يېزا كادىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ لى چاڭپىڭ « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە» تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنى پەقەت ئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يۇقۇرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. يېقىندا يۈزبەرگەن ئىككى نەپەر يېزا كادىرىنىڭ « بىنورمال » ھەركىتى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى تارتتى. بىرى سىچۇەن ئۆلكىسى لۈجوۋ شەھرىدىكى 28 ياشلىق جاۋ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، ئۇ ئېستىپانامىسىدە،ئېستىپا بىرىش سەۋەبىنى خىزمەت بېسىمى ئېغىر، كېرىم تۆۋەن، خىزمەت مىنىڭ كىشىلىك ئىزدىنىشىمدىن يىراقلاپ كەتتى، ھەر يىلى 4 ئاي ئەتراپىدا مۇقۇملىقنى ئىشلىسەك، پەقەت 4 ئايلا « رەسمىي ئىشلەيدىكەنمىز » دېگەن. يەنە بىرى فۇجىيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى شىنلو رايونى داچى بازىرىنىڭ 25 ياشلىق مۇئاۋىن بازار باشلىقى شاۋجېڭ، ئىشخانىسىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان، ئۇ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە« خىزمەت بېسىمى » ۋە « جەمئىيەتنىڭ تاشلىۋېتىشى » دىگەنلەرنى يازغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى نەپەر ياش مۇئاۋىن بازار باشلىقىنىڭ قىلمىشىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ،بىراق مەن ھەيران قالمايمەن، چۈنكى 17 يىللىق يېزا خىزمىتى جەريانىدا پېقىرمۇ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىش نىيىتىدە بولغان، ئاخىرى ئىستېپا بېرىپ قۇتۇلغان ئىدىم. مېنىڭچەمۇتلەق كۆپقىسىم يېزا كادىرى ئاجىز توپ ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆپ قىسىم كىشىلەر قوشۇلماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئەمىلىيەت شۇنداق. شەھەر-بازار تۈزۈلمىسىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەتتە، يېزا-بازاركادىرلىرى تۈزۈلمىنىڭ ئەڭ ئاستى بولغاچقا، ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش بىلەن بىرگە تۈزۈلمىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە مۇتلەق بويسۇنۇپ، تۈزۈلمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان كادىرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ۋە خىيال قىلىشى بىھاجەت « يوقىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئۆلۈپ-تىرىلىشىگە باقماي » ئىشلىسىلا بولدى. ياش سىتۇدېنتلار ئاساسىي قاتلامداخىزمەت قىلغاندا ئەگەر « « قابىلىيتى » يېتەرلىك بولمىسا، چوقۇم كۆپرەك « رىيازەت» چىكىشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈزۈلمىنىڭ ئاساسىي نىشانى تۆۋەن قاتلامنى « ئۈنۈملىك » باشقۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۇزىمى مەيدانغا چىقتى. پىلانلىق تۇغۇتنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكارقىلىش، بىخەتەرلىك ھادىسسىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش.....ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سان-ساناقسىز « بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن،ئارام ئالماي يالغان سان، يالغان تىپ، يالغان دوكلات تەييارلاپ يۇقىرىنى ئالداش دائىملىق ئەھۋال بوپقالدى. پىلانلىق تۇغۇتنى ئالساق، پىلانلىق تۇغۇتتىكى « بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش » تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەزى جايلاردىكى يېزا-بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىدارە ۋە شەخىسلەريالغانچىلىقتىن خالىي بۇلالماي، ساختا تۇغۇت نىسبىتى، ساختا ئەر-ئايال نىسبىتى، ساختاپىلانلىق تۇغۇت جىرىمانە تالۇنى.....دىگەنلەرنى ياساپ چىقتى، مەيلى پىلانلىق تۇغۇت بولسۇن، مەيلى ئەرزىيەت بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەممە خىزمەت ئاساسەن ساختىلىقتىن خالىي بولالمىدى. « بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنى ئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يوقىرىنى ئالداپ،تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، پەقەت « شۇ قازاندا قاينىغانلار » بىلىدۇ « شۇ قازانداقاينىمىغانلار » بۇنى ھىس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا يېقىنقى ئون نەچچە يىلدا، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە كادىر چۈشۈرۈش ئومۇمى يۈزلىك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئارقا كۆرۇنىشى بولمىغان كادىرنىڭ ئۆسمىكى تەس بولدى، 90-يىللاردىن بۇيان كادىرنى ياشلاش تۇرۇشنىڭ تۈزۈملىشىشى، ئىچكى قىسىمدايېزا-بازار كادىرى 30 ياشتىن بۇرۇن پارتكۇم شۇجىسى، يېزا باشلىقلىق ئورنىغاچىقالمايدىغان، بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ ئۆسۈش پۇرسىتى بولمايدىغان غەلىتە بىرخىل ھالەت شەكىللىنىپ، كۆپ ئەجىر قىلىپ ئازنەپكە ئېرىشىش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل باھاسىغائېرىشەلمەسلىك، نۇرغۇن يېزا كادىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولۇپلا قالماي بەلكى كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوققا چىقاردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئازبىرقېسمىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىش بوپقالدى. يېزا-بازار كادىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى گەرچە ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق ئەكىس ئەتكەن تۈزۈلمە مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەرگىزسەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى،تۈرمە ئەمەس، بۇ جايدا ئۆزگىرىش بولسا يەر جاھان تەۋرەپ كىتىدۇ. كەمىنە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قورۇلۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق ئىككى نۇقتا بار دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش كېرەك.90-يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھاتتا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە يۇكسەك مەركەزلەشتۈرۈشى بىلەن يېزا-بازارلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىنىڭ ئاجىز ھالقىسى بولۇپ قالدى،يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىلگەن ئورگانلار ھوقۇقى پارچىلىۋەتتى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز تەۋەسىدە يۈزبەرگەن ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھوقۇقى يەتمەي، بارلىق مەسىلىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ھۆكۈمەت ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئورگان ھەل قىلدىغان ئەھۋال كەپ چىقتى.مەسىلەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت بىخەتەرلىكى، يەر ماجراسى،مۇئاشىنى نىسى قالدۇرۇش...دىگەندەك ئىشلار. كەمىنە 1985-يىلى يېزا-بازارلىق پارتكۇم شۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۈزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەل قىلاتتى،دېھقانلارمۇ يوقۇرىغا ئەرز قىلمايتتى؛ كەمىنە 2000-يىلى 4-قېتىم يېزا-بازارلىق پارتكۇم شۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۇزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى چوقۇم يېزىدىن يوقىرى ھۆكۈمەتنى ياكى ئورگاننى ئىزدەپ ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى، ھەقىقى ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قارىتا يوقۇرىغائەرز قىلسا « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » نى يولغا قويۇشى، بىرخىل قورۇلماخارەكتىرلىك زىددىيەت پەيدا قىلدى. ئىككىنچىسى كەنت قورۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ دېمۇكراتىيەتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سورۇش لازىم. 90-يىللاردىن بۇيان مۇتلەق كۆپ قىسىم كەنتلەرنىڭ ئومۇمى بىرلىكى پەيدىنپەي يىمىرىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئىسمى بار جىسمى يوق ھالەتكە كەپقالدى، بۇنىڭ بىلەن يېزىلاردىكى ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، يوقىرىغا ئەرزقىلىش توختىماي، يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر ئامالسىز قالدى. بىراق ئومۇمى بىرلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئازساندىكى كەنتلەر، « مۈلۈك ھوقۇقى، مالىيەھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقى » نى نىسپىي ساقلاپ قالغان بولۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كەنت قورۇلۇشى ۋە كەنتنى ئىدارە قىلىش » دىن ئىبارەت ئۈچ خىل فۇنكىتسىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەنتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىساد، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكىلوگىيە قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېمۇگىراتىك ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۇكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ كەنتلەرنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش، ئامانلىق قاتارلىق چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئاساسەن يېزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىھاجەت بولۇپ،زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەل قىلغاچقا دېھقانلار يوقىرىغا ئەرز قىلمىغان. ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدەجەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈملىك ۋاستە، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى.
http://www.21ccom.net/articles/zgyj/dfzl/article_2013072488298.html
|