مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە
قاسىم سىدىق
كىلاسسىك فىزىكا ۋە بۈگۈنكى دەۋىردىكى بارلىق فىزىكا نەزەرىيىلىرى ئىچىدە مىنىڭ بىلىشىمچە «ماددا (ماسسا - ئېنىرگىيە) مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە » دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ۋە ئۈقۈم يوق. مەن «فىزىكىلىق شەكىل»نى يادىرۇ قىلغان تەپەككۇر جەريانىدىن مۇقەررەرھالدا يۇقارقىچە ئىدىيىگە ئىرىشتىم. مەندىن باشقا كىملا بولمىسۇن مىنىڭ مىتۇدىمنى قوللانسا ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشەتتى دەپ قارايمەن. مىنىڭ بۇخىل ئىدىينى تەشەببۇس قىلىشىم ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىشىمگە، ئاساسىي جەھەتتىن فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۈقۈمى بىلەن«ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەيدىغان ئىدىيىۋى ئىقىم سەۋەپ بولغان.
تەپەككۇر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:
1- فىزىكىدىكى «زىچىلىق» ئۇقۇمىدىن مەن بىرخىل «كىرتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىرىشتىم. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەجىرىبەئارقىلىق ئىرىشكەن ئەڭ يۇقىرى زىچلىق- ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچىلىقى بولۇپ،ياپۇنيىلىكلەر بۇنىڭدىن 10 ھەسسە يۇقىرى زىچلىققا تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىگىنى خەۋەر قىلىشتى①.ئارخىمىد «لەيلىتىش كۈچى قانۇنى»نى بايقىغاندىن تارتىپ ياپۇنيىلىكلەرنىڭ يادرو زىچلىغىدىن 10 ھەسسە چوڭ زىچلىققا ئىرىشكەنلىگىدىن ئىبارەت ئۇزۇن تارىخى جەرياننى بىر يۆنۇلۇش كۆرسەتكۇچى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭ ئۇچى ھامان بىر «كرىتىك زىچلىق»قا ئىنتىلىپ كەلمەكتە. «قارا ئۆڭكۈرنىڭ كىرىتىك زىچلىقى»، «غەيرى نوقتا» قاتارلىقلار گەرچە نوقۇل نەزەرىيىۋى مەسىلە دىيىلگەن تەغدىردىمۇ، ئوخشاشلا «كرىتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ يەردىكى تەپەككۈر جەريانىدا ھامان ساقلىنىش قانۇنلىرى بولۇپمۇ،ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، شەكىل نەزەرىيسىنىڭ بارلىق پەرەزلىرى، بارلىق تەپەككۈر يۆنىلىشلىرى «ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق» دېگەن بۇ پىرىنسىپال نوقتىنى مەركەز قىلىدۇ. 2- «ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرمەۋجۇت»دېگەن بۇ مەۋقەنىڭ تارىخى يېلتىزىمۇ قەدىمكى يونان پەيلاسۇپلىرىدىن لئوكېپپوس ۋە دىموكىرتلارنىڭ تەلىماتلىرىغا بىرىپ چىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ھىككىس زەررىچىسى (پەرۋەردىگار زەررىچىسى)نى ئىزلەش قىزغىنلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرنى تىپىش تارىخىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۇگرەش مۇساپىسىنىڭ دەۋرىمىزدىكى مەنتىقى راۋاجىدىن ئىبارەت. مۇبادا ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتارزەررىچىلەر مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىنمىسا « فىزىكىلىق ئالەم»②نى تولۇق ئىپادىلىگىنى بولمايدۇ-دە. فىزىكا «ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ»دەيدىغان بۇنداق ماتېماتىكا ئويۇنىنىڭ دەخلى-تەرەزىسى سەۋەبلىك چوڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ، مەڭگۇ تاماملانمايدۇ. دېمەك، «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەپ قاراش شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئۇزۇل –كېسىل شۇنداقلا پىرىنسىپال مەۋقەسى. «مۇتلەق ھەجىم» زادى قانداق رىئاللىق، «مۇتلەق ھەجىم» ماھىيەتتە « فىزىكىلىق ئالەم»نى شەكىللەندۇرگەن، ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچە - «ئىيىن»لارنىڭ گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. «ئېن»لارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۇشىگە ئىگە بولمىغان،مۇتلەق قاتتىق، ئەڭ كىچىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدە مەن ئالاقىدار ماقاللىرىمداتوختولۇپ ئۆتكەن③. بۇ يەردىكى«قاتتىق» دېگەن سۆزنى كىلاسسىك مەنىدە «كۈچ» ئۇقۇمىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقائەسلا بولمايدۇ. «قاتتىق»نىڭ شەكىل نەزەرىيەسى خاراكتېرىلىك مەناسى شۇكى، بۇ دېگەنلىك، ئۇنى ھەرگىز پارچىلىغىلا بولمايلا قالماي، ئۆزىمۇ ئەسلا پارچىلانمايدۇ، شۇنداقلائۇنىڭغا يەنە بىر زەررىچىنى سىغداپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردە«ئېن» ئوبېكتىپ چىنلىق سۇپىتىدە مەۋجۇت دەپ قاراش نوقۇل ھالدا شۇنداق بىر« فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ «كېسىكى» بولغان «ئەڭ كىچىك» زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى تەشەببۇس مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئۇ يەنە تەتقىقات ۋە تەپەككۈر مىتودى مەسىلىسىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا «ئېن» مېكرۇدىن ماكرۇغا قاراپ يۈزلەنگەن تەپەككۈر ۋە تەتقىقاتنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئۇل ئاساسىدىن ئىبارەت. «مۇتلەق ھەجىم» ۋە ياكى «ئېلمنتار زەررىچە» مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغاكىلاسسىك مەنىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمىنى تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. سەۋەپ «مۇتلەق ھەجىم»دېگەن بۇ ئىدىيە پەقەت ئۆز ھەجىمى بىلەن باپ-بارەۋەر بولغان ماكاننى پۇتۇنلەي تولۇق قاپلىغان ماددا (ماسسا ئېنىرگىيە) بولغاچقا بۇ يەردە «زىچلىق» ئۈقۈمى ئەھمىيەتسىز. يەنى «مۇتلەق ھەجىم»نوقتىسىدىن قارىغاندا ئاللىقانداقتۇر «ماددا-سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، مەن بۇ ھەقتە ئىلگىركى بىر ماقالەمدە توختولۇپ ئۆتكەن④. بۇيەردە قىستۇرۇپ ئۆتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، «ئىنىرگىيە» كىلاسسىك مەنىدىكى ئۆلچەم -پارامىتېر بولماي ، ئېنيىشتېيننىڭ مەشھۇر فۇرمۇلىسىدا كۆرسىتىلگەندەك، ماددىنىڭ (ماسسىا-ئېنىرگىيەنىڭ)يەنە بىرخىل شەكلى ھىسابلانسا، ئۇ ھالدا، «ئېنرگىيە»ئوخشاشلا «مۇتلەق ھەجىم»گە يىغىنچاقلىنىدۇ. يەنى «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە ئىيىن» بىلەن «ئېنىرگىيە»نىڭ ئەڭ كىچىك كۋانتى (بۇ بىر پەرەز) بىرخىل رىئاللىقنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالىدۇ. «ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ماددا»،«ئانتى ماددا» قاتارلىقلارنىڭ تارىخى تەقدىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەكىل نەزەرىيىسىگە پىرىنسىپال قىيىنىچلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. پەقەت «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ رادىئۇسىدىلا(ھەجىمىدىلا) ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ، خالاس! ئالاھىدە تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى، نۆۋەتتىكى پەلسەپە ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكىغا نىسبەتەن «قارىشى ئىلىنمايدىغان مىھمان»دىن ئىبارەت. ئېنيىشتېيىن سەۋەبىدىن نوپۇزلۇق ئورۇنغا چىققان«ماكان- ماددىنىڭ كىڭىيىشچانلىقى» دېگەن بۇ ئىدىيە نۆۋەتتە فىزىكا بۇياقتا تۇرسۇن،يېڭى ئىدىيەلەرگە بەكمۇ پاسسىپ، مەلۇم مەنىدە كونسىرۋاتىپ، تەرەققىيات قەدىمى تولىمۇ ئاستا ھىسابلىنىدىغان پەلسەپەدىمۇ ھۆكۈمران ئىدىيەگە ئايلاندى. دەل مۇشۇ ھۆكۈمران ئىدىيە ئاتالمىش «ئوبېكتىپ زامان» بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكى دەۋىر پەلسەپەسى،نەزەرىيىۋى فىزىكىسى، ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئۆز-ئارا زىدىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇپ، خىلمۇ –خىل قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۈگۈنكى دەۋىر تەبىئىي پەنلىرى مەلۇم مەنىدە يۇقۇرقى ھۆكۈمران ئىدىيەنىڭ (ئاتالمىش «ئوبېكىتپ زامان» مۇشۇنىڭ ئىچىدە)ئىمپىرىيەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ئىمپىرىيە ئالدىدا شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ «مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى شۇنچە يىگانە، شۇنچە «بىچارە».كۆرۈنۇشى مۇمكىن. لىكىن ئۇ شۇنچە يىڭى ۋە ھاياتى كۈچكە شۇنچە باي،دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەندىكىدەك ناھايتى ئاددى سوئال –جاۋاپلاردىن ئۇزۇق ۋە ئىلھام ئالغان: -ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)مەۋجۇتمۇ؟ -ياق، مەۋجۇت ئەمەس. -سىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمى پۇتۇنلەي ماددىنىڭ ھەجىمىمۇ؟ -ياق، ئۇنداق ئەمەس. -ئۇنداقتا، كۆرۇۋاتقانلىرىڭىز نىمە؟ -ماددا بىلەن ماكان (نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇق -«يوقلۇق»)نىڭ ئارلاشما گەۋدىسى. «مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى پەقەت «ھەجىمى بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)» ۋە «ھەجىمى بولمىغان ھەركەت سوبېكتى» قاتارلىقلار «كەشىپ» قىلىنغاندىلا ئاندىن نۆۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ماكان-زامان ئىدىيىسىنىڭ بۇ كاتتا ئىمپىرىيىسى ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىش مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغىنىدا، بۇ ئىدىيە تەدىرىجى ھالدا بىر تەۋەككۇلچى شۇنداقلا «ئاسى» قوشۇننى شەكىللەندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمپىرىيىسىنى يارتىدۇ. ئەمدى يۇقارقى ئۈزۈلۈپ قالغان دىئالۇگنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە يىزىلىدۇ: -ئۇنداقتا، سىز كۆرۇۋاتقان بۇ «ھەجىم»نى نىمە دەپ ئاتايمىز؟ -«كۆرۇنمە ھەجىم». -«كۆرۇنمە ھەجىم» بىلەن «مۇتلەق ھەجىم» نىڭ رادىئوسى ئوخشاش بولامدۇ؟ -ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مۇتلەق ھەجىمنىڭ رادىئوسى ھەر قاچان كۆرۇنمە ھەجىمنىڭ رادىئوسدىن كىچىك بولىدۇ. -ئارتۇق ھەجىم نەدىن كىلىپ قالدى؟ -«كۆرۇنمە ھەجىم» بولسا «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى تىزلىكى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. -تەپسىلىرەك سۆزلەپ باقامسىز؟ -مەن بۇ نوقتىدا «كۆرۇنمە ھەجىم ۋە قاپلاش»دېگەن تېمىدا پات پۇرسەتتە ئايرىم توختىلىمەن. ----------------------- قاسىم سىدىق: «كۆرۇنمە ھەجىم»، «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر
2010-يىلى 12-ئاينىڭ19-كۈنى
|