خەتنە قىلىش-مۇسۇلمان ئاممىسى ئىچىدە ئومۇملاشقان بىر خىل سۈننەت شەكلى. ئۇيغۇردىيارىمىزدا ئادەتتە بالا 7 ياشقا توشقاندا يەنى مەكتەپكە بىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە خەتنە قىلدۇرىلىدۇ. خەتنە قىلدۇرۇش بالىنىڭ زەكىرىنىڭ ياخشى يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، خەتنىلىك ئېلىۋىتىلگەندىن كېيىن ، زەكەر بېشى نەم مۇھىتتىن ئايرىلغاچقا، يەرلىك ئورۇننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئېشىپ، خەتنە ياللۇغى، خەتنە تېشى يىغىلىپ قېلىپ غەيرى پۇراش ۋە ھەر-خىل سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇشنىڭ نىسپىتى تۆۋەنلەيدۇ. بالا بالاغەتكە يەتكەندە ئەرلىك ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دىيارىمىز شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ يەرلىك ئۇسۇلدا خەتنە قىلىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. سەۋەبى، بۇرۇنقى مەزگىللەردە سۇ، ھاۋا ، تۇپراقنىڭ بولغىنىشى ئاز، يىمەكلىك بىر قەدەر ساپ سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ بەدەن سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ساغلام ، قاۋۇل كىشىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. پەرزەنتلەرنىڭمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى جۈملىدىن زەكەرنىڭ يېتىلىشى ياخشى ،خەتنىلىكنىڭ ئاناتومىيەلىك ئورنى بىر قەدەر ئېنىق بولغاچقا، يەرلىك ئۇسۇلدائۇستۇرا بىلەن «شارت» قىلىپ كېسىپ ئېلىۋىتىلەتتى. يۆگەلگەن پاختىنىڭ سۈپىتىىمۇ ياخشى، ياغلىق ، قان توختۇتۇش ئىقتىدارى تېز بولغاچقا خەتنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قاناش، مىكرۇپلىنىش ئەھۋاللىرى ناھايىتى ئاز كۆرۇلەتتى.
يىقىنقى يىللاردىن بېرى، يىمەكلىك ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ئاتا-ئانىلار بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئېرسىيەت ئامىلى، ھامىلدار ئايال ۋەتۇغۇلغان بالىلاردىكى كالتىسىي، سىنىك قاتارلىك مىنېرال ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىگى سەۋەبىدىن ئوغۇل بۇۋاقلارنىڭ زەكىرىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ،زەكەر قىسقا (كۆپرەك قورساقنىڭ ئىچىدە بولۇش)، خەتنىلىك ئۇزۇن،ئۇرۇقدان ئۇششاق بولۇش، 5-6 ياشلارغىچىمۇ ئۇرۇقدان ئۇرۇق خالتىسىغا چۈشمەسلىك ئەھۋاللىرى ئېغىربولماقتا. بۇنداق بالىلارنى خەتنە قىلىشقا توغرا كەلگەندە ،زەكەر قىسقا ياكى قورساق ئىچىدە بولغانلىقتىن،كېسىپ ئېلىۋىتىلىدىغان تېرە بۆلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن بولغاچقا، يەرلىك ئۇسۇلدا خەتنە قىلغانداچالا قىلىنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. زەكەرقورساق ئىچىگە تۈگۈلۈپ كىرىۋالغانلىقتىن، كۆيدۈرۈلگەن پاختا كېسىلگەن ئورۇننى قورۇپ تۇرالماي ، ئاسانلا قاناپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا قايتىدىن مېدىتسىنا ئۇسۇلىدا تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان مېدىتسىنا ئۇسۇلىدا بالا زەكىرىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ، باشتىن ئاخىر مىكرۇپسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەشغۇلات دائىرىسى دىرزىنفىكسىيە قىلىنىدۇ،كېسىلىدىغان ئورۇن ناركوز قىلىنىپ(زەكەر يىلتىزىغا ناركوز قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس)،خەتنىلىك ئۆلچەملىك كېسىپ تاشلىنىدۇ ۋە قاناش ئېھتىماللىغى بولغان قان تومۇرلار بوغىۋىتىلىدۇ، ئارقىدىن كېسىلگەن ئورۇن ئايلاندۇرۇپ تىكىۋىتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يەرلىك ئۇسۇلغا قارىغاندا ۋاقىت سەل كۆپرەك كەتكىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بىخەتەر بولىدۇ.چالا قىلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال ئاساسى جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ، قانىمايدۇ ۋە ياللۇغلانمايدۇ (ئەلۋەتتەدوختۇرنىڭ تەجرىبىسى ۋە باكتىرىيىسىز مەشغۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك). خەتنە قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن بالا ئۆزى مېڭىپ ئويناپ يۈرىۋىرىدۇ، يېتىش ھاجەتسىز. شۇڭا ئاتا ـ ئانىلار بالا زەكىرىنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىگە ئاساسەن بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ.
1.بالىنى چوقۇم 7 ياشقا كىرگەندە خەتنىسىنى قىلىش شەرت ئەمەس، تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەكتەپ يېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ قىلسا بولىۋىرىدۇ.
2.ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن خەتنىلىكنى ئارقىغا ئۆرۈپ بېرىشى كېرەك، بۇنىڭدا خەتنە زەكەر بېشىغا چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، خەتنە قىلىشقا قولايلىق تۇغۇلىدۇ.
3.«ناركوز قىلسا بالىغا كىيىن تەسىرى بولىدىكەن» دەپ قورقۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، چۈنكى ناركوز ئوكۇلى يەرلىك ئورۇنغا يەنى كېسىلىدىغان تېرە ئاستىغا ئۇرۇلىدىغان بولغاچقا،بىر دەملىك مەس قىلىش رولىنى ئوينايدۇ ـ خالاس، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ھىچقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ.
4.بەزى بالىلاردا تۇغما قان كېسەللىگى (血友病)، قان پىلاستىنكىچىلرى ئاز بولۇش كېسەللىگى (血小板减少症) قاتارلىق قاناش كېسەللىكلىرى بولغان بولىدۇ، شۇڭا كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى خەتنە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن بىر قان تەكشۈرۈتۈپ كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۈرۈمچى جوڭسەن دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر بۈلۈمىدىن :
مەسلىھەت سوراش تېلىفۇنى : 13899850540 6561830- 0991