شياڭگاڭدا دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن ئەرزان؟ فېڭ چىڭياڭ دولان تەرجىمىسى يېقىندا مال باھاسى سەۋەبىدىن، ئىچكىردىكى نۇرغۇن كىشىلەر شياڭگاڭغا بېرىپ دورا سېتىۋالغان، بىر قۇتا خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > ( سۈت بېزى راكىنى داۋالايدىغان دورا. تەرجىماندىن ) نىڭ شياڭگاڭدىكى باھاسى 18400 يۈەن، ئەكسىچە شېنجېندىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 24500يۈەن بولۇپ، باھا پەرقى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. جېڭ خانقىز سۈت بېزى راكىغا گىرىپتاربولغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ راك ئۆسمىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، چۇقۇم بىرتەرەپتىن خىمىيىلىك داۋالاپ يەنە بىرتەرەپتىن ھەر ئايدا بىر قۇتا خېسەيتىڭ <赫塞汀> نى ئىچىشكى توغرا كەلگەن. بىر يىل بورۇن ئۇ شياڭگاڭغا بېرىپ خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > سېتىۋالغان، شۇنداق قىلىپ بىر يىلدا 12 مىڭ يۈەنلىك دورا پولىنى تېجەپ قالغان. بۇ ئىشقا قارىتا بەزى تورداشلار « قارىغاندا شياڭگاڭغا بېرىپ سۈت پاراشوكىدىن باشقا كۆپرەك دورا سېتىۋالساق بولغۇدەك » دەپ مازاق قىلماقتا. ئىچكىردىكى دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن قىممەت؟ تورداتەكشۈرگەندىمۇ ئىچكىرى بىلەن شياڭگاڭنىڭ دورا باھاسى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ،ئالايلۇق ئۇچەي راكىغا ئىشلىتىدىغان ئەيبىتاۋ < 爱必妥 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 4698 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 3200يۈەن؛ جىگەر راكىغا ئىشلىتىدىغان دوجىمېي < 多吉美 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 24267 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 17600يۈەن؛ ئاققان كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان گېلىۋېي < 格列卫 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 25500 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 17760يۈەن؛ سۈت بېزى راكىغا ئىشلىتىدىغان خېسەيتىڭ < 赫塞汀 > نىڭ ئىچكىردىكى باھاسى 24500 يۈەن، شياڭگاڭدىكى باھاسى 15200يۈەن. شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بەزى دورىلارنىڭ باھا پەرقى 10 مىڭ يۈەنگەيىتىدۇ. « شياڭگاڭغابېرىپ سۈت پاراشۇكى سېتۋېلىش » دىن « شياڭگاڭغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىش » قىچە،ئىچكىردىكى كىشىلەر شياڭگاڭغا بېرىپ يەنە نۇرغۇن نەرسىنى سېتىۋېلىش لازىملىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىر « ئەرزان » « بىخەتەر ».قارىغاندا شياڭگاڭدىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ مەرۋايىت پەقەت ئالتۇن سېتىۋېلىشتىكى كۆڭىلدىكىدەك جاي بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەرزان مال سېتىۋېلىشنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان. ئەمەلىيەتتەئىچكىردىكىلەرنىڭ شياڭگاڭنى ساياھەت قىلىشى نامدا كۆڭىل ئىچىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مال سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئوخشاش بىر تاۋارنىڭ ئىچكىردىكى باھاسى بىلەن زورجەھەتتە پەرقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكىردىكىلەرگە نىسبەتەن قانچە كۆپ سېتىۋالسا شۇنچە پايدا ئالىدۇ، بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان كىراسى ۋە ياتاق پۇلىنىمۇتىرىلدۈرۋالىدۇ. شياڭگاڭدا دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن ئەرزان؟ ئەمەلىيەتتە شياڭگاڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تاۋارلار جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان، نېمە ئۈچۈن چېگراسىرتىدا باھاسى تۆۋەن؟ بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئاساسلىق سەۋەب باج ئېلىش ۋە ئوبورۇت ھالقىسىدىكى تەننەرخ مەسىلىسى ئىكەن. شياڭگاڭدىكى دورا باھاسىنىڭ ئەرزان بولىشىدىكى سەۋەب، دورا زاۋۇتى بىلەن بىمارلار ئوتتۇرىسىدىكى سېتىش ھالقىسىنى قىسقارتقان بولۇپ، ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدىغانلار يوق ئىكەن، ھۆكۈمەت باشقورۇشىدىكى دوختۇرخانىلار دورا باشقورۇش ئىدارىسىدىن دورا سېتىۋالىدىغان بولۇپ، شېرىنكا ئېلىش مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخاننىڭ دورا ئىشلىتىش تەننەرقىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دورا ئەسلى باھاسى بويىچە سېتىلىدۇ.ئەكسىچە ئىچكىردىكى دورا دۇكانلىرى ياكى دوختۇرخانىلاردا باھا قوشۇش ئەھۋالى ئومۇمىيۈزلىك مەۋجۇت بولۇپلا قالماي بەلكى دوختۇرلارنىڭ شېرىنكا ئېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دورا باھاسىغا قوشۇلۇپ پۇقرالار پۇل تۆلەيدۇ. ئىچكىردىكى دورا باھاسىنىڭ يوقىرى بۇلىشى « دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش » تۈزۈلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى دورا كەسپىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئارلىشىشى ۋە بۇ ساھەدىكى ئېغىر پارىخورلۇق ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. مەسىلەن يېقىندا گېلەن سۇشىكى « 葛兰素史克» قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان دورا كارخانىسىدىكى پارىخورلۇقنى تاراتقۇلارمۇ خەۋەرقىلدى، دۆلەت ئىچىدىكى دورا كارخانىسىنىڭ ئەزالىق تەننەرقىمۇ غايەت زور ئىكەن،مۇشۇنداق ھەرخىل پارا، شېرىنكانە قاتارلىق ھەقلەرنىڭ ھەممىسى دورىغا قۇشۇلۇپ ئاخىردا بىمارلار تۆلىگەن. شياڭگاڭدادوختۇرلارنى باشقۇرۇش ئىنتايىن قاتتىق، دوختۇرلارنىڭ كەسپىي ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىسى بولۇپ، كېرىمىمۇ يوقىرى، ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئەخلاق مىزانىغا خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، بايقىلىپ قالسا جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ، پاكلىق مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قالسا، دوختۇرنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىستىقبالى بەربات بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا بىرىنچى دوختۇر بىلەن دورا ئايرىۋېتىلگەن، ئىككىنچى دوختۇرلارنى باشقۇرۇشى قاتتىق بولغان. شاڭگاڭغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىشتىن تۇغۇلغان ئويلار شياڭگاڭغابېرىپ « تالىشىپ سۈت پاراشۇكى » سېتىۋېلىشتىن « دورا سېتىۋېلىش » قىچە بولغان جەريان، بىر دۆلەت ئاستىدىكى ئىككى جاينىڭ ئەھۋالى، ئىچكىردىكىلەرنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ سۈت پاراشۇكى سېتىۋېلىشى «بىخەتەرلىك » نى چىقىش قىلغان، دىمىسىمۇ شياڭگاڭدا سېتىلغان سۈت پاراشۇكى ھەقىقەتەن بىخەتەر، بۇنىڭ سەۋەبى شياڭگاڭدا مۇكەممەل بولغان يىمەكلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ بولغانلىقىدا، شۇنداقلا بۇ تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مۇستەقىل ئاخبارات ئورنى ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ ئاممىغا ئاشكارىلاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدا، بۇخىل ئەۋزەللىك كىچىككىنە ئارالنى يىمەكلىك بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى « سەلتەنەتلىك » ئورۇنغا ئىگە قىلغان. شياڭگاڭنىڭ كېرىمى ئىچكىرىدىن يوقىرى بولسىمۇ دورا باھاسى ئەرزان؛ ئىچكىردىكىلەرنىڭ كېرىمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي دورا باھاسى ۋە داۋالىنىش ھەققى قىممەت، بۇنىڭغا قارىتا بەزى تورداشلار « ھەممە نەرسە سرتقى جايدىن قىممەت، پەقەت مائاشلا سرتقى جايدىن تۆۋەن،ئەجەبا < بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم > دېگىنى مۇشۇمۇ؟ » دەپ ھەسرەتلەنمەكتە. دورا دېگەن پۇقرانىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدىغان نەرسە تۇرسا، نېمە ئۈچۈن يوقىرى-تۆۋەننىڭ يۆنىلىشى ۋە قاتلاممۇ-قاتلام باھا قوشۇش تۇگىمەيدۇ؟ بۇ بارلىق كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بىز ئىستېمال قىلغان دورا باھاسى يۇقىرى، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇشى كېرەكمۇ؟ بىز ئىستېمال قىلغان دورا باھاسى قاچان شياڭگاڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ؟
|