قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3828|ئىنكاس: 70

ئالىملىرىمىز ۋە باغداشلىقلارغا جىددى مۇراجىئەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

6041

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1976
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:50:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئالىملىرىمىز ۋە باغداشلىقلارغا جىددى مۇراجىئەت



ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھورمەتلىك دولەت ئىچى -سىرتىدىكى ئوستازلار ، باغداش تورىنىڭ بارلىق جاپاكەش ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ،  باغداش تور بىتىدىكى ئەزىز تورداشلار:
   
         دونيادا  ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا رىقابىتى مىسلىسىز كەسكىن بۇلىۋاتقان ۋە كۇنسىرى ئوتكۇرلىشىۋاتقان  نۇۋەتتىكى شارائىتتا ،تاشپۇلات رۇزى ، ئەركىن سىدىق ،شوھرەت مۇتەللىپ ، ساھىپجامال دولەت.......  قاتارلىق نۇرغۇن ئۇستازلىرىمىز مەيلى ئىجتىمائى پەن بولسۇن ياكى تەبئى پەن بولسۇن ، ئوز ساھەسى بۇيىچە جاپالىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ، ئاز بولمىغان نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرۇش بىلەن بىرگە  بىرقىسىم  مەكتەپتە ئۇقۇش ۋە تەتقىقات شارائىتىنى ھازىرلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشتى ۋە قۇشۇۋاتىدۇ . ئەمما ، مەندەك ئوزلۇگىدىن ئۇگەنگەن ۋە كەسىپ پۇتتۇرگەن نۇرغۇن دوستلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن تۇرلۇك ساھەلەردە ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ ، يىتەكچى بولماسلىق ، تەربىيلەيدىغان ئادەم بولماسلىق ، تەربىيلەيدىغان ئۇرۇن ۋە شارائىت بولماسلىق ...قاتارلىق ئۇزىمىزگە روشەن بولغان سەۋەپلەر ۋەجىدىن ئاز بولمىغان ھەرەجلەرنى تارتماقتىمىز .  نۇرغۇنلىرىمىز كوپرەك بىلىم ئىگەللەيلى دىسەك شارائىت يوق .بۇخىل ھالەتنى ئوزگەرتىشكە تورتكە بۇلۇپ ، تېخىمۇ كوپ يىڭىلىقلارنى يارىتىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردە كۇچلۇكلەر قاتارىغا يىتىشىۋېلىشىمىزنى تىزلىتىش مەقسىتىدە  ، ئىجتىمائى ئورنۇم بىلەن ھىساپلاشماستىن ، تۇۋەندىكىدەك مۇراجئەتنامە چىقاردىم، موھتىرەم ئۇستازلار ،ھورمەتلىك باغداشلىقلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قۇشۇشى ۋە قۇللىشىنى تۇۋەنچىلىك بىلەن سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.
1.ئالىملىرىمىزغا مۇراجئەت
      نۇۋەتتىكى كەسكىن ئىجتىمائى ، سىياسى ۋەزىيەت بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى بۇرچىنى ئادا قىلىشنى بارغانسىرى كۈچلۇك تەلەپ قىلىۋاتقان شارائىتتا ، ئالىملىرىمىزنىڭ مۇمكىن بولسا ، بىز دۈچ كىلىۋاتقان ئېغىرمۇشكۇلاتلارغا ماكان بولغان   رىئاللىقىمىزنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ، ئىمكانىيىتىڭلەرگە بىنائەن تۇۋەندە تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بىرىشىڭلارنى چەكسىز ھورمەت ۋە ئالەمچە ئىشەنچ بىلەن ئىلتىجا قىلىمەن .
      1)بىلىمخۇمار ئاكىمىز./thread-19793-1-1.htmlئوقۇغان قېرىنداشلارغا بىر تەكلىب دىگەن يازمىسىدا چاقىرىق قىلغاندەك دولەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىملىرىمىز ئوز ساھەسىىنىڭ ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ،تەتقىقات يۇزلىنىشى شۇنداقلا ئۇزى تەتقىقات جەرىيانىدا دۇچ كەلگەن مەسلىلەر ۋە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى ئىلان قىلىپ بىزنى خەۋەردا قىلساڭلار ، بىز ياردەم قىلالمىساقمۇ ئويلىنىپ باقساق، قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقساق.
