- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16747
- نادىر
- 8
- يازما
- 453
ئۆسۈش
16.87%
|
ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى 29 ئارىلىنى
ئىشغال قىلىۋالغان
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ۋىيېتنام ھازىرغىچە جەنۇبىي دېڭىزدىكى 29 ئارالنى ئىشغال قىلىپ ، 2000 گە يېقىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ ، قۇماندانلىق ئىشتابىنى نەنۋېي ئارىلىغا قۇرغان . نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىز ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ۋىيېتنامنىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدا تۇرغۇزغان ئەسكىرى ھەممىدىن كۆپ ، جۇڭگونىڭ نەنشا دېڭىز ساھىلىدىكى زېمىنىنى ئەڭ كۆپ ئىشغال قىلىۋالغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ .
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايۇنى تەۋەلىدىكى شىمالىي دېڭىز ساھىلىدا بېلىقچىلىق قىلىدىغان ئامما يېقىندىن بۇيان ، ۋىيېتنام ھەربىي تەرەپنىڭ توپ ئوقى زەربىسىدە ، شىمالى دېڭىزنىڭ شىمالىي كەڭلىك 8 گرادۇس ئورنىدا بېلىق تۇتالمايدىغان بولۇپ قالغان ، بېلىقچىلار جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى يېقىن ئىتتىپاقدىشى ، ھەتتا قېرىندىشى بولغان ۋىيېتنامنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بۈنچە يۈزسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالغان .
جۇڭگو 21 - ئىيۇن سەنشانى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ تەستىقلاپ ، شىشا ، جۇڭشا ، نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ مارجان خادا تاشلىرى ۋە دېڭىز ساھىلىنىڭ سەنشا شەھرىنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن . ۋيېيتنام پارلامېنتى دەل شۇ كۈنى يىغىن ئېچىپ ، " ۋىيېتنام دېڭىز - ئوكيان قانۇنى" نى ماقۇللىغان . بۇ قانۇندا شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ۋىيېتنامغا تەۋە ئىكەنلىكى ، بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ۋيېتنامنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . شۇ سەۋەپلىك جۇڭگو ۋىيېتنامدىن بۇ ھەقتىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايۇنىنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن قول ئۈزۇشىنى تەلەپ قىلغان .
ئەمەلىيەتتە ۋىيېتنام ھۆكۆمىتى 1974 - يىلدىن ئىلگىرى تۈرلۈك بايانات ، تاراتقۇ ياكى خەرىتىلەردە بولسۇن ، ھەممىسىدىلا شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن ، ئەمما 1974 - يىلى 15 - يانۋاردىن 19 - يانۋارغىچە ۋىيېتنام دائىرىلىرى شىشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يۇڭلى تاقىم ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ ، گەنچۇەن ئارىلى بىلەن جىنيىڭ ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان . جۇڭگو ئارمىيەسى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ۋيېيتنام ئارمىيەسىنى مەغلۇب قىلىپ ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىغان . بىراق ۋىيېتنام يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەي ، ئېغۋاگەرچىلىكنى داۋاملاشتۇرغان . شۇ يىلى ئىيۇلدىن كېيىنكى يىلى فېۋرالغىچە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ نەنزى قاتالىق ئالتە ئارالچاقنى ئىشغال قىلىپ ئەسكەر تۇرغۇزغان . ۋىېيتنامنىڭ جەنۇب - شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى 1975 - يىلى 30 - ئاپرېل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، شىمالىي ۋىېيتنام ھۆكۆمىتى جەنۇبىي ۋىيېتنامنىڭ مال - مۆلكىنى ئۆتكۈزىۋېلىش باھانىسىدە يوقىرىقى ئاراللارغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋالغان . ۋىيېتنام 1975 - بىرلىككە كەلگەندىن تاكى 1991 - يىلغىچە ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى نۇرماللاشقىچە بولغان ئارىلىقتا ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى 26 ئارالنى ئىشغال قىلىۋالغان ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندىن كېيىنمۇ ، ۋيېيتنام 1993 - يىلدىن 1998 - يىلغىچە جۈنتەن ، جىندۇنئەنشا ، ئوۋنەنئەنشا قاتارلىق ئۈچ مارجان خادا تاش ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان ، شۇنداق قىلىپ ۋىيېتنام ئىشغال قىلىۋالغان ئارال 29 غا يەتكەن .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |
|