قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 6

NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ

(بىلىمخۇمار)


       ناسا بۇ يىل 11-ئايدا، مارسنىڭ يۇقىرى ئاتموسفرا قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىدىن يەنە بىرنى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «مارسنىڭ ئاتموسفراسى ۋە ئېگىز-پەس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۇچقۇرى» (Mars atmosphere and volatile ewolution mission, MAVEN) دەپ ئاتىلىدۇ.

        ناسا قىلىۋاتقان ئىشلارنى «ئىسراپچىلىق» دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە ناسا ئۆزىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى يەر شارى ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر شارىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇنى مۇۋاپىق ئاسراش، ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش.  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مارستا بۇرۇن دېڭىز-دەريالار مەۋجۇت بولغان.  ئۇنىڭ ھاۋاسىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ قويۇق بولغان.  ئەمما بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى 4.5 مىليارد يىل مابەينىدە، مارستا نۇرغۇن ئىگىز-پەس ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇ بۈگۈنكىدەك سۈيى يوق، قۇرغاق، ۋە ھاۋاسى شالاڭ بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان.  ناسا دىكىلەر مارستىكى ئۆزگىرىشلەر قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن يەر شارىدىمۇ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا ناسا مارسنى تەكشۈرۈشكە ھازىرقىدەك بەك كۈچەۋاتىدۇ.

      ئىنگلىزچە «MAVEN» دەپ ئاتالغان، بۇ يىل 11-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى بۇرۇنقى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  يەنى ئۇ مارسنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ناھايىتى ئېگىز ئاتموسفراسىدا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاتموسفرادىكى ماددىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مارستا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ.

    مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، مارس بىلەن يەر شارى ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم قۇياشنىڭ ئوخشاش تەرىپىگە ئۆتىدۇ.  شۇڭا ناسا مۇ مارسقا ماڭدۇرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى ئاشۇنداق ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تاق يىلى (2009-، 2011- ۋە 2013-يىللىرى) بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت پەقەت 2 ئاي.  ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» نى ئەسلىدە 2009-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى ئىدى، لېكىن تەييارلىق ئىشلىرى بىر ئاي كېچىكىپ قېلىپ، ئۇنى 2009-يىلى ماڭدۇرالماي، 2011-يىلى ماڭدۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى.  

    MAVEN ئەسلىدە ناسا نىڭ مەرىلەند (Maryland) دىكى مەركىزىدە قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 2-ئاۋغۇست كۈنى بىر ك-17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بىلەن فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىندى.  ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا مۇشۇ يەردىن چىقىرىلىدۇ.  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
http://www.nasa.gov/content/mave ... begin/#.UizWSMbktIQ
http://www.computerworld.com/s/a ... spacecraft_for_Mars

رەسىملەر:
http://www.nasa.gov/sites/defaul ... ocstand-cropped.jpg
http://www.computerworld.com/com ... s/2013/08/maven.jpg


1

1

2

2

0

تېما

1

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-9 11:58  

1-رەسىمدىكىسى شۇمۇ بۇقېتىم قويۇپ بېردىغان ئالەم ئۇچقۇرى؟
ۋاختىڭىز يار بەرسە، بۇ ئۇچقۇر نىڭ تىزلىكى ،نىمنى يېقىلغۇ قىلدىغانلىقى،قانچىلىك ۋاقىتتا مارىس ئاتمىسفىرا بوشلۇقىغا يېتىپ  باردىغانلىقى،مارىسنى قانچىلىك ۋاقىتتا بىرقېتىم ئايلىندىغانلىقى  ھەققىدىمۇ مەلۇمەت بەرگەن بولسىڭىز ؟
رەھمەت سىزگە.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

2418

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9837
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 480
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىىن سىدىق ئاكا .ئىنسانلار ئۇزۇن مۇددەت ۋاكوملۇق شارائىتتا يەنى ئالەم بوشلۇقىدا تۇرسا ئادەم بەدىننىڭ فىزولوگىيلىك ئىقدىدارىغا تەسىر كۈرسىتەمدۇ؟ مەن بۇرۇن يەرشارىدىن مارىسقا باردىغان ئالەم ئۇچقۇرى نەچچە ئايدا ئاندىن مارىسقا بارالايدۇ دەپ كۆرگەندەك قىلغان. ئەگەر شۇنداق بولسا مارىسقا ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇرى ئەۋەتكەن چاغدا ناسا ئۇزۇن مۇددەت ۋاكوملۇق شارائىتتا تۇرۋاتقان ئىنسانلارنىڭ فىزولوگىيلىك ئۆزگىرشىنى قانداق قىلىدۇ ؟

alkANAT

0

تېما

9

دوست

2454

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا، بۇ تېمىنى باغداشقىمۇ يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز. ئالەم ئۇچقۇلىرىغا ئورنىتىلغان خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىزمىتى نورمال ھاۋا بوشلۇقىدىن ئايرغاندىن كېيىن ئوزۇن قاتلىمى، ۋائۇكۇملۇق بوشلۇق ۋە ئاقار يۇلتۇزى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى تاشلارنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرامدۇ ياكى ھەر قانداق ئەھۋالدا نورمال خىزمەت قىلامدۇ؟

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kumbah يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 11:56
1-رەسىمدىكىسى شۇمۇ بۇقېتىم قويۇپ بېردىغان ئالەم ئۇچقۇر ...

سىز سورىغان سوئاللارغا مەن 11-ئايدا ماۋەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغاندا جاۋاب بېرەي.  بىر قىسىم جاۋابلارنى ھازىرچە تاپقىلى بولمايدىكەن.

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ark-zat618 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-9 12:16
ئەركىىن سىدىق ئاكا .ئىنسانلار ئۇزۇن مۇددەت ۋاكوملۇق شا ...


ئىنسانلار ھاۋا، سۇ ۋە مۇۋاپىق تېمپەراتۇرا بولمىسا ياشىيالمايدۇ.  ئالەم ئۇچقۇرلىرىنىڭ ئىچى مۇۋاپىق دەرىجىدە ھاۋا بىلەن تولدۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭدا مۇۋاپىق بېسىم ھاسىل قىلىنغان.  بولمىسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس.  

يەر شارىدىن مارسقا ماڭدۇرۇلغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى ئادەتتە سائەتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن 90 مىڭ كىلومېتىرغىچە يول يۇرۇپ، مارسقا 6 ئايدىن 8 ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا يېتىپ بارىدۇ.  

42

تېما

0

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 864
تۆھپە : 659
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alkanat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 09:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا، بۇ تېمىنى باغداشقىمۇ  ...


ئالەم بوشلىقى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى مىكرو-دولقۇنلارنى تارقىتىش ۋە ئۇلارنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق دولقۇن ھاۋادىمۇ، بۇلۇتلاردىمۇ، ۋە ۋاكۇمدىمۇ بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا مېڭىۋېرىدۇ.  شۇڭلاشقا ۋاكۇمنىڭ ئۇلارغا تەسىرى يوق.  ئەمدى سىز سورىغان يەنە بىر سوئالغان كەلسەك، ھازىرغىچە ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى بىرەر كائىنات ئۇچار تاشلىرى سوقىۋېتىدىغان ھادىسە بىرەر قېتىممۇ يۈز بېرىپ باقمىدى.  ئەمما ئۇنداق خەتەر ھەر ۋاقىت مەۋجۇت.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )