- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1653
- نادىر
- 0
- يازما
- 150
ئۆسۈش
65.3%
|
تۈنۈگۈن (يەنى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئامرىكا ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋىرستىتى (University of Washington) راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار دۇنياغا مەشھۇر گېنتىكا ئىلمىي ژورنىلى "تەبئەت گېنتىكا" (Nature Genetics) ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار مەخسۇس بالىلىق مەزگىلىدىكى ئاق قان راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر گېننى تۇنجى بولۇپ بايقىغان. گەرچە ئالىملار ئاق قان راكىنىڭ مەلۇم نېسبەتتە ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لىكىن تا ھازىرغىچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەي كەلگەن ئىدى. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرستىلگەن PAX5 دەپ نام قويۇلغان گېن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتسە ئۇ ھالدا شۇ بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتى ئادەتتىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گېن كىيىنكى ئەۋلادقا شۇ پېتى ئېرسىيەت قالىدىغان بولغاچقا كېسەلگە گېرىپتار بولغۇچىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ شۇ كېسەلگە گىرىپتا بولۇش نېسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ زور بايقاش ئارقىلىق مەخسۇس مۇشۇ گېننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنى ئالدىنئالا بايقىغىلى ۋە ھىچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
http://www.cancer.gov/newscenter/cancerresearchnews/2013/GeneticCauseChildhoodLeukemia
|
|