قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1683|ئىنكاس: 59

تونۇشۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

408

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-9 09:08  

ئەسسالام ئالەيكۇم! باغداش تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرى مېنىڭدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! باغداش تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم. مەن ئالدى بىلەن باغداش تور بېكىتىنى قۇرغان ئەكبەرجان ئەسەت ئىنىمىزغا كوپتىن-كوپ رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىشىمنى تەشەببۇس قىلغان بىلىمخۇمار ئەپەندىگىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن. ئەمدى ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇراي. مېنىڭ ئىسمىم تاشپولات روزى، تۇغۇلغان يۇرتۇم غۇلجا توققۇزتارا، ھازىر ئامېرىكادىكى جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېت ( Universityof Antelope Valley) دا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مېنى 5-ئايلاردا باغداش تورىدا تونۇشتۇرغان، مېنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمنى ئۇقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئادرېسنى چەكسىڭىز بىلەلەيسىز. كېيىنكى ئادرېستا رەسىملەرمۇ بار.

./thread-18174-1-1.html
http://www.kulgin.com/news/3789.html

مەن ھازىرغىچە ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تىزىملىتىپ ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق ۋاقتىم چىققاندا ۋەتەندىكى تور بەتلەرگە كىرىپ ماقالىلەرنى ئوقۇپ كەلدىم. بۇ قېتىم بىرىنچى بولۇپ باغداش تور بېكىتى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىردىم. مەن ھازىرغىچە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقاللىرىمنىFacebook  دا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە باغداش تور بېكىتى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىدە بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان قېرىنداشلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مەن بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئىككى تور بېكىتىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاقار جىسىملار، كائىناتتىكى ئىشلار، قارا ئۆڭكۈر، قارا جىسىم، دۇنياغا تونۇلغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ماقالە ئېلان قىلىمەن. سىزلەرنىڭ ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۆلىشىڭلارنى ھەم مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىر مىللەت ئىلىم-پەنگە يۈزلەنگەندە ھەم ئۇنۇڭ بىلەن شۇغۇللانغاندىلا قۇدرەت تاپىدۇ. ھازىر ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەر بەكمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنۇڭ ئۈستىگە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى ئۇقۇپ ئۇقمايلا ئۇنۇڭغا باھا بېرىپ، ماقالە ئاپتورىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.  مەسىلەن، يېقىندا قاسىم سىدىق پەرىزىگە باھا بېرىشلەر بولۇپ ئۆتتى.  ھەبىبۇللا ئۇكىمىز قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماقالىلەرنى يازدى. بۇ تالاش-تارتىشلاردا ئۇلار ماڭا يازغان ماقالىسىنى ئەۋەتىپ، ماقالىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سورىدى. مەن ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ يۆنىلىش ۋېكتورىنى قوللىنىپ جىسىمنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئاغىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېماتىكىلىق ئانالىزلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھازىرغىچە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا خاتالىق يوق. بۇ دېگەنلىك قاسىم سىدىق ئاكا پەرىزى توغرا دېگەنلىكىم ئەمەس. ھازىر مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم، ماقالە تولۇق يېزىلىپ بولغاندا ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشىنى، مەن ئۇنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇستازىمغا ئەۋەتىپ بېرىپ ماقالىگە ھەم پەرەزگە تولۇق ھۆكۈم چىقىرىش. مېنىڭ ئۇستازىم دۇنيادا ساناقلىق فىزىكا ئالىملارنىڭ بىرى بولىدۇ. ھەبىبۇللا ئۇكىمىز ئۇ ماقالىنى ھازىر تولۇقلاپ يېزىۋاتىدۇ. ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ كەسپى ماتېماتىكا ياكى فىزىكا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئېينىشتېين ھۆكۈملىرىگە جەڭ ئېلان قىلىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

مېنىڭچە قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قولاپ-قۇۋەتلىشىمىز لازىم. ئەگەر باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا چۈشىنەلمىسىڭىز ماقالىگە باھا بېرىپ، ئاپتورنى ھاقارەت قىلماسلىقىمىز، مۇنازىرىگە قاتناشماي يانداپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ. ئۇنۇڭ پەرىزى توغرا بولۇپ چىقسۇن ياكى خاتا بولۇپ چىقسۇن، قاسىم ئاكا تەبىئىي پەن ساھەسىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى ھەم قوشۇۋاتىدۇ. ئىلىم-پەندە ماۋۇ بىر يول بىلەن ماڭساڭ ئانداق نەتىجە چىقىرىسەن ياكى دوكتور بولمىساڭ بولمايدۇ دېگەن گەپمۇ يوق. ئامېرىكادا شۇنداق ئادەملەر باركىن ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپلا ئۆزى مۇستەقىل ئالەمنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار. ئىنسانلار ھەر-خىل تەپەككۇرلىرى ۋە پەرەزلىرى ئارقىلىق ھازىرقى يېڭى دۇنيانى بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز باغداش تورىنى بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئېسىل تور بەتلىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەن ھەر ھەپتىدە ۋەتەندىن 10 پارچىدەك خەت تاپشۇرۇپ ئالىمەن. ئۇلارغا ھەر ھەپتە خەت يېزىپ جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر سىزدە ئىلىم-پەنگە بولغان سوئاللىرىڭىز بولسا ياكى چەتئەلدە ئوقۇشقا قارىتا سوئالىڭىز بولسا ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا بولغان سوئاللىرىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا خەت يېزىڭ ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە سىزلەرگە ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم: tashpulat@gmail.com

خېتىمنىڭ ئاخىرىدا سىزلەرگە زەرىجىلەر ھەم نۇر توگۇرلۇق تۆۋەندىكى يېڭى نەتىجىلەرنى سۇنىمەن.

ھەرقانداق ماددا ئاساسلىق 17 خىل زەرىجىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە 16 تىسىنى تېپىپ چىققان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرىنى تا ھازىرغىچە تاپالماي، پەقەتلا پەرەز قىلىپ كەلگەن. بۇ زەرىجە (Higgs) بارلىق ماددىلارغا ئېغىرلىق ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم زەرىجىدۇر. يېقىندا ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنىHiggs زەرىجىسىنىڭ 99.9999 ئېھتىماللىق بىلەن بايقالغانلىقىنى مۇيەنلەشتۇردى.  

بىز ماددىلارنى ئاتوم يادروسى ۋە ئېلېكترون دەپ بۆلۈپ ئۇلارنى داۋاملىق بۆلسەك 17 زەرىجە دەپ مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق. يەنى ماددىلار بۇنىڭدىن ئارتۇق بۆلۈنمەيدۇ دەپ كەلگەن ئىدۇق. بىراق يېقىندا ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى زەرىجە ئالەم تەتقىقات ئورگىنى، ماددىلارنىڭ ماسسىنى ھاسىل قىلىدىغان Higgs زەرىجىسىنىڭ، كوپ خىل زەرىجىلەردىن تەشكىل قىلىدىغان بىرىكمە زەرىجە بۆلىشى مۇمكىن دەپ ئېلان قىلدى. بۇ نەتىجە توغرا بولۇپ چىقسا، بىز ئويلاپمۇ باقمىغان دۇنياغا قەدەم قويۇشىمىز مۇمكىن.

ئالىملارنىڭ پەرىزىدە، كەلگۈسىدە ئېغىر جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى Higgs مەيدانىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يوقىتىپ، ئۇلارنى نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلدۇرۇش مۇمكىن دەپ قارىماقتا. بۇ پەرەزلەر توغرا بولسا ئېينىشتېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە.  

Higgs زەرىجىسى توغرىلىق كېيىنكى ماقالەمدە تەپسىلىي توختىلاي.

ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى

www.uav.edu


3

تېما

2

دوست

9257

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2102
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا !
ئىزلىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنۈپ چىقسۇن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

968

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16920
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ، قىزغىن قارشى ئالىمىز

5

تېما

0

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 402
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش تور سزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ~! باغداشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى `~!

0

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تاشپولات ئاكا .مەن ئۇيغۇر ئالى ئوقۇلدا ماتىماتىكا ئوقۇغان ،سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىزگە خىلى قىزىقىمەن،خۇدايىم بۇيرۇسا يۈز كۆرۈشۈپ قالامىز،

0

تېما

0

دوست

1004

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە سىز توغرىلىق ماقالىدىن شۇنچە سۆيۈنگەن ئىدۇق،ئەمدى توردا دائىملىق كۆرۈشكۈدەكمىز،بەكمۇ ياخشى بوپتۇ.

1

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپۇلات ئاكا:
ياخشىمۇسىز؟
سىزنىڭ كوپ ۋاقىتلاردىن بۇيان خەت يىزىش ، تېلفۇن بىرىش ئارقىلىق ، ماڭا تەشەببۇسكارلىق ۋەئالەمچە كۇيۇنۇش بىلەن قىلغان ياردەملىرىڭىز ۋە ئىلھاملىرىڭىزغا چەكسىز مىننەتدارلىغىمنى بىلدۇرىمەن.باغداشقا قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىغىڭىز (مەنمۇ باغداشقا قايتىپ كىلىپ تىما يىزىۋاتقىلى بىرنەچچە كۇن بولدى) ۋە ماقالىڭىزدە بىزنى تىلغا ئالغانلىغىڭىزغا كوپ رەھمەت.
‹‹ئېىينىشتىيىنغا جەڭ ئىلان قىلغان ئىشى كىشىنى سۇيۇندۇرىدۇ ›› دەپ ئادەمنى تولىمۇ خىجىل قىلىپ قويدىڭىز. سىزمۇ ماقالىدە كورگەندەك مىنىڭ پايدىلانغانلىرىممۇ ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيەلىرى. ماقالىنى يىزىپ بولدۇم ، ھازىر قىستۇرۇلغان سورەتلەرنى قايتىدىن قاراپ چىقىۋاتىمەن. يەنە بىر نەچچە كۇندە ئەۋەتمەكچى.
سىزگە ئۇتۇق ،سالامەتلىك،بەخىت تىلەيمەن.
ئالى ئېھتىرام ۋە يۇكسەك ھورمەت بىلەن:ئىنىڭىز ۋە شاگىرتىڭىز-مۇھاكىمە(ھېبىبۇللا)دىن.
2013.9.9 كۈچار

4

تېما

0

دوست

3189

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 732
تۆھپە : 493
توردىكى ۋاقتى: 575
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ، قىزغىن قارشى ئالىمىز

45

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2548
تۆھپە : 2932
توردىكى ۋاقتى: 3013
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-9 11:15  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۆم تاشپولات مۇئەللىم:

باغداشقا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىز جاھان ئىش بولدى.ئىلھام بەرگىنىڭىزگە،قوللىغىنىڭزغا تەشەككۆر،شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق ئەمگەكلىرىگە كۆپرەك كۆڭۆل بۇلىشىڭىزدىن ئۇمىتۋارمەن.مىنىڭ بارى -يوقى دەسمايەم ئازىراق پەلسەپە بىلەن لوگىكىلىق تەپەككۆر.شەكىل نەزەريىسى سىزدەك كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۇرسىتىشى بىلەنلا ئورتاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرەلەيدۇ،دەپ قارايمەن.بۆگۆن ھەقىقەتەن بىر ياخشى كۈن بولدى.«ھە»دىگەندىلا ھېككىس زەررىچىسىنىڭ تۆزۆلۆشكە ئىگە ئىكەنلىگى ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرىڭىز ماڭا نىسبەتەن بىرخۇشخەۋەر .
ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق

2013.9،9

ھاياتتا نىمىشلار بولمايدۇ دەيس

0

تېما

2

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21631
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تاشپۇلات ئاكا سىزنى بەغداش تورىدىكى ۋە بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرمىز قىزغىن قارشى ئالىدۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )