قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 7

زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ سۈبىھى ›› ناملىق پوۋېسىتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                           

                                                   ــــ زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ سۈبىھى ›› ناملىق پوۋېسىتى ھەققىدە
            

               بىر قانچە يىللەر ئىلگىرى شىنجاڭلىق بىر ئاغىنەم پاراڭ ئارىلىقىدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنى تىلغا ئىلىپ، بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە دىققەت قىلىپ قويۇشمىنى تاپىلىغانىدى. دەرۋەقە، ھېلىقى ئاغىنەم ئېيتىقاندەك ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئىسمى مەتبۇئاتلاردا پات – پات كۆرۈلۈشكە ئەگشىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولىدى.

             ئەمەلىيەتتە، يازغۇچى زوردۇن سابىر 1961 – يىللىرى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستېتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ شۇ چاغلاردا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى شائىر تېيىپچان ئېليوفقا كۆرسەتكەن. شائىر تېيىپچان ئېلېيوف ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تاللاپ، ‹‹ تارىم›› ژۇرنىلغا ئەۋەتىپ بەرگەن. كېيىن بۇ شېئىرلار ‹‹ تارىم ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلنىپ زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىگە كۈچلۈك مەدەت –ئىلھام بولغان. كېيىن زوردۇن سابىر ھەرخىل سىياسىي ھەركەتلەردە قېقىلىپ – سوقۇلۇپ ئەدەبى ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن خۇددى سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتكەن. پەقەت 1972 – يىلىدىن كېينىلا قولغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى بىلەن مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھازىر بۇ دېھقان ئوغلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ‹‹ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىدىكى تايانىچ ››، ‹‹ زونۇن قادىردىن كېيىنىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئاسمىندا چاقنىغان يۇلتۇز›› ..دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تەرپلەندى. ھازىر يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردا ئۇ كەينى – كەينىدىن بىر تۈركۈم نادىر ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ ‹‹ دولان ياشلىرى ›› ناملىق ھېكايىسى 1979 – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 1 – دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئاز سانلىق قېرىنداش مىللەتلەر ۋە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ مۇۋەپپەقەتلىرى بىزىگە ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئۆسۈپ –يېتلىش باسقۇچىدىن ھالىقىپ، پېشىپ – يېتىلىش باسقۇچىقا يەتكەنلىكىنى، مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلنىغان ئەسەرلىرىنى بىرمۇ –بىر ئوقۇپ چىقىتم . بۇلۇپمۇ ‹‹ سۈبىھى ›› پوۋېستىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم. بۇ پوۋېستتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ئەسئەتنىڭ سۈبىھى ئىسىملىك ئاگرانوم قىزنىڭ ئەلا سورتلۇق بۇغداي يېتىشتۇرۇش، زىرائەت بىلەن قاشقا بىدىنى كىرشتۈرۈپ تىرىپ، تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش تېخىنكىسىنى كېڭەيتىش ئىلمىي تەجرىسگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاخىرىدا بۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئەسەردىكى بۇ ۋەقە ، تەپسىلاتلاردىن بىز 1980 – يىللاردىكى شنىجاڭنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى بىر تۆركۈم ئىرادىلىك كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى، بولۇپمۇ ئىلى ۋادىسىنى ئەڭ سورتلۇق بۇغداي يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ئاتلانغان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ھېسىياتىنى، ئىرادىسىنى، ئارزۇسىنى چۈشىنىمىز. بۇ نۇقتىن ئالغاندا، بۇ ئەسەر ئىدىينى ئازاد قىلىش بىلەن قالاق ئىدىينىڭ كۈرشنى، زىدىيتىنى كۆرسىتىپ، زىيالىلارنىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە زىياللىلارنىڭ بۇ خىل ئاكتىپ روھىنىڭ بارغانسېرى ئاۋام خەلق تەرپىدىن چۈشنىشكە، قەدىرلەشكە ئىرشكەنلىكىدەك دەۋر روھىنىمۇ ئېچىپ بەرگەن. ‹‹ سۈبھى ›› پوۋېسىتى بىلەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئىلگىرى يازغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرغاندا يازغۇچىنىڭ ‹‹ سۈبھى ›› ناملىق پوۋېسىتىدا ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە يېڭى ئىزدىنش ، ئۆزگىچە ئىنتىلىشلەرنى نامايەن قىلغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيىنىمىز. ‹‹ سۈبھى›› پوۋېستى گەرچە ئەنئەنىۋى پروزىچىلىقنىڭ بىر قىسىم قاتمال، كونا ئىپادىلەش ئەندىزسىدىن تولۇق قوتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئادەتتە كۆپ قوللىنىلمايدىغان سالام خەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەندىزسىنى دادىللىق بىلەن سىناق قىلغان . شۇ ئارقىلىق ئەسەردە ئۆزگىچە بەدىئىي ئۈنۈم ياراتقان. ئالدى بىلەن يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ ‹‹سۈبھى ›› ناملىق پوۋسېتىدا تېما جەھەتتىن يېڭىلىق ياراتقان. بۇ پۇۋېستتىكى يارتىلغان پېرسۇناژلار ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكى يارتىلغان پېرسۇناژلار يەنى ‹‹ باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى›› دىكى باھار بۇۋاي، ‹‹ قەرزدار ›› دىكى تۇرغان،‹‹ دۇلان ياشلىرى›› دىكى كەنجى، ‹‹ قوبۇلخانىدا ›› دىكى ساقى، .... قاتارلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. بىلىم بىلەن ئىختساسلىق خادىملارنى قەدىرلەشكە ئومۇمىلىققا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ پۇۋېسىتتا بىلىم بىلەن غايىسىگە يەتكەن. مۇئاۋىن تەتقىقاتچى ئەسئەت، ئاگرانۇم قىز سۈبھى قاتارلىق پېرسۇناژلار ئوبرازنىڭ يارىتىلغانلىقى بىلەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.

             بۇ پوۋسىتتا سالام خەت شەكلى ئارقىلىق پېرسوناژلار ئوتتۇرغا چىقىرىلىپ 20 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقە، ھادسىلەرنى ئۆز ئارا بىر – بىرىگە باغلىغان. سالام خەت شەكلى بىلەن يازغۇچى ئىجادىيەت مەخسىتىگە يېتىپ، ئەسەرنىڭ چوڭقۇر ئىدىيسنى روياققا چىقارغان. بۇ خىل يېڭى ئەندىزە ئەسەرنىڭ قورۇلمىسىنى جانلىقلىقققا ئىگە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە يېڭچە بەدىئىي زوق ۋە تەسرات ئاتا قىلغان. ئوبيېكىتپ جەھەتتە ئەسەرنىڭ بەدىئىي سىېھىرى كۈچىنى ئاشۇرغان. ‹‹ سۈبھى ›› ناملىق بۇ پوۋېسىتىنىڭ سېيۇژتى ئىككى خىل لېنىيە بويىچە راۋاجلاندۇرۇلغان. بىر لېنىيىسى ئاساسىي لېنىيە بولۇپ، بۇنىڭىدا ئەسئەت بىلەن سۇبېھىنىڭ ناھىيىنىڭ ئايال ھاكىمى غىلمانبۈۋى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدان چوڭ ئەترەت باشلىقى ھەمرانىڭ يېتەكچىلىكىدە، دېھقانچىلىق مەيدان پارتىيە ياچىكا شۇجىسى ئاۋامنىڭ قارىشى چىقىشىغا،سوغۇق مۇئامىلىسىغا چارۋا مال دوختۇرى نۇرمۇھەممەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا قارماي ئاخىرى ئالماشتۇرۇپ تېرىشى ئىلمي تەجربىسىنى كېڭەيتىدۇ.

            ئىككىنچى لېنىيىسى مۇھەببەت لېنيىسى بولۇپ، يازغۇچى بۇ  پوۋېسىتتا مۇھەببەت نۇقتسىدىن چىقىپ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇقۇرمەنلەر مانا بۇ مۇھەببەت ۋەقەلىكى لېنيىسنى بويلاپ پېرسۇناژلارنىڭ مول ئىچىكى دۇنياسىنى چۈشىنىدۇ. بۇ لېنىيە بىرىنىچى ھەم بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق ھەم نېسپىي مۇستەقللىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان.

           ئاپتۇر بۇ پوۋېسىتتا ئەسئەتنىڭ 20 يىلدىن كۆپرەك بوران  - چاپقۇنلۇق سەرگۈزەشتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سەممىي، مەسئۇلىيەتچان بىر زىيالىنىڭ ئىديىسىنى ، ھېسسىياتىنى ۋە مۇھەببەت، نەپرىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەسئەتنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى تولىمۇ ئەگىرى –توقاي. 1959 – يىلى تېخنىڭ ئۇنۋانغا ئىگە بۇ ياش خاتا ئەيىپلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ كىتىدۇ. كېيىن ئاقلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندا بۇرۇن مۇھەبببەتلەشكەن ئىخلاسبۈۋدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئون يىللىق قالايمىقانچىلقتا ئۇ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇ بېشىغا كەلگەن بۇ دىشۋارچىلىقلار ئالدىدا دات دېمەي، روھىنى چۈشۈرمەي، يەنىلا كەسپىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلايدۇ. ئۇ ئەلا سورتلۇق بۇغداينى يېتىشتۈرۈش تەجىربىسىنى قەتىئىي داۋاملاشتۇرۇپ، رەسمي كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ، بۇ خىل يېڭى بۇغداي سورتىنى كېڭەيتىدۇ. ياشلىق باھارىنى ۋە ھالال قان – تەرىنى ئانا يۇرتىنىڭ تەرەققىيات يۈكسىلىشىگە بېغىشلايدۇ. ئىلگىرى ئۇنى ‹‹ ئەخلەت ›› قاتارىغا چىقىرۋەتكەن بىر قىسىم نادان كىشلەر ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ مىللەت، خەلق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى‹‹ ئالتۇن ›› دەك ئادەملىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىلگىرى ئۇنى ‹‹ پارازىت قۇرت ›› قا چىقىرۋەتكەن بىر قىسىم نادان كىشلەر ئەمدىلىكتە ئۇنى پەن – تېخىنكا ئاسمىندا ئەركىن پەرۋاز قىلۋاتقان ‹‹ بۈركۈت ›› كە ئوخشىتىدۇ. مۇشۇ مەندىن ئالغاندا ئەسەردىكى ئەسئەت مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر زىيالىلارنىڭ تېپىك ۋەكىلى. ئۇنىڭ پۈتكۈل مەنىۋى دۇنياسى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، يول ئىچىۋاتقان تۆھپىكارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن تامامەن ئوخشاشتۇر. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ ئەسەردە قانداقتۇ ئەسئەتنى ئاجايىپ – غارايىپ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمىگەن. ئوقۇرمەنلەر ئۆزى ئەسئەتنىڭ ئالىجاناپ ئوبرازىنى تونۇپ يىتەلەيدىغان ئالاھىدىللىكە ئىگە قىلغان. ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ تۇرمۇش ئاساسىي ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەسەر پېرسۇناژلىرى قاندۇقتۇر غايىۋى قەھىرمانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلمىغان. ئەسئەت ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش خۇشاللىق ۋە قايغۇغا ئىگە ئەسەت بىر توپ زىيالى قوشنىلىرنىڭ ھەدىسىلا بىر – بىرىدىن قىزغىنىپ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ، كىرىسلۇ سېتىۋېلشلىرنى كۆرۈپ ئۇلارغا مەسخىرلىك كۈلۈپ قۇيىدۇ، خالاس. ئەسەت بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ نوقۇل پۇل تىپشنىلا كۆزلەپ، كىتاب ماتىرىيال تەرجىمە قىلىپ، ساقال – بورۇتلىرىنى ئېلىشقىمۇ چۇلى تەگمەيۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئېچىنىدۇ. ئەسئەت ئەمەل مەنسەپكىمۇ قىزىقمايدۇ. باشلىقلارغا يېقىنچىلىقمۇ قىلمايدۇ. دېھقانچىلىق مەيدان بۇيىچە پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە چاقىرالايدىغان بىردىن بىر كىشىمۇ يەنىلا شۇ ئەسئەت. ئەسەت ئۆزىنىڭ مۇھەببەت مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالمىغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھېسياتقا بىرىلىپ، ئىخلاسبۈۋىنى بەخىتسىز قىلىپ قۇيىدۇ. ‹‹ مەدەنيەت زور ئىنىقلابى ›› دا ئەسئەت ئەندىلا ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن راھەت بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ. بۇ ئىككسى ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولىدۇ. راھەت ئەسئەتنى ئۆزنىڭ ئۈلگىسى قىلىدۇ. ئەسئەت خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا راھەت كۆكرەك كىرىپ چىقىپ، ئەسئەتنى ئاقلاپ، ئۆزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساپ ، سەمىمي مېھىر – مۇھەبېتىنى ئىپادىلەيدۇ. راھەت تۈنجى مۇھەببەتنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە  تارتىدۇ. ئۈنسىز ھالدا ئەسئەتنى كۈتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسچە ئەسئەتنىڭ قەلبىنى ئازاپ – ئوقۇبەت چىرماپ، زىدىيەتكە پېتىپ قالىدۇ. راھەتكە ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئاقىۋەت راھەتنىڭ چىرايىدىن قان قېچىپ، كۈلكە ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقى غازاڭدەك تۆكۈلۈپ قېرى قىزغا ئايىلىندۇ. بۇ ئەسئەتنىڭ مۇرەككەپ خاراكېترىنىڭ بىر تەرپىدۇر. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ ئەسەردە ئەسئەنىڭ بۇ خىل ئاجىزلىقىنى ئەپۇ قىلمايىدۇ. ئەسئەت مۇشۇ خاراكېتىر ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا ئۇنداق – مۇنداق سەۋەنلىكلەرگە يول قۇيىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىر قەلىمىدە يارتىلغان پېرسۇناژ ئەسئەت ئەينى يىللاردىكى قارىلاش، ئۇرۇپ – دۇمبالاشلارنى تېزلا ئۇنتۇپ، ئىلى ۋادىسىغا قايىتىپ، كەسپكە مۇھەببەت باغلاپ ئىزدىنىدۇ.ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن ئەسئەتنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تۆھپە قوشۇش دەپ بىلىدىغان بۇرچ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تونۇپ يىتىدۇ. مانا بۇ خىل خاراكىتىر ئەسئەت ئوبرازىنى مۇكەممەللىكىگە ئىگە قىلغان ھەم بۇ پېرسۇناژ ئوبرازىنى تېخىمۇ ئاكتىپ مەنىگە ئىگە قىلغان. ئىخلاسبۈۋى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ سۈبھى›› پوۋېسىتىكى كۈچۈپ تەسۋىرلەنگەن يەنە بىر ئاساسلىق پېرسۇناژنىڭ بىرى. پوۋېستنىڭ بىرىنىچى سيۇژىت لېنيىسىدە ئىخلاسبۈۋى غىلمانبۈۋى دېگەن ئىسىم بىلەن بىر ناھيىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل ناھىيە ھاكىمى سالاھيىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇ خاراكتىر جەھەتتىن ناھايىتى كەسكىن، ئاچچىقى يامان ، تەمكىن  بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ كۆپ كىتاب ماتىرىيال كۆرىدىغان، ئىلىم – پەننى سۆيۈدىغان،بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، مول ھۇسۇل ئېلىشنىڭ ئاساسي ئىلمي تىرىقچىلىق دەپ  قارايدىغان. زىرائەت بىلەن قاشقابىدىنى ئالماشتۇرۇپ زىيالىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئۇلار بىلەن دوستلشلايدىغان، خىزمەتتە ئادىل رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلغان. گەرچە ئۇ بۇ ناھىيىدە ئەسئەتنى قايتا ئۇچۇرتۇپ، ئۇنڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھەتتا ئەسئەتنى باشقا ناھىيىگە يۆتكىۋەتمەكچىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قارارىدىن يېنىۋالىدۇ. دېمەك، غىلمانبۇۋى ئىلىمىزنىڭ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى ئىسلاھات دۇلقۇنىدا يول ئېچىپ ئىلگىرلەۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام كادىلىرنىڭ تېپىك ۋەكىلى. ئىخلاسبۇۋى ئەسەردىكى مۇھەببەت ۋەقەلىكىدىكى مەركىزى پىرسۇناژ. 21  يىل ئىلگىرى بۇ قىز ئىلى ۋادسىدىكى ساددا سەھرا قىزى ئىدى. ئىلاسبۈۋى ئەسئەت قىزغىن مۇھەببەتلىشۋاتقان چاغدا ئەسەت ناھەق تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. ئەسئەتتىن ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىخلاسبۇۋى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن ياشتا چوڭ بىر مېھرىبان كىشى بىلەن توي قىلىپ، ساق – سالامەت يەڭگىپ، قىزىغا سۈبىھى دەپ ئىسىم قويىدۇ. مەدەنيەت زور ئىنقىلابىدا ئىخلاسبۈۋنىڭ يولدىشى ئسيانچىلار ئۈلتۈرۋېتىدۇ. بىچارە ئىخلاسبۈۋى قىزى بىلەن يالغۇز قالىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ سۈبىھى ›› ناملىق پوۋېسىتدا يەنە ھەمرا ئىسىملىك يېڭى ئاڭغا ئىگە دېھقان ئوبرازى يارىتىلغان. ھەمرانىڭ خاراكتېرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۇمۇرستىك ئالاھىدىلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ھەمرا ئۇبرازى 1980 – يىللاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرنىڭ ئېچۋىتىگەن ئېڭىغا ۋەكىلىك قىلىدۇ. ھەمرا چۇڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇ دائىم گېزىت ئوقۇپ، رادىيۇ ئاڭلاپ، يېڭى سىياسەت ، يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۆز چوڭ ئەترىتىدە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرشىدۇ. ئۇ ئەسئەت بىلەن سۈبىھىلەرنىڭ تەجىرىبە كېڭەيتشىنى ئاكتىپ قوللايدۇ. دېمەك يازغۇچى قەلىمىدە يارىتىلغان ھەمرا كۆللىكتىپنى سۆيدىغان، شەخسىيەتسىز، تۆھپە قۇشۇش روھى كۈچلۈك ئاساسي – قاتلام يېزا كەنت كادىرلارنىڭ تېپىك ۋەكىلى. ئەسەر سيۇژتىنىڭ بىرنىچى لېنيىسىدە يەنە بىر پېرسۇناژ بار ئۇ بولسىمۇ 20 ياشلىق سۈبىھى. سۈبىھى ئىلغار غايىگە ئىگە بولۇپ، ئىلى ۋادسىنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشقا ئاتلانغان ئىرادىلىك قىز. سۈبىھى ئەمەيىيەتچان قىز. ئۇ 20 مۇ يەرگە ھەرخىل زىرائەت تېرىپ تەجىرىبە قىلىپ، ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىدۇ. ئۇ بۇ جەريانىدا ئۆزىگە قارشى چىققانلار بىلەن ئاخىرغىچە بوي بەرمەي، ئاخىر يېڭىپ چىقىدۇ. ئاپتۇر مانا مۇشۇنداق قەيسەر خاراكتىر بىلەن ئەينى چاغدا ئۇمۇمىيلىققا ئىگە بولغان مۇتەئەسىپ خاراكتىرىنىڭ كۈرشىنى ئىپادىلەپ، شۇ چاغدىكى ئىجىتىمائي رېئاللىققا نىسبەتەن چوقان سالغان. گەرچە ئاپتۇر سۈبىھى ئوبرازىغا كۆپ سەھىيە ئاجراتمىغان بولسىمۇ، يەنە بۇ پېرسۇناژنىڭ ئىسمىنى ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى قىلغان. بىز بۇنىڭىدىن سۈبھىنىڭ ئەسەردە تۇتقان يادرۇلۇق ئۇرۇننى بىلەلەيمىز. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ ئەسەردە سۈبىھىنى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ ياراتقان. يېڭىچە بىر روھىنىڭ سىمۇۋۇلى قىلغان. گەرچە ئاپتۇر ئەسەردە ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغان تۇرمۇش ۋەقەلىرىنى يازغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۈبىھى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشلىرنىڭ بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىنى ئىپادىلىگەن.

         دېمەك، يازغۇچى بۇ پۇۋېستتا بۈگۈنكى دەۋر كىشلىرىنىڭ يېڭى تاڭىنى يېڭى باھارنى قەدىرلەپ، ئىلىمىزنىڭ تۆتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىىلەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەر قايسى كەسىپ- ساھەلەردە تۆھپە يارتىشىقا چاقىرىغان.سۈبىھى ناملىق بۇ پۇۋسىتىنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇ بۇلىسمۇ سۈبىھنىڭ خاراكتىرنىڭ ئاجىزلىقى، سۈبىھى گەرچە ئەدەب – ئەخلاقلىق، بىلىملىك بىر زىيالى بۇلسىمۇ، ئەمما ھېسسيات خاراكتىرى جەھەتتە خېلىلا ئاجىز يارىتىلغان پېرسۇناژ. بۇلۇپمۇ سۈبىھى ئەسئەتنىڭ ئۆز داداسى ئىكەنلىكىنى بېلگەندە، داداسى ئەسئەتكە تۇلىمۇ سۇغۇق، ئادەتتىكىچە مۇئامىلىدە بۇلىدۇ. سۈبىھى بىلەن ئەسئەتنىڭ ئۇچراشقاندىكى تەپسىلاتلار ئۇقۇرمەنلەرنى رازى قىلالمايدۇ. ئۇقۇرمەنلەرگە سۈبىھىنىڭ خاراكتېرى مۇجىمەل، تەسرلەندۈرۈش كۈچى ئاجىز بولۇشتەك تۇيغۇ بىرىدۇ. سۈبىھنىڭ خاراكتىرنىڭ ئاجىز يارىتىلىپ قىلىشى ئەسەرنىڭ بەدىئي ئۈنۈمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. زوردۇن سابىر يەنە تىرشىدىغانلا بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ تەسىرچان، تېخىمۇ جانلىق مۇنەۋۋەر پېرسۇناژ ئۇبرازىنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

