مائارىپىمىز گۈللەنسۇن،خانىم-قىزلىرىمىز يۈكسەلسۇن!
تاھىر ئىمىن
‹‹ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››دا سۆزلەنگەن نۇتۇق
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئەزىز مىھمانلار! ھەممىڭلارنىڭ مۇبارەك قەدىمىگە كۆپلەپ رەھمەت. شركىتىمىزنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.ئۇنىڭ ئەمەلى قوللىشى بولمىغان بولسا مىنىڭ دەسلەپكى لايىھەم پەقەت تەسەۋۇر ھالەتتە قالغان بولاتتى.
ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى سكرىتارى ۋە رامىلە خانىملارغا رەھمەت،بۇ ئورگاننىڭ خەيرلىك ئشلارنى مەمۇرى جەھەتتە قىلىپلاشتۇرۇشى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچىللىقى پائالىيتىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشغا ئاساس بولدى.
تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن ئاسپرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى توغىرسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مەزكۇر مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە:
بىز مەزكۇر مۇكاپات لايىھسنى رەسمى يولغا قويغاندىن كىين ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەۋسيە قىلىشى ۋە تور ئارقىلىق تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ۋە بىر-بىرىنى تەۋسيە قىلىشنى ئىلان قىلدۇق:
1. ئەخلاقى گۈزەل، ئستىلى ياخشى، مەرىپەت ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئىراە باغلىغان، زامانىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
2. ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان (ماگېستىر ئاسپىرانىتلىقى ۋە دوكتۇر ئاسپرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقانلارنى بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى تېخى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
3. ئوقۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، (پۈتۈن پەنلەردە لاياقەتلىك بولغان بولۇشى، ئاسپىرانىتلىق ئوقۇش جەريانىدا بىرمۇ پەندىن ئۆتەلمەي قالغان تارىخى بولمىغان بولۇشى كېرەك) ئىلمىي ۋە كەسپىي نەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار. (ئاسپرانىتلىق ئىلمىي ماقالىسى ئەلا باھالانغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.)
4. نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا مۇستەقىل ھالدا ئىككى پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان ( ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنىڭ ئىلمىيلىك ۋە ئىجادىيلىق دەرىجىسى، نەتىجە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى، ئېلان قىلغان ماقالە سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەلۇم ساھەدە كەشپىيات يارىتىپ پاتنېت ھوقوقىغا ئېرىشكەن، قىينلىق دەرىجىسى يۇقىرى تەتقىقات تېمىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ ئېتراپقا ئېرىشكەن، كىتاب نەشر قىلغان ياكى نەشىرىياتقا تاپشۇرغان، مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغانلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.) ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار.
5.ئوقۇغان كەسپى ۋە تەتقىقات تېمىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئېقتساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن روشەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئاسپرانت خانىم-قىز ئوقۇغۇچىلار
6-ئېقتسادى شارائىتى ياخشى ،ئەمما نەتىجىسى قىيىچنلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار نامزات سۇپىتىدە ئويلىشىلمايدۇ.
نەتىجىدە بىز مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىدىن خەۋەر تاپالىغان رايونىمىزدا،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان جەمئى 97 نەپەر ئاسپرانت قىزنىڭ ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالدۇق.مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسى تەسس قىلىپ ،مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەرنىڭ ئىلتىماسنى ئەستايىدىل ئوقۇدۇق،باھالىدۇق.ئىلمى ماقالنىڭ دەرىجىسى ۋە سۇپەت ئۆلچىمىنى بىېكىتىشتە خەلقئارالىق ئىلم-پەن ماقالىلىرىنڭ ئشلىتىلىش ئىندىكسى يەنى (Science citation Index),ئىجتىمائى پەنلەر ماقالىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىندىكىسى(Social Science citation Index) قاتارلىق نوپۇزلۇق ماقالە باھالاش كاتىگورىيەسدە ئنگىلىز تىلىدا ئىلان قىلىنغان ۋە تىلغا ئىلىنغان ماقالىلارنى ئالدىن ئويلاشتۇق.بۇنىڭ ئۇچۇن خىزمەت گۇرۇپپىمىز ماقالىلارنىڭ ئسمىلىكىنى بۇ ئىندىكىسلاردىن تەكشۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەزكۇر ماقالىنىڭ قانچىنچى ئاپتورى ئىكەنلىكىنى،ماقالىسغا يىزىلغان باھانى ئىنىقلىدۇق.
ئۇنىڭدىن كىينكى پەللىدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى يادرولۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان ژۇرناللارنى ئويلاشتۇق،
ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرىگە دائىر كەسپلەردە يېڭىچە شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنى ئويلاشتۇق.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ھاۋالە قىلىش،ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋسيە قىلىشى شۇنداقلا نامزاتلار بىلەن ئىككى قىتىمدىن سۆھبەتلىشش يولى ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇدق.ھەقىقى قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوللاشنىمۇ مۇھىم نشان قىلدۇق ۋە مۇكاپات ساھىپلىرى قاتارىدىن ئورۇن بەردۇق.
بۇ يەردە شۇنى قوشۇپ قويىمەنكى،ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى قىينچىلىقى بارلار ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى قىينچىلىقىنى يەڭگەنلىكى ئۇچۇن بىرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.
مۇكاپاتلاش جەريانىدا بىزنى ناھايتى سۆيۇندۇرىدىغان مىھرى-مۇھەببەت ۋە تەسرلىك مۇۋەپپەقىيەت ھىكايىلىرىغا شاھىت بولدۇق،نۇرغۇن قىزلار ئۆز قىيىچنلىقى تۇرسىمۇ ،مۇكاپات سوممىسنى ئۆزىدىنمۇ ئىغىر قىينچىلىقى بار ھەمساۋاقلىرىغا ئۆتۈنۈپ بىرىشتى.
قىزلىرىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋىرستىتلىرىدا ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ مۇرەككەپ يۇقىرى تېخنىكا ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللنىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپلەپ ئشىپتۇ.قىزلىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئىلمى ژۇرناللاردا ئىلان قىلغان ماقالىلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ھەممە خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا مىڭىپتۇ.بۇلاردىن ھەممىمىزنىڭ سۆيۇنۇش ۋە پەخىرلىنىش ھەققىمىز ۋە ئۇلارنى قوللاش مەجبۇرىيتىمىز بار.
بىز مۇكاپات نامزاتى تاللاش جەريانىدا، ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق ياكى تونۇشلۇقنى ئاساس قىلمىدۇق،شۇنداقلا يۇرتۋازلىق ياكى تار مىللەتچىلىكنىڭ رامكىسدىن بۆسۈپ ئۆتتۇق.نوقۇل تەبئى پەن ياكى ئىجتىمائى پەننى مەركەز قىلىۋىلىشتىن ساقلاندۇق.
مۇكاپاتنى قىزلار ئۇچۇن تەسس قىلدۇق.چۇنكى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارشىدا ئەركەك زاتى- بالىلار،ئاياللار ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان جاسارەت ۋە ئىقتدارغا ئىگە بىر تۇۋرۇكتۇر.
ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى-قىز-ئاياللارنىڭ بەخت سائادىتى ۋە قەدرى-قىممىتى نۇرغۇن كىرزسلەرگە دۇچ كىلىۋاتقان،شۇنداقلا ئاقىل كىشلەرنىڭ بۇ كىرزسلارنى ھەل قىلىش ئۇستىدە ئىزدىنشنى باشلىغان بىر دەۋردە بارلىققا كەلدى،خانىم-قىزلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىلەر ۋە كىرزىسلارنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولغاندەك ،بۇ مەسللەرنى ھەل قىلىش چارىسىمۇ تۇرلۇك بولۇشى مۇمكىن.مائارىپ شۇ خىل ئاكتىپ چارىلەردىن بىرى.
ئاخىرىدا سۆزۇمنى ئۆز تۈرك ئاسپرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ تىلەك سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
مائارىپىمىز گۈللەنسۇن،خانىم-قىزلىرىمىز يۈكسەلسۇن!
كۆپچىلىككە رەھمەت
2013-يىللىق مۇكاپات 10-ئايدا تارقىتىلىدۇ.
|