- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 60971
- نادىر
- 6
- يازما
- 2611
ئۆسۈش
0%
|
1. بۇدا بالىنى ئوينۇتۇش ئۇچۇن ئۆرۇمچىگە چىققان . ئۇيان چۆگۇلەپ بۇيان چۆگۇلەپ سەنشىخاڭزا مىللەتلەر كوچىسى بۇلاق بېشى كوچىلىرىنى ئالا قويماي دەسسەپ باققاللارنىڭ قوغۇن تاۋۇزلىرىغا ، دۇغچىلارنىڭ جانغا ھوزۇر دۇغلىرىغا ئېغىز تىگىپ ، مەدداللارنىڭ ھەزىل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇر دېڭىزىدا بالام بىلەن يېپى ئۇزۇلگەن لەگلەكتەك ئايلىنىپ يۇردۇم . گازىر چاقىدىغان تىيىننى كۆرۇپ بالام ئاتايىتەن ئككى سوملۇق گازىر سېتىۋالدى تېخى .
2.شۇنداق ئايلىنىپ يۇرۇپ بۇلاق بېشىنىڭ ئۇستىدىكى ھۇنەرۋەنلەر كوچىسىى بەلكىم باشقى نامى بولۇشى مۇمكىن.مەن شۇنداق ئاتىۋالدىم ئەمدى ، بۇ ئۇستى تەرەپتى كوچىدا قەلەي ، ئۇنداق بۇنداق ھۇنەر ۋەنلەر بەك تولىكەن ھە بىر كەپىش بازىرى بارغۇ تېخى ، ما تەرەپتىكى جا بۆرەك يەيدىغان يەرنى كولىۋېىتىپتۇ ئۇياندىن يانداپ ماڭىدىكەنسز ،
3.ئاشۇ ھۇنەرۋەنلەر بازىرىدا لاغايلاپ يۇرۇپ كۆزۇم مىسۋاك ساتىدىغان بىر ئاتىمىزغا چۇشۇپ قالدى ، رەسمى قاپلىغان مىسۋاكلىرى يەتتە كوي ئاۋۇ چىمچىلاق توملىقىدىكى بىر غېرىچ كۆرۇمسىز ياغاچنى ئون كوي ھەقىقى مىسۋاك دەپ ماختىغىلى تۇردى ، ئۆزەمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بىر ياخشى مىسۋاككا ئېرىشىش ئويۇم بولغاچقا ، قايتىلاپ سورىدۇم ، موشۇ كۆرۇمىسز ياغاچ ئەڭ ياخشى مىسۋاكمۇ ، شۇنداق بۇ مىسۋاك دەرىخىنىڭ تايىقى مانا ماۋۇسى يىلتىزى ، مەن بۇ مسىۋاكنى سېتىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولدى ، ئاللاھ خالىسا ئالغان پۇلىڭىزغا چوقۇم رازى بولىسىز ، ھە ئۇنداق بولسا مەن ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى مىسۋاكنى ئارزۇ قىلاتتىم ، ئەمىسە ماڭا بىرنى ،
4. مىسۋاك ساتقان ئاتىمىز ماڭا ئۇ ئۇزۇن تاياقىنى قەلەمتاراچ بىلەن كسىپ ، ئۇچىنىڭ قوۋزىقىنى قىىرپ ئاندى ياغاچ بولقۇسى بىلەن سوقۇپ ئىككى مىسۋاك ياساپ بەردى ، بۇ مۇلازىمەت تۆت ئېس مۇلازىمەتلىرىدىن قېلىشمىدى ، تېخى ياقامغا ئەتىر سۇرۇپ قويغان ئىدى ، ئەتىسى كەچكىچە خۇش پۇراق يۇردۇم .
5. مىسۋاكنى ئۆيگە ئېلىپ كىلىپ بىر قېتىم ئىشلىتىپلا مسىۋاكنىڭ قاتىلىنى تېپىپتىمەن دەپ تولىمۇ خوشال بولدۇم ، ھەي ئەسلىدە بىر قانچىنى ئېلىۋالىدىغان گەپكەنتۇق ئەتتەڭ . بوپتۇ ئۆرۇمچى دىگەنمۇ يىراق يەر ئەمەس ئاللاھ خالسا يەنە چىققاندا كۆپرەك ئېلىۋالارمەن . ئادەتتە سولياۋ قاپقا ئورالغانلىرىدا بىر خىل شور تېتىپ ئاغىزنى گالۋاڭ قىلىپ كۆڭۇلىنى غەش قىلاتتى ، بۇدا بەك رازى بولۇپ كەتتىم. ئۆرۇمچىگە چىقىپ رازى بولغان ئىشلىرىمنىڭ بىر سى بۇ ، قالغانلىرىنى ئالدىرماي يازارمەن .
|
|