- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 286
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
95.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 10:12
ئەرلەرگە پايدىلىق 10 خىل يېمەكلىك
.
1 . پەمىدۇر
پەمىدۇردىكى چۈچۈمەل تەم ئاشقازان كېسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاقسىلنىڭ ھەزىم بۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پەمىدۇر ، تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن بولۇپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش رولىغا ئىگە .
2 . سېرىق پۇرچاق
دائىم سېرىق پۇرچاق يەيدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، سېرىق پۇرچاق ئەرلەردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
3 . كاۋا ئۇرۇقى
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە ، مەزى بېزى يوغىناپ كەتكەن ئەرلەر كاۋا ئۇرۇقىنى كۆپ يەپ بەرسە ، سۈيدۈك قېتىم سانىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، باشقا كېسەللىكلەرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
4 . سەۋزە
سەۋزە ھەزىم قىلىنغاندىن كىيىن تەركىبىدىكى كاتورىن ۋىتامىن غا ئۆزگىرىپ ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، ھۈجەيرىلەردە يامانلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى تېزگىنلەپ ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5 . دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ .
6 . سامساق
سامساقنىڭ كۈچلۈك باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، ۋېتامىن نىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىدۇ .
7.بۇغداي ئۇنى بولكىسى
بولكىنىڭ بېسىمنى يېڭىش رولى بار بولۇپ،تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن ب بار.
8 . سۇ
ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ 75 % سۇ بولۇپ ، سۇ مىقدارى باك ئاز بولسا ئاسان چارچاش ھەمدە ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
9 . يېشىل چاي
يېشىل چاي تەركىبىدە ۋېتامىن مول بولۇپ ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
10. قىزىل ھاراق
قىزىل ھاراق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار مول بولۇپ ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
|
|