلا گىپى ....خۇددى بۇلار ھىچ يەردىن تىپىلمايدىغان نەرسىلەردەك ....<< ئىش بىلمەيدىكەن _بىشىمنى چايقىدىم بىرخىل نارازىلىق تۇيغۇسىدا ،_ ئەسلىدە سورۇن دىگەن ئانچە مۇنچە رەڭلىك بۇلمىسا ،زىرىكىشلىك بولدىغانلىقىنى بۇلارنىڭ بىلگۈچىلىكى يوقكەن ....>>
  _خەپشۇك ! _دىدىى ساھىبخان _ بۇگۈن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا  بىز پەقەت ئىكراندىلا چىرايىنى كۈرگەن ،پەقەت رادىئودىنلا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەل سۆيگەن سۈيۈملىك ناخشىچىمىز قەدەم تەشرىپ قىلىپ بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلۋەتتى . شۇڭا بۈگۈن بۇ ئەزىز مىھماننىڭ لايىقىدا بولمىسىمۇ ، يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك نىمەتلىرىگە ئېغىز تەككۈزۈش نىيىتىدە بۇ ئاددىي سورۇنىمىزنى ھازىرلىدۇق .بىز بۇ داڭلىق ناخشىچىمىز بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلغانلىقىمىزدىن ھەقىقەتەن خۇشال .شۇڭا بىرەر رومكىدىن ئىچمىسەك ،كۈڭلىمىز  ئۇنايدىغاندەك ئەمەس .ئەگەر مىھمان رۇخسەت قىلسا ،يۇرتىمىزنىڭ بۇيەرلىك ئىچىملىكدىن بىر ئىككى رومكا ئايلاندۇرساق ... _  مەيلى ... _دىدىم مەن بىرخىل خۇشياقمىغان ئاھاڭدا .چۈنكى ،بۇگۈن ئىچمىسەممۇ  بۇلمايدىغاندەك قىلاتتى ...
      ئىچىش باشلىنىپ كەتتى .ھەممىسى مەن بىلەن رومكا سوقۇشتۇرۋىلىشقا ئالدىراپ ،ھەممىسى مىنىڭ ناخشامنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتى . مەن بۇلسام ھەممىسىگە <<ھە ...>>ھەپلا قوياتتىم .ئەمما كۈڭلۈمنىڭ ئاللىقانداقتۇر بىريەرلىرىدە غەشلىك كىزىپ يۈرەتتى .ئالدىنقى قىتىم تۈۋەنگە دەم ئىلىشقا چۈشكۈنۈمدە يىزا _سەھرالاردىمۇ ،ناھىيە _ۋىلايەتلەردىمۇ سورۇن بۇلسىلا قىز بار ئىدى .لىكىن بۈگۈنچۇ؟...كىمدۇر بىرى دۇتتار كۆتۈرۈپ كىرىپ ،مىنڭ بىرەر پەدە چىلىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى .ئەمما مىنىڭ رايىم بارمىدى . ئالدىڭدا خۇما كۈزلەر مۆلدۈرلەپ تۇرمىسا ، قانداقمۇ ناخشا ئوقۇغۇڭ كىلىدۇ ؟ شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا  ناخشا توۋلىغاندىن ئىچىپ مەس بۇلغان تۈزۈك ....
   _قىنى ئەزىز مىھمان ،بۇيۇرتىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىلىڭە ...
   يەپ ئىچىشتىن زىرىككەن ئىدىم ،بۇنداق سورۇندىن زىرىككەن ئىدىم . شۇڭا كۈڭلۈمدىكىنى ئوچۈق ئىيتماقچى بۇلدۇم . قارىغاندا ، بۇلارغا شۇنداق  قىلمىسام ،بۇگۈن كىچە ئىسراپ بۇلۇپ كىتىدىغاندەك  قىلىدۇ...
  _توختاڭلار، مەن ئىككى ئىغىز گەپ  قىلاي ،_دىدىم قولۇمنى سىكىپ .
   خۇددى مۇشۇ گىپىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھەممە جىم بۇلدى .
  _سىلەر بۇگۈن مىنى ناھايىتى ياخشى كۈتىۋالدىڭلار ،_دىدىم سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرقۇر قاراپ چىقىپ _مانا _ ئالدىمدا يەرلىك مىۋە_چىۋە ،يەرلىك توخو ـ  تۇخۇم ،يەرلىك گۆش -كاۋاپ ...ھەممىسى ئېشىپ تېشىپ تۇرۇپتۇ .بۇلاردىن يىدۇق ، ئىچتۇق .ئەمما گەپنىڭ ھەممىسى يەپ ئىچىشتىمۇ ؟ سىلەرنىڭ يۇرتتىمۇ قىز تائىپىسى باردۇر ؟ ئەمدى بۇلسىمۇ يەرلىك قىزلاردىن چاقىرىپ كەلسەڭلەر گۈل ئۈستىگە گۈل كىلەتتى ....
  سورۇن جىمىلىپ كەتتى .ئولتۇرغانلار نىڭ ھەممىسى بىربىرىرىگە قاراشتى .بۇ قاراشلاردىن << ئەجەپ ،بۇتەرەپلەرنى ئويلىماپتۇق _ھە؟>> دىگەن مەنا ئىپادىلىگەندەك قىلاتتى.<< دەپ قويغىنىم ياخشى بۇلدى دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە ،_بولمىسا ، بۇلار يەنە يەپ ئىچىشنىڭلا پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرغان بۇلاتتى ...>>
ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان خام سېمىز ئاداش ساھىبخان بىلەن ئازراق پىچىرلاشقاندىن كىيىن ،ئاستاغىنە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .<< مانا كاللىسى ئىشلىدى ،_دەپ ئويلۇدۇم  مەن ئۇنۇڭ تالاغا مىڭىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ،_ئەسلىدە بۇرۇنلا شۇنداق قىلىش كىرەك ئىدى ...>>ئۇزۇن ئۆتمەي ھىلىقى خام سىمىزنىڭ بىشى ئىشىكتىن كۆرۈندى.
_سىز بۇياققا چىقىڭە ،_دىدى ئۇ ماڭا ئىشارەت قىلىپ . مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم .قارىغاندا ،بۇيەرگە كىرىشتىن خىجىل بولدىغان سەبىي قىزلارنى چاقىرىپ كەلگەن بۇلسا كىرەك .
سىرت ئايدىڭ ئىدى .دەرۋازا ئالدىغا چىقتۇق . لىكىن ، يىقىن ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى .ھىلىقى خام سىمىز يولغا بوينىنى سوزۇپ بىر قارۋەتكەندىن كىيىن ، ماڭا دېدى :  _يەرلىك تۇخۇملاردىن  يىدىڭىزمۇ ؟
  _يىدىم ،_دىدىم مەن ئۇنىڭ نىيىتىن بىلىپ ،چۈنكى ،يەرلىك تۇخۇم ئەرلەرە قۇۋۋەت ئەمەسمۇ ؟
  _يەرلىك كاۋاپلارنىچۇ؟
  _يىدىم !
  _يەنە يەرلىك يەل يىمىش قوغۇن تاۋۇزلاردىنمۇ يىدىڭىزمۇ؟
  _ ھەئە يىدىم !
  _شۇنداق _ خام سىمىز بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن سۈزىنى داۋام قىلدى،_يۇرتىمىز نڭى ھەممە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىدىڭىز ،ئىچتىڭىز . لىكىن ئۈزىڭىز بىلمەي قالدىڭىز . ئەمدى سىز يىمىگەن ئاخىرقى بىر يەرلىك نەرسە قالدى . شۇنى يەپ باقامسىز؟
  _نىمە ...نىمە ...
      تۇيۇقسىز تەگكەن قاتتىق مۇشىتتىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم . كاساپەت، قولى ئەجەپ كۈچلۇك نىمىكەن . كۈزلۈرۈمدىن نەچچە رەت ئوت چاقناپ كەتكەن لىكىننى بىلمەي قالدىم . بىرچاغدا سىغىز تامغا سۈركەلگەن ھالدا تۆۋەللا ۋاتقانلىقىمىنى قوينۇمغا ئىسسىق سۇيۇقلۇق ئىقىپ كىرۋاتقان لىقىمنى غۇۋا سەزگەندەك بۇلدۇم .كىيىن كۆزلۈرۈم قاراڭقاراڭغۇىشىپ  ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم ...
  ئەتىسى كۈزۈمنى ئاچسام ، دوغتۇرخانىدا يىتىپتىمەن .دوستۇم بىشىمدا ئۇستىخان غاجاۋاتقانىكەن   .
_ئۇھ ، ھوشۇڭغا كەلدىڭ . كىم ئۇزادى سىنى شۇنچىلىك ئۇرۋەتكەن ؟ ئەبلەخلەر ...ھەراسىت ، بىرچىشلەم ناشتا قىلىپ  باقماپسەن ، بۇ يەرلىك ....



شىنجاڭ ياشلىرى    2009.10 ساندىن ئىلىندى .ئاپتورى : روزى مۇھەممەت مۇتەللىپ
ئۇيغۇر ئىزلار تورغا يوللىغان .

0

تېما

0

دوست

100

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   33.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18667
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاتمەنكام يەرلىك مۇشتىن بىرنى يەپ ئەقلىنى تىپىپتۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

176

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   58.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مۇشنىڭ تەمىنى تىتپتۇدە  

0

تېما

1

دوست

192

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20920
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مۇش

2

تېما

4

دوست

583

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مۇشنىڭ تەمى  شۇنداق بولىدۇ .......

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21558
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ا يەرلىك مۇش ئوخشىغان مۇش…خوپ بولاپتۇ،

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21558
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ا يەرلىك مۇش ئوخشىغان مۇش…خوپ بولاپتۇ،

15

تېما

1

دوست

1285

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17235
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك  مۇش  شۇندا  بۇلۇدۇ

0

تېما

3

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مۇشنى سىڭۈرەلمەپتىدە

0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21623
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ يەرلىك مۇشنى كۈتۈرەلمەپتۇ دە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )