بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mazargojam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-14 14:01
ھاقارەت ئاخىرەتكە ئۇزاتتى
بىز جەمئىيەتتە ئۇرۇش-جېدەل ۋە باشقا ھادىسلەر سەۋەپلىك جىسمانىي جەھەتتە زەخمىلىنىپ ئادەم ئۆلگەن ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرگەن،ئاڭلىغان.لېكىن تىل-ھاقارەت سەۋەپلىك ئادەم ئۆلۈپ قالغان ئىشنى ئانچە كۆپ كۆرمىگەن،ئاڭلىمىغان.شايار ناھىيەگۈلباغ يېزا سايباغ كەنت 5-مەھەللىدىكى56 ياشلىق دېھقان زەيدىناخۇن باشقىلارنىڭ تىل-ھاقارىتى سەۋەپلىك ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى.بۇ دىلو شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن يېقىندا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى.
ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆلگۈچى زەيدىناخۇننىڭ خوتۇنى زورىخان ۋە سەككىز ئوغلى قاتارلىق دەۋاگەرلەرنىڭ سايباغ كەنت كومىتېتى ئۈستىدىن قىلغان ھاياتلىق ھوقۇقى ماجىراسى ھەققىدىكى ئەرزىنى 2013-يىلى 12-مارت دىلو تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىپ،قانۇن بۇيىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ،ئوچۇق،رەسمىي سوت قىلدى.
سوتتا دەۋاگەرلەر:«جاۋاپكار مولنىياز كەنت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئائىلىمىزگە كېلىپ،مەرھۇمنى ئەمگەككە ھەيدەشنى باھانە قىلىپ ھاقارەتلىشى سەۋەپلىك نەپەس ،قان ئايلىنىشى ئاجىزلاپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.شىنجاڭ «جىنجىيەن»ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنى «مەرھۇم زەدىناخۇننىڭ ئۆلۈشى بىلەن شۇ كۈندىكى ۋەقەنىڭ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار»دەپ باھالاشنامە چىقاردى.شۇڭا جاۋاپكارلاردىن مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 108مىڭ 840يۈەن،17ياشلىق كىچىك ئوغلىنىڭ بېقىلىش ھەققى ئۈچۈن 4398يۈەن،دەپنە جەريانىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى ئۈچۈن 6700يۈەن68فۇڭ،دەپنە ھەققى ئۈچۈن 16مىڭ180يۈەن50فۇڭ،باھالاش ھەققى ئۈچۈن3مىڭ يۈەن، روھى زىيىنى ئۈچۈن 20مىڭ يۈەن بولۇپ،جەمئي 159مىڭ 119 يۈەن 18فۇڭ تۆلەم تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز»دەپ دەۋا قىلدى.
سوتتا جاۋاپكار مولنىياز بىلەن يەنە بىر جاۋاپكار سايباغ كەنت كومىتېتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى «دەۋاگەر تەرەپ كېلىشىپ قېلىشقا قوشۇلسا،مەرھۇم زەيدىناخۇننىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلنى تۆلىسەك»دەپ جاۋاپ بەردى.
قاراپ چىقىپ ئېنىقلاشتىن قارىغاندا،ھەقىقەتەن 2011-يىلى20-يانۋار شايار ناھىيە گۈلباغ يېزا سايباغ كەنت كومىتېتىنىڭ كادىرى مولنىياز كەنت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن كەنت ئەزاسى زەيدىناخۇننى ھاشارغا ھەيدەپ كىرگەن.مۇشۇ جەرياندا ئىككىسى گەپ تالىشىپ تىللاشقان ۋە زەيدىناخۇن شۇ ھامان ئاچچىقلىنىپ يىقىلىپ قېلىپ،جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۆلۈپ كەتكەن. شىنجاڭ «جىنجىيەن»ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنى «مەرھۇم زەيدىناخۇننىڭ ئۆلۈشى بىلەن شۇ كۈندىكى ۋەقەنىڭ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار»دەپ باھالاشنامە چىقارغان.ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دىلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا،مۇرەسسەگە رىياسەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق،دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆۋەندىكىدەك كېلىشىم ھاسىل قىلدى:
‹1›دەۋاگەر تەرەپ تەلەپ قىلغان تۈرلۈك چىقىملاردىن جاۋاپكارلار 38مىڭ يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ،بۇنىڭدىن جاۋاپكار مولنىياز 18مىڭ يۈەننى 2013-يىلى20-مايدىن بورۇن،جاۋاپكار كەنت كومىتېتى 20مىڭ يۈەننى 2013-يىلى8-مايدىن بۇرۇن دەۋاگەرگە تۆلەپ بېرىدىغان بولدى.
‹2›دەۋاگەر تەرەپ يۇقۇرقىدىن باشقا دەۋا تەلىپىدىن كېچىدىغان بولدى.
‹3›بۇ دىلونىڭ قوبۇل قىلىش ھەققى 3482يۈەن38فۇڭنىڭ يېرىمىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئېلىنغان 1741يۈەن19فۇڭىنى دەۋاگەر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى.
بۇ دىلو ھەققىدىكى سوت مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلىنغاندىن كېيىن،جاۋاپكار تەرەپلەر تۆلەم پۇلنى دەۋدگەر تەرەپكە مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولدى.
بۇ دىلو ھەممىمىزنى باشقىلار بىلەن ئارتۇقچە تىللاشماسلىق ياكى باشقىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك ھەققىدە ئىبرەت تەربىيەسىگە ئىگە قىلىدۇ.
تېما ئىگىسىدىن:ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،بۇ دىلو ھەققىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ«قانۇن ۋە پۇقرا»پىروگرامما گوروپپىسى مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى.پات ئارىدا بۇ دىلودىن مۇشۇ پىروگرامما ئارقىلىق تېخىمۇ تەپسىلى خەۋەردار بولىسىز.
(ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
مەنبە:ئۆزۈم
|