        يازغۇچى زوردۇن سابىر ‹‹ سۈبىھى ›› ناملىق بۇ پۇۋېسىتىدا خېلى كۆپ سەھىپە ئاجىرىتىپ يەنە بىر پېرسۇناژ ئاۋام ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. ئاۋام بۇلسا دېھقانچىلىق مەيداننىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، شۇ دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئىدىيسى ئويغانمىغان، مۇتەئەسسىپ، دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بۇلدىغان، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالىدا يىڭى ئش ۋە يېڭى كۈچلەرگە زەربە بېرىدىغان كادىرلارنىڭ تېپىك ۋەكىلى . يازغۇچى بۇ ئەسەردە ئاۋامنىڭ خاراكتىرىدە ئۆزگۈرۈش ياساپ، ئۇستىلىق بىلەن ئاۋامدەك كىشلەرنىڭ ھامان دەۋر تەرپىدىن شاللىنىپ، يېڭىچە ئاڭغا ئىگە بولىدىغانلىقدەك مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

       مېنىچە يازغۇچى زوردۇن سابىر پرۇزا ئەسەرلىرىدە پېرسۇناژ ئوبرازىنى فۇرمىلاشتۇرۇش، ئۇقۇملاشتۇرۇشنىڭ ئاللىقچان ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارايدۇ. ئۇ پېرسۇناژ خاراكتېرىنىڭ يا بىراقلا ئىجابى، يا بىراقلا سەلبى يارىتلشتەك چەكلىمىنى بۇزۇپ، كۆپ خىل خاراكېتىر ئالاھدىلىككە ئىگە پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ بۇ پوۋېستىدا يارتىشقا تىرشىتى. ئۇنىڭ بۇ پوۋستىدا يارتلىغان پېرسۇناژلارنىڭ خاراكىتىرى مۇرەككەپ بۇلۇپ، تۇرمۇش چىنلىقىغا يىقىنلاشقان ھالدا، تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا يارىتىلغان. ‹‹ سۈبىھى ›› ناملىق بۇ پۇۋسېتىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيۋى يۆنلىشىنى ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە تۆھپە قۇشۇش روھىنى كۈچۈپ تەشىۋىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ بۇ ئەسەر بەلگىلىك ئىزدىنىش روھىنى نامايەن قىلغان. شۇڭا مەن بۇ ‹‹ سۈبھى ›› ناملىق پوۋېستىنى يازغۇچى زوردۇن سابىرنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىققان مۇستەھكەم ئۇلتاش دەپ قارايمەن . مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنى قايىللىق ئىلكىدە ھۆرمەتلەيمەن ۋە شۇنداقلا تېخىمۇ تىرشىپ مانا مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. يازغۇچى زوردۇن سابىرغا شۇنداق خىتاب قىلمەنكى: ‹‹ بىز ئوقۇرمەنلەر ، سەندىن چوڭ ئۈمىد كۈتىمىز ! ›› !




( خەنزۇچە ‹‹ مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ›› ناملىق ژۇرنالىنىڭ 1985 –يىللىق 3 – سانىدىن تەرجىمە قىلنىدى )

شىيايۈجى  

1

تېما

0

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16821
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

i

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KiTaT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-8 17:38  

ئۇيغۇر ھازرقى زامان مەرھۇم  يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر  بوۋمزنى ئۇ تۈگەپ كەتكەندە ئاندىكىن قەدرىىگە يىتىۋاتىمىز ۋە  قەدرىگە  يەتتۇق. ھازىرقى زامان  يازغۇچىلىرمىزدن .زوردۇن سابىر .ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر .تېيىپچان ئېليۇپ .خېۋېر تۈمۈر قاتارلىق يازغۇچى  ئالىملىرمىزنڭ ئەسەرلىرنى ياقتۇرۇپ  ئۇقۇيمەن .ئۇلارنڭ  ياتقان يىرنىڭ جەننەتىن بۇلۇشنى جانابى ئاللادن تىلەيمەن ئامىن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

2329

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2710
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 530
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش رومانىنى ئوقىغاندا ئەسەردىكى قايسىدۇ بىر پېرسۇنازنىڭ قولى ئارقىلىق يېزىلغان مۇنۇ رۇبائىسىغا بەك ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم ؛
يەتتە رەت يۇيساڭمۇ دەريادا ئىتنى ،
يەنىلا ئىپلاستۇر بولسا ئۇ ئامان .
ئەيسانىڭ ئېشىكى مەككىەە بارسا ،
قايتقاندا يەنىلا ئېشەكتۇر ھامان .     
    كەچۈرۈڭلار ، كونۇپكا تاىتىسىدىن چاتاق چىققانمۇ قانداق بەزى ھەرپلەرنى توغرا ئۇرالمىدىم

ھاياتتا نىمىشلار بولمايدۇ دەيس

0

تېما

2

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21631
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KiTaT يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 17:37
ئۇيغۇر ھازرقى زامان مەرھۇم  يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر  ب ...

ئامىن ........!~

ھاياتتا نىمىشلار بولمايدۇ دەيس

0

تېما

2

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21631
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇردۇن سابىر بىلەن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يازمىللىرى ھەقىقەتەن ياخشى ۋە ھەربىر ئادەمگە رۇھى ئۇزۇق بۇلىدۇ .

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21785
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئانا يۇرت رومانىنى ۇقۇۋاتىمەن بۇ رومان بەك ياخشى رومانكەن

22

تېما

0

دوست

9310

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1408
توردىكى ۋاقتى: 964
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرت رومانىنى دائىم ئوقۇپ تۇرىمەن . قەلبىمدىكى ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرسى .

1

تېما

1

دوست

1128

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17029
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azgun10 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 21:09
مەن ئانا يۇرت رومانىنى ۇقۇۋاتىمەن بۇ رومان بەك ياخشى ر ...

بەك كىچىكىپ ئۇقۇپسىز   بولسا 1-قېتىملىق نەشىرىنى تېپىپ ئۇقۇغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى ، مەن نەچچە قېتىم ئۇقۇپ بولدۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )