- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16708
- نادىر
- 8
- يازما
- 452
ئۆسۈش
16.77%
|
ئامېرىكا ياپونىيەگە « شىمالدىكى تۆت ئارال» نى قولغا
كەلتۈرۈشۈپ بېر....
روسىيە " نۇقتىنەزەر گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ۋاشىنگتون روسىيە - ياپونىيە دەتالىشىدا " بىتەرەپ" لىك ئورنىدىن ۋاز كېچىپ ، ياپونىيەنى قوللاشقا باشلىغان ، ھەتتا ياپونىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللىماقچى بولغان .
ياپونىيە قوغدىنىش ئەتىرىتى يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى بىلەن كۆپ قېتىم بىرلەشمە مانۋېر ئۆتكۈزگەن . روسىيە تەرەپ ئىگىلىگەن ئۈچۈرگە قارىغاندا ، بۇ مانۋېرلار ئارالنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
" نۇقتىنەزەر گېزىتى" دە : ياپونىيە - ئامېرىكا بىرلەشمە مانېۋىرى ئاساسلىقى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ، ئۇنىڭدا روسىيە ئارمىيەسى دۈشمەن ، دەپ تەقلىد قىلىنىپ ، ياپونىيەنىڭ ئارالنى قايتۇرۇپ كىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان ، دېيىلگەن .
ئامېرىكا ياپونىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن يوقىرى تېخنىكا " مەنبەسى" . ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسى ۋە ھەربىي ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنالايدۇ . روسىيە ھەرگىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكا كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى خالىمايدۇ . ياپونىيە بۇ ئىلغار تېىنىكىلار بىلەن ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىسە ھەم " شىمالدىدىكى تۆت ئارال" غا ھەرىكەت قوللانسا ، روسىيەنىڭ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالىشى ناتايىن .
روسىيە " ھەربىي ئىشلار ئوبزورى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، روسىيە ئىلگىرى جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدىكى ئۇرۇش تەييارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلىپ ، ئاساسلىقى " بوك دەرىخ -ml" بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدى ، زامانىۋى رازۋېدكا ئۈچۈر ئەسلىھەسى ۋە " t -80 " تىپلىق تانكا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان . لېكىن پىلان ئەمىلىيلەشمەي ھەم كۇرىل ئارىلىدىكى ياپونىيە قوغدىنىش ئەتىرىتىگە سەل قارالغاچقا ، روسىيەنىڭ بۇ يەردىكى كۈچى يەنىلا پاسسىپ ھالەتتە قالغان . بۇنىڭدىن سىرت ، جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدا ھاۋا ئۇرۇشى پارتىلىشى مۇمكىن . شۇنداق بولغاندا ، ياپونىيە بىلەن روسىيەنىڭ ئەۋەتكەن سوقۇش ئايروپلان نىسپىتى 1 : 1.5 بولۇپ ، نۆۋەتتە ياپونىيە دېڭىز ئۈستى ، ئاۋىياتسىيە ۋە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەتىرىتىنىڭ كۈچى بىلەن تۆت كۈن ئىچىدە جەنۇبىي كۇرىل ئارىلىدا ئۇرۇش قىلىپ ، ئارالنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىمالى يوقىرى ئېكەن . بۇ پەقەت بىر پەرەز ، ئەگەر روسىيەنىڭ كۈچى ئاجىز بولسا ، ياپونىيە قوغدىنىش ئەتىرىتى پەقەت بىر كۈن ئىچىدىلا ئارالنى ئىشغال قىلىشى مۇمكىن ئىكەن .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" 2013 يىل 5 - سىنتەبىر سانىدىن ئېلىندى |
|