بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-8 06:03
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش
_ بىكخامنىڭ يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ھەركەت قىلىدىغان توپى ۋە 29-تىئورما
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
بۇ تېمىدا نىيوتۇندىن باشلىنىپ ھازىر غىچە ھەم ئۆزى ئايلىنىپ ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان توپلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىش ھادىسىسىنڭ سەۋەبى خاتا ئىزاھلىنىپ كىلىۋاتقانلىغى ھەققىدە مۇھاكىمە يۆرگۆزىلىدۇ.
تېمىنى قايتا-قايتا تەھرىرلەپ تولۇقلايمەن.يىتەكچى ئىدىيە ئۆزگەرمەيدۇ.مەن بۇ تېمىنى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلىماقچى.تورداشلارنىڭ ،كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ ،فىزىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋە فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ تېما،ئىنكاسلىرىمغا قاراپ چىقىپ يىتەكچى ئىدىيەدە ۋە باشقا نۇقتىلاردا مەسىلە بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سەممى ئۈمىت قىلىمەن ۋە قىزغىن قارشى ئالىمەن.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۇنى «ئىلىم-پەن تورى»دا(科 学网)دا«揭秘贝克汉姆精准任意球 物理公式提出完美路线»دىگەن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىندى.خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېغىش ھادىسىسى شەكىل نەزەريىسىنىڭ29-تىئورمىسىنى يادىمغا سالدى..يەنى،پېقىرىتىپ تېپىلگەن توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئاغىدىكەن.ئەنگىليەلىك 4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانىت بۇنداق ئېغىشنىڭ فۇرمىلاسىنى،ماتىماتىكىلىق ئاساسلىرىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىپتۇ.بۇ ئەپەندىلەر بۇنداق ئېغىشنى ماگنوس ئىففكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدىكەن.4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانىتنىڭ ماقالىسى "特殊物理学论题"دائەمدى ئېلان قىلىنىدىكەن.
بۇ ئاسپىرانىتلار ئىشلىگەن تەڭلىمىدە توپنىڭ رادىئوسى،ھاۋا زىچلىغى،توپنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى،سىزىقلىق تىزلىكى،توپنىڭ ماسسىسى،مۇساپىسى قاتارلىق ئەزالار بار ئىكەن.29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىدا ھاۋانىڭ زىچلىقى(ρ)مەۋجۈت ئەمەس ۋە ھاجەت ئەمەس.29- تىئورمىدا بۇلۇڭلۇق ۋەسىزىقلىق تىزلىكلەرلا ئەڭ مۇھىم مىقدارلاردىن ئىبارەت.
مەن بىكخام تەپكەن توپتىكى بۇ خىل ئېغىشنى 29-تىئورمىچە ئېغىش،ئۇنىڭ ماگنوس ئىففىكىتى، بېرنوللى قانۇنى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىسى يوق، يۇقۇرقى تەجىربە ھەقىقى بوشلۇقتا ئىشلەنسىمۇ ئوخشاشلا توپنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە يۆزلەنگەن ئېغىش ھادىسىسى يۆز بېرىدۇ.ھەتتا بۇ خىل ئېغىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ، دەپ قارايمەن..ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:
ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار تەڭلىمىدە بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
Heinrich Gustav Magnus-1802-1870
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك:
يۇقۇردىكى رەسىمدىكى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقىنىڭ چۈشەندۆرىلىشى خاتا. سەۋەپ، توپ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەرياندا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىۋاتقان ،ھەم ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىۋاتقان ئەھۋالدا توپنىڭ ئوڭ يىرىم شارىنىڭ يغىندى تىزلىكى سول يېرىم شارنىڭ يىغىندى تىزلىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.بىرنوللى قانۇنى بويىچە تىزلىك تۆۋەن تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمى تىزلىك يۇقۇرى تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمىدىن چوڭ بولىدۇ. ھالبۇكى،ئەمەليەتتە پېقىراۋاتقان توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ھامان تىزلىك تۆۋەن تەرەپكە،يەنى بىسىم يۇقۇرى تەرەپكە ئاغىدۇ.
تۇۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇزئوقىدا ئايلانمايدىغان ،شەكلى ئايرۇپىلان قانىتىدەك ئاستى تۆز،ئۇستى ئەگمەچ (سۆيۆر شەكىللىك)بولغان سىستىما ،جىسىملار بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان سىستىمىلارغا(جىسىملارغا) بىرنوللى قانۇنى ماگنوس ئىففىكىتىنى تەدبىقلاشتا ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش كېرەك.چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىتلىرى ئوخشىمايدۇ.
مەلۈمكى،ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئاستى تۇز،ئۆستى ئەگرى قىلىنىپ لايىھلىنىشىدىن مەقسەت بىرنوللى قانۇنى بويىچە قاناتنىڭ ئاستى -ئۆستىدىن ئۆتكەن ھاۋانىڭ تىزلىك ۋە بىسىم پەرقىدىن پايدىلىنىپ كۆتۆرۆلۈش كۈچى شەكىللەندۆرۆشتىن ئىبارەت.يەنى بۇ ھالدا قاناتنىڭ ئۆستىدىكى ھاۋا بىسىمى تۆۋىنىدىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.يۇقۇرىدىكى ھاۋانىڭ تىزلىكىدىن تۆۋەندىكىسىنىڭ تىزلىكى تۆۋەن بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئايروپىلاندا كۆتۆرىلىش كۈچى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
قۇش قانىتى.ئايرۇپىلان قاناتلىرى بىلەن بىكخام تەپكەن توپنىڭ شەرىتلىرى ئوخشاش ئەمەس،بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا ھازىرغىچە بۇ مەسىلەتوپقا تەدبىقلانغاندا ئەكسىچە چۈشەندۆرۆلۆپ كېلىنىۋاتىدۇ.مۇبادا بىرنوللى قانۇنى، ماگنوس ئىففىكىتى قاتارلىقلار بۇنداق توپلارغىمۇ ئورۇنلۇق بولسا توپ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئەمەس.قارشى تەرەپكە ئېغىشى كېرەك ئىدى.
منىڭ"بىكخامچە ئايلاندۇرۇلۆپ تېپىلگەن توپنىڭ ئېغىش سەۋەبى خاتا چۈشەندۆرۆلۆپ كەلدى دىگەن" بۇ تەشەببۇسۇمنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەممەيلەن چۈشىنەلەيدىغان بىرئاممىباپ مىسال كەلتۈرىمەن:
مەلۆم تىزلىكتە خالىغان بىر يۆنىلىشتە كىلىۋاتقان ماشىنا ئەسلىدىكى يۆنىلىشىدىن باشقا بىر تەرەپكە ئايلاندى دەپ پەرەز قىلىڭ.ئېنىق بولىشى ئۈچۈن ئوڭ تەرەپكە ئايلاندى دەيلى.ماشىنا ئايلىنىۋاتقان پەيىتتە ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى چاقىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى يۇقۇرى بۇلامدۇ ياكى سول تەرەپتىكى چاقىنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى بولامدۇ؟.ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا ئىقىمىنىڭ سۈرئىتى تىز بولامدۇ ياكى سول تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى تىز بولامدۇ؟.ئەلۋەتتە ئوڭ تەرەپتىكى چاقنىڭ تىزلىكى ئاستا،سول تەرەپتىكى چاقنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى بولىدۇ.ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋانىڭ تىزلىكى ئاستا،سول تەرەپتىكىسىنىڭ يۇقۇرى بولىدۇ.دىمەك بۇ ھالدا ،بىرنوللى قانۇنى بويىچەتىزلىك ئاستا بولغان ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا زىچلىغى يۇقۇرى دەپ قارىلىشى كېرەك.
بىكخام پېقىرىتىپ تەپكەن توپنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقۇرقى ئەھۋالغا ئوخىشايدۇ.يەنى توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە،يەنى ھاۋا بىسىمى ۋە قارشىلىق يۇقۇرى تەرەپكە ئاغىدۇ.دىمەك ،بىرنوللى قانۇنى،ماگنۇس ئىففىكىتى قاتارلىقلارنى پىقىرىتىپ تېپىلگەن توپقا يۇقۇرقىچە تەدبىقلاپ،ھاۋانىڭ بېسىم پەرىقلىرىنى يۇقۇرقىچە ئىزاھلاش پۈتۈنلەي خاتا.توپنىڭ بو خىل ئېغىشى تىپىك 29-تىئورمىچە ئېغىش.ھاۋا بىسىمى ئېغشقا ياردەم قىلمايلا قالماي،ھەتتا ئېغىشقا قارشىلىق كۈچ بولۇپ رول ئوينايدۇ.سەۋەپ ،ئوڭغائايلىنىۋاتقان ماشىنىغا تەسىر قىلىدىغان ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئوڭ تەرەپتە تۆۋەن ،سول تەرەپتە يۇقۇرى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بىكھامچە تۇپنى پەقەت ھاۋا بولغان مۇھىتتىلا مەۋجۈت دەپ قارايدىغان كىشىلەردىن سورىلىدىغان تولىمۇ ئاددى بىر سوئال با،ئۇ بولسىمۇ:بىكھام ئاي شارىدا خۇددى يەرشارىدىكىدەك ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ توپ تەپسە بۇتوپنى پەقەت تۆز سىزىق بىلەنلا ماڭىدۇ دەيدىغانغا قانداق ئاساسىمىز بار؟،تەبىئەت ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنى ئۆگەيلەمدۇ؟.
بەزىلەر بۇ خىل سوئالغا ھەممە دەرىسلىكلەردە دىگۆدەك تېپىلىدىغان ئىنىرىتسىيە قانۇننىڭ بايانى بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تاللايدۇ.ئىھتىياج سەۋەبىدىن بۇ باياننىڭ قايتا ئوتتۇرىغا قويۇمەن:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ. ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن. يۇقۇرقى ئىككى مىسالدىن بىز نىيوتۇننىڭ ھېچقاچان تەبىئەتتىكى ئاساسى ھەركەت شەكلىنى جەزمەن تۆز سىزىقلىق بولىدۇ دىگەنلىگىنى ئۇچىرتالمايمىز.1-مىسالدىكى "تۆز سىزىق"ئورنىغا "ئەگرى سىزىق"قويۇلسىمۇ ماھىيەت ئۆزگەرمەيدۇ.بۇ پەقەت ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن ئىتقاندا بىر سىمۋوللۇق بايان.ئىنىرىتسىيە قانونىنىڭ ماھىيىتى بولسا "ئەسلىدىكى ھالەت"تىن ئىبارەت.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئىتقاندابىكھامچە توپنىڭ ئالدىنقى شەرتى مەيلى ۋاكىئومدا مەيلى ئادەتتىكى موھىتتا بولسۇن ھەرقاچان بىكھامنىڭ تېپىكدىن ئىبارەت "تاشقى كۈچ"نىلا ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.
بىرنوللىنىڭ ئاقار جىسىملار مىخانىكىسىغا ئائىت كىتاۋى «ھىدرودىنامىكا» 1738-يىلى نەشىر قىلىنغان ئىكەن.ھېنرىخ ماگنوس"ماگنوس ئىففىكىتى"نى1852يىلى شەرىھلەپتۇ.
ئېتشلارغا قارىغاندا نىيوتۇن1672-يىلى كامبىرىج ئىنىستېتوتىدا(Cambridge college)سېتكا توپ ماھىرلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ خىل ئېغىش ھادىسىسىنى تەسۋىرلىگەن ۋەسەۋەبىگە "توغرا ھۆكۆم قىلغان" ئىكەن.
ئەگەر مىنىڭ ئاساسلىرىم پۇت تىرەپ تۇرالىسا ھەم ئۇزى ئايلىنىۋاتقان(پىقىراۋاتقان)ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان توپلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكەئېغىشىنىڭ سەۋەبىنى خاتا چۈشەندۆرۆش تارىخى 342يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولىدۇ.يەنى نىيوتۇنمۇ بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىگە 1672-يىلى توغرا ھۆكۆم قىلمىغان بولىدۇ.
نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنى تاشقى كۈچ تەسىر قىلمىغان ئەھۋالداتوپلاردىكى 29-تىئورمىچە ئېغىشقا يول قويمايدىغان بولغانلىغى ئۈچۈن نىيوتۇننىڭ بۇ خىل ئېغشنى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ دەپ قارىۋىلىشىدىن ئەجەپلىنىشكە بولمايدۇ.
مانا بۇ نەق 29-تىئورمىنى ئىپادىلىگەن سۆرەت.سۆرەت سىزغۇچى Uyghun
بۇ خىل ھەركەت شەكلىگە سەۋەپ بولغىنى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان ئەشۇنداق ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ،مىسالغا ئىتساق بىكھامنىڭ تېپىكى.
ئاتمۇسفىرا بېسىمى قاتارلىقلار ھەرگىز بۇ خىل ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.
يۇقۇردىكى سۆرەت،تۆز سىزىق بويىچە تېپلىگەن توپنىڭ ھەر ئىككى يېرىم شارىنىڭ تىزلىكىنىڭ باراۋەرلىگىنى،سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىلىرىنىڭ نىشان بىلەن بىردەكلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
سۆرەتلەرنى سىزىپ بەرگۆچى ئۇيغۇن ئەپەندى
بۇ سۆرەتتە،ئىككى يېرىم شارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ نىشانغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغانلىغى،ئوڭنىڭ نىشانغا قارشى يۆنىلىشتە،سۇلنىڭ ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالايمىز.
كۆرۆنۆپ تۇرۇپتىكى ،بۇنداق ئېغىشتىكى سەۋەپ:ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىگە نىسبەتەن ئىتساق، توپ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەرياندا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىۋاتقان ،ھەم ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىۋاتقان ئەھۋالدا توپنىڭ ئوڭ يىرىم شارىنىڭ يىغىندى تىزلىكى سول يېرىم شارنىڭ يىغىندى تىزلىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.مۇشۇنداق تىزلىك پەرقى ئوڭغا ئېغىشنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىكگە ئوڭ تاناسىپ،سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكىگە تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ.
مۇبادا يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىم ئورۇنلۇق دەپ قارالسا 29-تىئورما تەجىربىسى ھەم ئاددىلىشىپ ھەم ئاسانلىشىپ كەتكەن بولاتتى.مەن ھازىر نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرسىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسۇمنىڭ ئورۇنلۇق ئېكەنلىگىنى تېخمۇ ھېس قىلماقتىمەن.چۈنكى بۇ قانۇننى يالغۇز تۆز سىزىقلىق ھالەت ۋە جىم ھالەتلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماي،بارلىق"ھالەت"لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلىش ئارقىلىقلا تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،بۇ ئارقىلىق 29-تىئورمىچە ئېغىشنىمۇ چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى ،شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانى:
زەررىچە ۋە جىسىملارغا كۈچ تەسىر قىلمىسا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلايدۇ.
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى:
"ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.
تورداشلار،بۇ تەشەببۇسلىرىمدا نۇقسان بايقىساڭلار ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
|