قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5038|ئىنكاس: 51

بىلىمخۇمار: ئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4159
توردىكى ۋاقتى: 1556
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 11:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 17:31  

ئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىب



بىلىمخۇمار


            مەن بۈگۈن دوستىمىز تاشپولات روزىنىڭ ./thread-19717-1-1.html گە چىقارغان «تونۇشۇش» تېمىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم.  ھەمدە ئۇشبۇ ئۇچۇر ئارقىلىق، بۇ يازمىنى بارلىق دوستلارغا، بولۇپمۇ ئوقۇغان قېرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.

               ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن ۋەتەندىكى بىر ئۇكىمىزدىن بىر پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم.  ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: «ھازىرقى توردا بولۇۋاتقان ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىش كېرەكمۇ، ياكى ئۇيغۇرنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەقمۇ, مۇشۇ توغرۇلۇق بىر قەلەم تەۋرەتكەن بولسىڭىز، چۈنكى مىللەتنى ئويغىتىش ھازىرقى زۆرۈرىيەت كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قىسمى، دەپ قارايمەن.».  مېنىڭ پەرىزىمچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرالايدىغان بىر مۇكەممەل مىللەت ئىكەنلىكىدىن گومانلىنىدىغانلارنىڭ سانى تەدرىجى ھالدا كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.  ئۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىر قانچىسى بار.  ئۇنىڭ بىرسى ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى سەپىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كىشىلىرىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ.  شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز بىر ئوقۇغان ئۇيغۇر بولسىڭىز، دوستىمىز تاشپولات روزىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسرانىم، باغداش ۋە ئىزدىنىش قاتارلىق تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ.  ۋەتەندىكى ئۆزىڭىز بىلەن كەسىپداش قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇمكىن بولسا ھەتتا ئۇلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى دائىرىسىدە ھەمكارلىشىپ تۇرۇڭ.  ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى ۋەتەندىكىلەرگە تونۇشتۇرۇپ تۇرۇڭ.  بۇنىڭ ۋەتەندىكىلەرگە بولغان قىممىتى ئىنتايىن زور.  بىزنىڭ كىندىكىمىزنىڭ قېنى ئاشۇ زىمىنغا تۆكۈلگەن.
                بىزنى ئاشۇ زېمىن بېقىپ ئۆستۈرگەن.  ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ قالمايلى.  ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيلى.  ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە يۇرتىمىزغا ۋە خەلقىمىزگە بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرەيلى.  ھازىر چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قازانغان، ئىلىم-پەن ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەپىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس.  لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەندىكىلەر بىلەن بىر دائىملىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ۋەتەندىكىلەرگە ئاز-تولا پايدا يەتكۈزىۋاتقانلار ئىنتايىن ئاز.  ئاساسەن يوق دېيەرلىك.  مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.  ھاياتنىڭ 3 خىل تۈرى بولىدۇ:  ئىسراپچىلىق ھاياتى، زۆرۈر ھايات، ۋە ئۇلۇغۋار ھايات.  ئۇلۇغۋار ھاياتنى ياشىيالىغانلار پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ۋە بىر تار دائىرىدىكى ئائىلىسى ئۈچۈن ياشىغانلار ئەمەس.  ئۇلار ئاساسلىقى باشقىلار ئۈچۈن ياشىغانلار.  ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغىچە بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتىغانلار.  سىزنىڭ ئىسراپچىلىق ھاياتىڭىز بىلەن زۆرۈر ھاياتىڭىز، مەسىلەن، سىزنىڭ ھايات ۋاقتىڭىزدا قانداق يېگەنلىكىڭىز، قانداق كېيىنگەنلىكىڭىز، قانداق ئۆيدە تۇرغىنىڭىز، ۋە قانداق ماشىنا ھەيدىگىنىڭىز، سىز يەنە بىر دۇنياغا قەدەم قويغان كۈنىلا كىشىلەر قەلبىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.  پەقەت سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ھاياتىڭىزلا باشقىلار قەلبىدە مەڭگۇ ياشايدۇ.  بۇنىڭ مىسالىغا مەھمۇد قەشقىرى، ئەلشىر ناۋايى، مەمتىلى تەۋپىق ۋە ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن (بۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس) قاتارلىقلارنى ئەسلىسىڭىز بولىدۇ.  ئەگەر چەت ئەلدە ئوقۇپ ياكى ئىشلەپ تۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرنى ئىلغار ئىلىم-پەن ۋە باشقا ئۇچۇرلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرىدىغانلارنىڭ سانى بىر قانچە يۈز، ھەتتا بىر قانچە مىڭغا يەتسە، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى زور دەرىجىدە پايدا ئالالايدۇ.  ئەگەر سىز بىر ئوقۇغان ئۇيغۇر بولسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

2013-9-10

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 14:31:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۆر،بۇ كارامەت ياخشى تەكلىپ بوپتۇ.«ئولۇغۋار ھايات»روھى بولمىسا،ھەقىقەتەنمۇ تەرەققىيات ۋە«ساپا»دىن سۇز ئاچقىلى بولمايدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7539
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 14:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئويۇن تاماششا ياكى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىلىم ئىلىش ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تونۇشساق تىخمۇ ياخشى،…

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 14:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ،
سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز بىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى.سىزدىگەندەك ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم پەننىڭ يۇقرى پەللىسدە تەتقىقات ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇنلۇنۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بولسا مۇشۇ مۇنبەردە سىز ۋە تاشپولات ئاكامدەك ئۆزنى تونۇشتۇرۇپ قىلۋاتقان ئىشلىردىن بىزلەرنى خەۋەردار قىلشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

1214

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9843
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 355
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 15:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقاتچى ،ئالىملىرىمىزنى تور مۇنبەرلىرىگە كۆپرەك تەكلىپ قىلىپ ئەكىرەلىسەك بەك ياخشى بولاتتى. بۇ جەھەتتە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرستىۋاتقانلىقىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 15:23:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ بەلەن گەپلەركىنا  تولىمۇ ھاياجانلاندىم ، سىزگە كۆپ رەھمەت.

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4388
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 16:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چاقىرىقىڭىز دەل ۋاقتىدا بۇپتۇ ئەركىن ئاكا...
مەن باشقىلارغا مىتاللورگىيە تۇغرىلىق يىزىشنى ھاۋالە قىلسام ھىچ تورغا چىقمىدى بۇ سەھىپە، قارىغاندا ئۆزەم يازسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. ماشنىسازلىق كەسپىدە ئۇقۇغانلاردا بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار. مەن ئىزدەپ تىپىپ باشلايمەن.

0

تېما

1

دوست

119

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21838
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 16:34:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كۆزلىرىمدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى................،رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )