قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1430|ئىنكاس: 52

مۇھاكىمە:ئاتۇمدا ‹‹چالا›› قالغان 6 ئىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 07:23  

     -بۇ تىما-<<باغداش>> تورىمىزنىڭ قايتا ئېچلغانلىغىنى تەبرىكلەش يۇزىسىدىن يىزىلغان بۇلۇپ ، <<باغداش>>تورى ۋە قەلەم ئىگىسىنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ ، خالىغان تورغا يوتكىسىڭىز بۇلىدۇ.
      نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ، بۇلۇپمۇ ،  بىر ئەسىرلىك ئىلگرلەش جەرىيانىدا ئىنسانلارنىڭ ماددىنىڭ تۇزۇلۇشى توغرىسىدىكى قارىشى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇكسەلدى.
ماسسا -ئىنىرگىيە مۇناسىۋەت تەڭلىمىسىدىن ئاتۇم بومبىسىغىچە ، ھېيسىنبىرىگنىڭ فونكىتسىيىسىدىن پائۇلى سىغىشماسلىق پىرىنسىپىغىچە، قارا جىسىم رادىئاتسىيىسىدىن چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىگىچە ، كۇۋانتلىشىشتىن خاۋكىڭ نەزەرىيەلىرىگىچە ، يۇرۇقلۇق تىزلىگنىڭ ئوزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن  ئىلىكتىرۇننىڭ پارچىلىنىشى ...غىچە نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە تېخنىكىلارغا ئىگە بولدۇق. بىراق ، قەلەم ئىگىسىنىڭ قارىشىچە بىز يەنىلا ئاتۇمنى نۇرغۇن ئىشلار <<چالا قالغانلىغى>> سەۋەبلىك تۇلۇق چۇشىنىشكە ئامالسىزمىز.
تۇۋەندىكىلەر ئاتۇمدا <<چالا >> قالغان ئىشلاردىن ئىبارەت.
1.كۇۋانتلىشىش مىخاينىزىمى
بىز مەيلى يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرۇن ئوربىتىسى بولسۇن ياكى يادرودىكى زەرەت ۋە ماسىسىنىڭ بولسۇن ۋە ياكى يادرونىڭ تۇزۇلۇشى بولسۇن  ھەمدە باشقا نۇرغۇن جەرىيانلار بولسۇن كۇۋانتلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىغىنى بىلىدۇق . ئۇنداق بولسا بۇ خىل كۇۋانتلىشىش قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق كۇۋانتلىشىشى كېرەك؟
2.ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ ياكى ۋاقىت-بوشلۇق ئەگرىلىكىنىڭ ئاتۇم دائىرىسىدىكى تەسىرى ۋە مىخاينىزىمى
بىز موتلەق كوپ قىسىم ھاللاردا مىكرو ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ، ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنى مىقتارى ئىنتايىن كىچىك دەپ قاراپ ئۇنى نەزەرگە ئالمايمىزيۇ ماكان -زامان ئەگىرىلىكىگە چېتىلىدىغان ماسسا ، ئارىلىق ، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى دىگەندەك ئۇقۇملارنى ئېغىزىمىزدىن چۇشۇرمەيمىز، تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى بوشلۇقنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئالدىنقى شەرتى ماكان زاماننىڭ مەۋجۇت بۇلۇشىدىن ئىبارەت بولسىمۇ ، زەرەتنىڭ بوشلۇقتىكى تەقسىملىنىشى ، ماسسىنىڭ ئوزگىرىشى ، ...بوشلۇقتىكى كۇۋانتلىشىش قاتارلىقلارنى <<چۇڭقۇر>>تەتقىق قىلىپ كىتىمىز!
3.ئىلىكتىر ماگىنىت تەسىرىنىڭ <<غەيرىلىكى>>نىڭ كىلىپ چىقىش مىخاينىزىمى
ئاتۇمدا نۇرغۇن<<غەيرى>>لىك مەۋجۇت ، بۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ بىر تۇپ سەۋەبى ئىلىكتىر-ماگىنىت تەسىرىنىڭ غەيرىلىكىدىن ئىبارەت ، بۇ يەردە مىسال ئۇچۇن ئىلىكتىرۇننىڭ يادرو سىرتىدىكى ھەركىتىنى مىسال قىلىمىز.
    كىلاسىك ئىلىكتىر ماگنىتىزىمنى ئوگەنگەنلەرگە مەلۇمكى زەرەتلىك جسىم تىزلىنشچان ھەركەتلا قىلىدىكەن ، ئۇھالدا ئۇ زەرەت جەزمەن سىرتقا نىسبەتەن ئىنىرگىيە چىقىرىشى ياكى قۇبۇل قىلىشى كېرەك ، بىراق بۇ زەرەتلىك جسىم -ئىلىكتىرۇن يادرو سىرتىدىكى مۇئەييەن بىر ئوربىتىسىدا  ئالاقىدار كۇۋانتلىشىش شەرتىنى قانائەتلەندۇرگەن ئاساستا خالىغان تىزلىكتە خالىغان يۇنۇلۇشتە ھەرىكەت قىلسىمۇ ئىنىرگىيىىسىدە ئوزگىرىش بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا بۇنداق غەيرىيلىكنىڭ يەنى كۇۋانتلىشىشنىڭ كىلىپ چىقىش مىخاينىزىمى قانداق؟
4.كۇچلەرنىڭ <<ئاتۇم ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىشى>>
كۇچلۇك ئوزئارا تەسىر، ئىلىكتىر ماگنىت ئۇزئارا تەسىر، ئاجىز ئوزئارا تەسىر ۋە ئالەملىك تارتىشىش ئوزئارا تەسىىرىدىن ئىبارەت توت خىل ئوزئارا تەسىرنىڭ نوكلىئۇن ئولچىمى دائىرىسىدىكى كۇچىنىش نىسبىتى ھازىرقى نۇپۇزلۇق ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1:0.00729:0.001:0.0000000000000000000000000000000000000000000000000000000000001 بۇلىدۇ، بىراق ، <<قالايمىقان>> يىرى ئاجىز ئوزئارا تەسىر  ئۇزىدىن 100نەچچە ھەسسە ۋە 1000ھەسسە ئەتىراپىدىكى كۇچلۇك بولغان كۈچلۇك ئوزئارا تەسىر ۋە ئىلىكتىر- ماگنىت تەسىرىنى <<يىڭىپ>> بىرقسىم زەررىچىلەرنى پارچىلىۋېتەلەيدۇ!
5.ئاتۇم تۇزۇلۇشىدە <<چۇشۇپ>> قالغان زەررىچىلەر
ئاتۇم نىمىدىن تۇزۇلگەن ؟ دىگەن سۇئالغا مەيلى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى بولسۇن ياكى ئالى مەكتەپ فىزىكا كەسپىنى پوتتۇرگەنلەر بولسۇن ، كىتاپلاردىكى ئولچەملىك جاۋاپ بۇيىچە ئاتۇم- ئاتۇم يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرون ۋە ئاتۇم يادروسىدىكى پىروتۇن ۋە نىيىتىرونلاردىن تۇزۇلگەن دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن  .
كەسكىن قىلىپ ئيتقاندا بۇ جاۋاپ توغرا ئەمەس. سەۋەبى فوتۇن بولمىسا يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرون ئاللىقاياقلارغا كىتىدۇ! ماكان-زامان ئەگىرىلىكىىنىڭ گىراۋىتونى بولمىسا ، يادرونىڭ ئومىرىدىن سوز ئاچقىلى بولمايدۇ!! كوچلۇك كۇچنىڭ ۋاستىچى زەررىچىسى بولمىسا ، دونيا ئاتۇم يىمىرىلىشتىن كىلىپ چىققان غايەت زور ئىنىرگىيىنىڭ تەسىرىدە ئاللىبۇرۇن <<قىيامەت >> كۇنىنى كۇرۇپ بولىدۇ!!!!
شۇڭا ، <<چالا>> قالغان زەررىچلەرنى تۇلۇقلاش كېرەك.
6. ماسسا ئوزگىرىش سەۋەبى
بىز بارلىق فىزىكىلىق ئوزگىرشلەرنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا تىگى-تەكتىدىن ئالغاندا مۇقەررەر ھالدا ئىنىرگىيگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەھلىل قىلغان بولىمىز ، ئەمما ، ئىنىرگىىيىدىكى ئوزگىرىش -ماھىيەتتە ماسسىدىكى ئوزگىرىش بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ماسسىدىكى ئوزگىرىشنىڭ ئالدىنقى ئاساسى ھەرىكەت تىزلىگىدە ئوزگىرىش ياكى ۋاقىت -بوشلۇق ئەگىرىلىكىدە ئوزگىرىش بۇلۇشتىن ئىبارەت .
ئاتۇم فىزىكىسىدا پىروتۇن ۋە  نىيتىرونلار كۇچلەرنىڭ تەسىرىدە يادرونى تەشكىللىگەندە ، ماسسا ئوزگىرىشى يۇز بىرىدۇ ۋە شۇ ۋەجىدىن بىزنىڭ يادرو ئىنىرگيىلىرىدىن پايدىلىنىشمىزنىڭ ئىمكانيىتى توغۇلغان بولىدۇ. ئونداق بولسا ، بۇ خىل ئوزگىرىش قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
...........
يۇقارقىلار مەن ھازىرغىچە ئاتۇم فىزىكىسىدا چالا قالغان ئىشلار دەپ ھىساپلىغان ئىشلارنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، كەسپى تەربىيە كورمگەنلىكىم ۋە ئالى مەكتەپتىن ئايرىلغىلى15 يىلدىن ئاشقانلىغى تۇپەيلىدىن خاتا بولۇپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن ، تورداشلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى ئالى ئېھتىرام بىلەن تىلەيمەن .
ئىشنىمەنكى ، قېرىنداشلىرىمىز يۇقۇرىدىكى ۋە باشقا نۇرغۇن <<چالا >> قالغان ئىشلارنى تولۇقلاپ ، دونيا تەبئى پەن تەرەققىيات تارىخىغا مۇبارەك <<ئويغۇر>> نامىمىزنى يازالايدۇ!.
ئالى ئېھتىرام، چەكسىز تىلەكلەر بىلەن:مۇھاكىمە
2013.9.8 5:00 كۇچار

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

muhakima بۇ ئىنكاسنى 12 - قەۋەتتە يوللىغان

ئاتۇم -ئاتۇم يادروسى ، يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرۇنلار ۋە فۇتۇن، گىراۋىتۇندىن تۇزۇلگەن ، كوپ نوكلىئۇنلۇق ئاتۇم يادروسى-پىروتۇن (پىروتۇنسىمان زەررىچىلەر) ،نىيتىرون (نېيتىرونسىمان زەررىچىلەر)،نىيتىرونۇ ،فۇتۇن،گىراۋىت ...

2

تېما

1

دوست

730

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 167
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاكىمە ئەپەندىم سالامەتمۇ سىز؟ يەنە شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ ئالدىنقى قېتىملىق ئەسىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرى قانداق بولدى؟ قايتا رەتلەش ئىشلىرىڭىز تاماملاندىمۇ ياكى رەتلەۋاتامسىز؟
تېمىڭىزنى ئوقۇپ يېرىم-ياتا چۈشەنگەن بولساممۇ  پىكىر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭا ئەھۋال سوراشىن باشقا ئامالىم يوق. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

377

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21564
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

1

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SEHI يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 11:44
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

رەھمەت سىزگە! سىزگىمۇ ئۇتۇق،ئامەت،سالامەتلىك يار بولسۇن!

1

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghun يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 11:25
مۇھاكىمە ئەپەندىم سالامەتمۇ سىز؟ يەنە شۇنداق ئالدىراش ...

ھەرھالدا ياخشى، شۇنداق كۇندە دوختۇرخانىغا قاتىراش، كىتاپ كۇرۇش ۋە ماقالىنى يىزىش بىلەن ئالدىراش. ماقالىنى ئوزگەرتىپ يىزىپ بولدوم، ھازىر پايدىلانغان ماتىرىياللارنى قايتىدىن سېلىشتۇرىۋاتىمەن ۋە قىستۇرۇلىدىغان سورەتلەرنى سىزىۋاتىمەن.
كۇڭۇل بولگىنىڭىزگە رەھمەت.

3

تېما

2

دوست

4327

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1252
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوغۇق سۇ سەپكىنىم ئەمەس.
مەلۇم تەجرىبە، نەزەرىيەدە تۇلۇق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە نەتىجىسىنى راۋرۇس كۇزەتمەي تۇرۇپ فىزىكىدىكى بۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدىراپ ئېغىز ئاچمىغۇلۇق. بولمىسا ئىلمىي قىممىتى يوق بىلجىرلاش بۇلىدۇ خالاس.
بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان دەپسىز ، لىكىن كەلتۇرگەن ئاساسىڭىز بەكلا تومتاق. بۇرۇنقىلارنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، يىغىنچاقلىسڭىز باشقىچە، لىكىن بۇنداق قىلماپسىز.

تىرىشىڭ.

11

تېما

0

دوست

1230

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلىرىڭىزنى باغداشتىن ئايىمىغايسىز. باغداش مۇشۇنداق تىمىلار بىلەن گۈزەل

45

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2548
تۆھپە : 2932
توردىكى ۋاقتى: 3013
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بارلىق فىزىكىلىق ئوزگىرشلەرنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا تىگى-تەكتىدىن ئالغاندا مۇقەررەر ھالدا ئىنىرگىيگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەھلىل قىلغان بولىمىز ، ئەمما ، ئىنىرگىىيىدىكى ئوزگىرىش -ماھىيەتتە ماسسىدىكى ئوزگىرىش بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ماسسىدىكى ئوزگىرىشنىڭ ئالدىنقى ئاساسى ھەرىكەت تىزلىگىدە ئوزگىرىش ياكى ۋاقىت -بوشلۇق ئەگىرىلىكىدە ئوزگىرىش بۇلۇشتىن ئىبارەت .
________________

مۇھاكىمە ئەپەندىم،ۋاقىت بىلەن بوشلۇق، ماسسا- ئىنىرگىيە دىگەنلەر بىلەن بىر ئۇقۇممۇ؟،پەرقى بولسا پەرقى قەيەردە؟.بولۇپمۇ ۋاقىتنىڭ ئەگرىلىكى،شەكلى دىيىلگەندە بىزنىڭ ئادەتتىكى شەكىل چۈشەنچىمىزگە ئوخشاش بىرەر ئوپتىكىلىق ئوبراز كۇزدە تۇتۇلامدۇ؟.

45

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2548
تۆھپە : 2932
توردىكى ۋاقتى: 3013
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ پەرقى،خاسلىغى قانداق؟.

0

تېما

1

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ ئاتۇمدا چالا قالغان ئىشلار ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىڭىز توغرا بوپتۇ.

.ئاتۇم تۇزۇلۇشىدە <<چۇشۇپ>> قالغان زەررىچىلەر
ئاتۇم نىمىدىن تۇزۇلگەن ؟ دىگەن سۇئالغا مەيلى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى بولسۇن ياكى ئالى مەكتەپ فىزىكا كەسپىنى پوتتۇرگەنلەر بولسۇن ، كىتاپلاردىكى ئولچەملىك جاۋاپ بۇيىچە ئاتۇم- ئاتۇم يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرون ۋە ئاتۇم يادروسىدىكى پىروتۇن ۋە نىيىتىرونلاردىن تۇزۇلگەن دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن  .
كەسكىن قىلىپ ئيتقاندا بۇ جاۋاپ توغرا ئەمەس. سەۋەبى فوتۇن بولمىسا يادرو سىرتىدىكى ئىلىكتىرون ئاللىقاياقلارغا كىتىدۇ
!
بۇھەقتە تېخىمۇ كەڭ دائىردە چۈشەنچە بېرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )