قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2234|ئىنكاس: 20

تۆمۈر خەلىپىنى ئەسلەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

476

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2028
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 22:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karahan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 00:38  

                                                                  تۆمۈر خەلىپىنى ئەسلەپ


         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداشتىكى قېرىنداشلار ،بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن يەنى  1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6- كۈنى ،ھۆرلۈك جەڭچىسى تۈمۈر خەلىپنى ياڭ زىڭشىن  ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۋەتكەن خاتىرە كۈن .مەن تورداشلار بىلەن بىرگە تۆمۈر خەلىپىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەش ۋە بەزى تارىخچىلىرمىز تەرپىدىن ئىزچىل خاتا يېزلىپ،كۆپلىگەن كىتاپ ۋە تور بەتلەردە   تارقىلىپ كىلۋاتقان، تۆمۈر خەلىپىنىڭ خاتا تەرجىمھالنى تۈزىتىش ئارزۇسىدا بۇ تىمىنى يازدىم .

          شىرىپ خۇشتار ئەپەندى << شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر >> ناملىق كىتاۋىدا،<<  تۆمۈر خەلىپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى ( كارىز چاپقۇچى) ئائىلسىدە تۇغۇلغان >> دەپ خاتا يېزىپ ،تۆمۈر خەلىپنىڭ تۇغۇلغان ۋاختىنى 20 يىل سۈرۋەتكەننىڭ ئۆستىگە ،
       تۆمۈر خەلىپىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئىش ئىزلىرىنى يازغاندا ،تۆمۈر خەلىپنىڭ يېشىغا ۋە ھايات پائالىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى تەرجىمھالىغا قىستۇرۇپ ،تۆمۈر خەلىپنى قوزغىلاڭ قىلغاندا ۋە ۋاپات بولغاندا 22 ياشلىق بالا قىلىپ تەسۋىرلەپ يازغان .


         ئەزىز ئاتاۋۇللا تۈزگەن << ئەدەپ -ئەخلاقتىن تەۋسىيلەر >> ناملىق كىتاپتىمۇ بۇ سەۋەنلىك يەنە تەكرارلىنىپتۇ .
   شىرىپ خۇشتار ئەپەندى يازغان كىشىنى گاڭگىرتىپ قۇيدىغان بۇ خاتا تەرجىمھال ،ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئوموملىشىپ كىتىپتۇ .
   شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ << ئىز >> ناملىق رۇمانىنى قايتا -قايتا ئۇقۇش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلىپىنىڭ بۇ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقتىم .
   تورداشلارنىڭ بۇ تەرجىمھالىنى ھەرقايسى توربەتلەرگە خالىس يوللاش ئارقىلىق بۇ خاتالىقىنى خەلقىمىزگە بىلدۈرشىنى ئۈمۈد قىلمەن .

تۆمۈر خەلىپىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

          تۆمۈر خەلىپە 1871-يلى قۇمۇلنىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىدىن بىرى بولغان بۇغاز دىگەن يېزىدا، نامرات دىھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان.
     تۆمۈر يەتتە يېشىدىن 15يېشىغىچە دىنى مەكتەپتە ئۇقۇدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن ياغاچچىلىققا ھۈنەرگە كىرىپ ،20 ياشلارغا كىرگەندە ئۇستا ياغاچچى بۇلۇپ قالدى .
ئەمما ھۈنەر ئۇنىڭ ئائىلسىگە بەركەت ئەمەس،ئاپەت ئېلىپ كەلدى .
      شامەخسۇتنىڭ قەسرى-ئايۋان قۇرلۇشلىرىغا تۇتۇلۇپ،12 يىل ئۆمرى شامەخسۇتقا ئىشلەش بىلەن ئۆتتى .ھەتتا ئاي-ئايلاپ ئاتا-ئانسى ۋە خۇتۇن بالىلىرى بىلەن كۆرشەلمىدى .
     تۆمۈر بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ تۇرغاندا ،1907-يىلى شامەخسۇتنىڭ زۇلىمىغا قارشى << تورپاقلار يېغىلىقى >> پارتىلىدى .  تۆمۈر بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى .
     << تورپاقلار يېغىلىقى >> قانلىق باستۇرۇلۇپ قاتناشقۇچىلار قاتتىق جازالىنىۋاتقان چاغدا ،تۆمۈردادىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلدى .
     تۆمۈر ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىققاندىن كىيىن نەچچە يىللار ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق جىنىنى باقتى .
     تۆمۈر بۇ جەرياندا تۇرپانلىق مۆيدىن،ئۈرۈمچىلىك گامازا دىگەن تۇڭگان بىلەن يېقىن دوسىت بۇلۇپ قالدى .تۆمۈر  گامازا تۇڭگاندىن ،ئىچكىردە سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدە مانجۇلارغا قارشى ئىنقىلاپ بۇلۇپ،مانجۇ خانلىقى ئاغدۇرلۇپ ،خەلىق ئۆزى خالىغان كىشىنى سايلىسا بۇلدىغان << خەلىق دۆلىتى >> قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ،ئۆز يۇرتىدىمۇ زالىم شامەخسۇت خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى .
     1911-يىلى 12-ئايدا سۇن جۇڭشەننىڭ تەرەپدالىرى (گېلاۋخۇي) ئۈرۈمچىدە ۋە ئىلىدا قۇزغىلاڭ كۈتۈرگەن بۇلۇپ ،شۇ چاغدىكى شىنىجاڭنىڭ باش مەمۇرى ئەمەلدارى يۈەن داخۇا ،قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتقا خەت يېزىپ ،500 ئاتلىق ئەسكەر تەييارلاپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان .
     شۇ بۇيرۇققا ئاساسەن شامەخسۇت ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرى ئەسكەر ئېلىشنى باشلىغاندا ،تۆمۈر  مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،يۇرتمۇ -يۇرت يۈرۈپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ،بەزى كىشىلەر بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كەلدى .ئەسكەر  ئېلىش ئىشى تاماملانغاندىن كىيىن ،شامەخسۇت ئۇلارنى مىلتىق ،قىلىچ قاتارلىق قۇراللار بىلەن قۇراللاندۇرۇپ ،ھاجەر باقى بەگ قۇماندانلىقىدا ئۈرۈمچىگە يولغا سالدى .
    بۇ ئەسكەرلەر يولغا چىقىپ  توغۇچىدىن ئۆتۈپ،  تارانچى كۆمۈر  كېنىغا كەلگەندە ،تۆمۈر ئالدىن كىشىۋالغان سەيپۇڭ توختى،ئەنسارى ....قاتارلىق  كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھاجەر باقى بەگنى باغلاپ قويغاندىن كىيىن ،تۆمۈر ئەسكەرلەرنى يىغىپ <<  قېرىنداشلار نەگە بارسىلەر،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەزىز يۇرتنى تاشلاپ ،ئۈرۈمچى جاڭجۇڭى ئۈچۈن ئۆلگىلى بارامسىلەر ،شامەخسۇتنىڭ شۇنچە قىلغانلىرى يەتمەي ،ئەمدى بىزنى ئوققا تۇتۇپ بەرمەكچى بىلەمسىلەر ...............>> دىگەن مەزمۇندا  سۆز قىلىپ ،ئۇلارنى شامەخسۇتقا قارشى كۆرەش قىلىشقا ماقۇل كەلتۈردى .
     ئۇلار تۆمۈرنى باش قىلىپ ،تاغلىق رايۇنلاردا شامەخسۇتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قۇراللىق كۈرەشنى باشلاپ،كۆپ قىتىملىق جەڭلەردە غالىپ كەلگەندىن كىيىن،يۈەن داخۇا ئۆلكە رەئىسلىكىنى ياڭ زېڭشىنغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ئىچكىرگە قاچتى .


     شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۋالغان ھىلگەر ياڭ زېڭشىن ،تۆمۈر باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلارنى يۇقۇتىشقا كۈچى يەتمەي،تۆمۈرنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ،ئۇنىڭغا شىرىن-شىكەر سۆزلەر بىلەن خەت يازدى ۋە 1913-يىلى 3-ئايدا تۇڭگان باتالىيۇن كوماندىرى لى شۇفۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ ،قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىش يولى بىلەن ،<< ئالۋاڭ ياساقنى ئازايتىش،ۋاڭغا ھەقسىز بېقىپ بىردىغان " تۆمۈر چارۋا "تۈزۈمىنى بىكار قىلىش،ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنلارنى قوزغىلاڭچىلار ئۆزى ئىدارە قىلىش،قوزغىلاڭ سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنى قۇيۇپ بېرىش،ئۆزىنى قوغداشقا قۇرال ئېلىپ قىلىش  .....>> قاتارلىق تەلەپلەر قاندۇرۇلغاندىن كىيىن ،تۆمۈر 300 ئەسكىرى بىلەن  ئۈرۈمچىگە كىلىپ ھازىرقى 20-باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىغا جايلاشقان گازارمىغا ئورۇنلاشتى.  .شۇنىڭدىن باشلاپ تۆمۈر << تۆمۈر خەلىپە >> دىگەن نام بىلەن ئاتالدى .تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىدە 6 ئاي باتالىيۇن كوماندىرى بۇلۇپ ،1913-يىلى 9 -ئايدا  ھىلگەر ياڭ زېڭشىن تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ ، 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، تۇرپان ئاستاندا قوزغىلاڭ كۈتۈرۇپ  غەلبە قىلىپ ،تۆمۈر خەلىپە بىلەن بىللە ئالدانغان مۆيدىن يىڭجاڭ بىلەن  بىللە ،مافۇشىڭ (كىيىن قەشقەرگە دوتەي بولغان )



تەرپىدىن 42 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدى .تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئەسكەرلىرى قۇرالسىزلاندۇرۇلۇپ،  يۇرتىغا قايتۇرۇش نامى بىلەن گۇچۇڭنىڭ ئۇلانسۇ دىگەن يىرىدە پۈتۈنلەي قىرۋېتىلىدى .

مەنبە ؛ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ << ئىز >> ناملىق رومانى .

تىمىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى يوللاشقا ئامال بولمىدى .ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيارمەن .

0

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21687
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 09:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  قېرىندىشم  ئاڭلىمغان  گەپلەركەن  بولسىا كۆپرەك يوللاڭ بىز مۇ خاتا قاراشتىن ساقلىنايلى   
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 11:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم،ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدەنگەن يوللىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي.

1

تېما

2

دوست

2976

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9483
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 403
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 12:19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، ياخشى تېمىكەن . مەن تېخى ئاخشاملا ئوغلۇمغا « ئىز » رومانىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرغانتىم .

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

5781

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1764
توردىكى ۋاقتى: 402
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 12:31:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىغا قايتۇرۇش نامى بىلەن ،يول ئۈستىدە قىرغىن قىلغان.
بۇ قىرغىندا پەقەت بىرلا ئادەم يەنى ئەنسارىدىن دىگەن بىر ئەسكەرلا ھايات قىلىپ، كېيىنچە خۇجانىياز ھاجىغا ئەگىشىپ كۈرەش قىلىدۇ. خۇجانىياز ھاجى شېڭ شى سەي بىلەن كېلىشىم تۈزگەندە ،بۇ ھايات قالغۇچى كونا ئەسكەر، ھاجى بىلەن ئۆرۈمچىگە بىرگە بېرىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

19

تېما

4

دوست

7450

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1503
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 15:20:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن ،تېما ئىگىسىگە رەخمەت

0

تېما

0

دوست

409

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7539
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 16:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئەسلىمە

6

تېما

4

دوست

4231

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1087
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 17:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئەسلىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )