جوۋزۇڭلىنى چۆچۈتكەن ۋودرود بومبىسى زاپچىسىنى
ئوغۇرلاش دىلوسى
<مەدەنىيەت زورئىنقىلابى > مەزگىلىدە ،جۇڭگونڭ شىمالىي رايونىدا يۈزبەرگەن ۋودرو بومبىسى زاپچىسىنى ئوغۇرلاش دىلوسى پەۋقۇلئادە چوڭ دىلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جۇئىنلەينىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاخىرى پاش قىلىنغان .
1969_يىلى باھارنىڭ مەلۇم بىركۈنى ،تەييۈن شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان مەلۈم مەخپىي ئىدارىنىڭ 703 تەتقىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى چى جىياكاڭ بىلەن خادىم ياڭ شىياۋچىڭ ۋودىروت بومبىسىنىڭ مۇھىم زاپچىسى بولغان نى ئېلىپ بىيجىڭغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرغان . بۇ ئۈسكۈنە يۈتۈپ كەتسە ،ۋودىروت بومبىسىنى سىناق قىلىش زور تەسىرگە ئۇچرايدىغان بۇلغاچقا ،ئۇلار بۇ ئۈسكۈلەرنىنى يۈك-تاق قويۇش ئورنىغا تۈمۈر زەنجىربىلەن باغلاپ ئۇخلاپ قالغان .ئۇلار بىرئازدىن كىيىن ئويغۇنۇپ ،ئۈسكۈنىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى بايقاپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان .گوۋۇيۇەننىڭ زۇڭلىسى جوۋئىنلەي بۇنىنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ،بۇدىلونى ج خ مىنىستىرلىكى مەخسۇس دىلو گۇرپىسىنى قۇرۇپ ، دېلو ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ،بۇنىڭ سىياسىي خارەكتىرلىك ئوغۇرلۇق دىلوسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن .تەكشۈرۈش ئالتىنجى كۈنىگە باغاندىمۇ چوڭ بۈسۈش بۇلمىغان .
جوۋزۇڭلىنىڭ كاتىپى شۇكۈنى مەخسۇس دىلو پاش قىلىش گۇرپىسىىنىڭ باشلىقى خۇاڭ بىتيەنگە تىلىفۇن بىرىپ دىلو پاش قىلىش گۇرپىسىغا پىشقەدەم ،تەجىربىلىك ج خ كادىرىنى تەكلىپ قىلىش پىكرىنى بەرگەن . شۇنداق قىلىپ ، ج خ سېستىمىسىدا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن ، مول تەجىربە توپلىغان 55 ياشلاردىكى گو يىنىفېڭ بۇ دىلونى پاش قىلىش خىزمىتىگەقاتناشقان .گويىنفېڭ بۇدېلوغا ئالاقىدار ماتىريالنى 8 سائەت كۈرۈش ئارقىلىق ،بۇ دىلونى ئوغۇرلۇققا پىششىق ئەمما ئوغۇرلۇق تەجىربىسى يىتەرسىز 30 ياشلاردىن تۈۋەن ئايالنىڭ سادىر قىلغانلىقى ، دىلونىڭ ئادەتتىكى جىنايىي ئىشلار دىلوسى ئىكەنلىكىنى ھۈكۈم قىلغان ،چۈنكى ئۈسكىنە سىلىنغان سومكىنىڭ بىغىدا ئاياللار ئىشلىتىدىغان قول ئاسراش مىيىنىڭ يۇقى قالغانىكەن .ج خ مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ سۈپەتلىشى بويىچە ، بۇ جىنايەت گۇماندارىنى تەقلىدىي رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ تارقاتقان . ئۇزاق ئۆتمەي ، ياڭچۇەن شەھرىدىن رەسىمگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر ئايالنى بايقالغانلىقى توغرىسىدا بىرخەۋەر كەلگەن ،گويىنفىڭ ئىككى ياردەمچىسى بىلەن بىرلىكتە ياڭچۇڭ شەھرىگە بىرىپ ۋودرود ئۈسكۈنىسىنى ئوغۇرلىغان ئايالنى قولغا چۈشۈرگەن .
. شۇنداق قىلىپ بۇ دىلو جۇئىنلەي بەلگىلىگەن 10 كۈن موھلەت ئىچىدە مۇۋاپى پاش بۇلغان .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى (2013-يىل 23 ئاۋغۇست) مىھرىگۈل ئەلى تەرجىمىسى
|