ئاقتاشلىقلار نېمىلەرگە ئېرىشتى ۋە نېمىلەرنى يوقاتتى؟
ھۆرمەتلىك باغداش تورى ئىشتىراكچىلىرى! ئىمان سىڭگەن دىلىڭلار شادىمان، قۇياش سۆيگەن جىسمىڭلار ئامان كېتىپ بارامدۇ؟
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا زور قىزىقىش بىلەن كىردىڭىز، شۇنداقمۇ؟ زور ئۈمىدلەر بىلەن كىرگەن سىزگە «ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز»دەك دەبدەبىلىك قويۇۋالغان ماۋزۇغا چۇشلۇق نەرسە يەتكۈزەلىگەيمەن، ئىنشائاللاھ! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، «ئاقتاش» ئىسىملىك ئۈچ جاي باركەن. بۇنىڭ بىرى، خوتەندە، يەنە بىرى ئاقسۇدا ئىكەن. يەنە بىرى بولسا مەن سۆزلىمەكچى بولغان «ئاقتاش» دەل سېھىرلىك قومۇلنىڭ سىرلىق تاغلىرىنىڭ بىرى ــ ئاقتاش ئىدى. ئاقتاش ـــ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي پاسىلى بولغان قومۇل بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. يەنى 303-دۆلەت تاشيولى بۇ يۇرتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغلار بىلەن قورشىلىپ تۇرغان ئېللىپىس شەكىللىك يۇرت بولۇپ، شەرقىدە سەرۋەڭ تاغلىرى، غەربىدە جۈنماچاڭ (ھەربىي ئات فېرمىسى) ھەم بارىكۆل قازاق ئاپتونۇم ناھىيەسى، شىمالىدا ئاۋازلىق قۇمتاغ ۋە ئاراتۈرك ناھىيەسى، جەنۇبىدا كۆشۆتە ئېغىزى يەنى كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىغان ئاقچۇق سېيى ۋە قومۇل شەھەر مەركىزى بار. شىمالىي شىنجاڭدا تېپىلىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ يۇرتقا مۇجەسسەملەشكەن. قىش-ياز يېشىلداپ تۇرىدىغان قارىغايلىق تاغلارنىڭ كۆك قەرىدە مەغرۇر تۇرۇشى؛ قويۇق، يۇمران ئوت-چۆپلەر، گۈل-گىياھلار بىلەن پۈركەنگەن بۇ يېشىل زۇمرەتتەك زېمىننىڭ بەخىرامان يېيىلىپ تۇرۇشى؛ سۈپسۈزۈك شوخ-ئەركە تاغ سۇلىرىنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ساپ، ئەڭ گۈزەل مىلودىيىسىگە رېتىمداش ھالدا تاشتىن-تاشقا سەكرەپ ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرۇشى؛ قارىغايلاردىن چىقىدىغان لەرزان شاماللار؛ خۇددى ئۆز باغرىدا ياشاۋاتقان ئاقتاش خەلقىنىڭ كۆڭلىدەك يېقىملىق، ساپ، نەم ھاۋا؛ ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرىگە شۈكرى-سانا ياغدۇرۇشقاندەك ۋىچىرلىشىۋاتقان قۇشلار؛ كۆپكۆك ئاسماندا پارچە-پارچە ئۈزۈپ يۈرۈپ قۇياشنىڭ جامالى بىلەن ئوينىشىدىغان ئاپئاق بۇلۇتلار؛ بۇ زېمىنغا بەرىكەت كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان يامغۇر بۇلۇتلىرى... مانا بۇلار ئاقتاشتىن ئىبارەت كىچىككىنە يايلاقنىڭ مەنزىرىلىرىنى تەشكىل قىلىشقانىدى. تېخى بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرى بۇ يەر ئادەم بويى ئېگىزلىكىدە ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسىدىغان، ئادەمزاتنىڭ ئايىغى تەگمىگەن، بۆرە-يىرتقۇچلار بۇغا-ماراللارنى ئوۋلاپ يۈرىدىغان جاي بولۇپ، ئاقتاش خەلقىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدىغان پەلەكئۇزارلار جەمەتىنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلانغانىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتسام، ئەينى يىللاردا 4-ئەجداد بوۋام يۈنۈس مىراقۇل (ئوردىنىڭ مىراخورى بولغان، ھەم مەشھۇر تېۋىپ ـــ «قومۇلدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق كىتابنىڭ تېۋىپلار بۆلىكىگە قارالسۇن.) شامەخسۇت ۋاڭنىڭ قولىدىن بۇ جاينى ھەدىيە ئورنىغا ئالغان بولۇپ، ئاق خەسە رەختكە چېگرالىرى بىلەن يېزىلىپ، ۋاڭلىق مۆھۈرى بېسىلغانىكەن. بۇ ھۆججەت ھازىرمۇ جەمەتىمىزدە ساقلىنىۋاتىدۇ. كېيىنچە، توشودا ياشايدىغان توققۇز ئائىلىلىك كىشىلەردىن كېڭىيىپ ھەرقايسى جەمەتلەر ئورتاق ياشاپ بۈگۈنكى ئاقتاش خەلقىنى شەكىللەندۈرگەنىكەن. ھەممەيلەنگە مەلۇم، قومۇلدا بىرەر جەمەتكە مەنسۇپ بولمىغان كىشى بولمايدۇ. ئاقتاشمۇ شۇنداق ئىدى. نۇرغۇن چوڭ جەمەتلەر بارئىدى. خۇددى ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرىدە ساقلىنىپ قالغان: «كىمدەنسىن؟» دېگەن سوئالغا ئوخشاشلا بۇ يەردىمۇ: «كىملەردىندۇ؟» ۋەياكى «كىملەردىنسەن،بالام» دەپ سورىشىدۇ. بۇ دېگىنى قايسى جەمەتتىنسەن؟ دېگىنى ئىدى. خۇددى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ فامىلە قوللانغىنىدەك جەمەت تارتىشىش بەكمۇ مۇھىم ھېسابلىناتتى. بۇ جاي قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبىدىكى ئۆز ئالدىغا كىچىك بىر يايلاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان جاي ئىدى. يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ھەربىر ئۆيلۈكنىڭ بەك جىقمۇ ئەمەس، ئازمۇ ئەمەس مال-چارۋىلىرى بار بولاتتى. قومۇل-بارىكۆلنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول بۇ يۇرتنىڭ گۈل-گىياھلىرىنى قۇرۇتۇپ رەھىمسىزلىك بىلەن كېسىپ ئۆتكەننىڭياقى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئون يىللار بۇرۇنقى ئىش ئىدى. قاتناش ئەۋزەللىكى يايلاق مەدەنىيىتىدىكى كىشىلەرنى يېڭى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. ھەرخىل يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن ئاز-تولا كىرىم قىلغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دادام ئىسھاق ئوسمانغا ئوخشاش تۇنجى بولۇپ ئائىلىۋى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى.
ئەمدى گېپىمگە قايتىپ كەلسەم، ئىقتىسادتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى كىشىلەر يەنى ئاقتاشلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى قومۇلنىڭ باشقا تاغلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، يەنىلا بەزى تەرەپلەردە پەرقلىق ياشايتتى. ئادەم ئاز بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر، بۇ يۇرتتا بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان كىشىلەر ئاسان چىقمايتتى. بەك كىچىك بالىلارنى چوڭلار تۇنجى قېتىمدا ئۇستىخىنىغا (يۈرۈش-تۇرۇشىغا) قاراپلا ماۋۇ جەمەتنىڭ بالىسى دەپ بىلىۋالاتتى. كىشىلەر بىر كۈندە قانچە قېتىم كۆرۈشىشىدىن قەتئىينەزەر كىچىككىنە ئەھۋال سورىشىپ ئۆتەتتى. بۇنداق قىلمىغانلارنى «ئەدەبسىز، قائىدە ئۇقمايدىغان، خىتتايدەك بالا بوپتۇ» دەپ قويۇشاتتى. توي-تۆكۈن، نەزىرلەردە ھەممەيلەن دېگۈدەك مەرىكە بار جايغا توپلىنىپ، پۇل-مال، ياردەم بېرىشەتتى. ئاياللار رەخت ۋە پۇل-پۇچەكلىرىگە ئىككى پارچە ناننى چوقۇم قوشۇپ ئېلىپ كېلىشىپ ھەدىيە قىلىشاتتى، بۇنى قومۇلدا «خېنە تۇتۇش» دەپ ئاتايدۇ. يېمەكلىك ئادەتلىرى: ئاقتاش خەلقى يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشاتتى. ئۇششاق-چۈشەك نەرسە يېسە، چوڭلار خاپىلاپ قالاتتى. مېھمان كەلسە ئالدى بىلەن ياپما بىلەن قارشى ئالاتتى. ئەلۋەتتە تاغ خەلقى بولغانلىقتىن گۆش ئىستېمالى بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى. «قىرىق كۈن گۆش يېمىسە ئىمانى ئاجراپ كەتكۈدەكمىش» دەپ قويۇشاتتى. بۇ يەردىكىلەر بىرەر ھەپتە گۆش يېيەلمىگەن بولسا، گۆش يېگۈسى كېلىپ كەتكەننى «گۆشرەپ كەتتۇق» ۋە ياكى «قىزىل كىگىز بولسىمۇ يەۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم» دەپ سۈپەتلىشەتتى. قارىماققا گۆشتىن باشقا يېمەكلىك يېمەيدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ تاغلىقلار سەي-كۆكتاتنىڭ تازا ئوبدىنىنى يەيتتى. ھەر خىل سەيلەردىن تاماق ئەتكەننى كۆك قىلدۇق، دېيىشەتتى. ياۋا چىڭسەي، ياۋا كۈدە (كۆرتە)، سۈزە، چۆل رەيھىنى (گۈلدۇر رەيھان)، ياڭيۇ، پۇرچاق، سەۋزە، كەندىر يوپۇرماقلىق چاققاق (قالغاي)نىڭ يۇمران ياپرىقى، تەبىئىي ئۆسكەن موگۇ قاتارلىقلار قەدىمدىن تارتىپ بۇ يەردە ياشىغان خەلقنىڭ كۆك قىلىپ ئىشلەتكەن يېشىل يېمەكلىكى ئىدى. ھازىر بازارلىشىپ كەتكەنلىكتىن، تۈرلۈك كۆكتاتلارغا يۈزلىنىپ بولدى. بۇلاردىن باشقا، كالا-قوي سۈتلىرىدىن ئىنچىكىلەپ قىلىنىدىغان ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، سۈتنى قاينىتىپ بولۇپلا، ئىككى خىل قايماق قىلىش ئۈچۈن قاچىغا سورۇپ قويۇلاتتى، بىرى، نېپىز يېرىم ئاي شەكىلدىكى قايماق، يەنە بىرى سۈتنىڭ يۈزى تۈرۈلۈپ ئېلىنىدىغان كەم ئۇچرايدىغان تاۋاق قايمىقى ئىدى. قايمىقى ئېلىنىپ بولغان سۈتنى ئىككىگە بۆلسەك، بىرىنى يىلمان قىلىپ قېتىق ئۇيۇتساق، يەنە بىرىنى توختىماي قاينىتىپ، قېتىشقاندا ئەجىگىي بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇ تەمى تاتلىقراق چىقىدىغان ئۆزگىچە يېمەكلىك. قېتىق بۇزۇلۇپ قالاي دېگەندە، (تەبىئىي قېتىق بۇزۇلۇپ ئېچىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ) ئېچىتىپ ئارقىدىن قايناتسا، بۇمۇ يۇمشاق قېتىشما ھالەتكە كېلىدۇ. ھەم سۈيىنى سۈزۈپ، ھەرخىل شەكىلدە نوكچە قىلىپ قۇرۇتۇلىدۇ. ھەمدە ئوبدان قۇرۇشى ئۈچۈن يىپقا تىزىپمۇ قويىدۇ. ئەگەر تاۋاق قايمىقىنى ئېچىتىپ، قازاندا ئېرىتسە، «سېرىق ياغ» شەكىللىنەتتى. ياغ ئىچىدىكى قالدۇقلارنى سۈزۈپ ئېلىشسا، «ياغلىي» دېگەن شەكلى پولۇغا ئوخشايدىغان يېمەكلىك شەكىللىنەتتى. بەلكىم بۇنى يەپ باققانلار ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئاپام دائىم بويۇمنىڭ ئېگىز بولۇشىنى مۇشۇ ياغلىيغا ئامراقلىقىمدىن، دەيتتى. چۈنكى، سېرىق ياغ بىلەن ياغلىي چاچ ۋە بوي ئۆستۈرەتتى. سۈتنىڭ بىر ئائىلە ئايالىنىڭ ئىشچان قولىدا مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئاق ئاش قىلدۇق» دەپ ئاتىشاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، بۇ يۇرتنىڭ بالىلىرى رەسمىي ئاپتاپ كۆرگەندەك زەبەردەست ئۆسۈشەتتى. ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئاقتاش مۇھىم ساياھەت رايونىغا ئايلاندى. بۇنداق بولۇشى ئاقتاشلىقلارنى خۇش قىلىۋەتكەنىدى، مۇقىم كىرىمى بولمىغان خەلق ساياھەتچىلىكتىن ئوبدانلا پايدىلىنىشقانىدى. يازدا ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكەتلەنسىلا بىر يىللىق كىرىمگە ئىگە بولالايتتى. چوڭ-كىچىك ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ كېتەتتى. ياقا-يۇرتلۇق بىرەرى كېلىشى بىلەن بۇ كىشىنىڭ كىملىكى پۈتۈن يۇرتقا پۇر كېتىدىغان ئاقتاشقا مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاجايىپ جىق ئادەملەر كېلەتتى. ھەتتا پالانى رەئىس، زۇڭتۇڭلارمۇ كېلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ قالاتتۇق. خىلمۇ خىل باشلىقلار ۋە داڭلىق كىشىلەرمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ قالاتتى. شەھەردىكى مەكتەپتە نەچچە يىل ئوقۇپ تۇرۇپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان مېھماندوست تاغ بالىلىرى «ساۋاقداشلىرىم چىقىپتىكەن» دەپ ئاتا-ئانىسىغا ماسلىشىپ قىلىۋاتقان ئوقەتلىرىنى تاشلىغىنىچە، كىشى بېشىغا نەچچىدىن توغرا كەلگەن مېھمانلىرىنى باشلاپ، كىچىك ئۆيلىرىدە ئۇلارنى رازى قىلىشقا تىرىشاتتى. قىسىقىسى، ئۈچ ئاي ئەتراپىدىكى گۈزەل ياز كۈنلىرى ئالدىراشچىلىق، مەنىلىك ۋە يېڭىلىقلارغا تولغان ھالەتتە ئۆتەتتى. قىشنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە پاراڭ قىلىپ سالغۇدەك قىزىقارلىق ۋەقەلەرمۇ كېلىپ چىقاتتى. تىپتىنچ كۆلگە تاش چۈشكەندەك، مانا مۇشۇنداق گۈزەل يايلاق مەدەنىيىتىگە بىردىنلا كۆز تەگدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رەھمىتى «ئويغانغان زېمىن»دا: «تۈلكىلەر كۈز كېلىشى بىلەن گۈزەللىشىپ كەتكىنىدىن يىغلىشىپ كېتەرمىش، چۈنكى، تۈلكىلەرنىڭ يۇمران تۈكلۈك تېرىسى ئىنسانلارغا قىممەت باھالىق ئولجا بولغانلىقتىن، تۈلكە ئۆلۈپ كېتىشىدىن گەشەت قىلىپ يىغلارمىش.» دېگەن مەسەلنى قىستۇرۇپ ئۆتكەنىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئەنە شۇ رەھمەتلىك ئۆتكۈر بوۋام زور ئىشتىياق بىلەن ئاياغسىز يەرنى دەسسەپ تۇرۇپ: «نېمىدېگەن گۈزەل يۇرت بۇ؟ ھەممىلا يەر مەخمەلدەك يېشىل ئىكەن. ئاياغ كىيىشمۇ ھاجەتسىزكەن. جەننەت ئەسلى مەيەردىكەن-ئەمەسمۇ؟!» دەپ ھاياجانلانغانىكەن. ئەپسۇس، ئەمدى بۇ يۇرت گۈزەللىكىدىن ئۆزىنى ئاقتاش قىلىپ تۇرغان خەلقىنى سىڭدۈرەلمىدى. خۇددى فېئوداللىق جەمئىيەتتە چىرايلىق چوڭ بولغان قىزىغا تۆرە-بەگلەرنىڭ كۆزى چۈشۈپ، توقاللىققا سورىتىشىدىن ئۆلگۈدەك ئەنسىرەپ تۇرغان غورۇرلۇق بىقۇۋۇل ئاتىغا ئوخشاپ قالغان ئاقتاشلىقلار جاھان رەپتارىدىن قۇتۇلالمىدى ۋە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېڭى يۇرتقا كۆچۈپ كېلىشتى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ئاقتاشتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى ئىدى.
يېقىندا بىر توردىشىمىز «ئانىڭىزنى ساتامسىز؟» دەپ بىر تېما يېزىپتىكەن. ماۋزۇسىدىنلا مەزمۇنىنى پەملەپ بولغان مەندەك كىشىگە بۇ گەپ كۆتۈرۈپ-قوپقۇسىز ئاھانەت ئېلىپ كەلدى. گەرچە قېدىم-ئايەمدىن تارتىپ، بالىلىرىنى سېھىرلىك ئەللەيلىرى بىلەن يىللارچە باققان ئاقتاشتىن ئىبارەت گۈزەل، پاك ئانىمىزنى سېتىۋەتتۇق، دېمىسەكمۇ بەرىبىر تۈرلۈك باھانىلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئۇنى غېرىپ ھالدا يالغۇز تاشلىۋەتتۇق. ئۇ ئەمدى مۇڭلىنالمايدۇ، بۇرۇنقىدەك چىراي ئاچالمايدۇ. ئىللىق مېھرىنى كۆرگەنلا كىشىگە چاچالمايدۇ. ۋاپاسىزلىقتىن قەلبى ھەسرەتكە تولغان ھالدا ئېغىر سۈكۈتتە!
ھۆرمەتلىك تورداشلار، بەلكىم سىلەر شۇ تاپتا ئاقتاشلىقلارنىڭ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقلىرىنى قانداق شەكىلدە مەھرۇم بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولدۇڭلار. شۇنداق، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىلىپ-بىلمەي ۋاز كەچتى. ئېتىزلاردا ئىشلەپ، ھارغاندا تەبىئەت ھۆسنىگە بىر قاراپلا ھاردۇقى چىقىپ كۈلۈمسىرەيدىغان، پۇتلىرى ئىسسىق مۇنبەت تۇپراقنى دەسسىگەندە پەيدا بولىدىغان ھېسسىياتلاردىن قۇرۇق قالدى؛ ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل تەبىئەتنىڭ ئاقتاشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە بىر جۇلاسىدىن قۇرۇق قالدى. يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئۇدۇم-ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاقتاش يايلاق تۇرمۇشى ئەمدى يوق؛ قىيامەت كۈنى زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا، ئىنسانلار ئارىسىدا ئىككى چىراغ ساقلىنىپ قالارمىش، بىرى، پادىچىلاردا بولسا، يەنە بىرى، دېھقانلاردا. خەلقىمىزدە ئەنە شۇنداق تەرىپلىنىدىغان چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئەنئەنىلىرى شەكىللەندۈرگەن ھايات خۇشاللىقلىرىنىڭ ئاقتاشتىكى ئۆزگىچە شەكلى ئەمدى يوق؛ قامچىلىرىنى قارسىلدىتىپ، گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان زەبەردەست ئاتىلار ئەمدى يوق؛ ئىسسىق سۈت ھىدى پۇراپ تۇرغان ئۆيدە شېرىن قايماقنى، ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۈپ داستىخانغا تىزىۋېتىدىغان ئانىلار ئەمدى يوق؛ بېكىنمە ھالەت ئېلىپ كەلگەن ئىنسانلاردىكى ئەڭ گۈزەل ساددا دۇنيا قاراش ۋە ئېسىل ئاڭ، غەرەزسىز سۆيگۈلەر ئەمدى يوق؛ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، نۇرغۇن يىللىق پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىدىغان، چىدامچان، ئاپتاپتا كۆيۈپ، ئىش-ئەمگەكتە پىشقان، زېرەك ئاقتاش ئوغۇللىرى ئەمدى يوق؛ بېشىدىن ياغلىقنى ئالمايدىغان، بوش ئاۋازدا سۆزلىشىپ، شېرىن ئاھاڭلاردا پىخىلدىشىپ كۈلۈشىدىغان، ئون ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا كەشتە تىكىش، تاماق قىلىش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق كېلىدىغان چېچەن ئاقتاش قىزلىرى ئەمدى يوق؛ يوقمۇ ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئوغۇل-قىزلارنى تەربىيەلەيدىغان شارائىت-مۇھىت ئەمدى يوق؛ نۇرغۇن نەرسىلەر ئەمدى يوق... چۈنكى، ئۇلارمۇ يېڭى توپقا قوشۇلۇشقا قاراپ ماڭدى. تىلىمىز، دىنىمىز يوشۇرۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردىكى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىنىۋاتقان يات مەدەنىيەتلەر، چېكىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئۆزلۈكنى يوقىتىپ ماڭغان «ماڭقۇرت» بىر تۈركۈم يېڭى ئەۋلادلار سېپىگە قاراپ ماڭدى. بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ماڭامدۇ، يانداپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ، مانا بۇ مەسىلىلەر پۈتۈنلەي ئائىلە تەربىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن تەربىيەلەرنىڭ ئىجراسىغا باغلىق بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا ئاقتاشلىقلار شۇنچىۋالا قۇربانلىق بېرىپ نېمىلەرگە ئېرىشكەندۇ، دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ قىش-ياز ئوتۇن قالاپ، كۈل توزدۇرۇپ، ئوچاق تۈۋىدىن قوپالماي ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ خەلق ئوتۇن-كۆمۈر قالىمىسىمۇ بولىدىغان ئىللىق ئۆيلەرگە ئېرىشتى. ھەر بىر ئائىلە بېشىغا بىردىن توغرا كېلىدىغان كىچىك بولسىمۇ تەييار پۈتىدىغان بۇ خىل بىنا ئۆيلەردىن نۇرغۇن ئاتىلار ئوبدانلا پايدىلىنىپ، بالىلىرىنىڭ توي ئىشلىرىنى ھەل قىلىۋالدى. دېمىسىمۇ، ئىككى-ئۈچ يىل توپا-لايغا مىلىنىپ، ئۆي سېلىپ ئوغۇل ئۆيلەيدىغان ئاتىلارنىڭ چوڭ بىر غېمى بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئۆيلەر كىچىكرەك بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشى بىر ئۆمۈر ئىشلەپ-تاپقىنىغا ئاران ئالالايدىغان ئۆيلەردىن ئىدى. بۇنداق ئىسسىق ئۆيلەرمۇ ئاقتاشلىقلارنىڭ قولىدا بەرىكەت تاپتى. ئىسسىق ئۆينىڭ بەرىكىتى بىلەن دىنىي ئىشلىرىدىمۇ ياخشى يۈزلىنىشلەر بولدى. بۇرۇنقى كۆڭلىدىلا بىلىدىغان دىنىي ئەھكاملار ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىش-ئەمەلىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ياشلارمۇ بىردىن شاپاق دوپپا كىيىشىپ مەسچىتلەرگە بارىدىغان بولدى. جامائەتچىلىك، يۇرتچىلىق تېخىمۇ ئۇلغايدى. توي-تۆكۈن، نەزىرلەر ھەممە كىشىنىڭ ئىشتىراكچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. ھېيت-ئايەملەردىكى بۇرۇنقى كەيپىيات ۋە قوشنىدارچىلىق ئادەتلىرىمۇ ئۆزگەرمىدى. بۇرۇن پاكىز، رەتلىك كىيىنسىلا شۈكرى-قانائەت قىلىدىغان خەلق ئەمدى بازارغا يۈزلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ياشلىرىدا بۇ ئەھۋال بەكرەك ئېغىرلاشتى. ھەتتا مەكتەپ بالىلىرىمۇ مەخسۇس دۇكانلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى كىيىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئاتا-ئانىلىرىغا بېرىلىۋاتقان مۇقىم مائاش بالىلىرىنى ئەلۋەتتە قامداپ بولالمايتتى. ئاخىرىدا گېپىمنى يىغىنچاقلاپ كەلسەم، ئاقتاش خەلقىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پېشانىسىگە يېزىلىپ بولغان تەقدىر-قىسمەتلەردىن ئېغىز تەگمەي قالمىدى. پاكىستاننىڭ بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بار بولىدىغان «مىراسخور» دەپ. ئاشۇ فىلىمدە ئەسمەتخاننىڭ:«سېنى شەھەر يەپ كېتىپتۇ، ياقۇپ!» دېگىنىدەك، ئاقتاشتا شەكىللەنگەن كىچىككىنە ئۆزگىچە ئۇيغۇر كۈلتۇرى شەھەرلىشىش دولقۇنىغا يەم بولدى. شۇڭلاشقا ئۇلاردىن ئاغرىنغىلى بولمايتتى. بۇ مۇنبەردە كىمدۇر بىرى قومۇلدا دېموكراتىيە بار دەۋاتاتتى. ئەگەر دېموكراتىيە بار بولغان بولسا، كۆچۈشنى خالىمىغان كۆپ ساندىكى ئاقتاشلىقلار بۇ ئېقىمغا كېمىسىنى سالمىغان بولاتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئاقتاشلىقلارنى كۆرسىلا: «يۇرتۇڭلارنى نېمىشقا سېتىۋېتىسىلەر؟» دەپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا، قومۇل-ئاراتۈرك سەپىرىدە سەپەرداش بولغان بىرەيلەن ئاپتۇبۇس ئاقتاشتىن كېسىپ ئۆتكەندە، ماڭا: «ئاقتاشلىقلار مايمۇندەكلا خەق، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بۇ يۇرتنى تاشلاپ كەتتى» دېمەسمۇ، ئىچىمدە ئۇنى تازا تىللىدىم. ئۇ شۇ تاپتا مېنىڭمۇ ئۇ كىشى «مايمۇن» دەۋالغان كىشىلەر توپىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلمىسە كېرەك. ئۇلارلا ئەمەس نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ نېمىشقا ئاقتاشنىڭ «سېتىلىپ» كەتكەنلىكىنى. ھەتتا ئاقتاشلىقلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ قارا قىسمەتلەر قايسىبىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلمىگەن؟ قايسىبىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى دۆلەت تاشيولىغا، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا پۇتلاشمىغان؟ مەھەللىلىرىمىزدىن يول ئۆتسە يول بەردۇق، بىنا سېلىنسا جاي بەردۇق. بىز رازى بولغانمۇ ياكى بىر كىملەر بىزدىن تارتىۋالغانمۇ؟ ئەلۋەتتە ھېچكىم تارتىۋالغان دېيەلمەيدۇ، بىراق، قانداق شەكىلدە رازى قىلىندۇق؟ ئاقتاشنىڭ بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ قۇرۇلۇشى شۈبھىسىز. بىراق، شۇ يۇرتنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بۇنىڭدىن قانچىلىك پايدىلىنالايدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۈپكى سەۋەبى نەدە؟ گەپنىڭ قىسقىسى، ئاقتاشنىڭ بۇرۇنقى ئاقتاش بولالماسلىقىدا ئاقتاشلىقلارنىڭلا ئەمەس، ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار! مەن ئاشۇ كىچىككىنە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، يىراقتا تۇرۇۋاتقان بىر شور پېشانە، ئاددىي قىز. ئەمما، قولدىن كېتىپ قالغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەتتا بىر ئۆمۈر كۈچەپ باقىمەن. چۈنكى، ياراتقۇچى خالىق ئاللاھ ھەربىر بەندىسىنى نائۈمىد قويمايدۇ. پانىي جەننەت بولغان بۇ زېمىندا مەنلا ئەمەس، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئېسىل ئەنئەنىلەردىن، قويۇق ئۇيغۇر-ئىسلام روھى سىڭگەن يايلاق تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ماددىي ۋە مەنىۋى دۇردانىلىرىگە قېنىپ ياشاش ھوقۇقى بار ئىدى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىچە نۇر بولۇپ چاقنىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تامامەن ئاخىرلاشتى! بۇ مەن ئۈچۈن ۋە ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن ماتەم. پۈتكۈل ئۇيغۇر كۈلتۈرى ئۈچۈن بىر مۇئەييەن سالماقتىكى يوقىتىشنىڭ باشلىنىشى، خالاس!
|