مەن 2008-يىل 11- ئايدا توي قىلغان، بولغۇسى ئايالىمنىڭ ئاتا ئانىسى ئۈرۈمچىدە،باشقا تۇققانلىرى يۇرتتا ئىدى. مەن بىر شىركەتتە ئىشلەيتتىم. جەمىيەتتە كۆپ بولسا5-10 غىچە تويغا چاقىرغۇدەك تونۇش بىلىشىم دوستلىرىم بار ئىدى.شىركەتتە بولسا 15-20 دەكلا ئادەم بار ئىدى.يۇرتتىن پەقەت دادام بىلەن ئاپاملا كەلدى.شۇنداق قىلىپ مەن ئوغۇل تەرەپ قىلغان تويغا (قىزتەرەپمۇ بىرلا ۋاقىتتا باشقا بىر ئاشخانىدا توي تامىقى بەردى) كۆپ بولسا 40 تەك ئادەم كەلگەن. تاماقمۇ ئاددىۋە نورمال ھالەتتە تارتىلغان ئىدى، تويدىن كىيىن يەيدىغان نەرسىلەر ئاساسەن ئېشىپ قالمىدى. ئاز مىقداردا ئېشىپ قالغان تاماقنى خالتىغا قاچىلاپ ئۆيگە ئېلىپ كەتتۇق.توي ئەلۋەتتە رېستۇراندا ئۆتكۈزۈلمىدى.بەلكى يەنئەن يولىدىكى بىر كىچىك ئاشخانىنىڭ ئىچىدىكى 30 كىۋادىراتمىتىر كېلىدىغان خانىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەلۋەتتە،ئاشخانا بولغان ئىكەن، ۋاراڭ چۇرۇڭ ئۇسۇل پۇسۇلمۇ يوقتە. بۇلارغىمۇ ھەم قەتئىي قىزىقمايتتىم. مەن تىنچلىقنى ياخشى كۆرىمەن.
مەن شىركەتتە ئىشلىگەن 3 يىل مابەينىدەخىزمەتداشلىرىمغا ئىزچىل ھالدا تويدارەسمىيەت يۈزىسىدىن ئېلىپ كېلىدىغان نەق پۇللارنى ئەكەلگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى بىلەن قوشۇپ يېزىپ خاتىرلەشنى ئەشەددى شەرەفسىزلىك، نامەردلىك، ئەخلاقسىزلىق، بىمەنىلىك دەپ تەشۋىق قىلغانئىدىم. ئۇلارمۇ مىنىڭ سوۋغا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمنى ، تېخىمۇ مۇھىمى ھېچكىمنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىمەيدىغانلىقىمنى بىلگەچكە، ھەممىسى بىر ۋاراق قەغەزگە ئىسم فامىلىسى ۋە ماڭا ئەكەلگەن پۇل سوممىسىنى خاتىرلەپ ،بىر كونۋىرتقا سېلىپ ئەكەپتۇ، مەن ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلغان بولساممۇ،يەنىلا قولۇمغا توتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
دەسلەپ مەن بۇ پۇللارنى قەرز ھېساپلاپ تويى بولغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ تويىغا 1-2 گە ئاپاردىم. كېيىن شىركەتتىن ئايرىلدىم. شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپى تېخى توي قىلمىغان قىز-ئوغۇللار ئىدى. شۇنداق قىلىپ قالغان پۇللارنى مەن كېيىن ئويلىنىش ئارقىلىق سوۋغا دەپ ھۆكۈم قىلدىم ۋە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنمىدىم.
چۈنكى پەيغەمبىرىمىز شۇنداق ھەدىس قالدۇرغانكى:كىمكى بەرگەن سوۋغىنى قايتۇرۇۋالسا تۈكۈرگەن تۈكرۈكنى ئاغزىغا ئالغان بولىدۇ.
مەن بۇ تويۇمدىن بەك رازى. ئائىلىمىزمۇ ئىنتايىن بەختلىك ئۆتمەكتە.
ئايالىمغا بەرگەن تويلۇق 15000 سومغىمۇيەتمەيدۇ.توي ئۈچۈن قەرز بولۇپ قالمىدىم.مەن بۇ شەخسى خاتىرەمنى كەڭ دوستلارنىڭپايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئورتاقلاشتىم.