بۇ زىيارەتنى ھازىر سانكىت-پېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق ھەمراجان ئامراق ئاكىمىز قىلغان ئىكەن. ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ يوللىدۇم. پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدىكى گەپلىرى ئېسىلكەن.
زىيارەتتە دېيىلگىنىدەك، بۇ ئاكىمىز ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى غالجات يېزىسىدا (ئورنى ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگۇ-قازاقسىتان چىگىرسىدىن ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا) تۇغۇلغان. دادىسى ئەسلى مۇئەللىم بولۇپ، 1942-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كېتىپ، شۇ يىلى ئۇرۇشتا قازا بوپتۇ. ئاكىمىز ئەسلى ئۇيغۇر تارىخى ئۈگەنمەكچى بولغان ئىكەن، لېكىن بارغان مەكتىپىدە ئۇنداق دەرىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن رۇس تارىخىنى كەسىپ قىلىپ تاللىغان ئىكەن. كېيىنچە مەكتەپلەردە رۇس تارىخىدىن دەرىس بىرىپتۇ. قالغان گەپنى زىيارەت ئۆزىدىن كۆرۈڭلار.
بۇ يەردىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا تىگىشلىك بىر نەرسە، يىقىنقى يىللاردا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنى ئۈچ قىتىم تەۋرەتكەن شۆھرەتكامنى ياخشى تونۇدۇق. ئەپسۇس، شۆھرەتكامنىڭ ھەدىسى دوكتۇر مايسەم خانىم ھەققىدە كۆپ گەپ بولۇنمىدى. ئەمەلىيەتتە، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى (مىت) غول ھۆجەيرە تەتقىقات يۇرتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىنى قىلۋاتقان بۇ ھەدىمىزمۇ تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ماتېريال قىسمى، ھۆجەيرە ژۇرنىلى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان ئىكەن.
ئەپسۇس، بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئاپىسى ھازىر دۇختۇرخانىدا ئىكەن، ئامېركىدا داۋالىنىۋاتقان ئوخشايدۇ. بىزگە مۇشۇنداق ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ بەرگەن شۇ ئاپىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تېلەش بىلەن بىرگە، 80 گە يىقىنلاشقان مۇزەپپەر دادىمىزغىمۇ سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تېلەيمىز. سۇنداقلا، بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئىلىم ئاسمىنىدا تېخىمۇ بۈيۈك زەپەر قۇچىشىنى بىر ئاللاھتىن تېلەيمىز.