سىتالىن ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ تەيۋەننى ئېلىشىنى رەت قىلغان .
جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچىدا سوۋىت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسى جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ كەلگەن ، بىراق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن سىتالىن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تەيۋەننى ئېلىشىغا ياردەملىشىش تەكلىپىنى رەت قىلغان .
1949-يىلى باش كۈز . ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجىمى بىلەن جياڭ جېيشىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئامىرىكا ھاۋا ھەم دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە تەيۋەنگە چىكىنگەن .
1949-يىلى 8-ئىيۇن ليۇ شياۋچى بىلەن سىتالىن موسكۋادا مەخپىي سۆھبەتلەشكەن . ليۇ شياۋچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تەيۋەننى ئېلىشىغا ياردەملىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان . ئەينى چاغدا ئازادلىق ئارمىيە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغان بۇلۇپ ، ماۋ زېدوڭ ھەرىكەت ۋاقتىنى 1950-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا بىكىتكەن ، لېكىن سىتالىن بۇ مەسلىگە ناھايتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراپ ، ئامېركىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ تەلەپنى رەت قىلغان . ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى 16-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولغان جەرياندا تەيۋەن مەسلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرغا قويغان . ماۋ زېدوڭ سىتالىنغا تەيۋەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئازادلىق ئارمىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان، بىراق سىتالىن بۇنى رەت قىلىپ : ياردەم بەرسەك بولىدۇ ، ئەمما ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى ئوبدان ئويلىشىشىمىز كېرەك دېگەن ھەمدە ماۋ زېدوڭغا گومىنداڭنىڭ قايتا تەشكىللەنگەن پاراشوتچى قىسىمىدىن پىدائىيلار ئەتىرتىنى تەشكىللەپ ، ئۇلارنى تەيۋەنگە ھەقىقەتكە قايتىش ۋەزىيپىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىش پىكرىنى ئوتتۇرغا ، بىراق ماۋ زېدوڭ بۇنىڭدىن نارازى بولغان .
جوۋ ئىنلەي 1950- يىلى 4-فېۋرال جۇڭگوخەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى ليۇ يالو ۋە جۇڭگونىڭ سوۋىت ئىتتپاقىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىم قوماندانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا سوۋىت ئىتتپاقى گېنېراللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ، يەنە ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان ، لېكىن يەنىلا رەت قىلىنغان .
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، جياڭ جېيشى تەيۋەنگە چىكىنگەن بولسىمۇ ، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيسى يەنىلا كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، گۇاڭجۇ،خاڭجۇ،نەنجىڭ قاتارلىق دېڭىز بويى رايۇنلىرىغا ، بۇلۇپمۇ شاڭخەيدىكى ھەربىي ، ئىقتىسادىي نىشانلارغا دائىم ھۇجۇم قىلىغان ، ئەينى چاغدا ئازادلىق ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيەسىدىن ئولجا ئالغان 113 ئايرۇپىلانغىلا ئىگە بۇلۇپ ، بېيجىڭنى قوغدىيالىغىدەكلا كۈچكە ئىگە ئىدى.
1950-يىلى 14-فېۋرال <<جۇڭگو-سوۋېت ھەمكارلىق كېلشىمى>> ئىمزالانغان . جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ بىر تۈركۈم ئوفىتسر-ئەسكەرلىرى جۇڭگوغا كېلىپ ، جۇڭگونىڭ شاڭخەيدىكى ھاۋا مۇداپىيە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن . شۇ يىلى 21-ماي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شاڭخەيدىكى ھاۋا مۇداپىئە قوماندانى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ رازۋېدكا ئاخپىراتىغا ئاساسەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلان خەرىتىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتكەن . ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى بۇ توغۇرسىدا مەسلىھەتلەشكەن ، بىراق 25-ئىيۇن چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتىلشى بىلەن جۇڭگو تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن
<<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>>دىن ئېلىنىپ يوللاندى.
|