قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1809|ئىنكاس: 10

مۇرسىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان مۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

3159

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 680
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              رەئىس مۇرسىنىڭ قەسىردىن تۈرمىگە تاشلىنىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان مۇھىم مەلۇماتلار

                  

   يېڭىلانغان تارىخ 05/09/2013 16:47:23 | كۆرۈلۈشى 321

   سەھەر خەۋەر تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى تىۋىتتىر ۋە فىسبۇكتا ئۆزىنى مىسىر قوراللىق قىسمىدىكى ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھ دەپ ئاتىۋالغان بىرى، مىسىر رەئىسى مۇرسىنىڭ قەسىردىن تۈرمىگە سولىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان سۈيقەستلەر ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان.
   ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ خىزمەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇرسىنى ئاغدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپى سەھنە ۋە سىيسىنىڭ ئىنقىلاپقا قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بولىۋاتقان ھازىرقى كۈرىشى ۋە مىسىر ئارمىيىسى ئىچىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ ھەربى ئىنقىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان.
   ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھنىڭ دېگەنلىرى تۈۋەندىكىدىن ئىبارەت: رەئىس مۇرسى ئۈچ قېتىم ھۇقۇقىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە ئۇچرىدى. 507 نەپەر مىسىر جۇمھۇرىيىتى قوغدىغۇچىلىرى مۇرسىنى مۇداپىئە قىلىپ قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى.
   600 مىليۇن جۇنەي ھەربى ئىنقىلاپتىن كىيىن دۆلەت مىزانىدىكى نۇپۇزلۇق شەيخلار، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى، يازغۇچىلار ۋە تەشۋىقاتچىلارغا مۇكاپات دەپ سەرىپ قىلىندى.
   سىيسى مىسىر ھەربى پارلامىنتى ئەزالىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ سەپەر قىلىشىنى چەكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىنى بەلگىلەپ بەردى. ئەسكەرلەر نارازىلىق ئىچىدە غۇدۇرىۋاتىدۇ ۋە ئۇرۇنلىرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
   76411 نەپەر ئەسكەر ۋە ساقچى 76411 دانە پۇقراچە كىيىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىرى بىلەن ئۇلارغا بىرىلگەن مۇكاپاتقا كۆرە 30- ئىيۇندىكى مۇرسىغا قارشى نامايىشقا قاتناشتۇرۇلدى.
   سىيسى گۇرۇپىسى ئەلجزىرە قاناللىرىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ۋە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن 57 دانە تېخنىكنى مىسىر ھەربى ئىستىخباراتىغا قاراشلىق 6 بىناغا ئۇرۇنلاشتۇردى.
   خەلقنىڭ نامايىشى ئارقىلىق خەلق قولى بىلەن مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىش مۇبارەك تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىرىدىن ھېچقانداق نەرسىنى قويمايدۇ .
   سىيسى كۈچلىرى سىنا چۆلىدىكى "ياسالما جىھادچىلار" نىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى مۇرسىنىڭ قوللىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن قولغا ئېلىۋاتىدۇ.
   خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشچە، مەزكۇر ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھ ئۆزىنىڭ سىيسى يېنىدىكى بىر يېقىنىدىن ئاڭلىغىنى بويىچە مۇنداق تەكىتلىگەن: سىلەرگە ئابدۇلفەتتاھ سىيسىنىڭ نىيىتىنى ئاشكارىلىسام، سىيسىنىڭ ئۆزىنى مىسىر رەئىسلىكى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش ۋە سىدقى سۈبھىنى مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش نىيىتى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ئامېرىكا بانكىسىدىن شەخسى ھىساب ئېچىش ئۈچۈن يول ماڭغان بولسىمۇ لېكىن ۋاشىنگىتۇن بۇنى رەت قىلدى. سىيسى يەنە مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرىدىن ئككىسىنىڭ سەپەر قىلشىنى چەكلىدى، ئارمىيە ئىچىدە نارازىلىقلار بار، ئەسكەرلەر ئۆز ئورنىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سىيسى ئىسلامچىلارنى تازىلاشقا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سىدقى سۈبھى بىلەن ھاكىمىيەتنى تۆمۈر قولدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بارلىق ئەمىر پەرمان قارارلىرىنى شۇ ئىككىسى بىرىدۇ، ۋاقىتلىق رەئىس رەئىسلىك سارىيىغا پەقەت يىغىنغا قاتنىشىش ۋە ياكى رەسمى دىپلۇماتىيە ئۇچرىشىشلىرىدا ئىھتىياج بولغاندىلا بارىدۇ.
   ئەترەت مەسئۇلى سامىھ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس مۇرسى ئۈچ قېتىم ئاغدۇرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە يولۇقتى، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلىرى ئۇنى مۇداپىئە قىلدى، لېكىن ئۇلاردىن 507 نەپىرى قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى. سىيسى ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەربى ئىستىخباراتقا ئائىت 6 بىناغا تېخنىك ئۇرۇنلاشتۇردى.
   بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ناھايتى كۆپ ۋە خەتەرلىكتۇر، سىيسى ئاساسى جەھەتتىن ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتلارغا تايىنىدۇ، بۇ مەزكۇر ئەترەت مەسئۇلى ئەھمەد سامىھنىڭ كىملىكىنىڭ راستىنلا ئەھمەد سامىھمۇ ياكى ئۇ توردا ئىشلەتكەن ئىسمىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ . لېكىن ئۇنىڭ توردا تارقاتقان مەلۇماتلىرى ھەقىقەتەن توغرا ۋە ياكى كۆپ قىسمى ئىنقىلاپ ۋەقەلىرىگە ۋە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئۇيغۇندۇر.
   ئەھمەد سامىھنىڭ مۇھىم سۆزلىرىدىن : (خەلق قولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ خەلقنىڭ نازارىلىق نامايشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇبارەك تۈزۈمى ئۆزىنىڭ ئاساسىدىن ھېچقانداق نەرسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ) دېگەن سۆزى بىلەن ( ھەربى ئىنقىلاپ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئۆسكەن ۋاقىتتا مەغلۇب بۇلىدۇ؛ مىنىڭ قارىشىمچە مىسىردىكى ھەربى ئىنقىلاپ مەغلۇم بولدى ۋە لېكىن ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك قوزغىلىڭىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ) دەپ قوزغالغان خەلققە، تەشۋىقات شەھەرلىرى ئالدىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلشقا نەسىھەت قىلىپ، ئەگەر ھەربى ئىنقىلاپنى قوللىغان تەشۋىقات ۋە ئاخباراتچىلار بولمىغان بولسا ئىدى ھەربى ئىنقىلاپ غەلىبە قىلالمايتتى، رابىئەتۇل ئەدەۋىيە مەيدانىدىكى نامايىشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىلا ھەربى ئىنقىلاپ ئاغدۇرۇلۇپ كىتەتتى؛ خەلقنىڭ يېغىلىشى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى سىيسىنى ئالاقزادە قىلىدۇ، غەزەپلەنگەن مىليۇنلار جۈمەسى سىيسىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرىدۇر.
   ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: پەقەت بىر خىل ئەھۋال ئاستىدا سىيسىغا قارشى ئىنقىلاپ قىلىنىش مۇمكىندۇر ، ئۇ بولسىمۇ : قوزغالغان ۋە غەزەپلەنگەن كوچا – يوللارغا قارىتىلغان سىيسى كونتروللۇقىنى يۇقۇتۇش ۋە قەتئى بۆلۈنۈش يۈز بەرمەسلىكتۇر.
   ئەھمەد سامىھنىڭ ھازىرغىچە تارقاتقان مەلۇماتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى تۈۋەندىكىچە:
   1-رەئىس مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۈچ قېتىم ئاغدرۇۋېتىلىش سۈيقەستىگە يۇلۇققانلىقى؛ بىرىنچىسى مۇرسىنىڭ تاشقى زىيارەت بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستانغا سەپەر قىلغان ۋاقتىدىكى سۈيقەست بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۈيقەست ئارمىيە ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ئىككى رەھبەرنىڭ خەلق تېخىچە بۇنى قۇبۇل قىلىش باسقۇچىغا كەلمىدى دەپ قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشمىغان.
   2-ئابدۇلفەتتاھ سىيسى بىر خۇسۇسى مۇناسىۋەتتە رەئىس مۇرسىغا ئاشكارا " ئى رەئىس؛ بىز ئىلگىرى قوراللىرىمىز، داۋالىنىشىمىز ۋە تامىقىمىز ھەممىسىگە ھەقسىز ئىگە بۇلاتتۇق" دېگەن. رەئىس مۇرسى سۈكۈت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرمىگەن، چۈنكى بۇ مۇرسىنىڭ ئابدۇلفەتتاھ سىيسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ھۆرمەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى ئەمەس بولۇپ، سىيسى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم رەئىس مۇرسىنىڭ نەخ مەيدان نۇتقى سۆزلىمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
   3-ھۇقۇقىدىن ئېلىۋېتىلگەن رەئىس مۇرسى ھاكىمىيەت تۇتقان جەرياندا؛ مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىجارىگە ئالغان بىلتىجىيىلەرنى (بۇزغۇنچىلارنى) نامايىشچىلارغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن نامايىش مەيدانىغا ئەۋەتكەن. مايور مۇھەممەد ئىبراھىم مىنىستىرلىكىنىڭ  بىلتىجىيىلەر سەۋەپلىك نامايىش مەيدانىنى قوغداشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى رەئىس مۇرسىغا سۇنغان، ئەپسۇسلىنارلىقى مۇرسى زامانىدىكى نامايىشلاردا كۈنىگە تاجاۋۇزغا ئۇچراش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن تۇرۇپمۇ، كۆپىنچە سىياسى كۈچلەر بۇنىڭغا دېققەت قىلمىغان.
   4-رەئىس مۇھەممەد مۇرسى ئۆزىگە قارشى ئەسكىرى ھەرىكەتلەرنىڭ بۇلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، پۈتۈن دېققىتىنى مىسىر ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە مىسىرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قاراتقان.
   5-رەئىس مۇھەممەد مۇرسى نورمال بولمىغان " قارشى يۈرۈش ھەرىكىتى" مۇناسىۋىتىگە سەل قارىغان ۋە ئۇ ھەرىكەتكە قارشى جىددى مۇئامىلىدە بولمىغان. ئەسكىرى رەھبەرلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ مۇرسى ھاكىمىيىتىگە " قارشى يۈرۈش ھەرىكىتى" نى كۈچ بىلەن قۇۋەتلىگەن.
   6-مۇرسىنىڭ سارىيىدىن قولغا ئېلىنىشتىكى ئاخىرقى ۋاقىتلار " ئىمتىھان" غا ئوخشاپ قالغان؛ ئۇنىڭدىن كىيىن مۇرسىغا ئەركىن خەلق تەرىپىدىن سايلانغان رەئىسكە لايىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ھالدا مۇئامىلە قىلىنمىغان.
   7-رەئىس مۇرسى غەلبىمۇ قىلالمىدى ۋە مەغلۇپمۇ بولمىدى؛ ئۇ زامانىدا خەلقنىڭ ئەركىنلىكىگە قىلچىمۇ دەخلى تەرۇز قىلمىدى، ئۇنى تىللىغان ۋە تەنقىد قىلغان گېزىتلەر ئۇنىڭ سارىيىغا كىرىپ تۇراتتى.
   8-سىيسىغا يېقىن بىر ئەسكەر ماڭا ھەرىپ – ھەرىپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر تەشۋىقات ۋە ئاخباراتنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا مۇرسىنى ھەرگىزمۇ ئاغدۇرالماس ئىدۇق؛ ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن مۇرسىغا ئوخشاش خەلق رەئىسىنىڭ بىزگە ھاكىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس".
   9-رەئىس مۇرسىغا ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەر بىرىدىغان ۋە مۇرسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بىر ئوفىتسىر مۇنداق دېدى: "كۆپ گەپ قىلمايدۇ، بىزنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭغا قېتىلمايمىز، ھەرگىزمۇ بىزدىن بىر نەرسە سورىمايدۇ". رەئىس مۇرسىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان گۇرۇپنىڭ مۇرسىدىن تەسىرلىنىپ ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭغا گېزىت ياكى خەۋەر قاناللىرى ۋە ياكى تېلىفۇنلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سابىق خەۋەر مەنبەسىگە قارىغاندا، رەئىس مۇھەممەد مۇرسى ھازىرقى يۈز بىرىۋاتقان ، خۇسۇسەن سۆھبەتلىشىش ۋە تاشقى دۆلەتلەر ئەلچىلىرىنىڭ زىيارتى تۈگىگەندىن كىيىنكى ۋەقەلەردىن تامامەن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغان.
   10-رەئىس مۇرسىغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ئۇنىڭ ھۇكۇم تۇتقان زامانىدا مىسىر رىئاسى ئىدارىسىنىڭ ئۈچ ئايلىق بارلىق چىقىمى 238 مىڭ جۇنەيدىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئۇ تامىقىنى ھەمىشە ئۆيىدە يىيىشنى ياخشى كۆرەتتى.
   11-بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە 600 مىليۇن جۇنەينىڭ مۇكاپات دەپ تەشۋىقاتچىلار، يازغۇچىلار، ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە دۆلەت مىزانىدىكى نۇپۇزلۇق شەيخلارغا تارقىتىپ بىرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
   12-رەئىس مۇرسىنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەرىكىتى ۋە ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدىكى كۈندىلىك دوكلاتلار ئەرەپ قولتۇقى دېڭىزىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخباراتلىرىغا ئەۋەتىلىپ تۇراتتى.
   13-مۇرسى مىسىر ئىچكى سۈيقەستچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۇنى شەيتان كۆرسىتىپ قورقۇتۇش ئارقىلىق ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان سۇيقەستلىرى ئالدىدا ئىگىلمەي تۇردى؛ ئەمما ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىدىغان سىياسى مەسلىھەتچىلەرنى تاللاشتا ئۇتۇرۇپ قويدى.
   14-مۇرسى رەئىسلىك سارىيىدىن تۈرمىگە... رەئىس مۇرسى قولغا ئېلىنغان كۈنىدە ئۇنى قوغداشقا قويۇلغان جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرمىدى، ئۇنى قوغدىغان قوغدىغۇچىلاردىن 507 نەپىرى تۈرمىگە تاشلاندى.
   15-رەئىس مۇرسى مەشھۇر يازغۇچى مۇھەممە ھۆسنەين ھەيكەل بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەيكەل ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: " دۆلەتنى ھەرگىزمۇ تۈزۈيەلمەيسىلەر، پات ئارىدا ھۇقۇقتىن چۈشۈپ كىتىسىلەر، مىسىرغا ئەسكەردىن باشقا ھېچكىم ھاكىم بولالمايدۇ"، شۇ ۋاقىتتا رەئىس مۇرسى ھەيكەلدىن : سىنىڭ قانداق نەسىھىتىڭ بار؟ دەپ سورىغان. ھەيكەك : ئەسكەرنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭگە نەسىھەت قىلىمەن، سەن ئەسكەرنىڭ ئىرادىسى بولماستىن ھەرگىزمۇ ھاكىم بۇلالمايسەن، دىگەن.
   16-شۇنىڭغا قارىغاندا رەئىس مۇرسى مىسىرنىڭ ھەقىقى رەئىسى بۇلالمىغان، چۈنكى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مىسىر جىنايى ئىشلار سوت ھەيئەتلىرى مۇرسىغا قەتئى ئىتائەت قىلمىغان.
   17-ئابدۇلفەتتاھ سىيسى دۆلەت ئىستىخباراتىنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە قايتىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەردى، سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساقال قويغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاش ۋە جۈمە خۇتبىلىرى ۋە دەۋەتچى شەيخلارنى كۈزىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. كىيىن رەئىس مۇرسىغا ئىنتايىن ۋەھشى شەكىلدىكى ئىنتىقام يۈزى بىلەن قاراشقا باشلىغان.
   18-سىدقى سۈبھى گۇرۇپىسىمۇ ياۋۇزلۇقتا ۋە ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئابدۇلفەتتاھ سىيسىدىنمۇ قېلىشمايدۇ، ئۇ ئىسلامى مەشھۇر شەخسلەرنى يۇقۇتۇش ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشتە سىيسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
   19-ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم 18- مارت يېقىن مۇرسىغا يېقىن ئوفىتسىرلارنىڭ بىرىگە مۇنداق دېگەن: "بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، مۇرسى ئۇ ۋاقىتتا تۈرمىدە بولىدۇ". كىيىن بۇ ئوفىتسىر ئۆتكەن كۈنلەردىكى ۋەقەلەردە ئۆلتۈرۈلگەن.
   20-رەئىس مۇرسى زامانىدا مىسىر رەئىسلىك سارىيىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار يۈز بەرگەن، بىر نەپەر ئىستىخبارات خادىمى رەئىس مۇرسىغا 1015 نەپەر نۇپۇزلۇق شەخسىنىڭ بىر قانچە مەسىلىگە ئائىت جىنايەتكە چېتىشلىقى بار "خەتەرلىك بىر ئارخىپ" نى كۆرسەتكەن، رەئىس مۇرسى دەرھال بۇ ئارخىپ ھەققىدە ئىجرائات ئېلىپ بىرىشقا بۇيرىغان ، ئەمما بۇ "خەتەرلىك ئارخىپ"  بىر قانچە سائەتتىن كىيىن يۇقاپ كەتكەن بولۇپ، كىيىن رەئىس بۇ ئارخىپنى ئىشخانىسىدىن ئىزلەپ تاپالمىغان، ھەتتا ئىستىخبارات خادىمىمۇ مىسىردىن سىرتقا سەپەر قىلىپ كەتكەن. رەئىس مۇرسى تەكشۈرۈش كۆمىتىتىنى رەئىسلىك سارىيى خادىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىقى بار بارلىق تەرەپلەرنى چاقىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ئۇ مەسىلە بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىغا ئائىت نەتىجە چىققان.
   21-مۇرسىنىڭ زامانىدا، مىسىر ئۆكتىچىلىرى بولغان " مىللى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى" مەغلۇبىتىدىن كىيىن زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئىشقا سالغان ۋە بىر قانچە ۋەقەلەردە 400 دىن ئارتۇق بىلتىجىيىلەر (بۇزغۇنچىلار)غا پۇل بىرىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغان. مىسىر " مىللى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى" مۇرسىغا قارىشى ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۆزى داۋا قىلغان دىمۇكراتىيەگە نانكۆرلۇق قىلىپ، ئەسكىرى ھاكىمىيەت قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراقۇلۇق قىلغان.
   22-رەئىس مۇرسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈم تۇتقان دەۋرىدە 25- يانۋار قوزغىڭىلىدىكى گۇرۇپلار بىلەن يىغىلىش قىلىپ، قولىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشى ۋە ئۆزىنى رەئىس سايلىغانلارغا " ئىشنىڭ ھەقىقىتى بۇ، ئەھۋال بۇنداق تۇرسا ھەرگىزمۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئاخباراتقىچە بولغان ھۆسنى مۇبارەك تۈزۈمىدىكى ئورگان قۇرۇلمىلارنى يىقىتىش ئۈچۈن قوزغىلاڭنى تۇلۇق قىلىشىمىز لازىم" دېيىشى كېرەك ئىدى.
   23-شۇنداق دىيىش مۇمكىنكى رەئىس مۇرسى ئەسكىرى رەھبەرلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، رەئىسلىك سارىيىنى جاسۇسلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، رەئىس مۇرسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى جاسۇسلار تەرىپىدىن كۈزۈتۈلۈپ تۇرغان.
   24-ئەسكىرى رەھبەرلەر رەئىس مۇرسىنىڭ كۆپىنچە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردا " مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى رەھبىرى مەن" دېگەن جۈملىنى تەكرارلىشىدىن نارازى بولغان، ئۇلار مۇرسىنىڭ بۇ سۆزىنى خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر رەئىسنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئاھانىتى دەپ قارىغان.
   25-نۇرغۇن سوتچى ۋە مەسلىھەتچىلەر بولۇپ ، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەسكىرى رەھبەرلەر داستىخىنى ئۈستىدە يىغىلىش قىلغان، شۇنداق تۇرسا سوت مەھكىمىسى قانداقمۇ پاكىز ۋە مۇستەھكەم بولغان بولىدۇ؟
   26-ھازىر مىسىر ئارمىيىسى رەھبەرلىرى ئىچىدە، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلاردىن ئىبرەت ئالغۇدەك ئەقلى بار رەھبەر تېپىلمايدۇ، سىيسى 58 ياش، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى تەنتاۋىغا ئوخشىمىغان ھالدا ھاكىمىيەتكە كۆز تىكىشىدىكى سەۋەپ مانا شۇدۇر.
   27-كۈندىلىك بىر دۆكلاتنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ دوكلات مىسىر مۇداپىئە مىنىستىرى سىيسىغا ئەۋەتىلىدىغان دوكلات بولۇپ، ھەممىسى رەئىس مۇرسىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، ئۇنىڭ زىيارەتلىرى ، ئۇچرىشىشلىرى، رەئىسلىك سارىيىغا كىرىش ۋە چىقىش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى جۇغلانغان دوكلات ئىكەن.
   28-رەئىس مۇرسى كۆپ ئىشلاردا خاتا قىلغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن غەلىبىلىك ئىشلىرى بولغىنىدەك، مەغلۇبىيەتلىك قارارلىرىمۇ بولغان؛ ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىشلىرىنىڭ ھەجىمى چوڭراق بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ شەخسى تېلىفۇنلىشىشلىرىمۇ ئوغۇرلۇقچە تىڭشىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن.
   29-ھازىر مىسىردا ھاكىمىيەت قارارلىرىنى بىرىۋاتقانلار ئابدۇلفەتتاھ سىيسى ۋە سىدقى سۈبھى ئىككىسى بولۇپ، ھېچكىمنىڭ قارارى ئۇ ئىككىسىنىڭ قارارى ئالدىغا ئۈتەلمەيدۇ.
   30-تۈۋەندە تۈنجى بۇلۇپ شۇنى ئاشكارىلايمەن... ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەۋىبىنى ئېيتماسىتىن ئابدۇلفەتتاھ سىيسىنىڭ مەشھۇر مورگان چېيس (Morgan Chase) بانكىسىدىن ھىساب ئېچىش تەلىۋىنى رەت قىلدى.
   31-مىسىر قوراللىق قىسمى ، رەئىس مۇرسىنى ئۇلارنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن دەپ ئىتىراپ قىلدۇرۇپ، مۇرسىغا تۆھمەت ئارتىش ئۈچۈن سىنا چۆلىدىكى " ياسالما جىھادچىلار"نىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ.
   32-ئەلجەزىرە قانىلى ئۆزىنىڭ خەۋەر قاناللىرىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەلقارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ ئۇنىڭ ئىسىملەر ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىنچىكە تەپسلاتلىرى بار بولۇپ ئۇنى تارقىتىشقا بىر يول چىقىشنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ھەرىكىتى مىسىر ھەربى ئىستىخبارات مۇدىرى مەھمۇد ھىجازىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەلجەزىر قانىلىنىڭ مىسىر ۋەقەلىرى ھەققىدىكى تارقىتىشىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئۈچۈن قاتتىق كۈچەپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
33-سىيسى گۇرۇپىسى ئەلجەزىرە قانىلىغا كاشىلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەربى ئىستىخباراتقا قاراشلىق 6 بىناغا 57 دانە تېخنىكا ئۇرۇنلاشتۇردى.
   34-مىنىڭ بىلىشىمچە ، ھازىرقى بەبلاۋى ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى پىلانى يوق، ئۇلار بىرىنجى دەرىجىدە خەلىج (ئەرەب دېڭىزى قولتۇقى) دۆلەتلىرىنىڭ مىليارتلارچە دوللارلىرىغا تايىنىۋاتىدۇ.
   35-ئابدۇلفەتتاھ سىيسى مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامىنت ئەزالىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ سەپەر قىلىشىنى چەكلىدى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە بەلگىلىمە قويدى.
   36-مەخپى ۋە تەكىتلەنگەن مەلۇمات: ئۆرۈۋېىتلگەن رەئىس مۇرسى ئۆزىنىڭ ھاكىيمىيەت دەۋرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باش يولباشچىسى مۇھەممە بەدىئ بىلەن پەقەت بىر قېتىم ئاممىۋى پائالىيەتتە ئۇچراشقاندىن باشقا  يا تېلىفۇن بىلەن بولسۇن ۋە ياكى ئايرىم ئۇچرىشىش بولسۇن ئالاقە قىلمىغان، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مىسىرغا ھۆكۈم قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئ دەپ تارقالغان ئۆسەك سۆزنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بولغان. ھازىر مىسىر دۇچ كىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىققا مۇرسى ۋە ياكى كەلگۈسىدە بولماقچى بولغان ھەر قانداق بىر رەئىس ئار تۇرالمايدۇ.
   37-تەكىتلەنگەندىن كىيىن: 30- ئىيۇندىكى نامايىشقا پۇقراچە كىيىنىپ قاتناشقان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ سانى 76411 نەپەرگە يەتكەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىرى بىلەن ئۇلارغا سەرپ قىلىنغان مۇكاپاتلارغا كۆرە قاتناشقان.
   38-مىسىردىكى سىيسى ھاكىمىيىتىگە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى ياردەم قىلىۋاتىدۇ؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى باشقا ئەسكىرى رەھبەرلەرنىڭمۇ ماقۇل بولىشى ئۈچۈن قاتتىق كۈچىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ھەربى ئىنقىلاپنى توغرا دەپ قارىمىغان بەزى ئەسكىرى رەھبەرلەرمۇ بار.
   39- " شۇنىڭدىن كىيىن يەنە نىمىگە قاراپ تۇرۇسىلەر؟"؛ بۇ سۆزنى ئاغدۇرۇۋېىتىلگەن رەئىس مۇھەمممەد مۇرسى دېگەن بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزنى دېگەن ۋاقىتتا ئۇلارنى مۇرسىنى مەسخىرە قىلىپ:" بۇ يەردە مىسىرنىڭ ئارقىغا قايتىشىنى خالايدىغان بىرى بار ئىكەن" دېگەن. بىز بۈگۈنكى ھەربى ئىنقىلاپ ھاكىمىيىتى كۈنىدە ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كۆپ ئارقىغا چىكىنىپ كەتتۇق...

تەرجىمىدە مۇسلىم
مەنبە: مىسىر ئەل ساباھ خەۋەر تورى

3

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7671
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم ھەقىقى خەلىق سايلىغان رەھبەر ، ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە تەخىتتىن چۈشتى ، خۇددى ھەزىرتى ئەلنى خاۋارىجلار قەسىتلىگەندەك ، ھەي ئەرەپلەر  ، ھەي ئەرەپلەر ئاجايىپ خەقتە بۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

تۈمەن ئۆركىشى

15

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1638
تۆھپە : 2290
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرىيە ،مىسىرلار خەتەرلىك پەيىتتە تۇرماقتا ...ھەي ئەرەپلەر قاچان ئىتتىپاقلىشا ؟؟؟

ھاياتتا نىمىشلار بولمايدۇ دەيس

0

تېما

2

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21631
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرۈپ ئىچكى ئۇرۇشنى تۈگەتمىسە قاچان يۈكسىلەر بۇلار ....................!~

alkANAT

0

تېما

9

دوست

2454

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسىر ھەربىي تەرەپنى غەرب ئەللىرى چەكلىمەيدۇ. مورسىنى قوللايدىغان باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ياكى تەشكىلاتلارنىڭ چەكلىگۈسى بولسىمۇ چەكلىيەلىگۈدەك ئەمەلى كۈچى يوق. شۇڭا ئۇ ئىشلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىپ كېتىشى ناتايىن.

11

تېما

0

دوست

1230

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15446
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتپاقسىزلىق يامان بىر ئۆسمە

15

تېما

3

دوست

6127

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1130
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئۇرۇشلاردا ئەڭ بىچارە بۇلدىغانلار يەنىلا شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدە....

1

تېما

0

دوست

1453

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرسىنىڭ خاتالىقى قەيەردە،؟كىم جاۋاب بىرەلەيدۇ.شۇندىلا پاكىت چىقىدۇ.مۇرسىنى خەلىق سايلىغان بىردىن بىر مىسىر ئەلبىشى دىيىلدى،ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىيە قوپوپ تىرۇرىسىت  دەپ ئاتىدۇ،تۈركىيە مۇرسىنى قانۇنۇق ھاكىمىيەت باشلىقى دەپ ئاقلايدۇ.ئامرىكا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرى مۇرسىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە.بىراق ئارمىيە بىلەن خەلىق ئوتتۇرسىدىكى تۈزۈلگەن مىسىر ئاساسى قانۇنىغا كىم ئاۋۋال خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ؟مۇرسى بەلكىم راسىتلا كەتكۈزۈپ قۇيغاندۇ،ئارمىيە تەرەپ ھەقىقەتەن مۇستەبىتلىكىنى ئاشكارلىغاندۇ،بىراق مەنپىئەت دىگن مۇشۇنداق يامان نەرسە،بىر ئائىلە كىشىلىرىنىمۇ بىر بىرى بىلەن دۈشمەن قىلىۋىتەلەيدۇ،خۇددى بىزنىڭ ئائىلىدىكى باللاردەك.ئادەتتە بىر ئائىلىدىكى ئىككى بالىمۇ سىغىشماي ئۇرىشىدۇ.دادىسى كىچىك بالىسىنى ياخشى كۆرسە،ئاپىسى چوڭ بالىسىنى ياخشى كۆرىدۇ،ئاخىردا چوڭلىرىدىن مەلۇم مۇددىانى سەزگەن بالىلار كاللىسىدا ھامان بىرىنى يىڭەلىسە ئاندىن تىخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ دە توختىماي  غەلۋە قىلىپ ئۇرىشىدۇ.ئەگەر ئائىلىدە ئەر باشلىق بولسا ئەر تەرەپ ياخشى كۆرىدىغان بالىسىنىڭ يەڭگىنىگە خۇش بولۇپ ئايال تەرەپنى باسىدۇ،دىمەك ئايال تەرەپ مۇنقەرىز بولىدۇ،ئەگەر ئايال باشلىق ئائىلىدە بولسا يەڭگۈچى ئەر تەرەپنىڭ بولسىمۇ ئايال تەرەپ ھامان يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ.ئەھۋال شۇنداقراق ھىسابلىساق بولىدۇ،مۇشۇنداق ئاداۋەت تۈگىتىلمەي بىر بىرىگە كۈچ كۆرسىتىۋاتقان ئائىلىنىڭ ئاخىرى نىمە بولىدۇ،چىچىلاڭغۇ،نامىراتلىق ئەۋىج ئالىدۇ،خۇددى ئەرەپ ئەللىرىدەك.غەرىپ ياكى باشقا قىتئە دۆلەتلىرىدەك تىخنىكا كەشپىياتلىرى ئئەرەپلەردە بارمۇ؟يوق.ئاددىي بىر ۋىلىسپىت ياسىيالماي ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر بار.

تۈمەن ئۆركىشى

15

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1638
تۆھپە : 2290
توردىكى ۋاقتى: 438
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 22:24
مۇرسىنىڭ خاتالىقى قەيەردە،؟كىم جاۋاب بىرەلەيدۇ.شۇندى ...

ئەلباشى _ مۇرسىنىڭ بىرلا ‹‹خاتالىقى ›› _ ئۇنىڭ ‹‹ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ›› بولغانلىقىدۇر . بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خاتالىقى يوقتۇر ...
قالغىنى مەنپەئەت ئۈچۈن تاپقان ئاقماس باھانىلەر !!!
مۇرسى ،ئەردۇغاندىن قالسىلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۈلگە بولغۇدەك نوچى رەھبەر ئىدى .ئەپسۇس .....مەنپەتنىڭ قۇربانى بوپ كەتتىدە ؟!

0

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21707
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
orkex يوللىغان ۋاقتى  2013-9-10 23:41
ئەلباشى _ مۇرسىنىڭ بىرلا ‹‹خاتالىقى ›› _ ئۇنىڭ ‹‹ مۇسۇ ...

ھەق گەپ قىرىندىشىم ، پىكىرىڭىزگە ئەگەشتىم ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )