- تىزىملاتقان
- 2011-9-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 282
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا melek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 22:03
quxanmaysan يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 07:43
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپ ...
رەھمەت، مەن ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمنى دەپ باقاي:
ئۆزىمىز جۈملە ئىشلەپچىقارغىدەك سەۋىيەگە يەتكۈچە تەييار جۈملىنى يادىلايمىز، بۇ جۈملىلەرنى تۈركچە بىلىدىغان ئادەملەرگە ئىشلىتىمىز، تۈركچە بىلىدىغان بىراۋ بىلەن ئامال بار تۈركچە سۆزلىشىمىز ، قاملاشسۇن قاملاشمىسۇن.
تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى كۆرسەكلا ھېساپ ئەمەس، تۈركچىسىنى كۆرىمىز، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىز ئاڭقىرغان ، كاللىمىزدا قالغان گەپلەرنى يېنىمىزدا دەپتەر ئېلىپ يۈرۈپ خاتىرلىۋىلىپ يادىلايمىز،
مەسىلەن ، پولات : مەماتى، يۈرۈ گىدىيورۇز دېگەن بولسا ، ماڭا كىتەيلى دەۋاتىدۇ دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەيمىز، چۈنكى چۈشەنگەن بىلەن ۋاقتى كەلسە بىرسىگە شۇ گەپنىمۇ تېپىپ بېرەلمەي قالىمىز.
ئەنە شۇنداق ئاددىي جۈملىلەردىن باشلاپ ، خەقنىڭ تەييار گېپىنى يادىلاپ ئۇنى ئۆز تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلايمىز.
مەلۇم سەۋىيەگە بارغاندا شۇ جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى قانۇنىيەت ئۆزلىكىدىن كاللىمىزغا كىرىپ قالىدۇ، ئۇندىن كېيىن تەييار سۆزلۈكلەرنى قۇراشتۇرۇپ دەپ باقالايدىغان سەۋىيەگە يېتىمىز.
مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىغاندىن كېيىن تۈركچە كىتاب ئوقۇيمىز، دەسلەپ سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق ئوقۇيمىز، مەسلەن توردىن مېنىڭ ئىسمىم قىزىل، چالىقۇشى... دېگەندەك كىتابلارنىڭ تۈركچە ئىلكىتابىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ رومانلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ چىقتى، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇساق نۇرغۇن سۆز بىلىۋالالايمىز.
ياكى بولمىسا كالتە كالتە بىر ئىككى جۈملىلىك ھېكمەتلىك سۆزلەرنى، شېئىر ، نەسىرلەرنى ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ باقىمىز، قاملىشىپ قالسا مۇۋاپىقىيىتىمىزنىڭ ھاياجانىدا ئىككىنچى، ئۈچۈنچىسىگە تۇتۇش قىلىمىز.....بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈركچىگە ئۆزىمىزنىڭ خېلىلا چوڭقۇرلاپ كىرىپ قالغىنىنى ھېس قىلىمىز.
تور بەت دەپسىز، توردا كۈيچى ۋاي ۋاي دەرسخانىسى بارغۇ دەيمەن، شۇنىڭدا ئۆگىنىپ باقسىڭىز خېلىلا ئاساس سالالايسىز |
|