- تىزىملاتقان
- 2013-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-11
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 9511
- نادىر
- 9
- يازما
- 122
ئۆسۈش
100%
|
ئىلاۋە : بۇ تېمىنى توردىكى ئادەتتىكى بىر ئەسەر دەپ سەل چاغلىىماڭ،چۈنكى ئەسەر ئىچىدە بىز ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ،بەزىدە بالىلارغا قاراپ «ئۇيغۇر جەميىتىدە قانچىلىك تالانتلىق باللىرىمىز بار ؟ بىز شۇلارنى قانداق تەربىيلەپ تالانتىنى ۋەيران قىلدۇق ؟ شۇنىڭلىق بىلەن قانچىلىگەن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن باللىرىمىز بىز كۈتكەن يەردىن چىقماي بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى ؟ ياخشى بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاقىۋەتتە بۈيۈكلۈك چوقىسىغا چىققانلار يوق ھېسابتا ؟ ئۇيغۇرلاردا راستىنلا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن ئۈمىد يوقمۇ ؟» دەپ سورىغىمىز كىلىدۇ .لىكىن بىلىپ قويۇڭ ، بۇ ئۈمىد يوق دىگەنلىك ئەمەس ، ئۈمىد بار ، پەقەت بىز بالا بېقىشتىكى قارشىمىزنى ،ئۇسۇلىمىزنى توغىرلىساق ، ئەتىگەندىن كەچكىچە تىللاشنىڭ ،رەنجىشنىڭ ئورنىغا ۋە ياكى قارىغۇلارچە ماختاشنىڭ ئورنىغا سەبى بالىلىرىمىزغا بەزى مۇۋاپىق مىھىرلىك سۆزلەرنى قاتساق ، بالىنىڭ ئىشەنچىنى يىتىلدۈرسەك ، ئۈمىدمۇ ئاستا -ئاستا پەيدا بولىدۇ . تۆۋەندىكى تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە ئاددىي كارتىنىسى بولغان دىئالوگ ھېكايەمنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇندۇم .
ئۇيغۇر ئانا ۋە نوبىل مۇكاپاتى
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
باشلانغۇچتا
__ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ ئاپا ...
__ قارا ئوغلۇم ، قوياش سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، دۇنيا سېنىڭ تۇرۇشۇڭنى چاقىرىۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇش ئۈچۈن يولغا ئاتلانغىن .
__ ئانا ،مەن سومكىنى ئارتىپ نەگە بارىمەن ؟
__ ئالىم بولىدىغان يەرگە ،سەن دۇنيانى ئۆز قولۇڭغا ئالىدىغان يەرگە بارىسەن ،ئوغلۇم .
__ لىكىن قوشنىمىز ئەخمەت مەكتەپتە ئوقۇساڭ پايدىسى يوق ،ساۋادىڭ چىقسىلا بولدى دەيدىغۇ ؟
__ چۈنكى ئۇلار ئاشۇنداق قاراپ كەلگەن ،شۇڭا مەكتەپتىن كىرەكسىز بولۇپ چىققان .
__ ئەمىسە سەنچۇ ؟ سەن قانداق ئوقۇغان ؟
__ مەن ئوغلۇمنى ئالىم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ئوقۇغان .
__ ھە.. بىلدىم .
...............
__ ئاپا ،مەن بىر ھېسابنى ئىشلىيەلمىدىم ، قانداق قىلىمەن ؟
__ قايتا سىناپ باق .
__ يەنە ئىشلىيەلمىدىم ،مەن دۆت ئوخشايمەن ،سىنىپتىكى بىرمۇنچە بالىلار ئاسانلا ئىشلىيەلەيدۇ .
__ ئالدى بىلەن چۈشكۈنلۈكنى توختات ،ئۈمىدلەن ، يەنە سىناپ باق ،مەن ساڭا ئىشىنىمەن ئوغلۇم.
__ئاپا ! ئاپا ! راستىنلا ئىشلىيەلىدىم .
__ ئوماق ئوغلۇم ،سەن بەكمۇ ئەقىللىق .
تولۇقسىزدا
__ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ ئاپا ...
__ قارا ئوغلۇم ، قوياش سېنى چاقىرىۋاتىدۇ ، دۇنيا سېنىڭ تۇرۇشۇڭنى چاقىرىۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇش ئۈچۈن يولغا ئاتلانغىن .
__ ئاپا ،مەن زىھىن سىناش مۇسابىقسىدە بىرىنجى بولدۇم ،مەندىن بۆلەكلەر بەك دۆت ئوخشايدۇ .
__ ئوغلۇم ،سەندىن بۆلەكلەر دۆت ئەمەس ،پەقەت سەندىن بىر نەچچە مىنۇت ئاستا پىكىر يۈرگۈزىدۇ ،دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە سەندىنمۇ تىز پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار بولۇشى مومكىن ،شۇڭا سەن ئۈچۈن ئەڭ موھىمى ئۆزۈڭدىن ھالقى ،باشقىلاردىن ئەمەس .
__ ئاپا ،قارا ،مەن پاقىنى نەچچە كۈن كۈزىتىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئۇخلاش ،تاماق يىيىش قاتارلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەپ چىقتىم .
__ يارايسەن ئوغلۇم ،مانا بۇ سېنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ ،ئەمدى بۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغىن .
__ دەرىسلىرىمنىچۇ ؟
__ دەرىسلىرىڭ پەقەت سېنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورال،ئۇنى ئىشلىتىشىڭ شەرت ئەمەس،تەتقىقاتىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ئاخىرىغار چىقارغىن .
__ ئاپا ، مۇئەللىم مىنى ماختىدى ، مەن شەھەر بويىچە داڭلىق ژۇرنالغا ئىلمىي ماقالەمنى ئىلان قىلدۇردۇم ، مەكتەپ مىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلىدى .
__ ئوغلۇم ،يادىڭدا بولسۇن ، سېنى ماختاش پەقەت سېنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ توختاپ قېلىشىڭ ئۈچۈن تورموز ئەمەس . ئىزدىنۋاتقان ئەڭ موھىم ئىشىڭدىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ . ئىلىم پەننىڭ چوققىسى سېنىڭ يىتىپ بېرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ .
__ بىلدىم ،ئاپا ،مەن يەنىمۇ تېرىشاي .
تولۇقتا
__ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__ بولىدۇ ئاپا .
__ ياخشى ئوغلۇم ، ئالىم بولۇشقا ئاتلان ئەمىسە .
__ ئاپا ،مەن بىر تىمىنى تەتقىق قىلغىلى بىر يىل بولدى ،ۋاز كىچەيمىكىن .
__ نىمىشقا ؟
__ ئۇنى تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت يەتمىدى ،مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن ، بارغانسىرى كاللام ئاشۇ قىز بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ ،ئۇ كۈندە ئۆزىگە ھەمراھ بولىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ ، ئاپا ، مەن ئالىم بولۇشقا ماس كەلمىگىدەكمەن .
__ ئوغلۇم ،مۇھەببەتلىشىش ساڭا لەززەت ئاتا قىلىدۇ ، لىكىن بىلىپ قوي ،ھەقىقى سېنى قوللايدىغان قىز ھەرگىز سىنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا توسالغۇ بولمايدۇ ، دىمەك ئۇ قىزنىڭ سېنى سۆيۈشى بىر ئالدامچىلىق ،ياكى ساڭا ماس كەلمەيدۇ ، بىلىپ قوي ،چوڭ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئەزەلدىن ئۆز يولىدىن قايتقان ئەمەس .
__ بەلكىم شۇنداقتۇر ئاپا ،
__ ئويلىنىپ باقارسەن
__ ئاپا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتىم ،ئۇ باشقا بىرىنى تېپىۋاپتۇ ...
__ ساڭا مەنسۇپ ئەمەس نەرسە ياكى ئادەم ھامان سېنى ساقلىمايدۇ ،ھامان سەندىن ئايرىلىدۇ ، پەقەت ئۇلۇغ ئىشلىرىڭلا سىنى مەڭگۈ تاشلىمايدۇ ئوغلۇم ، مەن ساڭا ھەمراھ .سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن ،سېنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن .
__ رەھمەت ئاپا . مەن ئىشلىرىمنى باشلاي .
__ ماقۇل ،ئاللاھ ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلسۇن .
__ ئاپا ، مەن چەتئەلگە چىقىپ زىھىن سىناش مۇسابىقسىگە قاتناشتىم ،لىكىن مەغلۇپ بولدۇم . مەن بەك دۆت ئىكەنمەن .
__ چۈشكۈنلەشمە ئوغلۇم ،دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئالىم دەل مۇشۇنداق مەغلۇبىيەتتە سىنىلىدۇ ،چۈشكۈنلىشىش سېنى بۇ يولدىن يىراقلاشتۇرىدۇ ، مەغلۇبىيتىڭ پەقەت سېنىڭ يەنە تېرشىپ ئىزدىنىشڭ كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ خالاس .
__ ماقۇل ئاپا ،مەن يەنە ئىزدىنەي .
ئالىي مەكتەپتە
__ ئوماق ئوغلۇم ،باتۇر ئوغلۇم ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،دۇنيا سېنىڭ ئالىم بولۇپ دۇنيانى زىلزىلىزىگە كەلتۈرىشىڭنى ساقلاۋاتىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرساڭلا قوياش ساڭا قاراپ كۈلىدۇ ، ئادەملەر سېنىڭ ئالىم بولۇشۇڭغا تەقەززا بولىدۇ ، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بولامدۇ ؟
__بولىدۇ ، ئاپا ،مەن مەكتەپنىڭ تەجىربىخانىسىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بۈگۈن ئالدىم ،ئۇلار مېنىڭ نەتىجىللىرىمنى كۆزدەتۇتۇپ مېنى تەقدىرلەپ بۇنى بەردى ،سېنىڭچە مەن ئالسام تۇتسام بولارمۇ ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .
__ ئاپا ،مېنى مەكتەپنىڭ سەنئەت ئىشلىرغا مەسئۇل قىلىدىكەن ،قانداق قىلىمەن ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .
__ ئاپا ،مەن ئۆز خائىشىم بويىچە ئىككى تەتقىقات تۈرىنى تاماملاپ ،چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم ،مەن قانداق قىلىمەن؟ بارايمۇ ؟
__ ئۆزۈڭ بەلگىلە .
__ ئاپا، مەن چەتئەلدە قېلىپ تەتقىقات بنىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ،ئەمدى ئالىم بولۇشقا ئاز قالدى ،خۇشال بولدۇڭمۇ ؟
__ ياق .
__ نىمىشقا ئەمدى ؟
__ مەن سېنى ئۇلۇغ ئالىم بولغاندىن كىيىن ئاندىن تەبرىكلەيمەن ،ئاندىن خۇشال بولىمەن ،شۇ ۋاقىتقىچە سەن يەنىلا شۇ ئادەتتىكى ئادەم .
نوبىل مۇكاپاتى سەھنىسىدە
__ ئوغلۇم ،قەھرىمانىم، ئورنۇڭدىن تۇرغىن ،بۈگۈن ئۆزۈڭنىڭ رولۇڭنى دۇنياغا تونۇتۇپ ، دۇنياغا سېنىڭ ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقىڭنى جاكارلايدىغان ۋاقىت كەلدى .
__ كۆپچىلىككە رەھمەت ،مىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىپ ئالىم بولۇشۇم ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئالاھىدە .ئقتىدارىم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى مىنىڭ بىر ئۇلۇغ ۋە سەۋىرچان ئانامنىڭ بولغانلىقىدا ، مىنىڭچە بۇ مۇكاپاتنى ئانام ئېلىشقا ھەقلىق .
2013.07.05 (تىيەنجىن)
|
|