      2)ئالىملىرىمىزنى تۇنۇشتۇرىدىغان ماقالىلەرنى يىزىپ ئىلان قىلساق ، ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇزىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ماقالە يازمىقى ئەپسىز ۋە تەس ، بىزدەك كەسىپ چۇشەنمەيدىغانلار  ئالىملىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان تەتقىقاتىغا باھا بىرەلمىگەچكە ، ئۇلارنى بىز يازساق ياخشى يازالمايمىز . ھازىرغىچە يىزىلغان مۇتلەق كوپ قىسىم ئالىملىرىمىزنى تۇنۇشتۇرىدىغان ماقالىلەر ئۇسۇپ يىتىلىشى ، ئۇقۇش ئەھۋالى ، دىسىرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ تىمىسى ، قىسقىچە تارىخى ئاساسلىق تۇنۇشتۇرۇلۇپ ، تەتقىقات نەتىجىسى يۇزەكىلا بىرىلىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ بۇلۇپمۇ تەبئى پەن ئالىملىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش  ئۇچۇن يىتەرلىك ئەمەس . مىنىڭچە ، يۇقارقىلار يىزىلىشى بىلەن بىرگە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان تەتقىقات تىمىسى ، ھەل قىلغان مەسلىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىرىلگەن باھا قاتارلىقلارمۇ يىزىلىشى كېرەك . بۇنداق ماقالىلەرنى ئادەتتىكى سەۋىيە بىلەن ۋايىغا يەتكۇزۇپ يىزىش نىسبەتەن تەس ، شۇڭا ، ئالىملىرىمىز ئۇزىدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىملىرىمىزنى تۇنۇشتۇرىدىغان ماقالىلەرنى يازسا ناھايىتى ياخشى يازالايدۇ.
           بۇ جەھەتتە بىلگەجان  ئالىملىرىمىزدىن شۇھرەت مۇتەللىپنى تۇنۇشتۇرۇپ ناھايىتى ياخشى تور ئۇنۇمى ۋە ئىجتىمائى ئۇنۇم ياراتتى  ۋە بۇنىڭ ئۇنۇمى كەلگۇسىدىمۇ كۇرۇلىدۇ. ئالىملىرىمىزىنى تۇنۇشتۇرۇش يالغۇز ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشلا بۇلۇپ قالماستىن ، بەلكى يەنە پوتكۇل جەميەتنى تەربىيلەش ، زىيالىيلارغا ھورمەت قىلىش، مائارىپنى يۇكسەلدۇرۇش ۋە ئوگنىشكە ئەھمىيەت بىرىش ، مىللى ئىشەنچنى كۇچەيتىش ، ئۇيۇشۇشچانلىقنى كۇچەيتىش ...قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ ۋە نەچچە ئەۋلاتلىق كەلگۇسىمىزگە ئاكتىپ تەسىرلەرنى كورسىتىدۇ.ئىشنىمەنكى ، ئالىملىرىمىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۇنسىرى سۇسلىشىۋاتقان ئۇگىنىش قىزغىنلىغى ئىجتىمائى كەيپىياتىنى قايتىدىن جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلالايدۇ ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۇرەلەيدۇ.
         3) مەيلى دولەت ئىچى  ياكى دولەت سىرتىدىكى ئالىملىرىمىز بولسۇن ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيدۇ ، نۇرغۇن بېسىم ۋە كىرىزىسلارغا ھەرۋاقىت ئۇچىراپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئەركىن سىدىق ، تاشپۇلات رۇزى ،  بىلگەجان ....قاتارلىق ئالىملىرىمىز قىممەتلىك ۋاقىت ئاجىرىتىپ ، بىزگە كۇڭۇل بۇلىۋاتىدۇ ، بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىزنى تەربىيلەۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەنلا قالماي  بىزنى ئىسىل تىمىلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، تاشپۇلاتكام تۇنۇشۇش ./thread-19717-1-1.html تىمىسىدىكى ماقالىسىدە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تۇرغا چىقىپ بىر نەرسە يىزىشنى تەشەببۇس قىلغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ - بىر خاسىيەتلىك باشلىنىش ، مىنىڭچە ، بىزنىڭ بارلىق ئالىملىرىمىز مۇشۇنداق ئۇزئارا تەشەببۇس قىلىشىپ ۋە  بىر قىسىم <<دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت>> لىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇمۇميۇزلۇك ھەرىكەتلىنىش چاقىرىقى چىقىرىپ ، ھەممە ئالىملىرىمىز پارچىلىنىش ، ئۇمىتسىزلىك ، زەئىپلىشىش ، بىلىمسىزلىك، ئىتبارسىزلىق ...لار ئىلىكىدە قالغان ئىجتىمائى جەميىتىمىز ئۇچۇن  پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەشتىن ئىبارەت يۇكسەك ئىجتىمائى  ۋە ئەخلاقى مەسئۇليەتنى ئۇز ئۇستىگە ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
         4) نۇۋەتتە تۇرلۇك ئۇقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ، ئۇقۇۋاتقان ياكى يۇقۇرىلاپ بىلىم ئېلىش ئۇچۇن كېچىنى كۇندۇزگە ئۇلاپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بار ، ئۇلار قوللاشقا ، كۇيۇنۇشكە مۇھتاج ، ئېھتىمال ، ئىككىلىك خەت ، بىر جۇملە ئىنكاس ، بىرنەچچە مىنۇتلۇق توكسۆز(تېلېفۇن) ياكى بىر تال قىسقا ئۇچۇرىڭلار بىلەن ياخشى ئۇقۇش، تەتقىقات شارائىتىغا ئىرىشىشى مۇمكىن ، مەن  يېقىندا داۋالىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدە بىر نەچچە ئاي تۇرۇش جەرىيانىدا قاسىم سىدىق مۇئەللىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالىمىمىز ساھىپجامال خانىمنىڭ ئىككى نەپەر ئاسپىرانتى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ( ئۇلار مىنىڭ بىر پارچە ماقالەمنى كۇرۇپ بەردى ۋە ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەردى ، مەن ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم كىتاپلارنى ئونۋېرسىتىت كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەتكە ئاچىقىپ بەردى، مەن مۇشۇ پورسەتتىن پايدىلىپ ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.). ئۇلارنىڭ بىرى 8-ئايدا ساھىپجامال خانىمنىڭ خېتى بىلەن ئىتالىيەگە ئۇقۇشقا بارىدىغانلىغىنى خوشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ، مەن بۇنى ئاڭلاپ خۇددى ئۇزەم چىقىدىغاندەك خۇشال بولدۇم ، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساھىپجامال خانىمغا ۋە باشقا مۇشۇنداق ئۇلۇغ تۇنۇشتۇرۇشلارنى قىلغان ئالىملىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يەردە مۇراجىئەت قىلىمىزكى: ئىمكانىيىتىڭلارنىڭ يىتىشىچە ئۇقۇش ۋە تەتقىقات ئۇچۇن تىرىشىۋاتقان ئەزىزلىرىمىزگە ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇزۇڭلار.
         5) جەميىتىمىزدە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ، ئوزلۇگىدىن ئوگىنىۋاتقان قاسىم سىدىق مۇئەللىمگە ۋە...... ماڭا ئوخشاش كىشىلىرىمىز بار ، سىلەرنىڭ بىر قۇر ياخشى ئىنكاسىڭلار ، ياخشى باھايىڭلار ، مۇئەييەنلەشتۇرۇشىڭلار بىزگە ئالەمچە ئىلھام ۋە ئۇمۇرلۇك رۇھى ئۇزۇق بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا ، ئىمكانىيەت بولسا ، شارائىتىڭلارنىڭ يار بىرىشىچە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قوللىشىڭلارنى چىن كۇڭلۇمدىن ماڭا ئوخشاش ئوزلۇگىدىن ئۇگەنگۇچىلەر ۋە ئىزدەنگۇچىلەرگە ۋاكالىتەن سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.
         مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئالىمىمىزغا مەن ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى خەۋەرلەندۇرۇپ ، ماقالىسىنى ئەۋەتسەم  كۇرۇپ بىرىش توغرىسىدا خەت يازغان ئىدىم . ئالىمىمىز ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن  بولسا كېرەك تورغا ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى .مىنىڭ قارىشمچە  ماقالىنىڭ كەسپىيلىگى ۋە مەخپىيەتلىگى نىسبەتەن كۇچلۇك بولغاچقا تورغا ئىلان قىلمىدىم ھەم باشقا ئۇرۇنلارغىمۇ سۇنمىدىم ، ئەمما ، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىغى ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىگى.....دە ئۇگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى بىر نەچچە يىل تاشلاپ قويدۇم ، ئەينى ۋاقىتتىكى يازمىلىرىممۇ چاشقانغا يەم بۇلۇپ  كەتكەچكە قايتىدىن يىزىشقا توغرا كىلىۋاتىدۇ .
        يېقىندا مەن ئىلخەت ئادىرىسىمىنى تورغا ئىلان قىلىپ كۇرۇپ بىرىشنى خالايدىغانلار بولسا بىر پارچە ماقالىنى ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىغىمنى يازدىم ، بۇنىڭدىن چەتئەلدە ئۇقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز (مەنمۇ تۇنۇمايمەن)نىڭ خەۋىرىگە بىنائەن ئالىمىمىز تاشپۇلاتكام  ئاكىمىزى ۋاقىپلىنىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا خەت يىزىپ  ماقالىنى كۇرۇپ بىرىشنى خالايدىغانلىغىنى  ۋە ئەۋەتىپ بىرىشىنى دەپ خەت يىزىپتۇ ، (بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى بىز تاشپۇلاتكامغا يازدۇق دەپ ئاۋال يازغان خىتىمىز باشقا بىر ئالىمىمىزغا كەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئالىمىمىزدىن -ئىلخەت ساندۇغىنى ئاچمىغان بولسا كېرەك ، ھازىرغا قەدەر جاۋاپ يوق ، ئەسلىدە جاۋاپ بىرىش مەجبۇرىيىتىمۇ يوق ئىدى ، بىزنىڭ باشقىلاردىن نارازى بۇلۇشقا ھىچقانداق ئاساسىمىز يوق )، شۇنىڭدىن كىيىن تاشپۇلاتكام قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرىتىپ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىنى كۇرۇپ بەردى ، كوپ قېتىم خەت يىزىش ۋە توكسۆز قىلىش ئارقىلىق ماڭا چەكسىز ئىلھاملارنى بەخىش ئەتتى، شۇ تورتكىدە يىزىۋاتقان  35 بەتلىك يەنى 400 كىلۇبىتلىق ماقالىنى تاماملاپ ئەۋەتتىم ، تاشپۇلاتكام فورمۇلىلار (ماقالىدە ئىزاھلانغان بەلگە180 ئەتىراپىدا ، يىڭىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان فورمۇلا 150 ئەتىراپىدا بۇلۇپ  ،مۇتلەق كوپ قىسمى توت ئولچەم شەكىلىدە بىرىلگەن)نى بىرمۇ بىر يىشىپ تەكشۇرۇپ كۇرىۋېتىپتۇ . مەن  بۇ يەردە ئوستازىم تاشپۇلاتكامغا چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بارلىق قانۇنىيەتلەرنى ياراتقۇچىدىن ھەممە ئىشلىرىغا ئاسانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن .
        مىنىڭ يۇقارقىلارنى بايان قىلىشىمدىكى مەقسەت ئالىملىرىمىزدىن ماڭا ئوخشاش ئىزدىنىۋاتقانلارغا تاشپۇلاتكام ماڭا خالىس ياردەم بەرگىنىدەك ياردەم بىرىشنى  ئۇتۇنۇشتىن  ئىبارەت.
        بۇ تۇرلۇك ئىشنىڭ كۇڭۇللۇك ، ئۇڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن باغداشتا ياكى خالىغان باشقا بىر تۇربەتتە مەركەزلىك ھالدا ئالىملىرىمىزنى تۇنۇشتۇرىدىغان مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىنسا ۋە ئالىملىرىمىز شۇ يەرگە ئۇزىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى  ، كەسپىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ماقالىلەرنى ئىلان قىلسا(بۇ مەجبۇرى ئەمەس ئەلۋەتتە.) ، ئىزدەنگۇچىلەر ئىزدىنىش دائىرىمىز بۇيىچە سىلەرنى ئىزدىسەك ، شارائىتىڭلارنىڭ يىتىشىچە بىزنىمۇ يىتەكلەپ قويساڭلار.
        6) مۇتلەق كوپ قىسىم ئالىملىرىمىز دەرس مۇنبىرىدە دەرس بىرىسىلەر ياكى تۇرلۇك ئىلمى يىغىنلارغا قاتنىشىسىلەر ، بىزنىڭ سىلەرنىڭ دەرسىڭلار ۋە دوكلاتىڭلارنى ئاڭلىغىمىز بار بولسىمۇ بىراق ئىمكانىيەت يوق. بۇ ھالەتنى ئوزگەرتىش ئۇچۇن شارائىتىڭلارنىڭ يىتىشىچە سىلەر ئوتكەن دەرس ياكى قىلغان تەجىرىبە ۋە ياكى بەرگەن دوكىلات نەقمەيدانىنى مەخپىيەتلىك دائىرىسىگە ياتمىسا سىنغا ئېلىپ  ،مەركەزلىك ھالدا تور بۇشلۇقىغا چىقىرىپ قويۇشىڭلارنى  تەكلىپ قىلىمەن. بىز شۇ تور بۇشلۇغىدىن  مۇشتىرى بۇلۇپ پايدىلانساق ناھايىتى ياخشى ئۇنۇم ھاسىل قىلغىلى بۇلاتتى .
       شۇنىڭغا چۇڭقۇر ئىشنىمىزكى ئالىملىرىمىز يۇقارقى مۇراجئەتنامىنى قىزغىن قوللاش ئارقىلىق ، جەميىتىمىزنىڭ يوكسىلىشى ، ئەزىزلىرىمىزنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتى ۋە ئىنسانى ھۇقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ، كۇنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائى ، ئەخلاق......كىرزىسى بېسىمىنىڭ يىنىكلىشى ئۇچۇن زۇرۇر  قۇشالايدۇ ۋە قۇشىدۇ.
چۇنكى ئالىملىرىمىز كىشىلەر ئىجتىمائى بۇرچىنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە ئوز ھەركىتىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىغىنى ېە نىمە نەتىجە ئېلىپ كىلىدىغانلىغىنى ئېنىق بىلىدۇ!
    مۇھتەرەم ئۇستازلار ۋە ھورمەتلىك تورداشلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتىنى چىقىرىپ مەزكۇر يازمىنى كورگەنلىكىگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىمەن، كورمىگەنلەرگە كورگەنلەرنىڭ خەۋەر قىلىپ قۇيۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن. يۇقارقى مۇراجئەتكە ئىمزا سۇپىتىدە قۇشۇلساڭلارمۇ ، قۇشۇلمىساڭلارمۇ ئىنكاس يىزىشىڭلارنى كەم قالغان ، خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا ئالىملار ۋە تورداشلارنىڭ  قىممەتلىك پىكىرىنى بىرىشىنى تىلەيمەن.  
چەكسىز ھورمەت ، ئالەمچە ئىشەنچ   ، قېرىنداشلارچە ئۇمۇت  بىلەن : مۇھاكىمە

2013.9.20

2.باغداشقا مۇراجىئەت
باغداش تور بىكېتىمىز نۇرغۇن ئىسسىق سۇغۇقلارنى بېشىدىن كەچۇرۇپ ، ئاجىزلىقتىن كۇچۇيۇپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ ، نۇرغۇن ئەگىرى تۇقاي مۇساپىلەرنى بېىسىپ ، بېكەت مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىرى  ، كەڭ ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى ، تورداشلارنىڭ قوللىشى ، پارتىيە - ھۇكۇمەتنىڭ غەمخورلىغى بىلەن بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئويغۇرلارنىڭ نۇپۇزلۇق تور بېكىتىگە ئايلاندى . مەن بۇنىڭدىن كىيىن مەزكۇر بېكەتنىڭ  تېخىمۇ گۇللەپ - روناق تېپىشى ئۇچۇن باغداشقا تۇۋەندىكىلەرنى مۇراجئەت قىلىماقچىمەن:
1) ئەزالارنىڭ تور پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىپ ، قارا تىزىملىك تۇزۇمىنى يولغا قۇيۇپ ، ئەخلاق ، قانۇن ۋە سىياسەت بۇيىچە  تىما -ئىنكاس يوللاشقا كاپالەتلىك قىلساڭلار . نۇۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە شارائىتلار جۇملىدىن ئەخلاق مۇھىتىمىز مۇئەييەن تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملىرىمىزگە روشەن بولسىمۇ ئازساندىكى ئەزالىرىمىز تىما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا بۇلارغا دىققەت قىلمايدىغان ، ھەتتا ، چوڭلارنى ھورمەتلىمەي قوپال سوزلەرنى قىلىدىغان ، ئوزئارا ئەپسانىۋى سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان ، ھە دىسىلا بىلىپ تۇرۇپ تىما-ئىنكاسنى باشقا ياققا بۇرايدىغان ......ئىشلارنى سادىر قىلماقتا ، مۇشۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ، ئىنكاس ۋە تىما يىزىشىنى چەكلەش ، ئەزالىقتىن قالدۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى يۇرگۇزۇش ئارقىلىق چەكلەپ ، باغداشنىڭ ئامانلىقى ، تورداشلارنىڭ ئىناقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلساق.
2)  <<ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت>>تە ئۇتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەرگە ماس ھالدا ئالىملارنى تۇنۇشتۇرۇش  ، دەرسخانا ، كىتاپخانا ، سىنخانا (كىنۇخانىلار بىزدە يىتەرلىك ، شۇڭا ، لىكىسىيلەر قۇيۇلسا) ، ئالىملار ئالبومى قاتارلىق سەھپىلەرنى شارائىتىڭلارنىڭ يار بىرىشىچە تەييارلاش ئارقىلىق باغداشنى ئۇگىنىش قىلىش سۇرۇنىغا ئايلاندۇرۇپ ، ھەممەيلەننى نەپكە ، بىلىمگە ، سەگەك تەپەككۇرغا ئىگە قىلىشقا تىرىشساق.  
3) باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار ئىچىدىن تەرجىمانلار قۇشۇنى تەشكىللەپ ۋە زورايتىپ ، تەبئى پەن ، ئىجتىمائى پەن بىلىملىرى  ۋە ۋەزىيەت  خەۋەرلىرىگە ئائىت تىمىلارنى كوپەيتىپ ، بىز تورداشلارنىڭ باغداشتا سەيلە قىلىپ يۇرۇپ ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار بۇلۇشىغا  كۇچ چىقارساق.
4) سۇپەتلىك ئىلانلارنى قۇشۇپ ، باغداشنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە كارخانىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش ، تورداشلارنى نەپكە ئىگە قىلىشقا تىرىشساڭلار  ۋە بىر قىسىم ياخشى تىمىلارنى مۇكاپاتلاش تۇزۇمىنى يۇلغا قۇيۇشقا ئىقتىسادى شارائىت ھازىلىساڭلار ياخشى بۇلۇشى مۇمكىن. بىرقىسىم ئىقتىساد بىلەن تەبئى پەن ماقالىلىرىدىكى فورمۇلا يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسىنى ھەل قىلساڭلار.
5) ئىسىل تىمىلارنى ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەش ، مۇكاپاتلاش تۇزۇمىنى يولغا قويساڭلار .
6) باغداشلىقلار تور ئالبۇمى  قەرەللىك ئىشلىنىپ ، باغداشتا نادىر تىما ، سەرخىل ئىنكاسلارنى باھالاپ ياكى باھالاشقا تەشكىللەپ ، تىما -ئىنكاس يازغۇچىنى ۋە تىما-ئىنكاسىنى تۇنۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرساق.
مىنىڭچە باغداش تورى يۇقۇرقى مۇراجىئەتنى قۇبۇل قىلىپ ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەل قەلبىدە تېخىمۇ  گۇللەپ ياشنايدۇ!.

داۋامى_

3.تورداشلارغا مۇراجىئەت
ئويغۇر تورچىلىقىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق باغداش  قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەرخىل تور بېكەتلىرىمىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگى ، تورداشلارنىڭ ئىجاتچانلىققا تولغان قوللىشى بىلەن كۇنسىرى يۇكسىلىپ روناق تاپقان بولسىمۇ بىراق بىر قىسىم  تور بېكەتلىرىمىز بېكەتنىڭ ئۇزىدىكى يىتىشسىزلىكلەر ، شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى  ، شۇنداقلا تورداشلىرىمىزنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى ، ئەخلاقسىزلىقى ۋە ئىجتىمائى بۇرچىنى ئۇنۇتقان ئىنكاس - تىمىلىرى سەۋەبى ۋە باشقا تۇرلۇك ئھتىياجلار ۋەجىدىن تاقالدى ياكى چولدەرەپ قالدى  ۋەياكى ئىناقسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ماكانىغا ئايلاندى......... مەن تورچىلىقىمىزنىڭ كۇنسىرى گۇللەپ - روناق تېپىشى ، خەلقىمىزنىڭ توردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىشىغا داۋاملىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ بۇلۇشى ۋە كەلگۇسىمىزنىڭ گۇزەللىكلەر ۋە گۇللىنىشلەرگە شاھىت بۇلۇشى ......... ئۇچۇن باغداشتىكى ۋە باشقا تور بېكەتلىرىمىزدىكى تورداشلارغا تۇۋەندىكىلەرنى مۇراجئەت قىلىماقچىمەن:
1) بارلىق تورداشلار تور پائالىيىتىمىزگە ئەڭ ئەقەللى ۋە ھەممىمىزگە ئايان  بولغان ئەخلاق ، قانۇن ۋە ئىجتىمائى ئولچەملەرنى تەدبىقلاپ ، ھەربىر ئىنكاس ، ھەربىر تىمىلىرىمىزغا مەسئۇل بولۇپ ئۇزىمىز ۋە باشقىلارنى تەربىيلەشكە ، تور بەتلىرىمىزنىڭ گۇللىنىشىگە ، كەلگۇسىمىزنىڭ پارلاق بۇلۇشىغا ئەڭ زور ئىمكانىيەتلەرنى قالدۇرساق.
تورداشلار !
بىلىشمچە ،كەم دىگەندە 2000يىللار مابەينىدە ، ھەرقانداق بىر دولەتتە قانۇن ، ئىدارە قىلغۇچىدا سىياسەت ، جەميەتتە ئەخلاق ، ئىجتىمائى توپتا تۇزۇم ، ئائىلىدە قائىدە مەۋجۇت بۇلۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ،  بىز نىمە ئۇچۇن تور مۇھىتىدا ئۇزىمىز تۇرىۋاتقان كونكىرىت شارائىتلارنى ئويلىمايمىز ، ئويلاشمايمىز !
2) توردا نۇرغۇن تور ئەخلاقىغا جۇملىدىن ئىجتىمائى گۇزەل ئەخلاقىمىزغا خىلاپ سۆز بايانلار مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ۋە ئۇزلۇكسىز روياپقا چىقىدىغان بولسىمۇ ، ئەيىپلەيدىغان تورداشلار نىسبەتەن ئاز ، ھەتتا بىر قىسىم ئىشلار ۋە ئىنكاسلار ئۇچۇن ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق بۇلۇپ كىتىمىز ، ئەجىبا بىز بۇنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتتۇقمۇ؟
شۇڭا ، تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ،مۇراجئەت قىلىدىغىنىم ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئەخلاق ئولچىمىمىزگە خىلاپ بولغان سۆز ئىنكاسلارنى قالدۇرغۇچىلارنى تەربىيلەيلى ، ئۇلارنى گۇزەللىككە تولغان، مىھىر -مۇھاببەتتە سۇغۇرۇلغان، قىرىنداشلارچە كۇيۇنۇشكە تۇيۇنغان ئىبارىلىرىمىز ۋە ئەمەلىي تور ھەركىتىمىز بىلەن ئەخلاققا دالالەت قىلايلى ، ياخشىلىققا جۇرايلى! بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزىدىن ئەلا نىمىمىز بار؟ نىمىمىز قالدى؟ بىز مۇشۇنداق قىلىپ يۇرۇپ ،  بىر ئىناقسىزلىق ئۇرۇقلىرىنى بارغانلا يىرىمىز ، قىلغانلا سۇزىمىز، بېجىرگەنلا ئىشىمىزدا تېرىساق كەلگۇسى بىزگە قانداقمۇ مۇھاببەت ئۇرغۇپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قارىسۇن؟!
3)ھەممەيلەن تىما يىزىشقا تىرىشايلى . مىنىڭ تەخمىنەن ھىسابىمدا بىزدە بىر مىليۇندىن ئارتۇق تورداش بار ، ھەممىمىز تىما يىزىشقا تىرىشساق تىما يازالايمىز ،  ئۇزىمىزنىمۇ ئۇزگىنىمۇ تەربىيلەپ  غايەت زور ئىجتىمائى ئۇنۇم يارىتالايمىز .
بىز تەڭرىتاغنى تۇزلىۋەتكۇدەك جاسارەت ۋە كۇچ -قۇۋۋەت بىلەن ئۇھ تارتساقمۇ ، ئېچىنساقمۇ  ، ھەتتا يېغىلاپ -قاقشىساقمۇ مائارىپىمىز (يالغۇز مەكتەپ مائارىپىمىزنى دىمەكچى ئەمەسمىز)قالدۇرۇپ قويغان بوشلۇقنى خېلى ۋاقىتلارغىچە تولدۇرۇپ بۇلالمايمىز،  ئۇنداق قىلىش ياخشى چارە ئەمەس، ھەم شۇنداق قىلىشىمىزنىڭ ئورنى ۋە زۇرۇرىيىتىمۇ يوق! نىھايەت ، بىز مۇشۇنداقلا بولدى قىلساق بولامدۇ؟ ياق! بولمايدۇ!ھەرگىز بولمايدۇ؟.
ھەممىمىز ئۇز ساھەيىمىز ، كەسپىمىز ياكى قىزىقىش دائىرىمىز بىلەن ئويلىغانلىرىمىزنى تورغا يازساق ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسا ، خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا بىلىدىغان تورداشلار ، تۇزىتىش پىكىرىنى بەرسە ، ئۇزىمىزنىمۇ ئۇزگىنىمۇ تەربىيلەش ئۇنۇمىگە ئىرىشىپلا قالماستىن بەلكى يەنە مائارپىمىزدىكى يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان كاۋاكلارنى ئاز بولسىمۇ تولدۇرىۋېلىشىمىز ھەتتا ، بىر قىسم ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئىرىشەلىمىز مۇمكىن ئەمەس دەپ قايسىمىز ئېيتالايمىز؟!
4) ھەرقانداق بىر تىمىغا <<قۇرۇق قول>> بارمايلى.بىزدە نۇرغۇن ياخشى يازمىلار بار، ئەلۋەتتە ئايرىم سۇپەتسىز يازمىلارمۇ يوق ئەمەس. مەيلى ياخشى تىمىنى كۇرەيلى ياكى بىر قەدەر سۇپەتسىز تىمىلارنى ئۇقۇيلى تىمىدا ئىزىمىز قالسۇن!. تىمىنىڭ ياخشى يامان بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەڭ كىمىدە يازغۇچى ئەجىر سىڭدۇرىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ. بىز يازغۇچىنىڭ تىمىسىدىكى مەزمۇنلارنى چۇشىنىش - ياكى چۇشەنمەسلىگىمىزدىن قەتئىنەزەر ھىچبولمىغاندا << رەھمەت>>تىن ئىبارەت ئالتە ھەرىپلىك ئىنكاسمىزنى قالدۇرۇپ قويساق گەرچە تور بەت ئىسراپچىلىغىنى كەلتۇرۇپ چىقارسىمۇ يازغۇچى خۇشال بۇلىدۇ، كوڭلى تەسكىن تاپىدۇ ۋە دائىم تىما يازىدىغان ، تىرىشىدىغان بولىدۇ. خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنى بايقىساق يۇللۇق ۋە ئەدەبلىك ئىنكاسلىرىمىز بىلەن تۇزەتمە پىكىرىمىزنى ئىنكاس قىلساق ، ھىچ بولمىغاندا باشقا تورداشلىرىمىز بولسىمۇ نەپكە ئىرىشىدۇ.
5) شارائىتىمىزنىڭ يار بىرىشىچە تور بەتلىرىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايلى . بۇنداق دىيىش ئارقىلىق تور بېكەتلىرىمىزگە پۇل ئىئانە قىلىڭ دىمەكچى ئەمەسمەن، بىراق شۇنداق قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تور بېكەتنى ئاسراش، قۇرۇش ، مۇكەممەللەشتۇرۇش ، بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشقا ئۇسكۇنە ، ئۇرۇن ، ئىقتىدار ۋە ئادەم كۇچىدىن باشقا يەنە بەلگىلىك ئىقتىساد كىتىدۇ ، بەزى تور بېكەتلىرىمىز مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئىلان -تەشۋىقات ئورنى تەسىس قىلغان، مۇشۇ ئۇرۇنلارغا ھەقلىق يۇسۇندا سۇپەتلىك مەھسۇلاتلىرىمىز بولسا ئىلانىنى بەرسەڭلار ، باشقا تورداشلارمۇ ئىلانىڭلار ئارقىلىق مەھسۇلاتىڭىلارنى چۇشىنىپ ئىمكانىيىتى ۋە ئېھتىياجى بۇيىچە سېتىۋالسا ، ھەممە تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتلەنسە ياخشى بۇلىدۇ.........
6) تور بېكەتلىرىمىز ئۇيۇشتۇرغان تۇرلۇك پائالىيەتلەرگە ئىمكانىيىتىمىز يىتىشىچە قاتنىشايلى. بەزى تور بېكەتلىرىمىز قەرەللىك ياكى قەرەلسىز تۇردە تورداشلار يىغىلىشى  دىگەندەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەۋاتىدۇ ، مىنىڭچە مۇشۇنداق پائاليەتلەرگە قاتنىشىش بىزنى ئۇيۇشۇشچانلىققا ، تېخىمۇ كەڭ نەزەرگە ۋە چۇشىنىشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ، بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئەخلاق ، قانۇن ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان شەرت ئاستىدا قاتنىشىپ ، پىكىر ئالماشتۇرساق خوشاللىنارلىق ئەسلىملەر تارىخىمىزغا گۇۋاھ بۇلۇشى بىلەن بىرگە ھەممىمىزگە پايدىلىق.
ئىشنىمىزكى تورداشلار يۇقۇرىدىكى ئالتە تۇرلۇك مۇراجئەتنامىنىڭ روھى شۇنداقلا ، كوپلىگەن تورداشلار تەكىتلىگەن ئىنكاس-تىما سەرخىل بۇلۇش، ئىملا توغرا بۇلۇش ، پىكىر مەنتىقىلىق بۇلۇش......تىن ئىبارەت تەلەپلەر بۇيىچە ئويغۇر تورچىلىغىمىزنىڭ گۇللەپ ياشنىشى ۋە بەختكە پوركەنگەن كەلگۇسىمىزنى يارىتىش ئۇچۇن تىرىشىدۇ.
تورداشلارنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىنى كەم قالغان تەرەپلەر بولسا تۇلۇقلاش پىكىرىنى بىرىشىنى  ، خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا تەنقىدى پىكىرىنى بىرىشنى شۇنداقلا قوللاش قوللىماسلىقى توغرىسىدا ئىنكاس سوپتىدە ئاۋاز بىرىشىنى تۇۋەنچىلىك بىلەن  سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.
********************************************************************************************************************************************************
مۇھتىرەم ئۇستازلار ، جاپاكەش بېكەت مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلار ، قەدىرلىك تورداشلار :
شۇنىڭ بىلەن ئۇزەمنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىجتىمائى ئۇرنۇمنى ئويلاشماي  3ساھەدىكلەرگە باغداشنى ئۇز ئىچىگە ئالغان ئويغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى ئۇنۇمىنى  ئاشۇرۇش مەقسىتىدە يازغان  18 تۇرلۇك جىددى مۇراجىئەتنامەم   جىددىچىلىكتە  يىزىلىپ ، ھازىرچە مۇشۇ يەردە جىددىيلا ئاياقلاشتى.
بارچە ئەلدە كۇنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتلەر ، جەميىتىمىزنىڭ گۇللىنىشى ۋە كىلەچەكنىڭ گۇزەل ئارزۇلىرى  ھەربىرىمىزنىڭ ئىجتىمائى بۇرچىمىزنى پىداكارلىق ۋە خالىسانىلىك بىلەن ئادا قىلىشىمىزغا تەققەززا بۇلىۋاتقان مەۋجۇتلۇقنى تەپەككۇر نۇرلىرىمىز بىلەن يۇرۇتۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن مەزكۇر مۇراجئەتنامىگە مۇئامىلە قىلىدىغىنىمىزغا چەكسىز ئىشىنىمەن .
مۇھتىرەم ئۇستازلار ، جاپاكەش بېكەت مەسئۇللىرى ۋە باشقۇرغۇچىلار ھەم قەدىرلىك تورداشلارنىڭ  بۇ تىمىدا نامۇۋاپىق تەرەپلەر ۋە سەۋەنلىك خاتالىقلار بولسا قىممەتلىك پىكىرىنى ئايىماسلىقىنى ، كەم قالغان تەرەپلەر بولسا تۇلۇقلاش ئىنكاسىنى يىزىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇتۇنىمەن.
بۇ مۇراجىئەتنامىگە قۇشۇلىدىغانلارنىڭ ئىنكاس سۇپتىدە پىكىرىنى بىرىدىغانلىقىغا ئۇمىتۋارمەن .

ئەسكەرتىش:مەزكۇر تىمىنى باغداش تورىنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ خالىغان بېكەتكە ئاپىرىپ چاپلىسىڭىز ۋە قانۇن ، ئەخلاق يول قويغان دائىرىدە ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
ھەممەيلەننىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇڭۇشلۇق ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ، تۇرمۇشىغا بەخىت ، كۇڭلىگە شاتلىق ، ئائىلىسىگە خوشاللىق، تەتقىقاتىغا يىڭى نەتىجە ، ئۇگۇنۇشىگە ئۇنۇم، تىجارىتىگە روناق ، دىلىغا ئىتقاد يار بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
كامالى ئېھتىرام،ئالى سالام بىلەن:مۇھاكىمە
2013.9.20.21
  

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 2443
توردىكى ۋاقتى: 965
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ بۇ تېما ئارقىلىق نەزەر دائىرىمىزنى كىڭەيتىدىكەنمىز.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

859

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ھەممىمىزنىڭ كوڭلىدىكى تەكلىپ ، قوللايمىز ، چۇنكى بىز ئالىملىرىمىزنىڭ  ئىش-ئىزلىرىدىن  روھى ئۇزۇق ،مەنىۋى كۇچ  تاپىمىز . ئولىۋاتقان ۋىجدانىمىزنى  ئويغىتىمىز .

alkANAT

0

تېما

9

دوست

2952

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 387
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق قوللايمەن قېرىندىشىم! بەك مۇھىم بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئەجرىڭىزنى  ئاللاھ بەرسۇن!
باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ:بۇ تېما پەسكە چۈشىۋېرىپ يېڭى تېمىلارغا كۆمۈلۈپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ تېمىنى تەۋسىيىلىك تېمىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.

تارىخ يەڭگۈچىلە

0

تېما

0

دوست

245

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   81.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13516
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 59
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەر ئىكەن. باغداش مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيىسىىنىڭ مۇۋاپىق قارىغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

0

تېما

5

دوست

1602

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1007
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 03:38  

مومكىن بولسا بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويساڭلار بولاتتىكەن...
كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەن.
ئىنشائاللا تىرىشىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.22 ياشتىكى نۇرغۇن ئۈمۈتلۈك بالىلار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن،شۇ ياشتا ئىنگىلىزچە ،خەنزۇچە،تۈركچە قاتارلىق تىللار ۋە ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى خىلى يىتەكلەپ ماڭغان بالىلار ئاز ئەمەس.بەلكى ھازىرقى ۋاقىتتا ئىقتىساد مەسىلى ھەممىسىنىڭ پۇتىغا نىسبەتەن بىر كىشەن،ئۇندىن باشقا يول خىتى ئىمكانسىزلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بار.
ئەمما ئىنشائاللا ئۇلار ھامان يولىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ماڭىدۇ.مەنمۇ شۇ .ئاللاھ ئىگىمىز ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرسۇن ...
بۇ تىمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك ھەممىمىز چوقوم قولومىزدىن كىلىشچە تىرىشىشىمىز لازىم.چوڭلىرىمىزنىڭ بىزگە سۆزلىگەن ئادەتتىكى سۆزى بەلكىم بىز ئۈچۈن موھىم بۇرۇلۇش ياكى ئۇچۇر مەنبەسى بولوپ قىلىشى مومكىن

48

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   17.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2559
تۆھپە : 3404
توردىكى ۋاقتى: 3013
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەكلىپلەر، قوللايمەن.

0

تېما

0

دوست

1807

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13256
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 411
تۆھپە : 285
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىماسلىققا باھانىمىز يوق。جېنىمىز بىلەن قوللايمىز

0

تېما

0

دوست

120

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22016
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر

1

تېما

1

دوست

1519

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8744
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇلغان ئالىملىرىمىزنى تېلۋىزورلاردا تونۇشتۇرسا، كەڭ تەشۋىق قىلسا، ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، بىرچاغلاردا تەڭرىتاغ گۈلزارى دەپ بىر سەھىپىدە ئىجتىمائىي پەنلەردە تونۇلغان ئارتسلارنى، ئاز-تولا يازغۇچىلارنى تونۇشتۇرىۋىدى، تەبىئىي پەندە تونۇلغانلارمۇ تەڭرىتاغنىڭ تىكەنلىرى ياكى شۇمبۇيىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇلارمۇ تونۇشتۇرۇلىشى لازىملىقى ھەققىدە بىر توربېتىدە تەكلىپ پىكىر بىرىۋىدىم، ئەپسۇس، ئۇلارنى تونۇشتۇرۇشقا پۇرسەت بولمايلا قالماي، تەڭرىتاغ گۈلزارىمۇ يوقاپ كەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )