پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ بىمەنە 10 ئىغۋا
چاقماق ئوخشاش بىر يەرگە ئىككى قىتىم چۈشەمدۇ؟ ۋاكوئوم بوشلۇقتا ئادەم پارتلاپ كېتەمدۇ؟ ئېگىزدىن تاشلانغان تەڭگە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويامدۇ؟... مانا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىلمىي پەرەزلەرگە ئامېرىكىلىق داڭلىق ئالىملار تۇرمۇش رېئاللىقى ۋە تەجرىبە نەتىجىسىگە تايىنىپ مۇنداق جاۋاب بەردى: ئىغۋا:تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا يەرنىڭ تارتىش كۈچى بولمايدۇ بىراق ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئادەم تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىمۇ يەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بۇ تەسىر خېلىلا چوڭ بولىدۇ. سىز بەلكىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى پەش قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يەر شارىغا قاراپ سۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ تەسىردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توغرىسىغا ھەرىكەت قىلىپ، مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە تارتىش كۈچىنى يوقىتىدۇ.
ئىغۋا: چاقماق ئوخشاش يەرگە ئىككى قېتىم چۈشمەيدۇ
بۇمۇ قەتئىي ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئىغىۋا، چۈنكى چاقماقنىڭ ئوخشاش بىر يەرگە چۈشۈش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى، پەقەت سىز بۇنى بىلمەسلىكىڭىز ياكى دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئىغۋا: ئاقار يۇلتۇز ئاتموسفېراغا كىرگەندە نۇر چىقىرىدۇ
بۇمۇ خاتا چۈشىنىش پەيدا قىلغان ئىغۋا، چۈنكى ئاقار يۇلتۇز يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە ئالدىدىكى قىسىلغان ھاۋاغا سوقۇلىدۇ ۋە سۈركىلىدۇ، بۇ چاغدا ھاۋا نۇر ۋە ئىسسىقلىق چېقىرىدۇ، يەنى ھاۋا ئاقار يۇلتۇزغا سوقۇلۇپ كۆيىدۇ. گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا، ئاقار يۇلتۇز تولىمۇ تېز سۈرئەتتە يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىغا كىرگەندە، قىسىلغان ھاۋا بىلەن ئاقار يۇلتۇزنىڭ يۈزىدە غايەت زور سۈركىلىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاۋا كۆيىدۇ، ئەمما كۆزىمىزگە ئاقار يۇلتۇز نۇر چىقىرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۈ.
ئىغۋا: ئېگىز بىنادىن تاشلانغان تەڭگە ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولىدۇ. كىنولاردا بۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنى تولا كۆرىمىز، ئەمەلىيەتتە ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ قاراشنىڭ رېئاللىققا ئايلانمىقى تەس. ئەگەر ئېگىز بىنادىن تاشلانغان تەڭگە ئادەمگە تەگسە، ئېھتىمال تەگكەن يەر ئازراق ئاغرىشى، بىر ئاز قان چىقىشى مۇمكىن، بەك بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.
ئىغۋا: مېڭە ھۈجەيرىسى ئۆلسە تىرىلمەيدۇ
بىز بۇرۇن بىئولوگىيە دەرىسىدە ئۆگەنگەن قائىدە. ئادەم مېڭىسى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن مېڭە ھۈجەيرىسىگە ئېچىنىشى مۇمكىن، لېكىن شىۋېتسىيەلىك بىر مۇتەخەسسىس مېڭە ھۈجەيرىسىدە قايتا تىرىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن دەلىللەپ، بۇ خاتا قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
ئىغۋا:ئاي شارىدا قاراڭغۇ تەرەپ بار ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، قۇياش ئاي شارىنىڭ ھەممە تەرىپىنى تەڭ يورۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل خاتا قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىزنىڭ يەر شارىدا تۇرۇپ ئاي شارىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى كۆرەلمىگەنلىكىمىز سەۋەب بولغان. بۇ يەردىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى،ئالەم جىسىملىرى ئارىسىدىكى تاشقىن مەركەزلىشىش ھادىسىسى بىزنى ئاشۇنداق سەزگۈگە ئىگە قىلغان. بىر ئاسمان جىسىمى يەنە بىر ئاسمان جىسىمىنى ئايلانغاندا، سۈركىلىش ھاسىل بولۇپ تاشقىن پەيدا بولىدۇ-دە، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ئاسمان جىسىمىدا تۇرغانلار يەنە بىر ئاسمان جىسىمىنىڭ بىرلا تەرىپىنى كۆرىدۇ. بىز بۇ ھادىسىنى مۇتلەق تاشقىن پەيدا بولۇش، دەيمىز.
ئىغۋا: يەرگە چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىك بەش سېكۇنت ئىچىدە تېرىۋېلىنسىلا يېگىلى بولىدۇ.
بۇ سېپى ئۆزىدىن بىمەنە قاراش. ئەگەر يەردە ۋىرۇس-پىرۇسلار بولۇپ قالسا، يېمەكلىك يەرگە چۈشكەن ھامان چاپلىشىدۇ. ئەڭ ياخشىسى چۈشۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى تېرىپ ئېلىپ ئاغزىڭىزغا سالماڭ، بولمىسا كېسەللىك ۋىرۇسى ئېغىزىڭىزدىن بىمالال كىرىپ ئەزالىرىڭىزغا كىرىپ ئۇۋا سالىدۇ. ئىغۋا: شىمالىي قۇتۇب يۇلتۇزى شىمالىي يېرىم شاردىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز
بۇمۇ بىر خاتا قاراش، ئەمەلىيەتتە شىمالىي يېرىم شاردىكى بۆرە يۇلتۇزلار تۈركۈمى شىمالىي قۇتۇب يۇلتۇزىدىنمۇ يورۇق. ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى 1.47، شىمەلىي قۇتۇب يۇلتۇزىنىڭ بولسا 1.97 . كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى قانچە كىچىك بولسا، يۇلتۇز شۇنچە يورۇق بولىدۇ.
ئىغۋا: ۋاكۇم بوشلۇقتا ئادەم پارتلاپ كېتىدۇ سىلەر فانتازىيەلىك كىنولاردا كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ خىل كۆرۈنۈشنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئادەم تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا ئۆپكىسىدىكى ھاۋا تۈگىگىچە، يەنى 15 سېكۇنتتىن 30 سېكۇنتقىچە ياشىيالايدۇ. ناۋادا ئادەم تاشقى ئالەم بوشلۇقىدا باشقا پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىسىلا، ئۇنداقتا ئۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ. ئىغۋا: تەدرىجىي تەرەققىيات چوقۇم يۈكسەكلىككە قاراپ بولىدۇ بىز تەبىئىي تاللىنىشنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ساغلام بولمىغان گېنلارنى شاللىۋېتىدىغانلىقىنى، تەرەققىياتنىڭ يۈكسەكلىككە قاراپ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن بەزى مۇكەممەل بولمىغان ئورگانىك جانلىقلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىنغان) |