قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 12

NASA : «مارس-500 قۇرۇلىشى» قانداق ئىش؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NASA : «مارس-500 قۇرۇلىشى» قانداق ئىش؟

(بىلىمخۇمار)


              ئالدىنقى كۈنى بىر ئۇكىمىز ماڭا تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ: « ئەسىلامۇئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا، مەن بۇندىن بۇرۇن خەۋەردە جۇڭگۇ رۇسىيە قاتارلىق بىرنەچچە دۆلەتنىڭ ‘مارس500’ پىلانى دەپ بىر پىلاننى يولغا قويغانلىقى مارىسقا چىقىشتا ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەنتىم. سىز بۇ پىلان توغۇرلۇق خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ بۇ پىلان بويىچە ئۇلار مارىسقا ئامېرىكىدىن بۇرۇن چىقامدىغاندۇ ياكى؟»  مۇشۇ ئۇكىمىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم.  تۆۋەندە مەن كۆرگەن ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن (بۇ قۇرۇلۇشنى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن).

         كەلگۈسىدىكى ھازىرچە تېخى بېكىتىلمىگەن بىر ۋاقىتتا مارسقا ئادەم چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، روسىيە، ياۋروپا ئالەم تەتقىقات ئىدارىسى (European space egency) ۋە جۇڭگو بىرلىشىپ، 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە «مارس-500 قۇرۇلىشى» دەپ ئاتالغان بىر تەتقىقات تۈرىنى ئېلىپ بارغان.  ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە «پىسخىلوگىيە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى يالغۇز قالدۇرۇش تەجرىبىسى» (Psychosocial isolation) دەپ ئاتىلىدىكەن.  تەجرىبە قۇرۇلمىلىرى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى روسىيە ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىگە جايلاشقان.

      2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، بۇ تەجرىبىگە پىدائىيلىق قىلغان 3 نەپەر روسىيەلىك، بىر فرانسىيەلىك، بىر ئىتالىيىلىك، ۋە بىر جۇڭگولۇق (ئىسمى Yue wang) موسكۋادىكى بىر يالغان ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىچىدە ئالەم بوشلۇقىدا 520 كۈن ياشىغاندەك ياشاپ باققان.  بۇنداق قىلىشنىڭ بىر پىلانېتىدىن يەنە بىر پىلانېتىغا بېرىش قۇرۇلىشىنى پىلانلاش، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ئالدىن بايقاش، ۋە ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش قاتارلىقلارغا پايدىسى بولغان.  بۇ تەجىربىگە ئىشلەتكەن يالغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى يەر شارىدىن مارسقا بارىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى، يەر يۈزىدىن ئايرىلىش ۋە يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى، ۋە مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئالەم ئۇچقۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

      ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ «روسىيە قىسمى» بىلەن «ئامېرىكا قىسمى» دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى بار بولۇپ، ھائىزر روسىيە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئالەم پونكىتى قۇرۇش قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ يېڭى ئالەم پونكىتى «يەر شارى ئوربىتىسىدىكى ئۇچقۇچىسى بار قۇرۇلما ۋە تەجرىبەخانا» (Orbital piloted assembly and experiment complex, OPSEK) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر روسلار ئۇنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە قىسمىغا چېتىپ ياساۋاتىدۇ.  روسلار مارسقا ماڭدۇرماقچى بولغان ئالەم ئۇچقۇلىرى ئالدى بىلەن مۇشۇ ئالەم پونكىتىغا كېلىپ، ئاندىن بۇ يەردىن مارسقا قاراپ ماڭىدىكەن.  

      ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلار «مارس-500 قۇرۇلىشى» نىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:


<http://en.wikipedia.org/wiki/MARS-500>
<http://www.esa.int/Our_Activitie ... ank_you_Mars500>
<http://spaceinimages.esa.int/Ima ... ing_Orlan_suits>

http://spaceinimages.esa.int/var ... node_full_image.jpg


1

1

2

2

3

3

1

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكا ،ياخشىمۇسىز؟
ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىغا دائىر ئەڭ يىڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت!.
سىز ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بەخت ، سالامەت ، ئۇتۇق تىلەيمەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

89

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21722
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ..بىلىۋالدۇق ..ئەسلى مۇنداق ئىكەندە...

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1560
توردىكى ۋاقتى: 638
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رەھمەت بىلىمخۇمار قېرىندىشىم ، ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر خۇشاللىقىمنى يازمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەۋىلىشىمغا رۇخسەت بەرسەڭلار :
   ئەسسالام باغداش ، سېنى بىز بەكلا سېغىندۇق !

0

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ تىنىڭىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزگە بەخت،ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت،خىزمىتىڭىزگە ئوڭۇشلۇق ئاتا قىلغۇسى، بىلىمخۇمار ئەپەندى،
مۇشۇندا ياخشى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ تۇرغايسىز!

5

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 402
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە يىللىنىڭ ئالدىدا ئامىرىكىلىق بىرسى مارستىن ‹‹تۇرالغۇ جاي›› ساتقانللىق خەۋەرنى كۆرگەنتىم .........

0

تېما

0

دوست

1004

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،ھارمىغايسىز،تەبىئى پەنلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى!

ھاياتتا نىمىشلار بولمايدۇ دەيس

0

تېما

2

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21631
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنامسىز مەن مۇشۇ ئالەم بوشلىقى تەتقىقاتىغا بەكلا قىزقىمەن ، مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلىرڭىز بولسا ئايمىغايسىز .......................!~

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر ئۆيىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسام، ئاي شارى بىلەن مارس بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ بىر قىسمى.  

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر ئۆيىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسام، ئاي شارى بىلەن مارس بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ بىر قىسمى.  ئۆزەمدىكى رەسىملەرنى بۇ يەرگە چىقارغىلى بولمايدىكەن.  شۇڭا ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرىۋېلىڭ:
http://bbs.misranim.com/forum.ph ... p;extra=#pid1687905)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )