قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 958|ئىنكاس: 16

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتغا كىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 288
تۆھپە : 508
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 22:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتغا كىرىش
   
- مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.









ئۇنتۇلمايدىغانلار توغرسىدا نېمە دىسەم بولار…ھېس قىلالىغىنىم شۇكى،ئۇلارنىڭ تولىسى ھايات ۋاقىتلىرىدا ئۇنتۇلغان…
                                        - ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى》دىن




ئاپتوردىن ئېلاۋە:
   ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار، بۇ يىل ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىم توغرسىدا ئىزدەنگەن بىر يۈرۈش ماقالىلرىمنى مۇنبەرگە يوللىماقچى.بۇ ماقالىلەر خېلى بۇرۇن يېزىلغان ۋە تۈزتىلگەن ھەم مەتبۇئاتلارغا يوللانغان.ئەمما نىمە سەۋەبكى ئۇلاردىن خەۋەر يوق.بەلكىم ئۇلارنىڭ تەلپىدىكىدەك يازالمىغان ئوخشايمەن.قارسام ئالىم تەۋەللۇتىغا ئون نەچچە كۈن قاپتۇ.شۇڭا مۇنبەرگىلا يوللۇدۇم.دوستلار پايدىلانسا،تەكلىپ پىكىر بەرسە خوش بولىمەن







1.مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى
    مەرھۇم مۇتەپەككۇر ئەدىب ،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1995.2.27-1933.9.28) مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇركى خەلقىلەر (نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار) تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزگىچە قاراشلىرى، يېڭى نەزەرىيە-پەرەزلىرى، تەتقىقات مىتودلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئىنسانپەرۋەر تارىخ قارشىغا ئىگە ھەقىقى ئالىمدۇر!مەرھۇم 62 يىل ئۆمۇر كۆردى.ھاياتىدا تىنىمسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق پىكىرلىرى يېڭى، مەزمۇنى رەڭدار، ئىلمىلىكى ئۈستۈن بولغان 31 پارچە كىتاپ، 201 پارچە ماقالىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.(ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن كاتالوگدىكى ئېلان قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ئەسەرلەر بويىچە ھېساپلاندى) بۇ قىممەتلىك مىراسلار ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمىزنى ۋە تەتقىق قىلشىمىزنى كۈتمەكتە.
ئەپسۇس، ئالىم ۋاپات بولۇپ 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى تولۇق نەشىر قىلنمىدى. پۈتكۈل 18 يىل جەريانىدا پەقەت تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلىرىنى ئەسلەپ يازغان ئەسەرلەر ۋە ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئالىم توغرسىدا تۈزكىرەك تەتقىقات بولمىدى .بۇنداق بولۇشنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەپلىرى بار. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىددىن بۇنى مۇنداق ئىپادىلدى:
    بىرىنجىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەدىب بولۇپلا قالماي،بىر تەتقىقاتچى.بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ ژانىرى كۆپ،ئېستېتىكىسى ۋە ئۇرۇنۇشلىرنىڭ ئۆزگىرشچان بولۇشىنى بەلگىلىگەن.بۇ ئەھۋال ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنيا قارشىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرى سۇپىتىدە ئۇ ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ قىيىنلىقىنى شەكىللەندۇرگەن.
  ئىككىنجىدىن،بىر ئادەم ئىدىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ.بىرى،يېزىلغان ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئىدىيە(يېزىقتىكى ئىدىيە)؛يەنە بىرى،يېزىقسىز ئىدىيە.بۇ خىل ئىدىيەنى كىشى مەتبۇئاتلاردا،ئوچۇق ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپ كېتىشى ناتايىن،بۇ بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىش-ھەركەتلىرى،ئائىلىدىكى رولى،كىشىلىك مۇناسىۋەتلىردىكى ئوبرازىدا كۆرۈلىدۇ.بۇنداق ئىدىيە تەبىئىي ھەم چىن بولىدۇ.بەزى شەخىسلەردە يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ توقۇنۇشىدۇ،بەزى شەخىسلەردە بولسا بىردەك بولىدۇ.مېنڭچە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىيوگرافىيەسى تېخى قولغا ئېلىنمىغان ئىش.بۇ ئىشنى سەمىمىي رەۋىشتە تاماملاش شارائىتىمىز ۋە ئىجتىمائىى پەن خادىملىرىمىزنىڭ قىممەت قارشىغا كۆرە ئېيتقاندا،قىيىن بىر جەريان.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىيوگىرافىيەسىنىڭ دېتاللىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى،ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،خىزمەتداشلىرى،مەسلەكداشلىرى ۋە ئاللىقانداق نامەلۇم كىشىلەر ئارسىدا چېچىلغان ھالدا تۇرۇپتۇ.بۇلارنى پۇتۇنلەشمۇ چوڭ بىر خىزمەت.بۇ خىزمەت لىللا ھالدا تولۇق تاماملانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىگەن تېما ھامان چالا قالىدۇ.
  ئۈچىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆمرىنى ھەر خىل سىياسى،ئىجتىمائىى كۈرەش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان بوران-چاپقۇنلۇق تارىخىي دەۋىرلەردە ئۆتكۈزدى.ئاتالمىش《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى》ۋە ئۇنىڭ تەسىرى كىشلەرنىڭ قىممەت قارشىغا مەنپىي ئۆزگىرش ئېلىپ كەلگەچكە،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىنى ئاشۇ خىل كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا قىلدى.بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى پىكىر مۇرەسسەچىلكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىكى تارىخ،مەدەنىيەت،ئىنسان قاراشلىرى ئەنە شۇ مۇرەسسەچىلىك تۈپەيلى ئۆزىدىن ئۈزۈل-كېسىللىكنى يوقاتقان.ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىردە دۇنيا قاراش جەھەتتە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ،ئۆز ئارزۇسىغا ماس بىر مەۋقەنى نامايەن قىلىدۇ.
  تۆتىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋە تەسىر مەسىلىسى ئەستايىدىل نەزەر ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك بىر تېما.بۇ تېما ئېنىقلانماي تۇرۇپ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتىدىكى مېتودولوگىيەلىك مەسىلە ئايدىڭلاشمايدۇ.تەتقىقاتنىڭ تېما،قىممەت قاراش ۋە مېتودلارنىڭ بىرلىكى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا،مېتودولوگىيە مەسىلىسى ۋە ئۇنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى شۇنچە مەلۇم بولىدۇ.ۋاھالەنكى،ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلىرىنى ئەگەر بار دەپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە،ئۇنىڭدا مېتودولوگىيە ئۇقۇمى تېخىچە نامەلۇم مەسىلە.【1】
      ئالىم قانچىلىك مۇرەككەپ بىر تېما بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ،ئۇ توغرسىدىكى تەتقىقاتنىڭ شۇنچىلىك تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. قېنى ۋىجدان بىلەن ئېيتىپ باقايلىچۇ، قايسى بىرىمىز  مۇقام تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى تەتقىقاتىمىزدا،فارابىشۇناسلىقتا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانمىدۇق، نەقىللەرنى ئالمىدۇق؟بىز 21-ئەسىردىن كېيىنكى گېزىت-ژورناللارنى،كىتاب -ماتىرىياللارنى ئاختۇرساقلا《نەقىل مەنبەلىرى》قىسمىدا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ نەقىل ئىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.تۆۋەندە《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلدىن ئىلىنغان  سىتاستىسكىنى كۆرۇپ باقايلى:(مەزكۇر ژورنالنىڭ 2006-يىلىدىن2012-بولغان يەتتە يىلدىكى جەمئىي42 پارچە ژورنال ئەۋرىشكە ئىلىپ سىتاستىكىلاندى. مەزكۇر ژورنال قوش ئايلىق ژورنال بولۇپ يىلدا ئالتە پارچە نەشىر قىلندۇ.)
جەدۋەل: 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلدىن ئىلىنغان سىتاستىكا
يىلى
ئومۇمى نەقىل سانى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىن ئېلىنغىنى
پىرسەنتى(‰)
2006
237
13
%5.5
2007
258
9
%3.4
2008
330
3
%0.9
2009
120
0
%0
2010
250
6
%2.4
2011
200
6
%3
2012
144
1
%0.7
         يەنە ئويلاپ كۆرەيلىچۇ، قايسى بىرىمىز ئالىمنىڭ ئۆز تەتقىقاتىمىزغا بولغان  تەسرىنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلدۇق؟ بۇ جەھەتتە شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دوتسېنىتى ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە تۇنجى قەدەمنى باستى. ئۇ《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》ناملىق تەتقىقات ئەسىرىگە ئالىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بارلىقىنى ئىلىم ئەھلىگە خاس ۋىجدان بىلەن ئېتىراپ قىلغان.ئۇ مەزكۇر كىتابىنىڭ《ئاخىرقى سۆز》قىسىمىدا ئۇستازلىرىغا، دوستلىرغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇپ كېلىپ،《ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۇشنى بىر ئىنسانى قەرز دەپ ھېساپلايمەنكى، ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ تېما تاللاشتىن باشلاپ تاكى مەزكۇر ئەسەرنىڭ پۇتۇشىگىچە ئۆز جىسمى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش ئەسلا مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن مەنىۋيتىمنى بېيتىپ، كۈچلەندۇرۇپ، سۇغرىپ تۇرغان؛ بولۇپمۇ ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم مىتودولوگىيلىك مەسىللەر، پىرىنسىپال مەسللەر؛ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيىلەر تارىخىغا ئائىت مول ئونىۋېرسال ئاساسى بىلىملەر ئارقىلىق مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىم،كۆز-قاراشلىرىمنىڭ، دۇنيا قاراشلىرىمنىڭ شەكللىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتپ كېلىۋاتقان ئالىم، زامانىمىزنىڭ يىگانە پەيلاسوپى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن زاتى مۇبارەكنىڭ روھىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن. 》【2】دەپ يازغان. مانا بۇ ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش روھىنىڭ نامايەندىسى!دىمەك،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 21-ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىملىردا ناھايىتى كۆپ تېلغا ئېلىنغان شەخستۇر!
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ زۆرۈرلىكى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
      بىرىنچىدىن، ئالىم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرنىڭ بارلىققا كىلىش،راۋاجلىنىش تارىخىدىكى مۇھىم شەخس.
      ئىككنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت، روھىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ.بۇ ئارقىلىق بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى تەتقىق قىلىپلا قالماي،بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئىلىم(ئىجتىمائىي پەنلەر) تەتقىقاتىنىڭ ئۆتمىشى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى، تەرەققىيات يۆلىنىشىنى قىسمەن بىلگىلى، بۇ جەرياندىكى ئالىملار مۇناسىۋىتى، تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى، نەشىرىيات مۇناسىۋەتلىرىنى قىسمەن بىلگىلى بولىدۇ.
      ئۈچىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخىنى قايتا يېزىش ئىمكانىيتىگە ئېرشكىلى بولىدۇ.بۇ ساھەدە ئالىمنىڭ كۆز-قاراشلىرى، ئىدىيەىسى تەتقىق قىلىنمايدىكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى قايتا يېزىش تەسكە توختايدۇ.چۈنكى، ئالىمدىن كېيىن بۇ ساھەدە كۆرنەرلىك يېڭى نەتىجىلەر بولغان ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى بىز《20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تەپەككۇر تارىخنى يازماقچى بولدىكەنمىز،بىز تەبىئىي ھالدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىكى مېتودولوگىيە ۋە يېتەكچى ئىدىيەگە مۇراجەت قىلماي تۇرالمايمىز.》【3】
     تۆتىنچىدىن، رايونىمىزدا تاشكېمىر سەنئىتى تەتقىقاتى، فارابىشۇناسلىق قاتارلىقلاردىمۇ ھېچكىم ئالىمچىلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرشەلمىدى.يۇقارقى ئەھۋالدىن قارغاندا،مۇشۇ ساھەلەردىمۇ خىلى بىر مەزگىللەرگىچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرىدۇ.
بەشىنچىدىن، ئەگەر بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلانغان خەلقىمىزدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى، ئىجتىمائى پىسخىكىسىدىكى رەزىللىكلەرنى تەنقىد قىلش ۋە قايتا ئويلىنىش جەريانلىرىنى بىر قېتىملىق ئويغىنىش ھادىسىسى دەپ ھېسابلىساق، ئالىمسىز بۇ ئويغىنىشنى ھەقىقى تەتقىق قىلالمايمىز.
ئالتىنچىدىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىزنىڭ تەتقىقات ۋە تەنقىدچىلكىمىزنى مول مەنبە ۋە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
يۇقارقىلار ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئىپادىسى.ئالىم توغرسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە ھەل قىلىنىشى ئېنىقتۇر.
ھازىرغىچە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار بارماق بىلەن سانىغىدەكلا. يېزىلغان بەزى ئەسەرلەر تەتقىقات دائىرسىگە كىرمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ، ئالىم توغرسىدا يېزلغان بارلىق ئەسەرلەرنى  كۆرسىتىپ ئۆتۇش توغرا بولسا كېرەك.
كىتاب:
1.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى
ماقالىلەر:
1.كۆرەش مەھمۇتجان، شېرىن قۇربان:《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت…- ئاتاقلىق ئالىم، پىروفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان.
2.تۇرسۇن ئابدۇغېنى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىللىردا ئەكىس ئەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھ توغرسىدا 》،《مەرىپەت غۇنچىلىرى》ژورنىلى 1996-يىللىق 2-سان.
3.قېييۇم قۇربان:《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》،《شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1997-يىللىق 1-سان.
4. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىجادى پائالىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان.
5. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رۇبائى ئىجادىيتى توغرسىدا》،《قەشقەر ئەدەبىياتى》ژورنىلى 2000-يىللىق 4-سان.
6.ئوسمان ئىسمائىل تارىم:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە》،《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.
7.يالقۇن روزى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مائارىپ قارشى ھەققىدە》《تارىم》ژورنىلى 2004-يىللىق 2-سان.
8.ئازاد رەھىمىتۇللا سۇلتان: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى ئىجادىيتىنىڭ قىممىتى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2004-يىللىق 2-سان.
9. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ《ئۆمۈر تەلقىنلىرى》ناملىق كاتتا ماقالىسىدا كۆرسىتىشىچە، 1992-يىلى ئۆزبىكىستاندىكى دۆلەتلىك ژورنال-《ئۆزبىكىستاندا ئىجتىمائى پەنلەر》ژورنىلىنىڭ 5-،4-سانلىرىدا ئابۇلھەق ئابدۇروسۇل ئوغلى ئالىمنىڭ《فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستېمىسى》ناملىق كىتابى توغرسىدا مەخسۇس ماقالە يازغان.
10.يەنە شۇ ماقالىدىكى ئۈچۈرغا ئاساسەن، يۇقارقى ژورنالنىڭ1992-يىللىق3-،4-سانلىردا ئا.خ.خوجايېىفنىڭ《جوڭخوا خەلق جۇمھۇريىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىنى ئۈگىنىش ھەققىدە》ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەمگەكلىرى باھالانغان.
11.يالقۇن روزى:《ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.
  12.ئەختەم ئۆمەر:《ئۇ كەلمەسكە كەتتى》،《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》1995-يىللىق 4-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى سانى.
  13.كېرىمجان ئابدۇرىھىم:《ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى توزماس چېچەكلەر-مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمى ۋە ئىجادى پائالىيىتى 》،《ئاسىيا كىندىكى گېزىتى》1998-يىللىق 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانى.
    14.ئەمەت دەرۋىش:《〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉نىڭ قىممىتى》(بۇ ماقالە 《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》ناملىق كىتاپتا كۆرسىتىلگەن.)
    15.مىڭ چىبىى،لولۇلۇ:《ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگرلەش》،《تارىم》ژورنىلى 1988-يىللىق 10-سان.
    16.يالقۇن روزىنىڭ《تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما》ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۈرغا ئاساسەن، سىدىقھاجى روزى ئالىمنىڭ《قارلىق تاغ شەجەرىسى》ناملىق ئەسىرى ھەققىدە《تىل〈 بۇزۇلسا بۇزۇلسۇن 〉،ۋەزىن〈بۇزۇلمىسۇن 〉》دىگەن تەنقىد ماقالىسىنى يازغان.
   17. قېييۇم قۇربان:《ئىلىم ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان قىران بۇركۈت》،《شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى》1996-يىللىق 9-يانۋار سانى.
   18.مەتتۇرسۇن ئىلى:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېستېتىكا تەتقىقاتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىلىرى توغرسىدا》،《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.
  19.ياسىن مۇھەممەتنىياز تېكە، بۇئايشەمگۈل ھاجى: 《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇددىزىم تەتقىقاتى ۋە〈غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى〉ناملىق ئەسىرى ھەققىدە》، 《 شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》2008-يىللىق 4-سان.
   20.ۋەلى: 《پارلاق مەدەنىيتىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى》،《شىنجاڭ مەدەنىيىتى》ژورنىلى1999-يىللىق 1-سان.
  21.پولات ئاماننۇرى: 《〈ئىزچى〉نىڭ سەمەرىسى》،《شىنجاڭ ياشلىرى》ژورنىلى 2009-يىللىق 2-سان.
  22. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: 《ئالىمنىڭ روھىنى يادلاپ》، 《تەڭرىتاغ》ژورنىلى 2008-يىللىق 2-سان.
  23.غەيرەتجان ئوسمان:《ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2005-يىللىق 2-سان.
  24.ئابدۇقادىر جالالىدىن:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا دائىر مېتودولوگىيەلىك مەسىلىلەر》، ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى.
     25. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۈستدە ئىزدىنىش》،《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى》ژورنىلى 2010-يىللىق3-سان.
ئەسكەرتىش كېرەككى،  ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە قايتا نەشىر قىلىش جەريانىدا بەزى روشەن خاتالىقلار ساقلانماقتا. 2009-يىلى ئالىمنىڭ بەش توم ئەسىرى قايتا نەشر قىلنىش بىلەن بىرگە، 《يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى》ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.بۇ جەرياندا نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. 《يىپەك يولىدىكى  سەنئەت جەۋھەرلىرى》ئالىمنىڭ سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىدە يېزىلغان ماقالىلىرىدىن تۇزۇلگەن كىتاب بولۇپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بەش پارچە ماقالە ئالىم تەرپىدىن نۇرغۇنلىغان ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئسپاتلانغان.بىراق كىتابتا بۇ ماتىرىياللار چىقىرىپ تاشلانغان.يەنە بىرى《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》ناملىق ماقالىدە ئالىم ئېنىق قىلىپ:《مەن بۇ ماقالەمدە بىۋاستە رەسىملىك پاكىت ئۈلگۈللىرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۇچا قىزىل تاشكېمىردىكى قەدىمكى كۈسەن رەسسامىنىڭ كېينىشنى نۇقتا قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ كېينىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەدىمكى سىكتاي-ساكلارنىڭ كېينىشىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق ئۈستىدە توختالماقچىمەن》【4】دەپ يازغان.ئەمما كىتاپتا بۇ رەسسىمىلىك ئىسپاتلار يوق.بۇ بىرىنچىدىن،ئالىمنىڭ《تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى ئارقىلىق تەتقىق قىلىش》ئىديىسىگە يات. ئىككىنچىدىن، ئالىمنىڭ ئەمگىكىگە قىلنغان ھۆرمەتسىزلىك! تۆۋەندە شۇ ماقالىلەر ۋە ئارخېئولوگىيلىك پاكىتلار(سۈرەتلەر)جەدۋەللەشتۇرۇلدى:
جەدۋەل: 《يىپەك يولىدىكى  سەنئەت جەۋھەرلىرى》دىكى تۆت پارچە ماقالىنىڭ ئەسلى ئۇچۇرى
رەت نومىرى
ماقالە ئىسمى
ئەسلى ئېلان قىلنغان ژورنال
پاكىتلىق سۈرەتلەر سانى
1
ئۇيغۇر ئەجدادلىردا مەي مەدەنىيىتى
شىنجاڭ ئۇنۋىرېستىتى ئىلمى ژورنىلى1994-يىللىق1-سان
19
2
سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا
شىنجاڭ ئۇنۋىرېستىتى ئىلمى ژورنىلى1992-يىللىق3-سان
42
3
كۈسەن رەسساملىردىكى ئېستىتىك ئاڭ توغرسىدا
شىنجاڭ مەدەنىيىتى 1992-يىللىق3-سان
23
4
ئىسلامىيەتكىچە غەربىي دىيار ئۇسسۇل سەنئىيتى تەسۋىرىي يادىكارلىقلىرنىڭ تارىخى ئۇچۇرى

شنجاڭ مەدەنىيىتى1992-يىللىق4-سان
76

        ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز » ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن بولسا،ئازاد سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھيە نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى بىرلىكتە 2002-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلغان《ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى》ناملىق كىتابنىڭ 333-بېتىدە:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1997-يىلى ۋاپات بولغان》دەپ كۆرسىتىلگەن.

2.مۇلاھىزە

       ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرنىڭ سانى كۆپ،چېتىلىش دائىرسى كەڭ،ژانىرى تۇرلۈك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىم توغرسىدىكى تەتقىقات تېخى باشلانمىدى.مېتودولوگىيلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى.شۇڭا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈرگە ئايرىۋىلىش،ۋاقىت تەرتىپى بويىچە باسقۇچقا بۆلۇۋىلىش لازىم.مەن بۇ تۇغرسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.ئەلۋەتتە،بۇ ھۆكۈم ئەمەس.
كۆرەش مەھمۇتجان،شېرىن قۇربانئاپتورلىقىدىكى《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت》ناملىق ماقالىدە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىغان.بىرىنچى،ئەسەر ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىكى بۇيىچە،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى يىرىك ئەسەرلەر(مەخسۇس ئەسەرلەر) ۋە ئىلمى ماقالىلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئىككىنچى،ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلمى ئەسەرلەر،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى،پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر دەپ تۆت چوڭ تۈرگە بۆلىندۇ.【5】 قەييۇم قۇربان ئۆزىنىڭ《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》ناملىق ماقالىسىدە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى-ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخغا دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخغا دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىگە دائىر تەتقىقات،غەربىي دىيار تاشكېمىر سەنئىتىگە دائىر تەتقىقات،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئىللەتلىرگە دائىر تەتقىقات【6】،دەپ بەش چوڭ تۈرگە يېغىنچاقلىغان. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》ناملىق ئەسىردە 14تۈرگە بۆلۈپ بايان قىلغان. 【7】
مېنىڭچە ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىساق،تەتقىق قىلىشتا قولايلىق بولىدۇ.مەن تۆۋەندىكىچە تۈرلەشنى لايىق كۆردۇم:
1.       كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتغا ئائىت ئەسەرلىرى
2.       فارابىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى
3.       قۇتادغۇبىلگىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى
4.       نەۋائىشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى
5.       ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتغا ئائىت ئەسەرلىرى
6.       ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
7.       يېپەك يولى مەدەنىيتىگە ئائىت ئەسەرلىرى
8.       ئۇيغۇر روھىيىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
9.       تۇران تارىخغا ئائىت ئەسەرلىرى(قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا)
10.    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرى
11.    ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىسى
12.    ئايالى رەنا مەھسۇدقا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىسى
13.    بەدىئىي ئىجادىيىتى(شېئىر،نەسىر،كىنو سىنارىيسى)
14.    شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
15.    غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
16.    ئائىلە تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
17.    ئېستېتىكا تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
18.    مائارىپقا دائىر ئەسەرلىرى
19.    چۈشەندۇرۇش ۋە پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى
20.    سەنئەت تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلىرى
21.    تەرجىمە ئەسەرلىرى
        بۇنداق تۈرگە ئايرىش ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى بىر-بىردىن،ئىدىيە-قاراشلىرىنى مەنبەلىرىدىن ئايرىۋىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈرى كۆپ،چېتىلىش دائىرسى كەڭ بولسىمۇ،ئەڭ ئاخىردا بارلىق تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بولۇپ چىقىدۇ.بۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى ئېنىق بىر نېشان ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلىقىنى،پەقەتلا چىقىش نۇقتىللىرنىڭ ھەرخىل ئىكەنلىكنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.
       ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنيا قاراش،قىممەت قارىشى جەھەتتە تۇرغۇنلۇقتا تۇرۇپ قالغان ئەمەس.بۇ توغرسىدا ئۇ《ئۆمۈر تەلقىنلىرى》【8】ناملىق ماقالىسىدە ئۇچۇر بەرگەن.ئالىم ئاساسەن ماركىسىزم نەزەرىيسىنى ئۆز تەتقىقاتغا يېتەكچى قىلدى.بۇ جەھەتتىن قارىغاندا ئىككى ئېھتىماللىق بار.بىرى،ئالىم خەلقئارادىكى باشقا نەزەرىيە،مىتودلاردىن خەۋەرسىز قالغان.ئىككىنچىسى،بىلگەن بولسمۇ قوللىنىش ئىمكانىيتىگە ئېرشەلمىگەن.ئالىمنىڭ ئۆمىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسەرلىرىدىن بۇلارنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.بۇلاردىن شۇنى بىلگىلى بولىدىكى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆز ئارزۇسىغا ماس مەيدانىنى ئۆمىرنىڭ ئاخىرىدا ئىپادىلگەن.شۇڭا ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش،تەتقىق قىلىش جەريانىدا قايمۇقۇش يوق ئەمەس.مېنىڭچە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتىنى ۋاقىت بويىچە قاتلامغا بۆلىۋىلىش كېرەك.كونكىرىت تۆت دەۋىرگە بۆلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن:
1-باسقۇچ:بالىلىق دەۋىرى
2-باسقۇچ:1948-يىلدىن1979-يىلغىچە
3-باسقۇچ:1980-يىلدىن1988-يىلغىچە
4-باسقۇچ:1989-يىلدىن1995-يىلغىچە
     بۇ خىل بۆلۈش تۆۋەندىكىدەك ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلغان:
     ئالىمنىڭ بالىلىق دەۋىرنى ۋە ئائىلە شەجەرىسىنى بىلىش، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ باسقۇچنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.بولۇپمۇ بەدىئىي ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ شۇنداق.ئابدۇقادىر جالالىدىن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىيوگرافىيەسى تېخى قولغا ئىلىنمىدى…بۇ خىزمەت لىللا ھالدا تولۇق تاماملانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دىگەن تېما ھامان چالا قالىدۇ.》【9】ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ ئۆزى ۋە ئايالغا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىللىرىنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغانلىقى توغرسىدا ئۇچۇر يوق. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت قارشىنىڭ شەكللنشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە توختالغاندا،بالىلىق دەۋىرىنى ئالاھىدە تېلغا ئالغان.【10】
     ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى 1948-يىلى «قەشقەر گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە شېئىرى ۋە 1950-يىلى«شىنجاڭ گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان«كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، «شەيدائى»،«گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» قاتارلىق تەخەللۇسلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلانغان.بۇنى ئەدىبنىڭ 1997-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلنىڭ 1-سانىدا ئىلان قىلنغان «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »ناملىق كاتتا ماقالىسىدىن بىلەلەيمىز.بولۇپمۇ1956-يىلى ئۇيغۇر،خەنزۇ تىللىردا《شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى》دا ئېلان قىلنغان《ئۇيغۇر خەلقىنىڭ Ⅺ ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى》ناملىق ماقالىسى سەۋەبىدىن1959-يىلىدىن1979-يىلغىچە نەق 20يىل سىياسى ھوقۇقىدىن ئايرىلغان.
     1979  -يىلى ئۇنىڭ سىياسى ھوقۇقى ئەسلىگە كىلىپ،تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنش ئېمكانىيتىگە ئېرشكەن.شۇ چاغلاردىكى شارائىت ۋە قىممەت قارىشى،دۇنيا قارىشى ئاساسىدا زور بىر تۈركۈم تەتقىقات ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يازغان.تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا،ئىلىمى زىيارەت بىلەن ياپۇنىيەگە بارغان.
   1989-يىلدىن1991-يىللار ئارلىقىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ دۇنيا قارشى ۋە قىممەت قارىشىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولغان.بۇنى ئۇنىڭ «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،《ئارىفنامە》قاتارلىق ئەسەرلىردىن بىلگىلى بولىدۇ.ئوبزورچى يالقۇن روزى ئالىمنىڭ《زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجىم تەئرىپىدە》【11】ناملىق ماقالىسىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا، 1989-يىلى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا ،زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجىم بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقى،بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبىتىنىڭ شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانلىقى،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 40-30يىللىق دۇنيا قارىشىغا قايتا نەزەر سالغانلىقىنى ئىزاھلىغان.بەلكىم ،بۇمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.ئالىم ئۆزىمۇ«ئۆمۈر تەلقىنلىرى »ناملىق ئىسىل ماقالىسىدە يازغاندەك:《بىر چاغلاردا تۇتىيا بىلىپ قاتتىق چاڭگاللىۋالغان نەرسىلەرنى پىرقىرتىپ تاشلاشقا،پىداكارلىق قىلغان ئەقىدلىرىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشكە》【12】باشلىغان.
    يۇقىرقى قاراشلارنى مۇلاھىزە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.مۇشۇ خىل قاتلامغا بۆلۈش بۇيىچە كېيىنكى ئۈچ باسقۇچتىكى ئەسەرلەرنى يىل تەرتىبىي بىلەن رەتلەپ،سىلشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ئىلمى بولمىغان،پاكىتسىز باھالارنى بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،دەپ قارايمەن.
    بۇ يىل ئالىم تۇغۇلغانلىقنىڭ 80 يىللىقى،ۋاپاتنىڭ 18 يىللىقى.بۇنى چوقۇم خاتىرلەش لازىم.ئەينى ۋاقتىدا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئالىمىنى تەتقىق قىلدىغان بىر ئورۇننىڭ بولۇشىنى تەكلىپ قىلغان.ئەمما ھازىرغىچە بۇنداق ئورۇننىڭ قۇرۇلغىنىدىن خەۋەر تاپمىدۇق.ئالىم شۇنداق ئەنسىز يىللاردا ھېچقانداق تەتقىقات ئەۋزەللىكى،تەتقىقات مەبلىغى بولمىغان شارائىتتا مۇشۇنداق زور ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان.بۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھ.مېنىڭچە ئابدۇشۈكۈر تەتقىقاتىدا تورنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ياخشى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.ئالىمنى تەتقىق قىلشنى ئاساس قىلىپ،بارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى تەتقىقاتىغا بېغشلانغان مەخسۇس بىر مۇنبەر قۇرۇلسا،ئالىملارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى شۇ يەرگە يېغىپ،ئورتاق پايدىلانساق.مەتبۇئاتلارنىڭ ھازىرقى رولىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا بۇنداق زور ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقى مۇمكىن.ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار شۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بولىدۇ.شۇڭا ھەمكارلىق بەك مۇھىم.
   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنى باشلاش ھەممىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، ئىلىم تەتقىقاتىدا ئەستايىدىل بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىشنىمەنكى،ئىلىمغا ئاشىق قەلىبلەر بۇ خىل زۆرۈرىيەتنى ئاللبۇرۇن تونۇپ يەتتى.پات ئارىدا بۇ خاسىيەتلىك ئىش باشلانغۇسى!


              2013-يىلى 7-ئاينىڭ14-كۈنى قايتا تولۇقلاپ،تۈزۈتىلدى.


نەقىل مەنبەلىرى ۋە ئىزاھات

【1】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،169-،170-،171-بەتلەر.
【2】ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: 《ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپتىىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بېخلىرى》،مىللەتلەر نەشىرىياتى 2008-يىل نەشىرى،386-،387-بەتلەر.
【3】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،173-بەت.
【4】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《سىكتاي-ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئېتنولوگىيلىك ئىزچىللىق توغرسىدا》،《 شىنجاڭ   ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1992-يىللىق 3-سان 15-بەت.
【5】كۆرەش مەھمۇتجان، شېرىن قۇربان:《غايە-ئىزدىنىش-مۇۋاپىقىيەت…- ئاتاقلىق ئالىم، پىروفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن》،《شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1996-يىللىق 1-سان3-بەت.
【6】قېييۇم قۇربان:《ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پىشىۋاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتلىرى توغرسىدا》،《شىنجاڭ  ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى》1997-يىللىق 1-سان.
【7】ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن《مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىل نەشىرى.
【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى1997-يىللىق1-سان
【9】ئابدۇقادىر جالالىددىن:《يۈزىمىز،ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز》،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى 2012-يىل4-ئاي نەشىرى،170-بەت.
【10】ئابلىمىت ئىسمايىل، ماخمۇتجان ئىسلام: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل نەشىرى، 350-،351-،352- بەتلەر.
【11】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن:《ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى》،(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2002-يىل نەشىرى159-بەتتىكى ئىزاھاتقا قاراڭ.
【12】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۆمۈر تەلقىنلىرى »،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى1997-يىللىق1-سان9-بەت.

ئاپتور:ئېلشاد رەخىم衣力夏提·热黑木江 (قورغاس ناھىيەسىدىن)
پوچتا نومۇرى:835200   
يانفون:15276338094
                        
         


9

تېما

0

دوست

3918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6368
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 770
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 00:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش باشلاپسىز قېرىندىشىم،يەنمۇ ئىزدىنىڭ.ئىشىنىمەنكى  بۇ ھەقتىكى ئىجادى ئەمگىكىڭىز زايە كەتمەيدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

107

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20761
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى باشلاپسىز،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

1

تېما

2

دوست

1091

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14467
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:30:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆمرىنى ھەر خىل سىياسى،ئىجتىمائىى كۈرەش ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان بوران-چاپقۇنلۇق تارىخىي دەۋىرلەردە ئۆتكۈزدى.ئاتالمىش《مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى》ۋە ئۇنىڭ تەسىرى كىشلەرنىڭ قىممەت قارشىغا مەنپىي ئۆزگىرش ئېلىپ كەلگەچكە،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىنى ئاشۇ خىل كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا قىلدى.بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى پىكىر مۇرەسسەچىلكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىردىكى تارىخ،مەدەنىيەت،ئىنسان قاراشلىرى ئەنە شۇ مۇرەسسەچىلىك تۈپەيلى ئۆزىدىن ئۈزۈل-كېسىللىكنى يوقاتقان.ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىردە دۇنيا قاراش جەھەتتە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ،ئۆز ئارزۇسىغا ماس بىر مەۋقەنى نامايەن قىلىدۇ
راستلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بولسىلا  بولاتتىغۇ ؟!

OWQENEG OKYASE BOLSA KEYEKNEG

0

تېما

0

دوست

804

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13927
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 13:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئىشتىن بىرنى قىپسىز

0

تېما

0

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 14:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋان سەپەرگە ئاتلانماق بوپ تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلدىم.سەپىرىڭلارغا ئاللاھتىن ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن!ئەجرىڭلار مول مىۋىلەر بەرسۇن!مىۋىلەردىن ئەل بەھر ۋە قۇۋۋەت ئالغاي!ئامىن!

19

تېما

3

دوست

7003

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1365
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 18:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئوبدان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم

13

تېما

6

دوست

1621

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 20:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتاتتىم. رەھمەت سىزگە. ئۇتۇق تىلەيمەن

13

تېما

6

دوست

1621

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 21:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئەپسۇسلىقى شۇكى، بەزى ماقالە-ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ،قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن قاتتىق نۇمۇس بىر ئىش. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنى ئەڭ كۆپ نەشىرگە تەييارلىغان يالقۇن روزى ۋە سارتېكىنلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە بىردەك «1933-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان» دەپ يازغان.بىراق بۇرۇن يېزىلغان كۆپۈنچە ئەسەرلەردە 1934-يىلىنى تۇغۇلغان يىلى قىلىپ كۆرسەتكەن.«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىنڭ 2010-يىللىق 5- سانىدىكى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز » ناملىق ماقالىسىدىكى نەقىلدىمۇ بۇ ئەھۋال تەكرارلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مەسئوللىقىدا يېزىلغان، 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان نوپۇزلۇق كىتاب «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم1-كىتابنىڭ 256-بېتىدە «1996-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 63يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دېيىلگەن بولسا،ئازاد سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھيە نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرىياتى بىرلىكتە 2002-يىلى 9-ئايدا نەشىر قىلغان《ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى》ناملىق كىتابنىڭ 333-بېتىدە:《ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1934-يىلى تۇغۇلۇپ،1997-يىلى ۋاپات بولغان》دەپ كۆرسىتىلگەن.

--------------------------------------------------------------

بۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋېتىپ قېتىپلا قالدىم. نېمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. كۈلەيمۇ؟ يا يىغلايمۇ؟...............ئاپتۇر ئۆز ھايات ۋاقتىدا نەشىر قىلغان كىتابلاردا ئېنىق قىلىپ يازغان. 1933-يىلى تۇغۇلغىنى ئىنىق. 1995-يىلى ۋاپات بولغىنىغا ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن گۇۋاھ. چۈنكى ئۇ ئاپتۇر ۋاپات بولغان ۋاقىتتا ئالىمنىڭ يېنىدا بار ئىكەنتۇق.
  زۇلپىقار بارات،ئازات سۇلتان ئاكىلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەر تۇرۇپ،يەنە نىمىشقا بۇنداق مەلۇماتلارنى يوللايدۇ؟ ئۇلارنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىشكە نېمە ھەققى باركەن؟

0

تېما

2

دوست

896

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21878
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 17:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز ،بۇ ئالىمنىىڭ كىتابلىرىنى مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن! تېمىڭىزنى ئۈزۈپ قويماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )