قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6814|ئىنكاس: 43

( دولان ) جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مال باھا پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

92

تېما

4

دوست

4585

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 975
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 508
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 15:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مال باھا پەرقى

لىۇ ۋېيدوڭ

دولان تەرجىمىسى



          مال باھاسى پۇقرالارنىڭ ئوزۇق-تۆلۈك، كىيىم-كېچەك، تۇرارجاي ۋە قاتناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ يادرولۇق تۇرمۇش كۆرسەتكۈچلىرنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ CPI سى (مال باھا كۆرسەتكۈچى ) ئىزچىل يېڭى سەۋىيە يارىتىپ كەلمەكتە، جۇڭگودىكى تۇرمۇش چىقىمى مەسىلىسى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىسى دىققەت قىلىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مال باھا پەرقىنى سېلىشتۇرىدىغان نەزەرىيە جېڭىغا ئايلاندى. « خەلق گېزىتى » مۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مال باھا پەرقىنى سېلىشتۇرىدىغان ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگودا سېتىلغان چەتئەلنىڭ داڭلىق تاۋارلىرى چەتئەلدىن « بىرئاز قىممەت »، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت باھاسى جۇڭگودىن بەك قىممەت دەپ خۇلاسىلىدى، بۇخىل غەلىتە سەپسەتە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇنداقتا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مال باھاسى سېلىشتۇرۇشچانلىققا ئىگىمۇ؟
زادى قايسى دۆلەت خەلقى تۆۋەن مال باھاسىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ باقساق زىيىنى بولماس.


  ئىككى دۆلەتنىڭ مال باھا تۈرىنى سېلىشتۇرۇش
            ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش دەپ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەھسۇلات تاۋار ۋە مۇلازىمەت دەپ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تااۋار باھاسىغاقاراپ باقايلى.
       كىيىم-كېچەك:ئامېرىكىنىڭ كىيىم-كېچەك بازىرىدا داڭلىق تاۋارلار تولۇق بولۇپ، nik، puma، adidas بۇجايدا ئالىي ھېساپلانمايدۇ، تەنتەربىيە كالتە ئىشتاننىڭ باھاسى 15 يۈەن ئەتراپىدا، تەنتەربىيە ئايىقى 30-100 يۈەن، polo، ck ئادەتتىكى راھەت كىيىم ھىساپلىنىدۇ، بىرتال polo مايكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 35 يۈەن، ئادەتتە 50-80 يۈەنگىچە، ساپ پاختا كېيىمنى20-30 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇ، كاستۇم-بۇرۇلكىنىڭ باھا پەرقى چوڭ، ئاساسلىقى داڭلىق ماركىلارنىڭ قىممەت، نەچچى ئون يۈەندىن 300 يۈەنگىچىللىرىمۇ بار، داڭلىق ماركا boss ئادەتتە 800 يۈەندىن يوقىرى، 400 يۈەنلىكىمۇ بار، بىر قېتىم تاللا بازىرىدا بېنگالدا ئىشلەنگەن 0.3 يۈەنلىك كۆينەكنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالغان،سېتىۋېلىپ دەسمال قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇخىل باھانى چۈشۈرۈش سالمىقى، « قىممەت ئۆي باھاسى » قان قۇستۇرۇۋەتكەن جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈرۈگىنى تىترىتىدۇ ئەلۋەتتە.
          يېمەك-ئىچمەك:ئامېرىكىدا پارچە يىمەكلىك قاداق ( ئېغىرلىق بىرلىكى ) بۇيچە ھىساپلىنىدۇ، بىرقاداق ئادەتتە 500g باراۋەر، تۆۋەندىكى باھا بىرلىكى دوللار/قاداق بۇيچە ھىسابلانغان؛ چوشقا گوشى قىيمىسى3.5 دوللار؛ چوشقا پاچىقى 1.24 دوللار؛ كالا قېرىنى 1.99 دوللار، كالا سىڭىرى 2.58دوللار؛ توخۇ پاچىقى ۋە تۆشى 0.99 دوللار؛ توخۇ تاشلىقى 1.59 دوللار؛ توخۇ قانىتى1.98 دوللار؛ سەۋزە 0.75 دوللار؛ كۆك مۇچ ( لازا ) 0.98 دوللار؛ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى0.79 دوللار؛ زەنجىۋىل 0.79 دوللار؛ پامپۇس بېلىقى 1.98 دوللار؛ چوڭ راك 3.98دوللار؛ 15 تال قاچىلانغان كۇبا سىگارتى 4.8 دوللار. ۋاشىنگىتوندا 3 كىشىلىك ئىتالىيە پىسا قاتلىمىسى 40 دوللار؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك رېستۇراننىڭ قورۇما باھاسى12-16 دوللارغىچە؛ ئىككى كىشى يەپبۇلالمايدىغان ئۈچ قورىما بىر شورپا 22 دوللار؛ زىياپەتكەتەكلىپ قىلىنغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ 50دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
تۇرالغۇ:ۋاشىنگىتون رايۇننىڭ ئۆي باھاسى ناھايىتى قىممەت ۋە جىددىي، يېقىن ئەتراپتىكى ئارىڭتون رايۇندا ئادەتتىكى 3 ياتاق 2 مىھمانخانا 2 ھاجەتخانىلىق داچىنىڭ باھاسى 500 مىڭدىن يوقىرى، 900 مىڭغا بودراماك دەرياسىنىڭ بۇيىدىن ئېگىز قەۋەتلىك بىنا ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ ۋە ئاقساراينى كۆرگىلى بولىدۇ. يىراقراق بولغان مارىلاندلوكۋېردىكى جۇڭگولۇقلار رايۇندا 200-300 مىڭغا بىر يۇرۇش داچا سېتىۋالغىلى بولىدۇ ۋە ئالدى-كەينىدىكى چىملىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بېيجىڭدىكى بەشىنچى ئايلانمىنىڭ سىرتىدىكى تەنتوڭۋەندىكى بىر يۇرۇش ئۆيىڭىزنى سېتىۋەتسىڭىز ( ھەر كۋادرات مېتىرى 20 مىڭ يۈەن )، ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي شەھرىدىن كۆلۈمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر يۇرۇش داچا سېتىۋېلىشڭىزدا مەسىلەيوق.
           قاتناش:جۇڭگودىكى ھازىرقى تاشيوللارنىڭ %95ئى يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، %61 ئى 1-دەرىجىلىك تاشيول، %42 ئى 2-دەرىجىلىك تاشيوللار بولۇپ ھەممىسىدە ھەق ئالىدۇ، ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ سانى يەر شارىنىڭ %90 نى ئىگەللەيدۇ؛ بىراق ئامېرىكىدا يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 89000km بولۇپ، پەقەت 10/1 قىسمىدا ھەق ئېلىنىدۇ، ھەق ئۆلچىمى 1-2 يۈەن.ۋاشىنگىتوندىكى بېنزىننىڭ ھەرلىتىرى 1 يۈەن ( بىر گاللون بىنزىن 3.6 يۈەن )،بېيجىڭدا بېنزىننىڭ ھەرلىتىرى 7 يۈەن. ۋاشىنگىتوندا مېترو ۋاقىت بۇيىچە ھەق ھىسابلايدۇ،مېترودا 12 بېكەت ماڭسىڭىز ئازبولغاندا 1.6 يۈەن، كۆپ بولغاندا 3.15 يۈەن ئېلىنىدۇ، شەھەر قاتنىشىغا ئالماشسىڭىز ھەقسىز؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىرتۇتاش 1.5يۈەن، ئىككى سائەت ئىچىدە باشقا ئاپتۇبۇسقا ئالماشسىڭىز ھەقسىز. ئامېرىكىداياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ ماشىنىسى 20 مىڭ دوللارغا بارمايدۇ، دۆلىتىمىزدىكى 2 مىليون يۈەنلىك ماشىنا، ئامېرىكىدا 100 مىڭ دوللاردىن ئاشمايدۇ.
        كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە كەلسەك: ئەڭ يېڭى كىنونىڭ بەلەت باھاسى ئون نەچچى يۈەن، بازارلىق كىتاپنىڭ باھاسى 20-30يۇەن، 30يۈەنلىك تېلېفۇن ھەققى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بىر ئاي خاتىرجەم سۆزلىشەلەيسىز، بەزى يوقىرى ئېستېماللىق مەھسۇلاتلار مەسىلەن EsteeLauder ( 雅诗兰黛 ) گىرىم بۇيۇمى ياكى iPhone كوپېتېرنىڭ باھاپەرقى ھەقىقەتەن كىشىنى چۈچىتىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپى پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئوقۇش ھەققى، دەرسلىك ، مەكتەپ ماشىنىسى ھەقسىز، تۆۋەن كېرىملىك ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز، ئالىي مەكتەپكە چىققاندائائىلىسىنىڭ كېرىمى تۇرۇشلۇق شىتاتتنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن تۆۋەن بولسا، ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز. يەنىمۇ كۆپ مىسال كەلتۈرۈش بىھاجەت، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكائوتتۇرىسىدىكى ئوزۇق-تۆلۈك،كىيىم-كېچەك، تۇرارجاي ۋە قاتناش تەرەپلەردىكى باھا پەرقىنى بىرقاراپلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.
                مۇلازىمەتكەسپىگە نەزەر سالايلى: ئامېرىكىدا مۇلازىمەت ھەققى، جۇڭگودا تۇۋار باھاسى قىممەت،شىپاخانىدا بىرقېتىملىق  تەكشۇرۇش 1300 يۈەندىن ئارتۇق؛ئائىلىدە تەرەت توڭىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ماتىرىيالنى ئۆزىڭىز ئالسىڭىز، ئىش ھەققىگە ئاز بولغاندا 50 يۈەن ئالىدۇ. بىلىم ھوقۇقى مەھسۇلاتىى office نىڭ باھاسى 150 يۈەن ئەتراپىدا؛ ئادۋۇكات ھەققى تېخىمۇ قىممەت.بىراق ئامېرىكىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر داۋالاش سوغۇرتىسىغا قاتناشقان، سوغۇرتىغاقاتناشمىغانلار جۇڭگودىن كۆپ تۆۋەن، ئامېرىكىدا دوختۇرخانىلار ئۆلۈمگە ئامال ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جىددىي داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە رەنە پۈلى ئالمايدۇ، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئاۋۋال ئادەمنى قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلىدۇ، سوغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنىمۇ ئاۋۋال داۋالايدۇ، پەقەت پۇلى يوقلارنى دوختۇرخانا چىقىم قىلىدۇ.


  مال باھاسىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق ئۆلچىمى
          جۇڭگولۇقلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مال باھاسىنى سېلىشتۇرغان ۋاقىتتىكى دائىملىق خاتالىقى ئامېرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغاسۇندۇروب ھىساپلاش، بۇ مۇۋاپپىق ئەمەس، ئامېرىكىلىقنىڭ كېرىمىنى ھىساپلىغاندا خەلق پۇلىغا سۇندۇرماڭ، ئىستىمالنىمۇ سۇندۇرۇپ ھىساپلىماڭ، شۇنداق قىلسىڭىزسېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 2009-يىللىق ئوتتۇرىچە شەخسى كېرىمى 42 مىڭدوللار؛ جۇڭگونىڭ 2010-يىللىق يېزىلاردىكى كىشى بېشى كېرىمى 5919 يۈەن، شەھەرئائىلىسىنىڭ كىشى بېشى كېرىمى 19109 يۈەن، يوقىرى كېرىملىك شەھەر ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىنى سېلىشتۇرساق، سۇندۇرۇپ ھىسابلىمىغان ئەھۋالدا يىللىق كېرىمى ئامېرىكىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ، دوللارغا سۇندۇرۇپ ھىساپلىساق پەرق تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
       ئەلۋەتتە، تۇرمۇش تەننەرخى ۋە مائاش كېرىم نىسبىتى شەھەر ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ، شۇنداقلاسۇندۇرۇپ ھىسابلاش ئاۋارىچىلىقى بولمايدۇ. بەزىلەر سىلۇشتۇرۇپ باققان، ئوخشاشبىر nikماركىلىق ئاياغنى، ئامېرىكىلىقلار ئايلىق كېرىمنىڭ %0.26 سېتىۋالسا، بېيجىڭلىقلار %6.9 سېتىۋالغان؛ئوخشاش جاي ۋە ئوخشاش كۆلەمدىكى ئۆي ئىجارىسىگە نيۇرۇكلىقلار ئايلىق كىرىمىنىڭ %2نى سەرب قىلسا، بېيجىڭلىقلار %10.3 سەرب قىلغان؛ بىردانە iPhone كومپىيۇتېر سېتىۋېلىشقا ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئايلىق كىرىمىنىڭ3/1 قىسمىنى سېرىپ قىلسا، جۇڭگودىكى يوقىرى كېرىملىك ئاق ياقىلىقلار بىر ئايلىق مۇئاشىغا ئاران سېتىۋالغان؛ بۇنىڭدىن پەرقنى بىرقاراپلا بىلگۈلى بولىدۇ. كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى، بىر ئادەمنىڭ كېرىمى بىلەن نەچچى ئادەمنى باققىلى بولۇشى كېرىمنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا بىر ئادەم ئىشلەپ پۈتۈن ئائىلىنى باققىلى بولاتتى، ھازىر ئامېرىكىلىقلار بۇ نوقتىنى ئىشقائاشۇردى، بىراق جۇڭگودىكى شەھەرلەردە ئەر-خوتۇن كېچە-كۈدۈز ئىشلەپ بىر بالىنى باقماق تەس بولۇپ قالدى.
           ئۇندىن باشقا، مال باھاسىنى سېلىشتۇرۇشتا پەقەتلا باھاغا قاراشقىلابولمايدۇ، تۈۋار سۈپىتى ۋە مۇلازىمەتكە قاراش كېرەك. ئامېرىكىدا تۈۋارنىڭ باھاسىمۇكەممەل بولۇپ، 3 ئاي ئىچىدە مالنى خالىغانچە قايتۇرۇشقا بولىدۇ؛ زەھەرلىك كاپسۇل، مېلامىن، يۇندا ياغ دېگەنلەر ئامېرىكىدا غەلىتە خەۋەر ھىساپلىنىدۇ،ئاشخانىلاردا « ھازىرلا تەييار بولىدۇ » دەپ خېرىدارنى ئالداش مەۋجۇت ئەمەس؛بانكىلاردا ئىش بىجىرگەندە 10 مىنۇتتىن ئېشىپكەتسە كەسپىي ۋەكىل مەخسۇس كۈتۈۋالىدۇ؛ دوىتۇرخانا پاكىزە ۋەتىنچ، دوختۇرلار بىمارنى كۆرگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۇشىدۇ؛ كىتابخانىلارغا گىلەم سېلىنغان، يەنە ھەقسىز غىزا بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىتاپلارنىڭ ئوغرى نەشرى يوق؛ مېترودا ھېچقانداق ئامانلىق تەكشۈرۈش يوق، بارلىق بېكەتلەردە مېيىپلار ھارۋىسى ۋە ۋېلىسىپىت چۈشۈپ-چىقىشقا قولايلىق بولغان لىفىت ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاممىۋى قاتناش ماشىنىسىنىڭ ئېنىق بولغان مىنۇتقائايرىلغان يۇرۇش جەدىۋىلى بار. ناھايىتى غەلىتە يىرىشۇكى، نۇرغۇن جۇڭگوكارخانىسىنىڭ ئىككىخىل سۈپەت ئۆلچىمى بولۇپ، يوقىرى سۈپەتلىك تۇۋارنى ئامېرىكىغائېكسپورت قىلىدۇ، سۈپىتى تۆۋەن تۈۋارنى دۆلەت ئىچىدە ساتىدۇ. ئەلۋەتتەئامېرىكىنىڭمۇ يېتەرسىز تەرەپلىرى بار، تور مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى ناچار، تېلېفون قىلسا يېرىم سائەتكىچە جاۋاب بەرمەيدۇ؛ ۋاشىنگىتوندىكى مېترولارنىڭ ئىچى قاراڭغۇ، ۋاگون ئىچىدە تېلېۋېزۇرمۇ يوق، لىفىتلارمۇ دائىم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ تەرەپلەردە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بەزىلەر مال باھاسىنى سېلىشتۇرسىلا CPI نىڭ ئېشىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ شەھەر ئائىلىسىنىڭ باھا ئۆزگۈرىشىگە بەرداشلىق بىرىشكۈچىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىماقتا، بۇتەرەپلەردە ئامېرىكا جۇڭگودىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، چۈنكى مال باھاسىنىڭ ئۆسىشى تۆۋەن بولغاچقا، دوللارنىڭ ھەقىقەتەن قىممىتى يوقىرى، 30 يۈەنگە بىر ئادەم بىرھەپتە يىگۈدەك نەرسەسېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
   ئامېرىكىدا ھەممە نەرسە جۇڭگودىن ئەرزان،پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۆز-ئۈزىدىن مەلۇم، پەقەت مۇلازىمەت ھەققى قىممەت بولۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك.


  مال باھاسىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەپلەر
       جۇڭگوداكىرىم تۆۋەن مال باھاسى يوقىرى، ئامېرىكىدا كېرىم يوقىرى مال باھاسى تۆۋەن، بۇخىل پەرقنىڭ بولۇشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت پۇقرالارنىڭ سېتىۋېلىش پىسخىكىسىنى بەلگىلىگەن. ئىلگىرى كۆپچىلىك ئامېرىكىدا پۇل تېپىپ جۇڭگودا خەجلەيتتى، ھازىر دەل ئۇنىڭ ئەكسى. تېخى يېقىندىلا، ھەم ئەرزان ھەم ياخشى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن جۇڭگوتۇۋارلىرى، دۆلەتنىڭ ۋاكالىتەن ياساش كەسپىنى جانلاندۇرغان ئىدى، بىراق دۆلەتنىڭ تامۇژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى، دۆلەت ئىچىنى يوقىرى باھالىق ناچار تۇۋارنى ئىستېمال قىلىشقامەجبۇرلىدى. ئۇنداقتا نېمە سەۋەب جۇڭگو پۇقرالىرىنى يوقۇرى باھالىق تۇۋار مۇھاسىرىسىگەكىرگۈزۈپ قويدى؟
         ئالدى بىلەن،جۇڭگودا ئىستېمال قىلغان يوقىرى باھالىق مەھسۇلاتتىن كېم نەپ ئالىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بىرىنچى دۆلەت باج ئالىدۇ، دۆلىتىمىز باج ئېلىشتا قۇشۇلما قىممەت بېجى،تىجارەت بېجى، ئىستېمال بېجى قاتارلىق ئوبوروت باجنى ئاساس قىلىدۇ، پەقەت تۇۋارجۇڭگوغا كىرىپ ئوبوروت بولسىلا، قاتمۇ-قات باج قۇشۇشقا دۇچ كېلىدۇ. ئامېرىكىدا باج ئېلىشتا تۇۋار باھاسىنىڭ 0-%10بويىچە باج ئالىدۇ، بىراق نۆۋەتتە جۇڭگودا ئالغان باج تۇۋار باھاسىنىڭ %64 يېتىدۇ، مۇشۇنداق يوقىرى باج بېسىمى ئاستىداتۇۋار باھاسى قانداق تۆۋەنلىسۇن؟؛
      ئىككىنچى ئاتالمىش سان-ساناقسىز باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۇۋار ئوبوروت ھالقىسىدا مەجبۇرىي ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، پۇل بەرمىسە مۇلازىمەت قىلماي، پۇقرالارنى يوقىرى باھاغا ئىتتىرىدۇ؛ ئۈچىنچى ئوتتۇرىدىكى نۇرغۇن ئۇششاق ھالقىلاردا قاتلاممۇ-قاتلام باھا قۇشۇلىدۇ؛ تۆتىنچى چەتئەللىك تۇۋار بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئىستېمالچىلارنىڭ « قىممەت بولسا سۈپىتى ياخشى» دېگەن پىسخىكىسىغا ئاساسەن قەستەن باھانى ئۆستۈرىدۇ. بىراق ئامېرىكىدا مۇلازىمەت باھاسى جۇڭگودىن يوقىرى، بۇنداق بولۇشى ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ۋە بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە يوقىرى كۆتۈرگەن، ئامېرىكىدىكى ئەمگەكچىلەر مۇلازىمەتتىكى يوقىرى باھاغا تايىنىپ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،ھەمدە ئىمپورت تۇۋارنىڭ تۆۋەن باھاسى ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى يوقىرى كۆتۈرگەن؛بىراق جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىرىمى ئېغىر باجنىڭ ئاسارىتىدە تۆۋەنلەپلا قالماستىن بەلكى يوقىرى باھالىق تۇۋارنى ئىستېمال قىلىدۇ، بولۇپمۇ مالىيە كېرىمىنىڭ ئېشىشى > GDP نىڭ ئېشىشى > مال باھاسىنىڭ ئېشىشى > مائاش كېرىمىنىڭ ئېشىشىدىن چوڭ بولۇشتەك غەلىتە ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل ساقلانماقتا ( تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى %1 ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ )، بۇخىل ئەھۋال جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلىنى قامداش ئىقتىدارىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈپ قويدى، غەيرى كېرىم قىلمىسائەمەلدارلارنىڭمۇ كۈن ئالمىقى تەس بوپقالدى، مال باھاسىنىڭ يوقىرى-تۆۋەن بولۇشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئوخشىمىغان ئىدىيەنى بىۋاستە ئېكىسئەتتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
               ئېكسپورت تۇۋارلىرى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاقىۋىتى پۇقرالارنى قىممەت تۇۋارسېتىۋېلىشقا دۇچار قىلماقتا، جۇڭگو ھەرقېتىم ئېكسپورت قىلىپ ئېرىشكەن دوللارنى دۆلەت ئىچىدە خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئوبۇرۇت قىلغىلى بولىدۇ، دۆلەت 1دوللارنى 6.5 يۈەن بويىچە نەقلەشتۈرىدۇ، بۇخىل ھېچقانداق كونكىرىتنى تۇۋاربولمىغان ئەھۋالدا ئىرىشكەن خەلق پۇلى ئەركىن ئوبوروت قىلىنغاچقا، مۇققەررەرپۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ مال باھاسىنىڭ زور ھەجىمدە ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 33 تىرلىيۇن  دوللار، دۆلەت يەنە 20 تىرليۇن يۈەن خەلق پۇلى تارقاتتى، بۇ 2008-يىلى ئوبوروت قىلىنغان پۇلنىڭ 6 ھەسسىگە باراۋەر بولۇپ، خەلق پۇلىنىڭ « چەتئەلدە قىممىتى ئۆسۈپ، دۆلەت ئىچىدەقىممىتى چۈشۈش » دەك غەلىتى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇخىل غەلىتە مېخانىزىم ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ بايلىقى ئېقىپ كەتتى. بىراق ئامېرىكىدا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،پۇل جۇڭگوغا ئېقىپ، تۇۋار ئامېرىكا ئاقتى، بازاردا پۇل ئازىيىپ تۇۋار كۆپىيىپ،باھا مۇقىم بولۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى قولىدىكى پۇلغا نۇرغۇن تۇۋار سېتىۋالالايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە جۇڭگونىڭ ئامېرىكا زايۇمىنى سېتىۋېلىشى جۇڭگونىڭ قولۇدىكى دوللار يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىگە قايتىپ كەلدى، ئامېرىكا مالىيەمىنىستىرلىكى بۇ پۇلنى يەنە جامائەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىپ، مال باھاسىنى يەنىمۇتۆۋەنلەتتى. بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتەك نوقساننى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


             جۇڭگودائىشلەنگەن تاۋارلار نېمە ئۈچۈن چەتئەلدە ئەرزان؟،
          دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ژورناللارئىنچىكە تەھلىل ئېلىپ بارغان؛ بىرىنچى جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى بىكىتكەن بولۇپ، دۆلەت مالىيە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى ساقلاپ قالغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگوپۇقرالىرىنىڭ جاپالىق ئىشلەپ تاپشۇرغان باج پۈلىنى، ئېكىسپورت كارخانىسىغاتولۇقلاپ بىرىپ ئېكسپورت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن، ئەكسىچە ئىچكى قىسىمدا سېتىلغان تۇۋارغا قاتمۇقات باج قوشۇپ، ئۆزخەلقىدىن نەپ ئېلىپ باھانى ئاشۇرغان؛ ئىككىنچى جۇڭگو كارخانىسى ئۆزئارا ماركا ئەۋزەللىكىگە تايانماي باھا ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشتەك يامان سۈپەتلىك رىقابەت ئارقىلىق ئېكىسپورتنى تالاشقاچقا، ئامېرىكىدىكى پارچەسېتىش سودىگەرلىرى توپۇلاڭدا توقاچ ئوغرىلاپ ئارىلىقتىن كۆپ پايدا ئالغان، دوللارئۈچۈن زىيىنىغا تىجارەت قىلىدىغان جۇڭگو كارخانىسى ئەمگەكچىلەرنى تالان-تاراج قىلىشقا تايانغاچقا، دېڭىز بۇيىدىكى ئېكسپورت كارخانىسىنىڭ مائاش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغان؛ ئۈچىنچى جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئوبورۇت ئەشيا سىستېمىسى، قاتلاممۇ-قاتلام ئېكىسپىلاتتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن تەييارتاپلارنى باققاچقا، مۇلازىمەت پونكىتىدىن ھەق ئېلىش پونكىتى كۆپ، ماي ھەققىدىن يول ھەققى قىممەت بولۇپ، تىرانسىپورت سودىگەرلىرى تۆلىگەن ھەرخىل جەرىمانىنى ئىستىمالچىلارغا ئارتىپ، بازارغا كىرىش ھەققى، يايما ھەققى، باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق نۇرغۇن ھەقلەرنىمۇ بىچارە ئىستىمالچىلارغا يۈكلىگەن، بۇنىڭ بىلەن تۇۋارباھاسى مۇققەررەر قىممەتلەشكەن، بۇخىل ئەھۋالنى چەتئەللىكتىن كۆرۈشكە بولمايدۇ.
          شۇبھىسىزكى، بۇخىل غەيرى تۇزۇلمىدە، بىز بىلەن ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئارىلىقى بەكمۇ يىراق بولۇپلا قالماي بەلكى نارازىلىقنى ئاڭلايدىغان ئورۇن بولمىغاچقا،چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىش ئۈچۈن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغانلاركۆپەيگەن، كىم ئۆ ۋەتىنىنى سۆيمىسۇن؟ پۇقرالار جان باقالمايدىغان بۇ دۆلەتنىڭ قانداقمۇ جەلىپقىلىش كۈچى بولسۇن؟. ئەگەر پۇقرالارنىڭ ھەقىقى سېتىۋەلىش كۈچى يوقىرى كۈتۈرۈلسە، ئۇلار قەدىر-قىممىتى بۇيىچە باياشات تۇرمۇش كۈچۈرگەن بولسا، چەتئەلگە سەرگەندان بولماي بەلكى چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا پۇل تاپقىلى كەلگەن بولاتتى.



http://www.21ccom.net/articles/q ... _2013080789289.html

1

تېما

0

دوست

699

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 16:51:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگوچىلىق دېگەن شۇمىدۇ.كىتاپجانلارغا كېرسەم كىتاپلارنىڭ قىممەتچىلىكى بىشىمنى ئايلاندۇرۋىتىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمالى دۇنيا بۇيۇنچە 1-ئۇرۇندىمىكىن دەيمەن.يەنە كىلىپ ئىسراپخۇرلۇقتا.،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

844

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5735
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 257
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 17:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر يىل ئىشلەپمۇ  بىرە مىڭ سوم  پۇل نى بانكىغا سالامايمەن  توك پۇلى  ئىچىملك سۇپۇلى يەر پۇلى داپو پۇلى تاش پۇلى قۇم پۇلى يەنە سۇ پۇلى بوشەن پۇلى مىن بىڭ پۇلى  ئورمان پۇلى دەمدۇ  ئشقىلىپ ئەشۇنداق  ھەقلەرنى  تۆلەيمەن  ھەي ييي
بۇ نامرات چىلىق قاچان مۇ تۇگە

9

تېما

1

دوست

894

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 17:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائاش ئېلىپمۇ مۇئاشىم پەقەتىلا يەتمەيۋاتىدۇ ،،،،،مال باھاسنى كونترۇل قىلسا بولاتتىتى .

1

تېما

4

دوست

1684

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 480
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 18:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى ‹‹بىر قىسىملارنىڭ ئالدىن بىيىشىغا يول قۇيۇش›› بولغاندىكىن كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە قارىغاندا بدھانى بەك كونتۇرول قىلىۋالىدۇ-دە!...

0

تېما

0

دوست

628

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11188
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 117
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 20:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزۈلمە ئۆزگەرمىگىچە مال باھاسىنىڭ چۈشۈشى مۈمكىن ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

2865

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 653
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 21:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 22:12  

تۇلۇم چاشقان ھەي تۇلۇم چاشقان،
يىمىگىن تېرىغىمنى يىمىگىن ھامان.
تالاي يىللار باقتىم مەن سىنى،
ماڭا ئىچىڭ ئاغرىمىدى زىنھار.
تاشلاپ كىتىمەن ئۆز شاتلىق ماكانىمغا،
ھەي شاتلىق ماكانى شاتلىق ماكانى،
مىنىڭ ئارام تاپار ماكانىم سەن.
مەنبە:«نەزمە نامە»

1

تېما

0

دوست

699

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 21:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باقسا كۆرسە رۇسىيەنى بەك تىللايمىز.قايسى بىر خەۋەردە ئاڭلىشىمچە رۇسيە پۇقرالىرى دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەردىن بەھرىمان بۇلىدىكەن.ئۆي ھەقسىز،تۇك-سۇ ھەقسىز ، داۋالىنىش ھەقسىز.....ئىشقىلىپ جىق نەرسىلەردىن بەھرىمان بۇلىدىكەن.دۆلىتىمىزمۇ شۇلارنىڭ يۇلىدا مىڭۋاتىدۇ.شۇنىڭغا كەلگەندە جىم تۇرۋالدىدە.ياش 30 غا بارغىلى تۇردى،خۇتۇن ئالاي دېسەم ئۆي باما،ماشىنا باما،،،،،،،دەپ خۇتۇن ئالالماي يۇرمەمدىمەن.جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى دۇنيانىڭ ئالدىدا 2 - ئۇرۇندا بۇلمىسا پۇلنى ھۆكىمەتكام نېمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ؟

0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21871
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 22:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇخۇدايىمنڭ بەگىنى دەڭلا . ياخشى كۇنلە ئالدىمزدا.

OWQENEG OKYASE BOLSA KEYEKNEG

0

تېما

0

دوست

805

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13927
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 22:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇنداق ئىگىز پەس ناھەقچىلقلا  ئوغىرلارنىڭ كۆز بويامچىلقى قاچانمۇ تۈگەر ھە ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )