ئامېرىكا مەكتەپلىرى نېمىشقا « ئەلىيۇلئەلا » لارغا قىزىقمايدۇ
جېڭ جياشيا
1996 -يىلى ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يوقىرى نومۇر ئۆتكەن 165 « ئەلىيۇلئەلا »نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان . ئېلىمىزنىڭ « ئەلىيۇلئەلا »لىرى ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندە قوبۇل قىلمىغان ۋە « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ ھەر قايسى مەۋسۈملەردىكى ئىقتىدارى ياكى ئەقلى قابىلىيىتىگە دائىر سىناق ئىمتىھانلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەش ، ئالىم ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ، « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر ، ئانالىز قىلىش ،ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىنى باھالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . گەرچە ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلار ئارىسىدا « ئەلىيۇلئەلا »لار يوق دېيەرلىك بولسىمۇ ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن داڭلىق شەخسلەر كۆپ چىققان . ئېلىمىزدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يوقىرى نومۇر ئېلىپ ئۆتكەن « ئەلىيۇلئەلا »لارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر يوق . ئەجەبا بۇ ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىدە ساقلانغان نۇقسانمىدۇ ؟
ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلانسا ، بەزى ئالىي مەكتەپلەر يوقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى يەمچۈك قىلىپ « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىپ ، جايلارنىڭ « ئەلىيۇلئەلا »لارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشىگە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىدۇ ؛ يەرلىك ھۆكۆمەتلەر « ئەلىيۇلئەلا »لارنى بىر خىل خىزمەت نەتىجىسى ، دەپ قاراپ ، كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ ؛ ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر« ئەلىيۇلئەلا »لارنى ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش ۋە پايدا ئېلىشتىكى " يەمچۈك" قىلىۋالىدۇ ، شۇڭا ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ : " جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىرەر ئالىي مەكتەپ يوق" دەپ خۇرسىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
ئېلىمىز مائارىپى ئىمتىھان مائارىپى بولۇپ ، ئىسلاھ قىلىش تەس ، كونا دەرسلەر كۆپ ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىمۇ مەلۇم نۇقسانلار بار ، شۇڭا ئېلىمىزدە ئالىي مەكتەپلەر « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . ئەگەر ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يوقىرى نومۇرغىلا ئېسىلىۋالماي ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئونۋېرسال سىناق نەتىجىسىگە ئاساسەن قوبۇل قىلسا ، ساپا مائارىپى ، ئىجاتچانلىق روھى ، مەسئولىيەت قارىشى ، ئەخلاق - پەزىلىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنىمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساس قىلسا ، كىتابباز « ئەلىيۇلئەلا »لارنى يېتىشتۈرۈپ چىقمىسا ، ئونۋېرسال ساپاسى ياخشى ، ئەتىراپلىق تەرەققى قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلسا ، ھەر قايسى جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردە « ئەلىيۇلئەلا »لارنى تالىشىپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەس بولغىيتتى ؟
16 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىكىدىن پىدائىي بولۇپ ۋېنچۋەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچىرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ، ئامېرىكا خاۋارد ئونۋېرسىتېتى قاتارلىق توققۇز ئالىي مەكتەپ تالىشىپ قوبۇل قىلغان . ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۈر ، ئانالىز قىلىش ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى ۋە مەھەللە مۇلازىمەت روھى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ . شۇنداق قىلغاندا ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |