قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 27

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

6

دوست

2621

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 00:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك ئوقۇرمەن،
بىزنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان بۈيۈك ئالىملىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىزنىڭ ئەھمىيتى زور دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دەل شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆجەيرە بىئولوگىيىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانى بىر ئەمەس بىر نەچچە رەت زىلزىلگە سېلىپ ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭمۇ ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭالايدىغانلىقىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قويدى!
مەن بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقىلى مانا 6 يىل بوپتۇ، مۇشۇ 6 يىل جەريانىدا ئالىمىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇنداقكەن، ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تەتقىقاتلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇھىم ئىش دەپ ئويلىدىم. ئالىمنىڭ نەتىجىلىرىنى ئاممىباپ تىلدا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزەمنىڭ ئالىم بىلەن بولغان ئالاقىلىرىم ئاساسىدا ئۇ توغۇرلۇق بىلگەنلىرىمنى جامائەتكە سۇنۇش نىيتىدە ئالىمنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىيىن بۇ يازمىغا تۇتۇش قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر يازمىدىكى يىتەرسىزلىكلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇشىنى ۋە خاتالىقلار بولسا تۈزىتىش بىرىشىنى سەممىي ئۆتۈنىمەن.

                                     -بىلگەجان (2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامرىكا)


دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (1) - ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئۇچرىشىش
                                            
  (ئەسلىمە)

    10948_1265906761591_1026131_n.jpg

                     
2008-يىلى قەھىرىتاننىڭ سوغۇق كۈنلىرى. شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ ئايرىم كىشىلىك مۇزاكىرە ئۆيىگە ئۆزۈمنى سولىۋالغان ئىدىم. سىرتنىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي، بۇ كىچىككىنە، لىكىن يورۇق ۋە ئازادە بىر قول كومپىيۇتىرى، بىر چايدان، بىر نەچچە نان، قەھۋە ۋە بىر دۆۋە كىتاب ماڭا ھەمرا بولۇپ ئاجايىپ ئىللىق بىر تۇيغۇ ۋە خۇشال كەيپىياتتا پات ئارىدا بەرمەكچى بولغان بىر ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم. بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس كۈنلەر بولغاچقا، شۇ ۋاقتتىكى ئىشلار ھېلىھەم شۇ پېتى يادىمدا تۇرۇپتۇ. تاڭ ئەمدى سۈزۈلىشىگە ئېغىر سومكامنى ئاسقان ھالدا كۈتۈپخانا ئىشكى ئىچىلىشىنى كۈتەتتىم ۋە ئىشىك سائەت 7:00 دە ئىچىلىشى ھامان ھەممىدىن بۇرۇن بۇ ئىللىق ماكانىم بولغان كىچىك ئۆيگە كىرىپ ئىشىكىنى تاقايتتىم. شۇ ئولتۇرغانچە كەچ سائەت 9:00 دا كۈتۈپخانا تاقىلىش ئالدىدا ياتاققا قايتاتتىم چۈنكى ھەر بىر مىنۇت مەن ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئېمتىھان ئۈچۈن ئاخىرقى تەييارلىقلىرىمنى قىلىۋىلىش نىيىتىدە ئادىتىم بويىچە كۈتۈپخانىغا سەھەردە كەلدىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئېمتىھان تەقلىد سۇئالىنى ئشىلەپ ئۆزەمنى يەنە بىر نۆۋەت سىناپمۇ باقتىم. بۇ بىر چەتكە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىرىدىغان توفىل (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھانى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە ئېمتىھان بىرىش ئۈچۈن شىئەنگە ماڭغاچقا ئاخىرقى بىر ئىش، يەنى مەن ئېمتىھان نەتىجىسىنى ئەۋەتمەكچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللىشىم كىرەك ئىدى. ئالىي مەكتەپ 3-يىللىقىدا قەدىردان ئۇستازىم پرافىسور پاتىگۈل ماخمۇت ئۆتكەن «يىتىلىش بىئولوگىيىسى» دەرىسىدە غول ھۆجەيرە توغۇرلۇق دەسلەپكى مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن باشلاپ، غول ھۆجەيرىگە ناھايتى قىزىقىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا ئامرىكىدىكى غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى بىر قەدەر ئىلغار بولغان مەكتەپلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم. كىم ئويلىغان، ئىزدەۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر خۇشاللىققا ئېرىشتىم. ئۇ بولسىمۇ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان  «تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى» ناملىق ماقالىسىنى تىپىۋالغان ئىدىم. ئالىمنىڭ ئىسمىدىنلا ئۇيغۇر ئوخشايدۇ، دىگەن ئويغا كىلىپ يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا ماقالىنى ئوقۇشنى قويۇپ بۇ كىشى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە چۈشتۈم. شۇنداق قىلىپ شۇ ماقالىدا قالدۇرغان ئاپتۇر تەۋە ئورۇن بويىچە ئۇ ئىشلەيدىغان ئامرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتىغا قاراشلىق ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزى تورىدىن ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى تىزلا ئىزدەپ تاپتىم. شۇ ھاياجاندا بۇ مەكتەپنى بىرىنچى بولۇپ مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپلەر قاتارىغا تىزدىم. ئېمتىھاننىمۇ ئوڭۈشلۇق بىرىپ قايتىپ كەلدىم، لىكىن ئەس خىيالىم شۇ كىشى توغۇرلۇق بىلىپ بىقىشتا قالدى. ئاخىرى ئۇ توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئۇنىڭ دەرۋەقە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىشىم كۆككە يەتكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم. سەۋەب، شۇ چاغقىچە مەن ئەزەلدىن بىرەر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ، ياكى جۇڭگودىكى بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ «تەبئىەت» ژورنىلىدەك دۇنياغا داڭلىق ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۇنىۋىرسال نوپۇزغا ئىگە تەبئىي پەن ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئالىمىمىز دەل مەن ئىنتايىن قىزىقىدىغان غول ھۆجەيرە ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنى تەپسىلي ئوقۇپ چىققاندىن كىين بۇ ماقالىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتىم ۋە بۇ ماقالە توغرىسىدا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىت، تىلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا نۇرغۇن ئوبزورلارنىڭ ئېلان قىلنىغانلىقىنىمۇ بىلدىم.

بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature06357.html

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق مايمۇن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى

قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرسىدىن يادرو كۆچۈرۈش (SCNT) ئۇسۇلى ئارقىلىق گېنتىكا جەھەتتىن بىمارغا ئوپمۇئوخشاش تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىش قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىش ياكى يەڭگىللىتىشتە بىمارنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىمىغاچقا زور ئىشلىتىلىش يوشۇرۇن كۈچىكە ئىگە. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت چاشقاندىلا مۇۋاپىىققىيەت قازانغان بولۇپ، مايمۇنلاردا قىلىنغان سىناقلار قايتا پروگراممىلاشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە تۆرەلمىنىڭ ئوبدا يىتىلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىز SCNT ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، گانگې دەريا مايمۇنىنىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىدىن بلاستۇلا باسقۇچىغىچە يىتىلگەن تۆرەلمىنى ھاسىل قىلدۇق ۋە بۇ تۆرەلمىلەردىن مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا ئىككى غول ھۆجەيرە لىنىيىسىنى ئايرىپ ئالدۇق. DNA ئانالىزى بۇ غول ھۆجەيرىلەرنىڭ يادرو گېنلىرىنىڭ يادرو تەقدىم قىلغۇچى تىرە ھۆجەيرىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكى، خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنىڭ بولسا تۇخۇم ھۆجەيرىسى بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.  ئايرىپ ئېلىنغان ھەر ئىككى غول ھۆجەيرە لىنىيىلىرى نورمال مورفولوگىيەگە ۋە ئاچقۇچلۇق غول ھۆجەيرە بەلگىلىرىگە ئىگە بولۇپ، گېنلىرى نورمال غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ. بىز يەنە بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ تەن سىرتىدا ۋە تەن ئىچىدە كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق. بىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمىز بىر يىتىلگەن تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلىنىپ تولۇق پوتىنسئالغا ئىگە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە ئايلىنالايدىغانلىقى، شۇندقلا پىرىمات (مايمۇنسىمانلار) تىپىدىكى ھايۋانلار داۋالاش ئۈچۈن كلونلاشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بىرىدۇ.


دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يۇقىرىدىكى ماقالىدە ھەل قىلغان مەسىلە ۋە ئەھمىيتى تۆۋەندىكىچە:
بولسا باشقا تۈردىكى نۇرغۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (مەسىلەن قوي، كالا، ئىت، چاشقان، ئات ...قاتارلىقلار) نىڭ تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان تەن ھۆجەيرىسدىن يادرو كۆچۈرۈش (SCNT) دەپ ئاتىلىدىغان تېخنىكا ئارقىلىق يتىشتۈرۈلگەن ۋە شۇ ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنپ بۇ ھايۋانلار كلونلانغان. تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈشنى ئاددى بولسۇن ئۈچۈن قوينى مىسالغا ئىلىپ چۈشەندۈرسەك، بىر يىتىلگەن قوينىڭ بەدىنىدىن بىر ھۆجەيرىنى ئىلىپ (ئىسپىرما ۋە تۇخۇمدىن باشقا) بۇ ھۆجەيرىنىڭ يادروسىى ئايرىۋىلىنىدۇ. ئاندىن باشقا بىر قوينىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىلىپ، ئۇنىڭ يادروسى چىقىرىۋىتىلىدۇ. ئاخىرىدا تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ھېلىقى يادروسىز تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئىچىگە قويۇلىدۇ. بۇ جەرياندا تۇخۇم تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنى قايتا پروگراممىلاپ بۇ بىرىكمە ھۆجەيرىنى پەقەت تۆرەلمىلەردە بولىدىغان تولۇق پوتىنسئالغا ئىگە (بەدەندىكى بارلىق ئوخشىمايدىغان تىپتىكى ھۆجەيرىلەرگە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان) غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرىدۇ (بۇنى ھۆجەيرىنىڭ كلونلىنىشى دەپمۇ ئاتايمىز) ۋە داۋاملىق يىتىلىپ خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئوخشاش بىر يىڭى تۆرەلمە ھاسىل قىلىدۇ. دىمەك بۇ ئۇسۇلدا بىر چىشى قوي بىلەن ئەركەك قوي بىرلەشمەي تۇرۇپ تۆرەلمە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ھاسىل قىلىنغان تۆرەلمە يىتىلىپ بلاستۇلا باسقۇچىغا كەلگەندە (بىر نەچچە كۈن كىتىدۇ) ئاندىن شۇ تۆرەلمىدىن غول ھۆجەيرىلەر ئايرىپ ئىلىنىپ ساقلىنىۋىلىدۇ دە، غول ھۆجەيرە لىنىيىلىرى يىتىشتۈرۈلۈپ كىيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئشىلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇل بولمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئەمەليەتتە بىر تۆرەلمىنى ئۆلتۈرۈپ غول ھۆجەيرىنى ئايرىۋىلىشقا توغرا كىلەتتى. تاكى يۇقىرىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغۇچە، ئالىملار پىرىماتلاردا بۇ تېخنىكىنى ئىشلەتكەندە پەقەت مۇۋاپىققىيەت قازىنالماي پىرىماتلارنى كلونلاشتا بىرەر بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق بار دەپ قاراپ كەلگەن ھەم كىشىلەر غول ھۆجەيرىنى كلونلاشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە زور گۇمان بىلەن قاراشقا باشلىغان. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دەل مۇشۇنداق دۇنيادا ھىچكىم ھەل قىلالمىغان تېخنىكا ۋە نەزەرىيە مەسلىسىنى يۇقىرىدىكى ماقالىدا ھەل قىلىغان، شۇڭا بۇ ماقالە دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مايمۇنلار ئادەملەرگە ئېرسىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەڭ ئوخشىشىدىغان ھايۋانلار بولۇپ، مايمۇندا سىنقا مۇۋاپىققىيەتلىك بولماي تۇرۇپ ئادەمدە مۇۋاپىققىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىنىڭ نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭمۇ ھاسىل قىلىنىشىغا ۋە غول ھۆجەيرىنى كلونلاش تېخنىكىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنسانلاردىكى داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان ئۈمىدىگە يەنە بىر قېتىم  زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىكى ھاياجىنىم تۈگىمەستە 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە تۇنجى پارچە ئىلخەتنى يوللىدىم. خېتىمدە ئۆزەمنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىين، ئۇنىڭ «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنى كۆرۈپ غايەت زور ئېلىھام ۋە مەدەتكە ئېرىشكەنلىكىمنى ھەم مۇمكىن بولسا ئامرىكىغا بىرىپ ئۇنىڭ قولىدا غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى يۆنىلىشىدە تەربىيىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقمنى، نۆۋەتتە ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقمنى ئېيتتىم. كۈتە-كۈتە ئاخىرى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇنىڭدىن جاۋاپ خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ سەپەردە بولغاچقا سەل كېچىكىپ جاۋاپ قايتۇرۇپ قالغانلىقىدىن ئەپۇ سورىغاچ، مېنى قوللايدىغانلىقىنى ھەم مېنى تەربىيەلەشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى ئيېيتىپتۇ. ئۇ مېنىڭ ئېنگىلىزچەمنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى ماختىغاچ، ئۆزىنىڭ شۇ كەمگىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقى، لىكىن كىلەركى يىلىدىن باشلاپ ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە مىدىتسىنا گېنىتىكىسى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ شۇ فاكۇلتىتقا ئىلتىماس قىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. مەن دەل كىلەر يىلى ماگىستىرلىقنى تاماملايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ پىلانى خۇددى مەن ئۈچۈن بولغاندەك بىشىم كۆككە يەتتى! ئاجايىپ ئىلھاملىنىپ ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا كىتىدىغان ئېمتىھانلارغا بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچەپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.

شۇ ئېلىھامنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلتىماس ئىشلىرىمنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئامرىكا ئاسپىرانىتلىق ئېمتىھانى (GRE) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئېمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىلىش نىيىتىدە شىئەنگە بىر يىرىم ئايلىق سەپەر قىلدىم. بۇ ئېمتىھاننى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەندە تۈگىتىپ ئاندىن بىر شۇ يەردە مەزگىل تۇرۇپ قايتىمەن دەپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئويلىمىغان يەردىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىغا بىرىپ لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. مەن بۇ خەتنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولماي تۇرالمىدىم ھەم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيمۇ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ دەرھال بۇ ئېمتىھاننىڭ كومپيۇتىردا ئېلىنىدىغان يىزىقچىلىق قىسىمنى تۈگىتىپلا قاتتىق ھاياجاندا ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدىم.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى (چارشەنبە) شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئېنىستىتۇتى بىناسىدا ھەر كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىن قەدەم تەشىرىپ قىلغان بىلىمخۇمار كىشىلىرىمىزگە بىر مەيدان ئىلمىي لىكسىيە سۆزلەپ ھەممىنى ھاياجانغا سالغان ئىكەن. بۇ لىكسىيە توغۇرلۇق شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس خەۋەر بەرگەن بولۇپ، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

http://www.akademiye.org/ug/?p=2816

2008-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (دۈشەنبە) مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى. مەن ئالىم لىكسىيە سۆزلىگەندە شىئەندە ئېمتىھان بىرىۋاتقان بولغاچقا ئۈلگۈرۈپ كىلەلمەي ناھايتى ئەپسۇسلانغان ئىدىم. لىكىن شەنبە ئەتىگەندە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ماڭا تېلىغۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى پرافىسورلار ۋە ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارغا يەنە بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قويۇق قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار شىۋىسدە قىلغان ئۇيغۇرچە سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنمدا ھاياجاندىن نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالغانتىم. ئاھ....خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم! شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتى گېن قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تەجىرىبخانىسغا تەۋە بىر كىچكرەك يىغىن زالىدا ئالىم يەنە بىر قىتىم تەرجىمانسىز لىكسىيە سۆزلىدى. بۇ لىكسىيە ھاياتىمدا تاكى ھازىرغىچە مەندە ئەڭ زور قىزىقىش پەيدا قىلغان ۋە مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە رام قىلغان بىر ئىلمىي دوكلات بولدى. ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىنىڭ نەتىجىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ئىدى. لىكسىيەدىن كىيىن مەن ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىم ئالىمدىن كاللىمىزدىكى نۇرغۇن سۇئاللارنى سوراپ بىر مۇنچە ياخشى مۇنازىرىلەردە بولدۇق. بۇ ھەقىقەتەنمۇ «ھاياتتا بىر كىلىدىغان» پۇرسەتلەردىن ئىدى. ئۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسدىكى دوستۇم ئابدۇۋەلى، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان دوستلۇرۇمدىن نىزامىدىن،كىرەمجان...قاتارلىقلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئالىمىمىزغا تون كىيگۈزدۇق (بۇ يازمىنىڭ ئۈستىدىكى بىرىنجى رەسىمگە قاراڭ).  تۆۋەندىكىسى شۇ كۈنىدىكى لىكسىيەدىن بىر قىسىم سۈرەتلەر:

10948_1266019284404_5670004_n.jpg

10948_1265906841593_5008237_n.jpg



10948_1265906681589_5473658_n.jpg


ھاياتىمغا زور تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلگەن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇچىرىشىش مانا مۇشۇنداق ھاياجانلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (2) - پورتلانددا ئىككىنچى رەت كۆرۈشكىچە

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئاساسلىق پروفىسورلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدىكى دوكتۇر مىجىت غوپۇر ۋە دوكتۇر ھېمىت راخمان مۇئەللىملەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر ۋە تۇرپاندا 4 كۈنلۈك ساياھەتتە بولدى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ قايتىپ كىلىپ ئەتىسىلا ئۇ بىئولوگىيە فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىلىرىغا لىكسىيە سۆزلىدى، پەقەت شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىسقا پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. كۆڭلۈمدىكى نۇرغۇن سۇئاللىرىم، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە تەتقىقاتتا ئىلگىرىلەش يوللىرىغا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم ھىچبىر جاۋاپسىز قالدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ۋاقتى قىس بولغانلىقتىن بىزلەر بىلەن بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىش ۋە ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتى بولماي قويدى. شۇنداقتىمۇ شۇ قىسقىغىنە ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن سورىغان سۇئاللىرىم ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا مەن توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەنلىرى قوشۇلۇپ ھەر ھالدا ئۇنىڭدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدىم. ئۇ كەتكەندىن كىيىن ئۇ ئېلان قىلغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىلخەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇ مەن چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى تېلىفوندا چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. شۇ يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئامرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ماتىرىياللىرىنى تەقلەپ ئەۋەتىشكە تەييار بولدۇم. مەن شۇ باھانىدە ئالىمغا بىر خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن مەن ئۈچۈن ئامرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتا كىرەك بولىدىغان بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يىزىپ بىرەلەيدىغان-بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئىككىلىنىش ئىلكىدە سورىدىم. ئۇ 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپ قايتۇرۇپ، مەن ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى يىزىپ بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقى ۋە ئۆز تەرجىمھالىمنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بىرىشىمنى سوراپ جاۋاپ قايتۇردى. بۇ ماڭا يەنىمۇ زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئىلىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ تونۇشتۇرۇش خېتىنى مەن ئىلتىماس قىلغان 4 مەكتەپكە ئەۋەتىپ بولغانلىقىنى، مېنىڭمۇ كۆرۈپ بىقىشىم ئۈچۈن بىر نۇسخىسىنى ماڭا ئەۋەتكەنلىنى يازغان ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خەتنى كۆرگىنىمدە خۇشاللىقىم ۋە تەسىرلەنگىنىمدىن ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالمايلا قالدىم...مەن ئەزەلدىن ناھايتى مۇنەۋۋەر بىر ئوقۇغۇچى بولساممۇ بىرەر پرافىسورنىڭ ماڭا مۇنچىلىك ياخشى باھالارنى بىرىشى ئۆمرۈمدە تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى. ئادەتتە، جۇڭگودىكى پرافىسورلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىرەر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يىزپ بىرىشنى سورىسىڭىز ئادەتتە ناھايتى ئوخشاش بىر قېلىپتا بىر خەتنى يىزىپ ئەۋەتىدۇ. ئەمەلىيەتتە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ مەن ئۇنىڭغا خەت يازغانلىقىمدىن ئۇنى ئاۋارە قىلىپ ۋاقتىنى ئىلىپ قويدۇم دەپ خىجىل بولاتتىم. ئۇنىڭ ھەر كۈنى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن خەتلەرگىمۇ ئەسىتائىدىللىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ماڭا ئۇزۇن بىر تونۇشتۇرۇش خېتىنى شۇنچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يىزىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن يىزىلغان تونۇشتۇرۇش خېتىنىڭ ئەسلى مۇشۇنداق يىزىلىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ خەتنى تۆۋەنگە چاپلاپ قوياي، بەلكىم چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارغا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس (ئەگەر زۆرۈرىيتى بولسا كىينچە تەرجىمە قىلىپ قويۇشۇممۇ مۇمكىن):

Recommendation Letter.pdf (201.69 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

ئۇ خەتتە ئېنىق قىلىپ مىنى تەجىرىبىخانىسغا قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  ئەگەر مەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولمىغان بولسام، بۇ تەلەي ماڭا ھەرگىز نېسىپ بولمايتتى. ئالىم بىلەن بىرەر قېتىم ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق سۆزلىشىپ باقمىساممۇ، ئۇنىڭ ماڭا ۋە مەن تونۇيدىغان باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىدىن ۋە بىرىۋاتقان ئىلھاملىرىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان بىر يۈرىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.

گەرچە مەن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆگەنگەن دەرىسلىرىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى(Oregon Health & Science University, OHSU) مىدىتسىنا ئېنىستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چوقۇم ئوقۇغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىسلەرگە ماس كەلمىگەنلىكى تۈپەيلى ئۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرەلمىگەن بولساممۇ  (OHSU نىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى كەم قالغان ئۈچ دەرىسنى ئوقۇپ ئاندىن كىلەر يىلى قايتا ئىلتىماس قىلىشىمنى ئىيتتى، لىكىن ئۇ دەرىسلەرنىڭ ھىچقايسىسى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆتۈلمەيدۇ)، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مېنىڭ ئامرىكا مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىمغا قىلغان ياردەملىرى مىنى ھەر ۋاقىت خۇشال قىلىدۇ. 2009-يىلى 3-ئايدا OHSU دىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئىلخەتنى تاپشۇرۋالغىنمىدا بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم. لىكىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ماڭا يەنىمۇ زور ئىلھاملارنى بىرىپ بەلكىم ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مەكتىپىگە ئالمىشىپ بىرىشىمنىڭ ئىمكانىيتىمۇ بارلىقى ياكى بولمىسا كىيىنچە پوستدوكتۇرلۇققا بارساممۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئىشەنچىمنى ئۇرغۇتتى. دىگەندەك بىر ئايدىن كىيىن ئامرىكىدىكى باشقا بىر ئۇنىۋىرستىت تەرىپىدىن مەكتەپنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقرىقنى تاپشۇرۋالدىم. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپمۇ ناھايتى خۇشال بولدى ۋە ئامرىكىغا كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بىرىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئامرىكىغا كىلىپ ئوقۇشۇم رەسمىي باشلانماستىلا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە ئاۋارە قىلىشقا باشلىدىم. مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى يىلىدا پروفىسور تاللاش باسقۇچى بولغاچقا، ئوخشىمىغان تۆت پرافىسورنى تاللاپ تەجىرىبىخانىسىدا ئىشلەپ كۆرگەندىن كىين يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر شۇ پرافىسورلارنىڭ ئىچىدىن ھىچبولمىغاندا بىرىنى قايىل قىلغۇدەك ياخشى نەتىجە چىقىرالىساق ئاندىن مەكتەپتە داۋاملىق قالىدىغانلىقىمىز ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن قايسى تەجىرىبخانىلاردا تۇرسام ئۆزەم قىزىقىدىغان يىتىلىش بىئولوگىيسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەڭ ياخشى ئىگەللىيەلەيدىغانلىقىمنى سوراپ 60 دىن ئارتۇق پرافىسورنىڭ تەتقىقاتلىرى تونۇشتۇرۇلغان تور بەتنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم. شۇلار ئىچىدىن ئۇ ماڭا 3 پرافىسورنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ توغرا تەۋسىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ پرافىسورلارىنىڭ بىرى مېنىڭ ئاخرىدىكى ماڭا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مول بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن سۆيۈملۈك يىتەكچى ئۇستازىم بولۇپ قالدى.  2009-يىلى 8-ئايدا ئامرىكىدىكى ئوقۇشۇم باشلانغاندىن تارتىپ بەكلا ئالدىراش بوپكەتتىم ھەم ئۆزەمنى بۇرۇن ناھايتى تىرىشچان ئوقۇغۇچى دەپ ئويلىغان بولساممۇ تىرىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بۇ يەرگە كىلىپ ئاندىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىرىنچى يىلىدا «تەجىرىبىخانا نۆۋەتلىشىشى» (Lab rotation) دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزىمىز قىزىقىدىغان ھەر بىر پرافىسورنىڭ تەجىرىبىخانىىسدا 2 ئايدىن تۇرۇپ (4 قېتىم ئالمىشىمىز) كىچىك بىر تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئاخىرىدا دوكلات بىرىشىمىز تەلەپ قىلىنغاچقا دەرس يوق بارلىق ۋاقىتلاردا ۋە كەچلىرى تەجىرىبخانىدا ئىشلەيتتىم. پەقەت كېچىلىرى ۋە شەنبە-يەكشەنبىلەردىلا ئېمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقىت چىقاتتى. ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر دىگۈدەك ئېلىنىدىغان چارەكلىك ئېمتىھانلار ۋە دەرىسلەردە توختىماي سۆزلىشىمىزگە توغرا كىلىدىغان دوكلاتلارغا تەييارلىق قىلىپ بولالماي نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شەنبە-يەكشەنبىدە جىق ئېىتىپ توڭلاتقۇغا سىلىۋالغان پولۇ ۋە دوخۇپكىدا پىشۇرغان نانلار بىلەن ھەپتە ئاخرىغا ئاران ئۇلىشاتتىم. بەزىدە شۇ يىلى ئوقۇشقا بىللە كەلگەن دوستلىرىمىز بىلەن بىز ئويلىغان ئامرىكا مائارىپى بىلەن بىز كۆرگەن ئامرىكا مائارىپىنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن سۆزلىشىپ كىتەتتۇق ھەم 3-4 سائەت ئۇخلاشقا ۋاقىت چىققان كۈنلىرىمىزنى ئاجايىپ بىر تىپىلغۇسىز ئىش يۈز بەرگەندەك ماختىنىپ سۆزلىشەتتۇق. مەيلى ئامرىكىنىڭ قەيىرىدە، تەبىئي پەننىڭ قايسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان دوستلۇرۇم بولسۇن ھەممىمىزنىڭ ھېكايسىى ئانچە كۆپ پەرقلىق ئەمەس ئىدى. بۇرۇندىن كەسپىي دەرسلەردە 85، 90 لەردىن چۈشمەي ئوقۇپ كۆنگەن مەن ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئېمتىھانلاردا B, C دىگەندەك نومۇرلارنى ئىلىش ھەقىقەتەن ئېغىر كىلەتتى. پروفىسورلارنىڭ تەلىپىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئېمىتىھان سۇئاللىرىنىڭ تەسلىكى ۋە ئىنچىكىلىكىدىن، ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا تەس سۇئاللارنى ئويلاپ تاپالايدىغانلىقىدىن ئەقلىم ھەيران بولاتتى. دەسلەپكى ئىككى ئايدا بىرەر قېتىم A ئىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچىگەن بولساممۇ ئۇنداق تەلەي ئەسلى نېسىپ بولماي، ئۆزەمنى دۆت ھېس قىلىشقا باشلىدىم...قانداقلا بولمىسۇن تۇنجى مەۋسۇمنى ئوتتۇرىچە B بىلەن تاماملىۋالغانلىقمدىن ئاجايىپ خوش ئىدىم. ئاران 15 كۈنلۈك قىشلىق تەتىلدە ئۆيدىن چىقماي ئۇيقۇمنى ئۇخلاپ، چارچاپ كەتكەن نېرۋىلىرىمنى ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالدۇراي دەپ ئويلىسام، بىر پرافىسور مەندىن تەجىرىبخانىدا ياردەملىشىشنى خالامسەن دەپ سوراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تەتىلمۇ تەجىرىبىخانىدا ئىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ پرافىسورنىڭ تەتقىقاتىغا راستىنلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. دىگەندەك ئاخىردا «جاپانىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندەك ناھايتى ياخشى نەتىجىلەرنى چىقارغاچقا سۆزلىگەن دوكلاتىم ۋە سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىم فاكۇلتىتىمىزدىكى پرافىسورلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى (بۇ ئاسان قولغا كەلمەيتتى...). شۇ مەزگىلدە ئامرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتىدا ئوقۇۋاتقان دوستۇم تۇرسۇنجان ئابلىكىم (تور نامى جېك)   ۋە كالىفورنىيە شىتاتىدىكى قۇربانجان روزى ئاكىمىز 2007-يىلى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت قىلغان فىلىمنى Youtube تورىدا كۆرۈپ ئالىم توغۇرلۇق تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالىمنى تونۇشتۇرۇش يولىدا قىلغان ئەمگىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ زىيارەت فىلىمىنىڭ يوۋكۇ تورىدىكى ئۇلىنىشىنى كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:

http://www.soku.com/search_video/q_mitalipov

2009- يىلى كۈزدە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ «پىرىمات ئەۋلادى ۋە تۆرەلمە غول غوجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى ئالماشتۇرۇش» نامىدىكى يەنە بىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىمۇ مېنى ئوخشاشلا ئاجايىپ قىزىقتۇردى ۋە زور ھاياجانغا سالدى. شۇنداق بولغاچقا 2010-يىلى ئۈچىنچى ئايدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنڭ بۇ ماقالىسىنى بىر قېتىملىق «ئىلمىي ژورنال كۇلۇبى» دەرىسىدە ساۋاقداشلىرىمغا چۈشەندۈرۈپ شۇ ماقالە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ باردۇق. شۇ ئارىدا ئالىمدىن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىم بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا خەت يازدىم. ئۇ ئىككى كۈندىن كىيىن چۈشتە تېلىفۇن قىلىشىمنى ۋە ئۆزىنىڭ سۇئاللىرىمغا جاۋاب بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالە توغرىسىدا توپتوغرا بىر سائەت مۇنازىرە قىلىشتۇق، ئۇ ۋاقىت مەن ئۈچۈن خۇددى 15 مىنۇتتەكلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. تەييارلىقىم پۇختا بولغاچقا بۇ دوكلاتىم بەكلا ئوڭۇشلۇق بولدى. بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/ ... df/nihms-137913.pdf

پىرىمات ئەۋلادى ۋە تۆرەلمە غول غوجەيرىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى ئالماشتۇرۇش

قىسقىچە مەزمۇنى:
خوندىرىئوسوم (mitochondria) بولسا يادرولۇق ھۆجەيرىلەردە تىپىلىدىغان ھۆجەيرە ئاپپاراتى بولۇپ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش گېنومىغا ئىگە (خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ياكى قىسقىچە mtDNA دەپ ئاتىلىدۇ). يادرو گېنلىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى، mtDNA يادرو گېنلىرىغا ئوخشاش ئىسپىرمىدىكى ئاتىدىن كەلگەن گېنلار ۋە تۇخۇمدىكى ئانىدىن كەلگەن گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، بەلكى پەقەت تۇخۇمدىن كەلگەن گېنلارغىلا ئىگە، شۇڭا پەقەت ئانىدىن ئېرسىيەت قالىدۇ. mtDNA نىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى بىر قاتار داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەر ۋە بىنورماللىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. يىڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تىپىپ چىقىشتا ئىشلىتىدىغان دەسلەپكى كىلىنكىلىق مودىلنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىز بۇ ماقالىدە ئۇرچۇق-خروموسوم كومپلىكىسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يىتىلگەن مايمۇن تۇخۇم ھۆجەيرىسى خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ باشقا بىر يادروسى چىقىرىۋىتلگەن، لىكىن خوندىرىئوسوملىرى ساق تۇخۇمدىن ئۈنۈملۈك ھالدا كۆچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز. بۇ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرى ئالماشتۇرۇلغان يىڭى تۇخۇم ھۆجەيرىسى نورمال ئۇرۇقلىنىش، تۆرەلمە ھاسىل قىلىش ۋە ئاخىرىدا ساغلام ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تۇغۇلغان 3 بوۋاقنىڭ گېنتىكىلىق ئانالىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بوۋاقلارنىڭ يادرو DNA لىرى پۈتۈنلەي بوۋاققا يادروسىنى تەقدىم ئەتكەن ئانا ھۆجەيرە بىلەن ئوخشاش، mtDNA لىرى بولسا سىتوپلازمىسىنى (خوندىرىئوسومنى) تەقدىم قىلغان ئانا ھۆجەيرە بىلەن ئوپمۇئوخشاش چىققان. ئەۋالادلارنىڭ خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا ئۇرچۇقى تەقدىم قىلىنغان ھۆجەيرىنىڭ گېنلىرى تامامەن يوق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدۇق. ئۇرچۇقنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ يىڭىدىن ئايرىۋىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنىڭ خوندىرىئوسومنى تولۇقلاشتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك پروتوكول (سىناقتىن ئۆتكەن تەجىرىبە باسقۇچلىرى قوللانمىسى) ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بىرىلىدى. بۇ خىل ئۇسۇل خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان ئائىلىلەرگە ئېرسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان پەرزەنتلىك بولۇش تاللىشىنى يارىتىپ بىرىدۇ.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يۇقىرىدىكى ماقالىدە ھەل قىلغان مەسىلە ۋە ئەھمىيتى تۆۋەندىكىچە:

ئېرسىي كېسەللىكلەر داۋالاش بىر قەدەر قېيىن بولغان كېسەللىكلەر بولۇپ، ئاتا-ئانىدىن بالىغا ئېرسىيەت قىلىش يولى بويىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ مېڭىشى مۇمكىن. بالا ھاسىل بولۇش جەريانىدا تۇنجى قەدەمدە بىر ئىسپىرما بىلەن تۇخۇم ئۇرۇقلىنىپ بىر بىرىكمە ھۆجەيرە ھاسىل قىلىدۇ. دەل مۇشۇ بىر ھۆجەيرە توختىماي بۆلۈنۈش ئارقىلىق تۆرەلمىنى ۋە ئاخرىدا ھامىلىنى ھاسىل قىلىپ ئانىدىن بىر بالا بولۇپ تۇغۇلىدۇ. ئېرسىيەت دىگىنىمىز ئاتىدىن كەلگەن ئىسپىرما ھۆجەيرىسدىكى بىر يۈرۈش ئاتىلىق گېنلار بىلەن ئانىدىن كەلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىكى بىر يۈرۈش ئانىلىق گېنلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرىكمە ھۆجەيرە يادروسىدا بىرلىشىپ بالىنىڭ مۇكەممەل بولغان ئىككى يۈرۈش گېنلىرىنى (يادرودىكى خروموسۇمغا قاچىلانغان) ھاسىل قىلىدۇ. گېنلارنىڭ 99% تىن كۆپرەكى ھۆجەيرە يادروسىدىكى خروموسوملارغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، پەقەت يادرو سىرتىدىكى خوندىرىئوسوم دەپ ئاتىلىدىغان ھۆجەيرىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ھۆجەيرە ئاپپاراتىدا ئانىدىنلا ئېرسىيەت قالىدىغان خوندىرىئوسوم گېنلىرى (mtDNA) بولىدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئامرىكىدا ھەر 4000 بالىدىن بىر بالا 10 ياشقا كىرگۈچى خوندىرىئوسوملۇق گېنلاردىن ئېرسىيەت قالغان مەلۇم كېسەللىككە گېرىپتار بولىدىكەن؛ يىلدا 4000 بالا تۇغۇلىشىدىنلا خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەر بىلەن تۇغۇلىدىكەن. لىكىن تا ھازىرغىچە دۇنيادا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى تېخى يوق بولغاچقا نۇرغۇن ئائىلىلەر شۇ سەۋەب بەخىتسىزلككە مەھكۈم بولۇپ كەلگەن ئىدى. تۆۋەندىكى تور بەتتە بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ تۈرلىرى تونۇشتۇرۇلغان:

http://www.umdf.org/site/pp.aspx?c=8qKOJ0MvF7LUG&b=7934629

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يۇقىرىقى ماقالىدا ئانا تۇخۇمىدىكى بىر كېسەللىك ئىلىپ يۈرىدىغان خوندىرىئوسومغا ئىگە تۇخۇمنىڭ يادروسىنىلا ئىلىپ ئۇنى يادروسى ئىلىۋىتىلگەن لىكىن ساغلام خوندىرىئوسوملۇق گېنلارغا ئىگە ئىككىنچى بىر تۇخۇمغا كۆچۈرۈپ ئاندىن بۇ يىڭى تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىسپرما بىلەن بىرلەشتۈرگەندە نورمال ئۇرۇقلىنىپ، كېسەللىكككە گرىپتار بولغان مايمۇندىن ساغلام بوۋاقلار تۇغۇلغان. دىمەك، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان ئانىلا يەنىلا ساغلاپ پەرزەنتلىك بولالىشىغا ئاساس سالغان. ئالىمنىڭ بۇ ئۇلۇغ نەتىجىسى ئامرىكا ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان پەرزەنتىلىك بولۇش ئارزۇسدىكى، لىكىن ئەنسىرىگەنلىكتىن پەرزەنىتلىك بولالماي ئارماندا قالغان سانسىزلىغان ئائىلىلەرگە يىڭى ئۈمىد ئاتا قىلغان.

ئالىمنىڭ يۇقىرىدىكى ماقالىسى دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشىپ، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغان بىر پەرىشتە كەلگەندەك زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. بۇ تېخنىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەرنى داۋالاش يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن شەخسىي فوندى جەمئىيەتلەر بەس-بەستە ئىقتسىادى ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ بۇ تېخنىكىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىشىنى قوللىغان. نۇرغۇن تېخنىكىلار ھايۋانلاردا ئۈنۈمى يۇقىرى بولسىمۇ، لىكىن ئادەملەرگە سىناق قىلغاندا مەغلۇپ بولىدىغان ئەھۋال مىدىتسىنا ساھەسىدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلارلىق يىرى، ئالىمىمىز كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. ئۇ ئۇدا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە 2012-يىلى 10-ئايدا «ئېرسىيەت قالغان خوندىرىئوسوملۇق كېسەللىكلەرنى گېنتىكىلىق داۋالاش» ناملىق دۇنيانى يەنە بىر تەۋرەتكەن ئىلمىي ماقالىسىنى «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىكى تېخنىكىنىڭ ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىپ مۇۋاپىققىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3561483/

بۇرۇن بۇ خىل ئېرسىي كېسەللەرنىڭ پەرزەنتىگە ئامانەت قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن لىكىن چوقۇم پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار پەقەت بالا بىقىۋىلىش ياكى ناتونۇش بىر ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن دادىنىڭ ئىسپىرمىسىنى تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق يىرىم ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بىر بالىنى تۇغۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىللا تاللاشقا ئىگە ئىدى. ئەمدى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ياراتقان يۇقىرىدىكى تېخنىكا ئارقىلىق ئانىلار ئۆز تۇخۇمىنى ئىشلىتىپ پەقەت تۇخۇمىدىكى خوندىرىئوسومنىلا باشقا ئايالنىڭ تۇخۇمىدىن ئارىيەت ئىلىپ، شۇ ئازغىنە گېنلاردىن باشقا بارلىق ئېرسىيتى ئاتا-ئانىنى تارتقان ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنى تۇغۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ تېخنىكا پات ئارىدا دوختۇرخانىلارغا كىرىپ كىلىشىدە ئۈمىدا زور. ئالىمنىڭ ماقالىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا توردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن «تەبىئەت» ژورنىلى، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋىرسال ژورنال «ئىقتىسادشۇناش، The economist» ژورنىلى ۋە باشقا نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا بۇ مىدىتسىنادىكى غايەت زور ئىلگىرىلەش توغرىسىدا خەۋەرلەر بىرىلدى.

http://www.nature.com/news/dna-s ... lity-clinic-1.11651

http://www.economist.com/news/sc ... would-result-people

شۇنداق قىلىپ مەن ئامرىكىدىكى ئوقۇشۇمنىڭ جاننى قېينايدىغان بىرىنچى يىلىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تۈگىتىپ 2010-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ يىتەكچى پرافىسورنى تاللاپ دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەم ئۈچۈن تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتىم. ئامرىكىدا ئاسپىرانتلارمۇ تاكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مەۋسۈمگىچە ھەر مەۋسۈمدە ئاز دىگەندە 3-4 دەرس ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەمەلىي تەتقىقات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە نەزەريىۋى بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلدىكەن. ياخشى يىرى، بىرىنچى يىلىدىن كىين دەرىسلەر ماڭا ئاسان بىلىنىشكە باشلىدى ۋە مۇتلەق كۆپ ۋاقتىمنى تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزسەممۇ ھەممە دەرىسلەردە A نى بىرەر قېتىممۇ قولدىن بەرمىگەچ كەيپىياتىممۇ ياخشىلىنىپ قالغان ئىدى. مەن ئىشلەيدىغان تەجىرىبخانىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى بالياتقۇ مۇھىتىنىڭ تۆرەلمە يىتىلىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىش بولغاچقا، مېنىڭ بۇ 65 لەر كىرگەن ئاپپاق چاچلىق سۆيۈملۈك يىتەكچى ئۇستازىم مەن چۈشۈمدە ئارزۇ قىلغان بىلىملەرنى بىر-بىرلەپ مېڭەمگە قۇيۇشقا باشلىدى. دەسلىپىدە ئۇ ھەر كۈنى بىر سائەت مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ مەن بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە قىلغاندا بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكىدىن سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەي ئۇنىڭ دىگىنىنىلا ئاڭلايتتىم. بەزىدە نىمانچە كۆزۈمگە كىرىۋالىدىغاندۇ دەپ رەنجىپمۇ قالاتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ خىل كۆيۈمچانلىق روھى بىلەن مىنى تەربىيلىشى ئۈنۈم بىرىشكە باشلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىلىدىغان مۇنازىرىلىرىمىزدىن ئاجايىپ ھوزۇر ئالىدىغان بوپقالدىم. ئەسلى بىرەر يىلدىن كىيىن شۆھرەتكامنىڭ مەكتىپىگە ياكى بۇ زېرىكىشىلىك كىچىك شەھەردىن چوڭ شەھەرلەردىكى باشقا مەكتەپلەرگە ئالمىشىپ كىتەي دەيدىغان ئويۇم بار ئىدى، لىكىن دەل مۇشۇ سۆيۈملۈك ئاق چاچ ئۇستازىم مېنى بۇ نىيىتىمدىن ۋاز كەچكۈزدى چۈنكى ئۇنىڭ قۇيسا تۈگىمەستىن چىقىۋىرىدىغان ھەر ساھەدە پىشقان بىلىمى ۋە ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقى مېنىڭ بىلىمگە تەشنا يۈرىكىمنى راستنىلا ئۆزىگە رام قىلۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دوكتۇر فورد (Dr.Ford) دەپ ئاتايدىغان بۇ پىشقەدەم ئۇستازىممۇ خۇددى شۆھرەتكامدەك كۆپيىش بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، مەن قىزىقىدىغان سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى ئۇ مۇتلەق بىلەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن ئۈستىدە «ۋاتىلدىشىپ» كەچ كىرگەننى تۇيماي قالدىغان، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا 5 مىنۇتلۇق كىرىپ شۇ «ۋاتىلداشلىرىمىز» تۈگىمەي تەجىرىبىلىرىمنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپ ئەتىسى قايتا ئىشلەيدىغان fun (ھوزۇرلۇق) كۈنلەرگە قىيمايتتىم. ئەمەليەتتە، ئامرىكىدا بۇنداق پروفىسورلارنىڭ قولىغا چۈشۈش ئاز ئۇچرايتتى، شۇڭا مەكتىپىمگە ئوخشاش قاراردا كەلگەن ھېندىستانلىق، روسىيەلىك ساۋاقداشلىرىم كىرەلمىگەن بۇ تەجىرىبخانىغا مېنىڭ كىرەلىگىنىم تەلىيىم ئىدى. شۇنداق قىلىپ توپتوغرا بىر يىلدىن كىيىن تەتقىقات نەتىجىلىرىمنىڭ مېۋىسىنى تېتىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. 2011-يىلنىڭ بىشىدىلا ئالدىنقى قىسقىغىنە نەچچە ئايدا ئىشلىگەن تەجىرىبىلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى خۇلاسىلەپ يازغان ئابىستراكىتنى «كۆپيىىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى» نىڭ يىللىق يىغىنىغا تاپشۇرسام تىزلا قوبۇل قىلىندى. كىين ئۇقتۇمكى بۇ يىغىننى دەل مەن يەنە بىر كۆرۈشنى ئىستەپ كىلىۋاتقان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرى باش بولۇپ چاقىرغانكەن! مۇنداق تەلەي بولسا بولىدۇ ئادەم دىگەنگە....شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 8-ئايدا ئىلمىي دوكلات سۆزلەش ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تۇرۋاتقان ئورىگون شىتاتىنىڭ مەركىزى پورتلاند شەھرىگە قاراپ يول ئالدىم.

ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى داڭلىق ئالىملار يىغىلغان چوڭ يىغىنغا قاتنىشىشىم بولغاچقا ماشىنىنى مەن ھەيدىمىسەملا ئۇخلايدىغان ئادىتىمگە قارشى شۇنچە ئۇزۇن يولدا ۋاقىتنى خىيال سۈرۈش ۋە ئامرىكىنىڭ گۈزەل غەربىي شىتاتلىرىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. تەجىرىبخانىمىزدىن پرافىسورۇم قوشۇلۇپ تۆتەيلەن بىللە سەپەر قىلغان ئىدۇق، لىكىن مەن گەپكە ئارىلاشماي ئۆزەمنىڭ خىياللىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇ مەندىن «سەن ھاياتمۇ؟» دەپ سوراپ قوياتتى...مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرۋاتقىنى ئەمەليەتتە ئۆزەمنىڭ دوكلات سۆزلىشىدىن بەكرەك دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى. سەپىرىمىزنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئورىگون شىتاتىنىڭ تاغلىق يوللىرىدا ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى ھەم ۋاقىتمۇ تىز ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشكە يىقىن گۈزەللىكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يىقىملىق شەھەر پورتلاندغا كىرىپ كەلدۇق. ئىلگىرى شۆھرەتكام بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەندە پات-پات پورتلاندنى ماختاپ قويۇشلىرىنىڭ بىكارغا ئەمەسلىكىنىمۇ تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم. شۇ كۈنى كەچتە شەھەرلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈتىۋىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدىن كۆزۈم بىرلا كىشىنى ئىزدەيتتى. ئاخىرى زالنىڭ ئۇ بۇرجىكىدىكى بىر ئۈستەلدە باشقىلار بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كۆزۈمگە چىلىقتى. ئامرىكىدا بىر ئۇلۇغ ئالىم بىلەن بىئولوگىيە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش نەقەدەر راھەت، ھە؟! قىزغىن ئەھۋال سورىشىشىلار تۈگىگەندىن كىيىن، ئۇ مېنىڭ يىغىندا سۆزلىمەكچى بولغان دوكلاتىم ۋە قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىم توغرىسىدا تەپسىلىي سورىدى ۋە مىنىڭ چۈشەندۈرۈشلۈرۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كىيىن، ماڭا ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەتىسى دوكلات سۆزلەيدىغانلىقى ۋە مېىنىڭ شۇ زالغا كىرىپ ئاڭلاپ بىقىشىمنى تەكلىپ ئەتتى. ئۇ يەنە ئۆز تەتقىقاتىغا نۇرغۇن مەبلەغ كىتىدىغانلىقى ۋە كۆپىنچىسىنى پەقەت شەخسىي فوندى جەمئىيەتلەردىن ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا كۈنىگە تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن نۇرغۇننى ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۇخۇمنىڭ خىلى قىممەتكە توختايدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتقنىدا ئۇنىڭ شۇ ۋاقتتىكى كەيپىياتىنىڭ ئازراق مەيۈس ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدۇم. دىمىسىمۇ بۇش ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ئامرىكىنىڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالىدىغان ئاساسلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى ۋە دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى ئىنسان غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىغا بىرىلىدىغان تەتقىقات مەبلىغىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن بولۇپ، ئوباما ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كىيىن غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىدىكى بەزى چەكلىمىلەر ئىلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتتىن بىرىدىغان مەبلەغ يەنىلا ناھايتى قىس بولۇپ كىلىۋاتاتتى. ئالىمنىڭ بىرتەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر تەرەپتىن مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تەتقىقات پىلانلىرىنى يىزىپ چىقىشى كىرەكلىكىنى ئويلاپ ئۇنىڭ قانچىلىك جاپادا ئىشلەيدىغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. زالدىكىلەر تارقاپ ئاز قىلىشقا باشلىغۇچە پاراڭلىرىمىز تۈگىمىگەن بولسىمۇ ئاخىرى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆيىگە 45 مىنۇت ماشىنا ھەيدەپ بارىدىغانلىغىنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق. ئەتىسى يىغىن باشلاندى، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر مۇنچە زاللاردا ئوخشمايدىغان دوكلاتلار سۆزلىنىدىغان بولغاچقا ئەڭ قىزىقىدىغانلىرىنى ئالدىنئالا بەلگىلەپ شۇ لىكسىيەلەرنى ئاڭلاشقا توغرا كىلەتتى. ئۈچ كۈن جەريانىدا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆپلىگەن دوكلاتلارنى بىر ئۆيدە، بەزىدە يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ لىكسىيەلەرنى ئاڭلاپ ئارىلىقتىكى دەمئىلىشلەردە پاراڭلىشىپ تۇردۇق. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئالىمنىڭ بىر ياپۇنلۇق ئوقۇغۇچىسى مايمۇن كايمىراسى (بىر نەچچە مايمۇن تۆرەلمىسىنىڭ ھۆجەيرىلىرىدىن ھاسىل بولغان مايمۇن، بۇنداق مايمۇن ھۆجەيرىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان گېنلارغا ئىگە) توغرىسىدىكى ئەڭ يىڭى نەتىجىسىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ياپون شىۋىسدىكى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىدى. ئۇ قىلغان شۇ ئېسىل سۈپەتلىك تەتقىقاتنىڭ نەتجىسىنى ئەسلى  بۇنىڭدىن پەچەت سۆزلەش كىرەكتى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. 2012-يىلى بۇ ماقالىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىئولوگىيە ژورنىلى بولغان «ھۆجەيرە» (Cell) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ياراتقان يەنە بىر دۇنيادىكى «تۇنجى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ماقالىنى كۆرەلەيسىز:




بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلماي، لىكىن قىسقىچە نىمە توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. بۇ ماقالىدا ئىككى مايمۇن تۆرەلمىسى تۆت ھۆجەيرە باسقۇچىدا (مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر باسقۇچى) تۇرۋاتقاندا ئىككىسىنى قوشۇپ بىللە يىتىلدۈرسە ھەر ئىككىلى تۆرەلمىنىڭ گېنلىرىغا ئىگە بولغان يىڭى مايمۇن ھاسىل بولغان بولۇپ بۇ خىل كايمىرانىڭ تۇنجى قېتىم مايمۇندا ھاسىل قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە نورمال جانلىقلارنىڭ تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەردە ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلار بار بولۇپ، كايمىرا دىگىنىمىز سۆزنىڭ ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان ھۆجەيرىنى ياكى تۆرەلمىنى (مەيلى ئوخشاش تۈردىكى ئىككى ھايۋاندىن ئىلىنغان بولسۇن ياكى ئوخشىمىغان ئىككى تۈردىكى ھايۋانلاردىن كەلگەن بولسۇن) قوشۇش ئارقىلىق بىر ھەر خىل گېنلارغا ئىگە ھۆجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يىڭى جانلىقنى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى، بىر يىڭى جانلىقنى ئوخشىمايدىغان جانلىقلارنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئوخشىمايدىغان فىنوتىپلىق ئالاھىدىلىكلەرنى بىر جانلىقتا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەجىرىبىدە ئىشلىتىدىغان چاشقانلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈلگەن. لىكىن تا شۇ كەمگىچە مايمۇن كايمىراسى تېخى مۇۋاپىققىيەت قازانمىغان بولۇپ، ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدە مايمۇندا پەقەت تۆت ھۆجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىلەرنى قوشسا كايمىرا ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىينكى باسقۇچتا تۇرۋاتقان تۆرەلمىلەرنى قوشسا كايمىرا ھاسىل قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


بىر تەرەپتىن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ شۇنچە ئىلغار بىر تېخنىكىنى دوكتۇ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يىتەكچىلىكىدە مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملاپ چىقارغانلىقىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ھاسىل قىلىنغان مايمۇن كايمىراسىدەك بۇنداق ئېسىل نەتىجىنى جامائەتكە تېخىمۇ  چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بىرىش مۇمكىن ئىدى، دەپ ئويلاپ ئازراق ھەسەت قىلىپمۇ قالغانتىم. لىكىن بۇنداق خەلقىئارا يىغىنلاردا نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەردىن ئامرىكىغا كىلىپ لىكسىيە سۆزلەيدىغانلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىش تەس بولاتتى، بولۇپمۇ ياپونيە، كورىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىلىپ سۆزلەيدىغانلار بولسا ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش تېخىمۇ مۈشكۈل ئىدى، شۇڭا بۇنى ئەيىپلەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى، ئەلۋەتتە.


بۇنداق چوڭ يىغنىلاردا (1000 كۆپ ئىلمىي ئابىستراكىت قوبۇل قىلىنغان) ئادەتتە ھەممە ئادەمگە سۆزلەش پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئاران 15% كىشىلا دوكلات سۆزلەيدۇ، قالغانلار تام دوسكىسى ئىشلەپ شۇنى يىغىنغا ئىلىپ بىرىپ بەلگىلەنگەن دوسكىغا ئاسقاندىن كىيىن يىغىن قاتناشچىلىرى كىلىپ ئوقۇپ سۇئال سوراش ئارقىلىق دوكلات مەزمۇنى يەتكۈزۈلىدۇ. مەنمۇ بۇ تۇنجى قېتىملىق قاتناشقان يىغىندا مەن يوللىغان ئابىستراكتىمۇ دەل مۇشۇ خىل تام دوسكا ئىشلەپ كىلىشكە تاللانغان بولغاچقا يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە دوكلاتىمنى شۇ خىل شەكىلدە سۆزلىدىم. ئىككى سائەت داۋامىدا مېنىڭ دوكلاتىمنى چۈشەندۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلغان كىشىدىن 25 نى تىزىملاپتىمەن قالغانلىرى كۆردى ۋە ياندىن ئاڭلاپ تەتقىقاتىمنى چۈشەندى. پرافىسورۇم ياندىن كۆزىتىپ قانداق چۈشەندۈرۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرغان ئىدى، كىيىن مېنىڭ ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرگەنلىكىمنى ۋە ئىككى سائەتتە توختىماي سۆزلەپ ھېرىپ قالغانلىقىمنى، تەتقىقاتىمىزنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ياخشى باھالىرىغا ئېرىشكەنلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بۇندىن كىيىن مېنى كۆپرەك مۇشۇ خىل يىغىنلارغا ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆۋەندىكىسى شۇ يىغىندىن بىر نەچچە كۆرۈنۈش:


283891_2161046419523_5206305_n.jpg


p_large_sBhD_384d00042db65c74.jpg


شۇ مەزگىلىدە ئەسلى بەكلا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبىخانىسىغا بىرىپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، لىكىن ئالىم مۇشۇ يىغىننى تەشكىللىگەن ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، كۈندۈزى ئىلمىي دوكلات ئاڭلاپ كەچلىرى بىز بىكار بولغاندا ئۇ تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مەخسۇس يىغىنلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. شۇڭا ئۇ مىنى بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىندىن كىيىن بىر قانچە كۈن پورتلانددا تۇرۇپ قىلىشىمنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە ۋە تەجىرىبخانىسىغا بىرىشىمنى تەكلىپ قىلدى. لىكىن مەن پرافىسورۇم بىلەن بىللە قايتىشىم ۋە قايتىپ بارغاندىن كىينلا مېنىڭ دوكتۇرلۇق دىسىسېرتاتسىيەمنى ئاساسلىق تەجىرىبىسىن لايھىلەشكە پۈتۈشكەن بولغاچقا يىغىندىن كىيىن پورتلانددا قالالمايتتىم. شۇڭىمۇ ئىچىم ناھايتى ئاچچىق بولدى... ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە ئىچىلغان يىغىن داۋامىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆزەم ئويلىغاندەك كۆپ پىكىرلىشەلمىدىم، لىكىن ئۇنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىرىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىق ۋە پەخىرلىنىش ھېسسىياتلىرىغا چۆمەتتىم ۋە ھىچبولىمىغاندا مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلىگەنلىكىمگە شۈكرى قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن خوشلىشىپ ياپيېشىلىققا پۈركەنگەن گۈزەل شەھەر پورتلاندىن ئايرىلدىم. تۆۋەندە پورتلانددا تارتقان سۈرەتلەردىن بىر نەچچىنى قوشۇپ قوياي (ئەپسۇس، شۇ قېتىم ئالىم بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالماپتىمەن):


p_large_g2lF_4a540001c6735c41.jpg


p_large_yEmg_33870001c40c5c71.jpg



p_large_OjOj_33d10001c3ac5c71.jpg

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (3) - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يىڭى نەتىجىلىرى

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن 2011-يىلى پورتلانددا كۆرۈشكەندىن كىيىن بىز گەرچە ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرغان بولساقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەپسلىي پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولۇپ باقمىدى. لىكىن مەن ئۇ ئېلان قىلغان ھەر بىر ماقالىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا ماقالىلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنىمۇ ئۇنىڭغا يىزىپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنمۇ ئۆز تەتقىقاتىمغا كىرىشپ كەتكەچكە، ئالىمنى بىرەر قىتىم بولسىمۇ يوقلاپ بىرىش، زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بولماي قالدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭغا خەت يازغىنىمدا ئۇنىڭ مېنى جاۋاپسىز قالدۇرماسلىقى مېنى خوش قىلاتتى. مەزكۇر يازمىنى يىزىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ۋەتەندىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەپسلىيرەك چۈشەنگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىش پلانىمنى ئۇقتۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا كۆپ رەھمەتلەرنى ئيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىڭى نەتىجىسى بولغان «ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى» توغرىسىدىكى ماقالىسىدا ئىشلىتىلگەن ئەسلى سۈرەتلەرنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم ئىلىم-پەندە بۆسۈش ۋە يىڭىلىقلارنى ياراتقان بولۇپ، 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇننىڭ غول ھۆجەيرىسنى كلونلاپ چىقىپ ئۇ يارىتىش ئالدىدا تۇرغان ئىلىم-پەندىكى «تۇنجى»لارنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇ 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن تۇخۇم ھۆجەيرىسى ۋە تۆرەلمىسىدە خوندىرىئوسوملۇق گېنلارنى يۆتكەش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئۇ 2012-يىلى ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسنىڭ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك يۆتكەپ، خوندرىئوسوملۇق گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان ئانىلىق ئېرسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. شۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، يىللاردىن بۇيان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئاۋۋال مايمۇندا سىناق قىلىپ مۇۋاپىققىيەت قازانغان تېخنىكىلىق ۋە نەزەرىيىۋى بايقاشلىرىنى ئىنسانلارغا تەدبىقلاش ئارقىلىق نۆۋەتتە داۋالاپ ساقايتىش قېيىن بولۇۋاتقان كېسەللەرنى ئۆزۈل-كېسل ساقايتىشنىڭ يوللىرىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن باشقا بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئەمەس بەلكى دەل دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ھامان بىر كۈنى 2007-يىلى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەت قازانغان مايمۇن غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاش تېخنىكىسىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلىتىپ مۇۋاپىققىيەت قازىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدىم.
دەرۋەقە، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى "Cell"  يەنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس بىئولوگىيە ژورنىلى بولغان "ھۆجەيرە" ژورنىلىدا ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى مىسلسىز دەرىجىدە زىلزىلگە سالدى. بۇ زور بۆسۈش ئامرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدا كۆپ قىتىملاپ خەۋەر قىلىندى، شۇنداقلا بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرى ئامرىكىدا بۇ يىل 5-ئايدا مىدىتسىنا خەۋەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەن ۋە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تىما بولۇپ قالدى. غول ھۆجەيرە ساھەسىدە بىرەر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا داغدۇغا قوزغىغۇدەك نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىشى بىلىشمچە 1997-يىلى تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان دولى ئىسىملىك قوي كلونلانغان ۋاقىتتا قوزغالغان زور داغدۇغىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن.  ئاۋۋال بۇ ئېسىل ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە مۇقەددىمىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي:

http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S0092867413005710

تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى

قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (SCNT, somatic cell nuclear transfer) ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئۈستىدىكى  ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلار تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلۈشى تۈپەيلى مەغلۇپ بولغان ئىدى.  نۆۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى نۇقتىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇق، يەنى ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ۋە مۇۋاپىق ئاكتىپلاشتۇرۇلماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىزنى ئىنسان يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە، پەقەت ئىككى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈلگەن ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسى مۇۋاپىققيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى نورمال جۈپ خىروموسوملۇق ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گىېنلىرى مۇتلەق ھالدا ئاتىلىق بولغان تەن ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنىڭ گېن ئىپادىلىنش ۋە ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئالاھىدىلىكى نورمال تۆرەلمىدىن ئىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ نەتىجە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

مۇقەددىمە
بۆلۈنۈش ئىككىلەمچى ئوتتۇرا مەزگىلى (MII, metaphase II) دە توختاپ تۇرۋاتقان تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە كۆچۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى قايتىدىن تۆرەلمە مەزگىلىدىكىگە ئۆزگەرتەلەيدىغان سىتوپلازمىلىق ئامىللار مەۋجۇت. قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا تۇنجى قىتىم بايقالغاندىن تارتىپ (Gurdon, 1962)، تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش (somatic cell nuclear transfer, SCNT) تىېخنىكىسىنىڭ بىر قاتار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا مۇۋاپپىققىيەتلىك بولۇشى يادروسىزلاندۇرۇلغان ۋە ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى چىقىرىۋىتىلگەن تۇخۇم (سىتوپلاست) نىڭ قايتا پروگراممىلاش خۇسۇسىىيىتىنىڭ ھەممە جانلىقلاردا ئۇنۋىرسالىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى (Campbell et al., 1996; Solter, 2000; Wilmut et al., 1997, 2002). بىراق، SCNT تېخنىكىسىنىڭ ھايۋانلارنى كلونلاشتا غايەت زور قوللىنىشچانلىقى بولسىمۇ، لىكىن تۇخۇمدىكى ئامىللارنىڭ قايتا پروگراممىلاش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىخانىزىمى بىزگە يەنىلا ئومۇمەن نامەلۇم.

ئىنسانلاردا، SCNT ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن (Lanza et al., 1999; Yang et al.,
2007). گەرچە ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى سانسىزلىغان سىناقلار ۋە ئۇرۇنۇشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش تېخى غەلبىلىك بولمىغان ئىدى. بۇ يولنى توسۇپ مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقىنى بولسا SCNT ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن  ئنسان تۆرلمىلىرى بالدۇر ئۆلۈپ كىتىپ، بۇ تۆرەلمىلەردىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولمىغان. كۆپىنچە ھاللاردا، SCNT تۆرەلمىلىرى 8 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيلا ئۆلۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ كۆچۈرۈلگەن يادرودىكى گېنلارنىڭ ۋاقتىدا ئاكتىپلاشماسلىقىدىن بولغانلىغى پەرەز قىلىنغان (Egli et al., 2011;Noggle et al., 2011). بىر نەچچە قىتىملىق ئەھۋاللاردا، SCNT تېخنىكىسى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن تۆرەلمىلەر گەرچە تۆرەلمە خالتىسى (بلاستۇلا)  باسقۇچىغىچە يىتىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تۇراقلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى (ESC) ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ياكى  تەتقىقاتچىلار ئايرىپ ئىلىشقا ئۇرۇنمىغان (Fan et al., 2011; French et al.,2008). تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تېخى ئىنىقلانمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلاردىكى ئىنسان تۇخۇمىغا ئىشلتىلگەن SCNT تېخنىكىسى ئۇسۇللىرى (پروتوكول، protocol) پىرىمات تىپىدا بولمىغان ھايۋانلار ئۈچۈن لايھەلەنگەن. ئىلگىرى، بىز SCNT تېخنىكىسىنى پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارغا خاس قىلىپ ياخشىلاش ئارقىلىق گانگې دەرياسى مايمۇنى (rhesus monkey) نىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىنى يادرو يۆتكەش تېخنىكىسى (SCNT) دىن پايدىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتا پروگراممىلاپ چىققان ئىدۇق (Byrne et al., 2007;Sparman et al., 2009). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خۇددى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىسىمۇ چوقۇم قايتا پروگراممىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق.

يىقىنقى بىر نەچچە كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى يادروسىدىكى ئېرسىي ماددىلار (خىروموسوملار) نىڭ ئىلىپ تاشلىنىشى سىتوپلاست (ئۇرچۇق يىپچىلىرى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى) نىڭ داۋاملىق قايتا پروگرممىلاش ئىقتىدارىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەن (Noggle et al., 2011). بىراق، بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ئۆز خىروموسوملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە بولغان بۇ تۇخۇم تەرەققىي قىلىپ تۆرەلمە خالتا باسقۇچىغىچە تەرەققىي قىلالىغان ھەم ئۇنىڭدىن ESC يەنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولغان. بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئېھتىمالغا يىقىن بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولسا ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىدىكى قايتا پروگراممىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىللار خىروموسوم ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان بولۇشى ھەم تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش جەريانىدا بۇ ماددىلار ئىلىپ تاشلانغان ياكى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، SCNT تېخنىكىسى جەريانىدىكى تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش، تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كۆچۈرۈلىشى ياكى سىتوپلاستنىڭ ئاكتىپلىشىشى قاتارلىق جەريانلارنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسى تۇخۇم سىتوپلازما سۈپىتىگە سەلىبىي تەسىر ئىلىپ كىلىپ تولۇق پروگراممىلاش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى جەريانغا باغلىنىشلىق بولغان ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، بىز يىقىندا كۆزەتكەن MII مەزگىلىدە تۇرۋاتقان  ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ سان كىمەيتىپ بۆلۈنۈشتە توختىشىنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقى ۋە ئاسانلا مىخانىك مەشغۇلاتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق (Tachibana et al., 2013). بۇرۇن بىز سىتوپلاستنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشىگە خاس ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ئارا دەۋرىدە تۇرۋاتقان تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كىينكى قايتا شەكىل رەتلىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق (Mitalipov et al., 2007). بۇ خىل شەكىل رەتلىنىش بىلەن SCNT تۆرەلمىسىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كىينكى تەرەققىياتى ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىشقا ئىگە. شۇڭا، بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلىشى ۋە تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كىرگۈزۈلۈشى جەريانىدا ئىنسان سىتوپلاستىدىكى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئامىللىرىنى ساقلاپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى سىستىمىلىق ھالدا باھالاپ چىقتۇق. شۇنداقلا، بىز ئادەتتىكى ئۆلچەملىك سىتوپلازمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ SCNT ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. دەسلەپتە بىز گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ پىرىماتلارنىڭ مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا يادرو كۆچۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئامىللارنى باھالاپ چىقتۇق. ئاندىن، بىز ساغلام پىدائىيلار تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ SCNT تېخنىكىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللەشتۇردۇق ھەم مىتودتىكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىنسان SCNT تۆرەلمىسىنىڭ تۆرەلمە خالتىسى باسقۇچىغا يىتىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ تۆرەلمىلەردىن بىر قانچە يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە (NT-ESC) لىنىيىلىرىنى ئايرىپ ئالدۇق ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىدىكى DNA نىڭ مۇتلەق ھالدا يادرو تەقدىم قىلغۇچى ئاتىلىق تەن ھۆجەيرىسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز يەنە قايتا پروگراممىلاشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىنسان NT-ESC لىرى ئۈستىدە كۆپ مىقداردىكى كۆپ ھەسسىلىك تەنچە تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ باردۇق.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ ماقالىدا ھەل قىلغان مەسىلە ۋە ئەھمىيتى:
بۇ ماقالە ئۈچۈن نۇرغۇن ئوبزورلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر نوپۇزلۇق بولغىنى كالىفورنىيە ئۆزلۈكىدىن كۆپيىىش مىدىتىسناسى تەتقىقات ئورنىدىكى ئىككى ئالىمنىڭ (Alan Trounson, Natalie D. DeWitt) «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» ئىسمىدىكى داڭلىق غول ھۆجەيرە ئىلمىي ژورنىلىدا ئېلان قىلغان باھا ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S1934590913002154

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاپ چىقىشى يۇقىرىدىكى ئىككى ئالىم ئېيتقاندەك غايەت زور قوللىنىلىشچانلىققا ئىگە. ئالدى بىلەن ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئىلگىرى پەقەت ھايات تۆرەلمىلەردىن ئايرىپ ئىلناتتى، ئەمدى بىر يىتىلىۋاتقان ئىنسان تۆرەلمىسىنى ئۆلتۈرمىسىمۇ بىر تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنىسئاللىق غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تولۇق پوتىنىسئاللىق غول ھۆجەيرىلەر ئىنسان تىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغاچقا ئۇلاردىن پايدىلىنپ بىمارغا لازىم بولغان خالىغان ھۆجەيرىلەرنى يىتىشتۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بىمار ئۈچۈن تولۇق فۇنكىسيەلىك ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرى لازىم بولىدۇ، ھەمدە بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ بىمارنىڭ تىنىدىكى بىر خالىغان ھۆجەيرىدىن (تىرە ھۆجەيرىسىنى مىسال قىلايلى) پايدىلىنپ ئۇنى غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى ۋە ئاخىرىدا ئاشقازان ئاستى بىزى ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غول ھۆجەيرىلەرنى بەدەندىكى تولۇق بىر ئورگانغا ئايلاندۇرۇشمۇ مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر بۇ تېىخنىكا كەلگۈسىدە پىشپ يىتىلسە يۈرەك ياكى بۆرەك دىگەندەك مۇرەككەپ ئەزالارنىمۇ غول ھۆجەيرىدىن ھاسىل قىلىپ بۇ ئورگانلارغا ئھتىياجلىق بىمار ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارغا ساقلاپ تۇرمايمۇ ئورگان ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان ساقايماس كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر ماقالىدىن ماقالىدىكى ئۈچ يەردە ئوخشاش رەسىمنىڭ ئوخشىمىغان ئىسىمدا ئوخشىمىغان ھادىسىگە ۋەكىل قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقاپ ماقالىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغان. لىكىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تەمكىنلىك بىلەن بۇ خاتالىقلارنىڭ پەقەت بۇ پۈتكۈل دۇنيانى ھاياجانغا سالىدىغان زور بايقاشنى دەرھال ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ تەھرىرلەش جەھەتتە خاتالىقلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ يۈرەكلىك ھالدا باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تەكرارلاپ بىقىشى ئۈچۈن تېخنكىسىنى ئايىماي باشقا تەجىرىبخانىلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن. تۆۋەندىكى رەسىملەر ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە يىتىلىپ تۆرەلمە ھاسىل قىلىش جەرياننى ئوبرازلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ:
http://www.flickr.com/photos/ohsunews/sets/72157633449241885

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (4)  - شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۆھپىلىرى

يۇقىرىدىكى بۆلەكلەردە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بولغان بىۋاستە ئالاقىلىرىم ئاساسىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىم ۋە تەسىراتلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئالىمنىڭ نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر نەچچە مۇھىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم. گەرچە ئالىمنى باھالاشقا ئۆزەمنى لاياقەتلىك دەپ ئويلىمىساممۇ، ئالىمنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىلگەنلىرىمدىن ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈستىدە بىر قۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ بىقىشنى لايىق كۆردۈم.

1. ئۆز كەسپىدە دۇنيانى ھاڭ-تاك قالدۇرغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئالىم - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ

ئىلىم-پەن ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى ئادەتتە ئۇلار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپتى ۋە سانى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سۈپىتىنى باھالاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ، بۇلار ماقالىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ياخشى ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە قانچە كىشى تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدا نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانىدىن ئىبارەت. خەلىقئارادا ئىلمىي ژورناللارنىڭ سۈپىتى ئۇلارنى تەسىر كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، مەلۇم تەتقىقات يۆنىلىشىدە شۇ كەسپتىكى قايسى ژورنالنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى بولسا شۇ ژورنال ئەڭ ياخشى ژورنال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم جۇڭگودا چىقىدىغان ژورناللارنى تەسىر كۆرسەتكۈچى 1 دىن تۆۋەن. ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان تەبئىي پەن ئۇنىۋىرسال ژورنىلى «تەبىئەت» ژورنىلى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۆرسەتكۈچىگە ئىگە بولۇپ 2012-يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 38.59، ئامرىكىدىن چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 31.02 بولغان. مەخسۇس بىئولوگىيەگە ئائىت ژورناللاردىن «ھۆجەيرە» ژورنىلى ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۆرسەتكۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۆتكەن يىللىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 31.95 بولغان. مەخسۇس غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورنال «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» بولۇپ 2009-يىلىدىكى تەسىر كۆرسەتكۈچى 23.56 ئىدى. ئادەتتە ئامرىكىدا چىقىدىغان كۆپ قىسىم بىئولوگىيەگە ئائىت ژورناللانىڭ ئوتتۇرىچە تەسىر كۆرسەتكۈچى 3.0 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ تا ھازىرغا كەلگۈچە جەمئىي 54 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىنىڭ تور بىتىدىن ئۇ ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى كۆرەلەيسىز:
http://www.ohsu.edu/xd/research/ ... nter/mitalipov-lab/

http://www.ohsu.edu/xd/research/ ... ab-publications.cfm

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed

بۇ ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ «تەبىئەت» ژورنىلىدا 4 پارچە، «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا 2 پارچە، «ھۆجەيرە غول ھۆجەيرە» ژورنىلىدا 3 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېلان قىلغان ماقاللىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئىلىنىش قېتىم سانىمۇ ناھايتى يۇقىرى بولۇپ ھازىرغىچە 2000 قېتىمدىن كۆپرەك باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىپ بىئولوگىيە ساھەسىدە ماقالىسى ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنىدىغان ئەڭ داڭلىق  1% بىئولوگىيە ئالىملىرى (تۆۋەن چىكى 1229) چىكىدىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئېلان قىلغان ماقاللىلەر يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك تېخنىكىلىق ۋە نەزەرىيەدە شۇ ساھەنى يىڭىلاش خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم ئامبىرىنى قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە داۋالاش قېيىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشتا قوللىنىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ. دىمەك، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى بىئولوگىيە ساھەسىدە دۇنيادا ئەڭ مۇۋاپىققىيەت قازانغان ئالىملارنىڭ بىرى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.


2. ئۇيغۇر شاگىرىتلارنى تەربىيەلىگەن تۆھپىكار ئالىم - دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ

ئاكادىمىيە ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ قازانغان نەتىجىسى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بولغان ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق بەلگىلەنسىمۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق دەرس ئۆتۈشى، قانداق كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىقىشى ۋە شۇنداقلا جەمئىەتكە قانداق تۆھپىلەرنى قوشۇشى بىلەنمۇ باھالىنىدۇ. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆز تەجىرىبخانىسغا ئىگە بولغاندىن بۇيان نۇرغۇن ياش ئالىملارنى يىتشتۈرۈپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى نۆۋەتتە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تەجىرىبىخانىسدا پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى - دوكتۇر ئالىم پولات.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا دوكتۇر ئاشتى بولۇپ تەربىيەلىنىۋاتقان دوستۇم دوكتۇر ئالىم پولات:
220893_10150212346628134_5950746_o.jpg


1077472_401575393286131_1434953918_o.jpg

مۇشۇ يازمىنىڭ داۋامىنى ياخشى تاماملاشنى ۋە شۇنداقلا دوستۇم ئالىم بىلەن ئەسرالىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ تۈنۈگۈن كەچ ئالىم بىلەن تېلىفۇندا بىر يىرىم سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىپ ئۇ توغرىسىدا تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. دوستۇم ئالىمنى ئىككى يىل ئاۋۋال تۇنجى قېتىم توردا ئۇچراتقان ۋە ئۇنىڭ شىۋىتسىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن توردا دوست بولۇپ پۇرسەت بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئىلخەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق. تۈنۈگۈن كەچ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشۈشۈم ئىدى، شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭلىشىپ خۇددى كونا قەدىناس دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتلاردىكىدەكلا قەۋەتلا خوش بوپ كەتتىم. نىمىلا دىگەنبىلەن يىشىمىزمۇ تەڭتۇش، ئوخشاش كەسىپتىن ۋە ئوخشىشىدىغان ھايات مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلاردىن بولغاچقا ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن تىزلا ئىچەكىشىپ دەسلىپىدە غول ھۆجەيرىدىن چۈشۈپ ئارىلىقتا شېۋىتسيەنىڭ گەپلىرىگە يۆتكەلسەك بىردەمدە بالىلىرىمىز ئۈستىدە توختىلىپ ئاخرىدا يەنە شۇ بالىلارنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولغاچقا دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇشقا پۈتۈشۈپ تېلفۇننى قويدۇق.
دوكتۇر ئالىم پولات 2005-يىلى فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېلىكتىر ئېنژىنرلىقى كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ شۇ يىلى كۈزدە شېۋىتسىيە چالمىرز تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (Chalmers University of Technology) دا نانو تېخنكىسى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىغان. ئىككى يىلدىن كيىن ئۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شېۋىتسيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋىرستىتى (Linköping University) غا كۆچۈپ بارغاندا ئۇنىڭ بىللە بىللە شۇ ئۇنىۋىرستىتقا بىرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە ئالىم (تەڭتۇش دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىدىم) ناھايتى تىرىشىپ ئوقۇغان بولۇپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇشى مەزگىلىدە ئامرىكا ۋە ياۋروپادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا نانو تېخنىكىسى ۋە بىئو-فىزىكا ساھەسىگە ئائىت 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ دوكتۇرلۇقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نانو ماتىرىياللارنى ئىشلىتىپ بىر يەككە ھۆجەيرە ئىچىدىكى گلۇكوزا مىقدارىنى ئۆلچەش تېخنكىسىنى ياراتقان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى قىزىقپ قالغان. ئۇ 2010-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن، شىۋىتسىيەدە پوستدوكتۇرلۇق خىزمىتى ئىزدەۋىتىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشى (Swedish Research Council) تور بىتىدىن شىۋىتسيەدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ئازراق ئوخشىمايدىغان بىر ساھەدە پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان بىر تەتقىقات مەبلىغى بارلىقىنى بايقىغان. شۇ مەزگىلدە ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن ۋەئۆزىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بىرىشىنى ئۆتۈنگەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە ئالىمغا ياردەملىشىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ يۇقىرىدىكى تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات پلانىنى تەييارلىشىپ بەرگەن. ئالىم نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئوبدان چۈشەنگەن ۋە ئىلتماسنى تاپشۇرغان. 2011-يىلى بۇ تەتقىقات مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئالىم ئىككىلىنىپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرى مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ يىرىم يىل ئىچىدە شىۋىتسىيەدە بۇ تەتقىقات تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇش ۋە ئامرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ 2012-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىلىپ ئىككى يىللىق پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى باشلىغان.
ئالىم ناھايتى تۈز كۆڭۈل، خۇشچاقچاق يىگىت بولۇپ، ئۆزىنىڭ دەسلىپىدە خىلى كۆپ قىينچىلىقلارنى تارتىپ ئاندىن غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەنلىكىنى تەپسىلي ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايتتىم چۈنكى مەن باشلاش ئالدىدا تۇرغان پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىم بىئولوگىيە كەسپىدە بولماي باشقا بىر كەسىپتە بولۇپ قالغان بولسا مەن ئۇ قېيىنچىلىقلارغا تەۋەككۇل قىلىشىم ۋە ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىشىم ناتايىن ئىدى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئالىمنى ياقتۇرۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئىجتىھاد بىلەن تەتقىقات قىلىش روھى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى تەتقىقات ئۈنۈمى(3 يىلدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ) گە ئىگە بولغانلىقىدا بولسا كىرەك، دەپ ئويلىدىم. ئالىم ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەقەدەر كەسىپچانلىقى ۋە قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىرگەندىن بۇيان ناھايتى مۇھىم تەتقىقات ۋەزىپىلىرى ئۇنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ يىڭى ساھەگە قەدەم قويغىنىغا ئاران بىر يىرىم يىل بولغان ئالىم ئاللىقاچان خىلى زور تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياراتقان. ئۇ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ  «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى» توغرىسىدىكى ماقالىدا ئاپتۇرلارنىڭ بىرى بولغان. ئامرىكىدا ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىگە ئوخشاش تەتقىقاتقا بىۋاستە تۆھپە قوشمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەل-ئاغىنىدارچىلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ماقالىغا قوشۇپ قويدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئالىم بۇ ماقالىنىڭ مۇھىم بىر تارماق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ ناھايتى ياخشى ئورۇندىغاچقا بۇ شەرەپكە نائىل بولغان. «ھۆجەيرە» ژورنىلىدەك مەخسۇس بىئولوگىيە ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئاپتۇرلۇق قىلغان ئۇيغۇردىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسا دوستۇم ئالىم پولاتنىڭ ئىسمىلا بار بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئالىم ئۆزى قىلغان ئاساسلىق تەتقىقاتلارنى خۇلاسىلەپ يازغان بىرىنچى ئاپتۇرلۇقتىكى ماقالىسىنى ئاللىقاچان يىزىپ پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ماقالىنى «تەبىئەت» ژورنىلى بىلەن «ھۆجەيرە» ژورنىلىنىڭ بىرىگە تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. پات ئارىدا ئالىمنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆرۈش نېسىپ بولسۇن، ئىلاھىم!
ئالىمدىن يەنە بىر نەچچە يىڭى گەپلەرنى ئاڭلىدىم. بۇ يىل 6-ئايدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ «خەلىقئارا غول ھۆجەيرە تەتقىقاتى» يىغىنىغا بارغىنىدا «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر سائەت پاراڭلىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى «تەبىئەت» ژورنىلىغا تاپشۇرمىغانلىقىدىن ناھايتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كىين مۇشۇنداق ئېسل ماقالىلىرىنى چوقۇم «تەبىئەت» ژورنىلىغا ئەۋەتىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. قىزىق يىرى، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۇ داڭلىق ماقالىسى 5-ئايدا «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، تەھرىرلەشتىكى بەزى خاتالىقلارنىڭ بارلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندا، «تەبىئەت» ژورنىلى دەرھال بۇ خەۋەرنى بېسىپ ئالىمنىڭ ماقالىسىغا گۇمانىي نەزەردە قاراش بىلەن بىرگە «ھۆجەيرە» ژورنىلىنى ئۇ ماقالىنى پەقەت 3 كۈن ئىچىدىلا ئېلان قىلىپ مەسئۇليەتسىزلىك قىلدى، دەپ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ساقلانغان خاتالىقلارنىڭ پەقەت تەھرىرلەش جەھەتتىكى كىچىك خاتالىقلار ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ نەتىجىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاللىقاچان ماقالىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قايتىدىن «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى تۈپەيلىدىن، دۇنيا ئىلىم-پەن ساھاسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورناللار ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ باسىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئىشىنمەنكى، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئىنسانىيەت بىلىم خەزىنىسىگە ئەڭگۈشتەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي سۇنىدۇ.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر سىتۇدىنىتلاردىن تاپشۇرىۋالىدىغان خەتلەرگە ھەر دائىم ۋاقىت چىقىرىپ جاۋاپ قايتۇرىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەپ سوقىدىغان بىر يۈرىكىنىڭ بولغانلىقىدا. ئۆتكەن ئايدا ئالىمنى بىر نەچچە مەتبۇئاتلاردىن كىلىپ زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىر خەۋەردە ئۇنى روس دەپ ئاتىغاچقا ئۇ ناھايتى خاپا بولغان ۋە دەرھال چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ماقالىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق يازمىسا بۇ ماقالىنىڭ بېسىلىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئېيتقان. ئۇ توغرىدا ئامرىكىدا بېسىلغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدە يۇقىرىدىكى خەۋەرنى ۋاقتىنچە ئىزدەپ تاپالماي قالدىم، لىكىن ئالىم توغرىسىدىكى بىر قىسىم خەۋەرلەرنى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي:
http://newsle.com/person/shoukhratmitalipov/9418124
http://researchamerica.wordpress.com/tag/shoukhrat-mitalipov/
ئۇ تەربىيەلەۋاتقان دوكتۇر ئالىم پولات كەلگۈسىدە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئېزىدىن مېڭىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئالىم پولات ھازىرچە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شاگرىتىلىرىنى تۇنجىسى ۋە بىردىنبىرى بولۇپ، بۇندىن كىيىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىم پولاتقا ئوخشاش ئىستىداتلىق ياش ئۇيغۇر ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىدا شەك يوق.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم (5) - ئاخىرقى سۆز

مەن بۇ يازمىنى يىزىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پەخىرلىك ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە بىر قەدەر تەپسىلي تونۇشتۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ياشلارغا ئېلھام بىرىشنى مەقسەت قىلغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئارىمىزدىن چىققان ئالىملارنى، ئىلىم-پەن خادىملىرىنى تونۇشتۇرۇشتۇرغاندا نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى، قانچىلىك تەسىر قوزغىغانلىقى، خىزمەت تەجىربىسى ۋە ياكى ئوقۇش تارىخىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئاساسلىقى تونۇشتۇرۇلۋاتقان كىشىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئەتراپلىق، ئاممىباپ تىلدا چۈشەندۈرۈش كىرەك، دىگەن ئويۇمنى ئەمەلىي ئۈلگە ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر بۇ يازمامنى ئوقۇغاندىن كىيىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى، تەتقىقات سەۋىيسى ۋە ئۇنىڭ ئۆز كەسپىدە دۇنيادا تۇتقان ئورنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى ھەققىقدە مەلۇم كونكېرىت چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ھەم مەزكۇر يازمىدىكى بىرەر جۈملە ئەستە قالغۇدەك يازالىغان بولسام يۇقىرىدىكى مەقسەتكە يەتكەن بولىمەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ھايات يولى بىر مۇۋاپىققىيەت يولى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن قېىينچىلىقلارنى يىڭىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز پەرەز قىلالايمىز. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ شەخسەن مېنىڭ ئىلىم-پەنگە، ھاياتلىق ھادىسىلىرىگە بولغان قىزىقىشىمنى قوزغاپ قەلبىمگە بىر تۈگىمەس ئوتنى سالغان كىشى. ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ماڭا مەيلى كىم بولسۇن كۈچلۈك ئارمىنى ۋە ئارمانغا چۇشلۇق تىرىشچانلىقى بولسىلا كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يىتەلەيدىغانلىقى ياكى شۇنىڭغا يىقنلىشالايدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويدى. شۇ ئېلھام، شۇ مەدەتنىڭ تۈرتكىسىدە گەرچە مەن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قولىدا تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ئۆزەم قىزىققان بىلىملەرنى ئۆگىنەلىدىم، ئۆزەم تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىمنى رىئاللىقتا كۆرەلىدىم. بىزنىڭ ئىچىمىزدە خۇددى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە ئوخشاش ئىجتىھاد بىلەن ئىزدىنىپ ئۆز كەسپىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان ئالىملىرىمىز يەنە نۇرغۇن. شۇغىنىسى شۇ كىشىلەرنى تونۇيدىغان ھەم ئۇلاردىن بىۋاستە ئېلھام ئالغان كىشىلەر شۇ ئالىملىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى بىزگە ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويسا تېخىمۇ نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلبىدە ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىق ئوتىنى ياندۇرالىغان بولاتتى. ئېنتىرنىت تورى دۇنيانى كىچىكلىتىپ ھەممىمىزنى يىقىنلاشتۇرۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە شۇ يولغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھامان بىزگە مەلۇم بولغۇسى.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىر قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان غول ھۆجەيرە تىمىسىدا دۇنيادا باشلامچى سۈپىتىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ تەتقىقات ساھەسىگە ھازىرغىچە كۆپلىگەن نوبېل مۇكاپاتلىرى بىرىلگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلىرىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كەلگۈسىدە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش شەرىپىگە نائىل بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە تىلەكلىرى ۋە قىزىقىشلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. گەرچە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى تاكى شۇنداق كۈن يىتىپ كەلگەنگە قەدەر ھەممىمىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، لىكىن ئالىمىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرىۋاتقان نەتىجىلىرىنى باشقا ئوخشاش ساھەدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار بىلەن سېلىشتۇرما قىلساق، بەلكىم توغرا جاۋابقا يىقىنراق كىلىدىغان بىر «تەربىيەلەنگەن پەرزە» دە بولالىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن 2012-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى غول ھۆجەيرە ئالىمىنى مىسال قىلساق، بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيە ئالىمى جون گۇردون (John Gurdon) پۈتۈن ھاياتىنى ھۆجەيرىلەرنىڭ تولۇق پوتىنىسئاللىق خۇسۇسىيىتىنى تەتقىقى قىلىشقا سەرىپ قىلغان شۇنداقلا 1958-يىلى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تەن ھۆجەيرىلىرىدىن پايدىلىنپ بىر ئومۇرتقىلىق ھايۋان (پاقا) نى كلونلاپ چىققان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى غول ھۆجەيرە ۋە كلون ساھەسدىكى بارلىق بايقاشلار ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى تۈپ ئاساسىي نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن. ئىككىنچى كىشى بولسا ياپونيە ئالىمى شىنيا ياماناكا (Shinya Yamanaka) بولۇپ، ئۇ تەن ھۆجەيرىلىرىدىكى تۆت خىل گېننى قوزغاتسا ئۇلارنى غول ھۆجەيرىگە ئوخشاش تولۇق پوتىنسىئالغا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى بىلەن يىتىلگەن جانلىقلار تىنىدىكى ھۆجەيرىلەرنى كلونلىماي تۇرۇپمۇ شۇ تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنى خالىغان ھۆجەيرە تىپىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان زور قوللىنىشچانلىققا ئىگە بىر يىڭى تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ئىككى كىشى توغۇرلۇق بەزى ئۇچۇرلارنىڭ مەن يازغان تۆۋەندىكى تىمىدىن بىلەلەيسىز:
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54106
دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ھەممە نەتىجىلىرى ئىچىدە ئەڭ زور ئۇتۇقى بولسا ئىنساننىڭ يىتىلگەن ھۆجەيرىلىرنى بۇرۇن مەۋجۇت بولغان يادرونى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا كلونلاپ غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالغانلىقى بولۇپ، بۇ تېخنىكا ئارقىلىق پەقەت مەلۇم ھۆجەيرىلەرنىلا ئەمەس بەلكى مەلۇم ئورگاننى يىتىشتۈرۈش نەزەرىيە جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئايرىپ ئىلىنغان غول ھۆجەيرىلەر بىلەن ياماناكانىڭ تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىندۇكسىيەلەپ ئايرىپ ئالىدىغان تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلىرىنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشىسىمۇ ئۇلار يەنە مۇئەييەن پەرقلەرگە ئىگە. چۈنكى ئىندۇكسىيەلەنگەن تولۇق پوتىنسئاللىق غول ھۆجەيرىگە قارىغاندا كلونلىنىپ چىقىلغان تولۇق پوتىنسئاللىق غول ھۆجەيرىلەر تۆرەلمە تىنىدىكى ئەسلى تەبئىي بولغان غول ھۆجەيرىلەرگە تېخىمۇ ئوخشىشىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ھۆجەيرىلەر ئەزا يىتىشتۈرۈش ۋە ياكى مەلۇم خىل ھۆجەيرىلەرنى بىخەتەر ھاسىل قىلىپ كېسەل داۋالاشتا ياپونيە ئالىمى ياماناكا بايقىغان ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۆجەيرىلەردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قىلىش ئېھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىت بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېىيتپ بىرىدۇ، ئەلۋەتتە.

مەيلى كەلگۈسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشسۇن ئېرىشمىسۇن، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ھىچكىم قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى بىلەن تارىخ بەتلىرىدە نامى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇنىڭ بۇ زور نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرىقى تۇرىۋاتقان ھالىتىگە قارىتا خەلىقئارادا ئاكتىپ تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىلىم-پەن قىزغنىلىقىنىڭ يىڭى دولقۇنىنى قوزغاپ يەنىمۇ كۆپ ئىقتىساسلىق ياش ئالىملارنىڭ مەيدانغا كىلىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئاخرىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرى ۋە ئېلھاملىرى ئۈچۈن زور تەشەككۈر ئېيتش ۋە ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت، تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور مۇۋەپىققىيەتلەرنى تىلەش بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

تۈگىدى.

-بىلگەجان (2013-يىلى تومۇزنىڭ 8-كۈنى، ئامرىكا)

0

تېما

0

دوست

2166

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 217
تۆھپە : 501
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 13:39:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ نەتىجىللىرى بىزنىڭ توختىماي تىرشىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ.ئالىمىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئائىلىسىگە بەخىت،تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مول ھوسۇللۇق تىلەيمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

10

تېما

5

دوست

1203

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 19:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى بۇ يەردە كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن

1

تېما

0

دوست

2148

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8231
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 337
تۆھپە : 435
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 20:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن سوۋغىسى،  تارىخىي مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەزىز پەرزەنتى شۆھرەت مۇتەللىپ، ئىنسايەت ئىلىم - پەن ئاسمىنىدا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازانغايسەن، ئاللاھ ساڭا يۆلەكداش بولغاي !
ئالىمىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن بىزگە خەۋەر بەرگەن قېرىندىشىمىزغا تەشەككۈر......

0

تېما

0

دوست

411

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21623
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 22:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Telke تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 22:05  

بىلگەجان ئاخىرى ماقالىنى تۇلۇقلاپتۇ دە .  ئۆتكەن قېتىم ماقالىنىڭ يېرىمىنى ئۇقۇپ، خۇددى تۇمۇز ئىسسىقتا بىر چىنە سۇغۇق سۇنى ئىچەي دەپ لىۋىمگە ئاپارسام، سۇ بىردەمدىلا قۇرۇقدىلىپ، تەشنالىقىم بېسىلمىغانداق بىر خىل بۇلۇپ قالغانتىم. ئاخىرى ماقالىنىڭ تۇلۇقىنى كۈرۈش نىسىپ بۇپتۇ. بولسا مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يوللاپ تۇرساڭلار.

بۆرەياربۆرە

0

تېما

0

دوست

239

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21736
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 22:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ، ئالىمجان ئاكىمىزنىڭ ھەم سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە بەخىت، تەتقىقاتىڭىزغا تېخىمۇ زور مۇۋەپىققىيەتلەرنى تىلەيمەن.

0

تېما

4

دوست

998

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   99.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-9 21:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تېمىنى ئۆتكەندە مىسرانىم مۇنبىرىدىن كۆرگەن ئېدىم. لېكىن، ئۇ چاغدا شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا)باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىغا خالىغانچە ئۇيغۇرچە سېستىما چۈشۈرۈشنى بىئەپ كۆرۈپ (ئىنكاس يازالمىغان ئىدىم.

مانا بۈگۈن يەنە ھاياجان بىلەن قايتا كۆرۈپ چىقتىم. ئالىمىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
بىلگەجان ئىنىم سىزنىڭمۇ ئوقۇش-تەتقىقاتلىرىڭىز مۇۋاپىقيەتلىك بولسۇن.
ئائىلەڭلار خاتىرجەملىككە تولسۇن.

alkANAT

0

تېما

10

دوست

3527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 958
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 07:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار بەكلا ئاز دېسە. باغداشنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆتكۈر پىكىرلەرگە تويۇنغان ئىنكاسلىرى قېنىدۇ؟
باغداشنىڭ قايتا ئېچىلغىنىنى كونا ئەزالار بىلمەيۋاتامدىغاندۇ؟

4

تېما

0

دوست

1738

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4009
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 399
تۆھپە : 261
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 11:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرىمىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن

14

تېما

6

دوست

2621

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 21:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alkanat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 07:38
شۇنداق ياخشى تېمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار بەكلا ئاز دېس ...

بۇ تىمىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم. بۇ تىمامنى ئىلگىرى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلغان ئىدىم ھەم ئىزدىنىش، قۇتادغۇبىلىگ، مىسرانىم مۇنبەرلىرىدە جەۋھەرلىنىپ جەمئىي 20 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك چىكىلگەن تىما بولغاچقا، باغداشتىكى تورداشلارنىڭ بۇ يازمىنى باشقا تورلاردا ئوقۇپ بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن. مەن بۇ تىمىنى بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويۇشتىكى مەقسىتىم بۇرۇن بۇ تىما تولۇق پۈتمەستە ئېلان قىلىنغان بولغاچقا ئاخىرىدىكى قىسىملىرى ئىنكاس شەكلىدە يوللانغان ئىدى، شۇڭا داۋامىنى كۆرەلمەي قالغانلار تولۇقى بىلەن كۆرۈۋالسۇن دەپ ئويلىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )