ئەمەلىي ئىشلىگۈچى (گوشۈئەن ) بىزنىڭ ھاكىم ناھايىتى ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەمەلدار، مانا بۈگۈنمۇ تومۇز ئىسسىققا قارىماي بىر توپ ئادەمنى باشلاپ ۋاڭ جەمەتى كەنتىگە دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىكى ياۋائوتلارنى ئوتىشىپ بەرگىلى كەلدى . ھاكىم ياردەم قىلماقچى بولغىنى بىر پارچە ياۋا ئوت قاپلاپ كەتكەن كۆممىقوناق ئېتىزى ئىدى ، ئېتىزلىقتا تازنىڭ بېشىدىكى تۈكتەك ئۇيەر-بۇيەردە ئۈنۈپ قالغان بىر نەچچە قۇر كۆممە قوناق ئادەمگە بۇ يەرگە تېرىلغىنى كۆممە قوناق ئەمەس بەلكى ئوت-چۆپتەك تۇيغۇ بېرەتتى . ھاكىم گەپ قىلمايلا ئوتىغۇچنى ئىلىپ ئىشقاكىرىشىپ كەتتى ، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئۈنسىز ئەگەشتى ،تومۇز ئايلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپمۇ بىئارام بولىدىغان كادىرلارغا بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك قۇياش نۇرى ،ئىسسىق ھەم تىنچىق ھاۋادا ئىشلەش شۇنداق ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ گاللىرى قۇرۇپ ، تەرلەپ كەتكەن بولسىمۇ بىرەردەم ئارام ئىلىشقىمۇ پىتىنالمايتتى ، ھاكىم چېغىدا تۇختىماي ئىشلەۋاتقان تۇرسا كىممۇ توختاپ قىلىشقا پېتىنالىسۇن؟ نىمىلا بولمىسۇن چىداش كېرەك . تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نەدىن خەۋەر تاپتىكىن مۇخبىرلارئالدىراش –تېنەش يىتىپ كېلىپ ھاكىمنى ئورىۋېلىشتى،ھاكىم توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان مۇخبىرلارغا قاراپ : تارتقۇدەك نېمىسى بار ، ۋاقتىڭلار بولسا سىلەرمۇ ئىشلىشىپ بەرمەمسىلەردېگەن ئىدى ، ھېلىقى بىر نەچچە مۇخبىرمۇ قىزىرىپ-تاتىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى . بىر ھازا ھەپىلەشكەندىن كىيىن ئوت-چۆپلەر ئاخىرى ئوتىلىپ تېخى پاكىز يىغىشتۇرۇلۇپ تۈگىدى. ۋاڭ تاغام كەلدى ! كىمدۇر بىرى توۋلىدى ، چىغ قالپاق كىيىۋالغان بىر دېھقان ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى ، ھاكىم كۈلۈمسىرىگىنىچە دېھقاننىڭ ئالدىغاباردى ، مۇخبىرلار دېھقاننىڭ تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ياش ئالغان ئالاھىدە كۆرۈنۈشىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاپپاراتلىرىنى دېھقانغا توغرىلاشتى . دېھقان ئوت تۇرماق بىرەر تال يوپۇرمىقىمۇ قالمىغان ئېتىزلىقىغا ھاڭۋېقىپ بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ قالدى ھەيرانلىقتىن ئېغزىغا گەپمۇ كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى ئاندىن تۇيۇقسىز يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تىزلىرىنى قۇچاقلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. ئەمدىكى ھەيرانلىق قالغانلارغا ئۆتتى ، ئىچىدە شۇنىڭغىمۇمۇشۇنچىلىك قىلىش كېتەمدۇ ؟ بەك ئاشۇرۇۋەتتى ! دەپ ئويلاشتى . بىر ھازادىن كىيىن دېھقان ئاخىرى گەپ قىلدى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ : نېمىشقا قۇرت-قوڭغۇزلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تېرىغان كۆممىقوناقلارنى قۇيۇپ ئوتلىرىمنى يۇلىۋىتىسىلەر ؟ بۇ دېگەن چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغان مەخسوس چىملىق ياساشقا ئىشلىتىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئوت تۇرسا ،ئىسسىت ،ئۇرۇق سېتىۋىلىشقىلا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەجلىگەن ئىدىم ! دەپ ۋارقىرايتتى. بەيخوا ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان "21-ئەسىردىكى مىكرو ھېكايىلەر توپلىمى "دېگەن كىتابتىن تەرجىمەقىلىندى . |