قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1084|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ياتلىشىش بايانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 18:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ياتلىشىش بايانى
                                                                           ئاپتورى: مەتتۇرسۇن ئېلى


             ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەنئەنىۋى مەنىدىكى رېئالىستىك پىروزا ئەسەرلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان يېڭىچە تېما يۈزلىنىشلىرىنى ۋە باش تېما ئېيتىملىرىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ ئەسەرلەردىن يېڭى پىروزىچىلارنىڭ پىروزا ئەسەرلىرىنى ئادەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كونىلىق بىلەن يېڭىلىق، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئاددىي خاتىرىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئاڭلىق ساقلىنىپ، خاسلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە تېما يۈزلىنىشلىرى ۋە باش تېما ئېيتىملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز، ياتلىشىش بايانى ئەنە شۇنداق يېڭى تېما يۈزلىنىشلىرىنىڭ بىرى.
       ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىدىكى ياتلىشىش بايانى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن بىز گەپنى “ياتلىشىش”نىڭ نېمىلىكىدىن باشلايلى. “ياتلىشىش” ئەسلىدە پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولۇپ، تارىختا نۇرغۇن پەيلاسوپلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ياتلىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقان. ماركس ياتلىشىش مەسىلىسىنى ئىجادىي ھالدا سىياسىي، ئىقتىساد ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە “ياتلاشقان ئەمگەك” ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئۇقۇم تۆۋەندىكى تۆت خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچى، “نەرسىنىڭ ياتلىشىشى”؛ ئىككىنچى، “ئۆزلۈكنىڭ ياتلىشىشى”؛ ئۈچىنچى، “تۈر ماھىيىتىدىن ياتلىشىش”؛ تۆتىنچى، “ئادەمنىڭ ئادەمدىن ياتلىشىشى”. ماركس “1844- يىلىدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق - پەلسەپە قول يازمىلىرى” ناملىق ئەسىرىدە “ياتلىشىش نەرسىنىڭ ئادەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، ئۆلۈك ئەمگەكنىڭ تىرىك ئەمگەككە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپ چىقارغۇچىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئىبارەت”، “بارلىق ھوقۇققا، نام - ئاتاققا، پۇلغا، ساھىبجاماللارغا چوقۇنۇش ۋە بېرىلىشلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى ھېسابتا >نەرسە<نىڭ ئادەمنى ياتلاشتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ” دەپ كۆرسىتىدۇ. مەشھۇر ماركسىزمچى لۇكاچ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ياتلىشىش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، ماددىلىشىش ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يېتىدۇ - دە، بىۋاسىتىلا ياتلىشىش ۋە ئۆزلۈكتىن ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پۇلغا چوقۇنۇش ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا مول خاراكتېر، خۇسۇسىيەتكە ۋە كۆپ خىل ئېھتىياجغا ئىگە ئادەمنى ئاچ كۆز، ماددىي ئىستېمال ھايۋىنىغا ياكى ئىستېمال ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كۈنسېرى ئىجتىمائىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىش - ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئاڭلىقلىقىدىن ھەم ئۇنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشتىن بارغانسېرى مەھرۇم قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھەرىكەت ئۇسۇللىرىدىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىدىن ۋە تەسىردىن بارلىققا كەلگەن تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چۈشەنگىلى بولمايدىغان، تەبىئىي شەكىللىنىپ قالغان بىۋاسىتە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئۇلار بۇ خىل ماددىلاشقان رېئاللىققا تەنقىدسىزلا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ماركسىزمچىلار ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە پەلسەپە نۇقتىسىدىن چىقىپ، پۇلپەرەسلىك، ھوقۇقپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، شەھۋەتپەرەسلىكلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان−لىقىنى كۆرسىتىپ بەرگ−ەن. ماركسىزمچىلار گەرچە ياتلىشىش مەسىلىسىنى ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە پەلسەپە نۇقتىسىدىنلا ئىزاھلىغان بولسىمۇ، بىراق خۇددى ماۋزۇڭجې ئەپەندى ئېيتقاندەك: “ياتلىشىش نەزەرىيەسى پەلسەپە، ئىقتىسادشۇناسلىق دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئېتىكا، ئېستېتىكا... ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى ھەمدە مودېرنىزملىق سەنئەتنىڭ نەزەرىيەۋى تۈۋرۈكىگە ۋە باش تېمىسىغا ئايلاندى.” بىز 20- ئەسىر غەرب مودېرنىزملىق ئەدەبىيات - سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق، ياتلىشىشنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدىكى ئەڭ گەۋدىلىك باش تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايقايمىز. مەشھۇر ئىپادىزمچى يازغۇچى كافكا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرىدە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىك، رەھىمسىزلىك، ئالاقىسىزلىك، دۈشمەنلىك قاتارلىقلارنى بەلگە قىلغان ياتلىشىش مۇناسىۋىتىنى ۋە ئادەملەرىڭ تاشلاندۇقلۇق، غېرىبلىق ۋە ئەركسىزلىكتىن ئىبارەت تىراگېدىيەلىك تەقدىرىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئاڭ ئېقىنى پىروزىچىسى جامېس جويس “يۇلىسىس” رومانىدا بىلومنىڭ دۇبلىندىكى 18سائەتلىك ئاڭ پائالىيىتىنى يېزىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى مورلى ۋە ستېفاننىڭ مۇناسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىرىك ۋە چۈشكۈن جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان غەربلىكلەرنىڭ غېرىبلىق، غەمكىنلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مودېرنىزمچىلار ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش مۇناسىۋىتىدىن باشقا يەنە ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋە ئادەم بىلەن ماددا )نەرسە( ئوتتۇرىسىدىكى )ئاساسلىقى ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى( ياتلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ، ئادەمنىڭ قۇدرەتلىك ئىجتىمائىي كۈچ، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئامال - چارىسىز قالغانلىقىنى ئېچىپ بەردى. كافكانىڭ “شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى” )ئۇيغۇرچىغا “ئاينىش” دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان(، ئونېلنىڭ “ئورانگۇتان”، چاپېكنىڭ “ھەممىگە قادىر ماشىنا ئادەم” قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بىلەن ئۆزلۈكنىڭ ياتلىشىشى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان باش تېما بولۇپ، ئاساسلىقى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياتلىشىشىنى، ئۆزلۈكنىڭ يوقىلىشىنى، ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇپ، ئۆزى بولماي قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىپادىزمچى دىراماتورگى ئونېل “جاتېفقا سەپەر”، “ئۇپۇق سىرتىدا”، “ئورانگۇتان” قاتارلىق دىرامىلىرىدا ئۆزلۈكنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك تەقدىرى مەسىلىسى سۈپىتىدە نامايان قىلىپ بەردى. ئېلسوننىڭ “كۆرۈنمەس ئادەم” ناملىق ئەسىرىنى ئادەم بىلەن ئۆزلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئەڭ تىپىك ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەسەردە ئىسىم - فامىلىسىز نېگىرنىڭ ئۆزىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىقلاشقا شۇنچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى تاپالماي، ئاخىر بىر يەر ئاستى ئۆيىگە مۆكۈنۈپ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان كۆرۈنمەس ئادەمگە ئايلىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئىبارەت تەقدىرى يېزىلغان.
          شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر ئەسەرلىرىدىمۇ ياتلىشىش مەسىلىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش ئاساسەن مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، ئەجداد روھىنى، ئۆز كىملىكى، يىلتىزىنى ئۇنتۇش ۋە ماڭقۇرتلىشىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مېنىڭچە، غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنى “كافكاچە ياتلىشىش بايانى” دەپ، ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنى “ئايتماتوفچە ياتلىشىش بايانى” دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.
         غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ ئىلھامى ۋە تەسىرىدە، ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش ئېيتىمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىدىمۇ ياتلىشىش تېمىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىراق يېڭى پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش تېمىسى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ياتلىشىش تېمىسى بىلەن ئورتاقلىققىمۇ، پەرققىمۇ ئىگە بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ياتلىشىش تېمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىدىكى ياتلىشىش تېمىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەنىۋى كىرىزىسلارنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە، بەزى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مىللىي كىملىك، مىللىي ساپا، مىللىي ئەنئەنە قاتارلىقلار بىلەن باغلانغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. يېڭى پىروزا ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ياتلىشىش مەسىلىسى نىسبەتەن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، بەزى يازغۇچىلار ياتلىشىشنى ئىنسان دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەت نۇقتىسىدىن ئىپادىلەپ، ئىنساننىڭ غېرىبلىقى، يەكلىنىشى، مەھكۇملۇقى، ساراسىمىسى قاتارلىق روھىي ھالەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يەنە بەزى يازغۇچىلار ئۇنى مىللەت دۇچ كەلگەن مەنىۋى كىرىزىس سۈپىتىدە كۆرۈپ، ماددىغا ھېرىسمەن بولۇپ ئەجداد روھىنى ئۇنتۇش، پۇلپەرەسلىك قىلىپ مىللىي ئەخلاقتىن، ئالىيجاناب پەزىلەتلەردىن چەتنەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ، ئازغۇنلۇق يولىغا مېڭىش قاتارلىقلارنى ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئەجەللىك ياتلىشىش دەپ تونۇدى ۋە مۇشۇ مەۋقەدە تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈردى. يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا ياتلىشىش ھادىسىسىنى مۇھەببەت، نىكاھ - ئائىلە مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، يېڭى پىروزىچىلار ياتلىشىش تېمىسىنى مودا قوغلىشىپ تاللىۋالغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى ياتلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسىدىن ئىبارەت.
           ئىلگىرى بىز غەرب جەمئىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتى ۋە سانائەتلىشىشى ئىنساننىڭ ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل ياتلىشىش ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئۆزلۈك قاتارلىقلارنىڭ توقۇنۇشى ۋە بۆلۈنۈشىدە ئىپادىلەندى دەپ قارىغان ھەمدە غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىن غەرب جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل ياتلىشىشنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىنى كۆپلەپ كۆرگەنىدۇق. بىراق ئېلىمىزدە بازار ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە توقۇنۇشى، ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، پۇلپەرەسلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى نەتىجىسىدە، كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى تەۋرىنىپ قالدى. ماددىي مەنپەئەتپەرەسلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ۋە ھەرىكىتىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. نەتىجىدە جەمئىيەتتە ھەممىدە پۇل ۋە ماددىي مەئىشەتنى كۆزلەيدىغان، پۇلغا يارىمايدىغان ياكى ماددىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا ۋاز كېچىدىغان ياكى بولمىسا پۇل ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى ئايانماي دوغا تىكىدىغان، دەسمايە قىلىدىغان ناچار خاھىشلار باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇنداق پۇلپەرەسلىك ۋە ماددىي مەنپەئەتپەرەسلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى ھەم ئەخلاق مىزانلىرىغا كۆرۈنەرلىك زەربىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بەزىلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇسۇللىرىغا، ئەنئەنىۋى ئىشەنچ - ئېتىقادلىرىغا، قان - قېرىنداشلىق مۇناسۋەتلىرىگە خېلى ئېغىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بىر قىسىم كىشىلەر پۇلنىڭ، ماددىنىڭ قۇلىغا ئايلاندى ۋە بارغانسېرى بۇ ئىككى ئېزىتقۇنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ۋىجداننى، ئار - نومۇسنى يوقاتتى، مۇستەقىل ئاڭ - تەپەككۇردىن مەھرۇم قالدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئاچ كۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك تۇمانلىرى تورىۋالدى، ئۇلار پۇل - مالنى دەپ قان - قېرىنداشلىقتىن كەچتى، ئەخلاق - پەزىلەتنى تەرك ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ھەر خىل، ھەر شەكىلدىكى ياتلىشىش ھادىسىلىرى باش كۆتۈردى. مانا مۇشۇ خىل ياتلىشىش يېڭى پىروزىچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوخشاشمىغان شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. كۆپ ساندىكى يېڭى پىروزىچىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ياتلىشىش ھادىسىلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۆزەتتى ۋە ئەكس ئەتتۈردى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانلىرىنى بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.

1. ياتلىشىش −− ئىنسان دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەت ۋە مەنىۋى ئازاب

         بۇ ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ھەممىلا ئەسەرلىرىدىن دېگۈدەك مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىكى ئىنسان دۇچ كەلگەن ياتلىشىش، مەھكۇملۇق، ئۆزلۈكتىن مەھرۇملۇق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزلىقتىن ئىبارەت تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەتنى كۆرىمىز.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ياتلىشىشنى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش، ئۆزلۈكتىن ياتلىشىش ۋە مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
         كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش −− ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ئاساسلىق بايان ئېيتىملىرىنىڭ بىرى. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەر - خوتۇن، ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى يىراقلىشىش، سوغۇقچىلىق، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشى، قىسقىسى ئەر - خوتۇن، ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى بىرلىكنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولۇشى شەكلىدە ئىپادىلەندى. بىز ئۇنىڭ نىكاھ - ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى قوشۇلۇش تولۇق ئەمەلگە ئاشقان، بىر - بىرىگە مېھىر - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېسسىيات ئورتاقلىقى ۋە تىل ئورتاقلىقلىقىغا ئىگە بولغان ئەر - خوتۇنلارنى ئۇچراتمايمىز. ئەكسىچە توي قىلىپ قالغىنى ئۈچۈنلا بىر ئۆيدە ياشايدىغان، ھېسسىيات ۋە تىل ئورتاقلىقى يوق، ئۆيى بىر، دىلى باشقا ئەر - خوتۇنلارنى ياكى بولمىسا ئەرلىك ھوقۇق - ئىمتىيازنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆز ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ، خاسلىقى، ئارزۇ - غايىسى ۋە قىزىقىشىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان ئاياللارنى ئۇچرىتىمىز. “يۇلتۇز، يولۇڭغا كېتىۋەر” پوۋېستى شۇنداقلا قارىماققا نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت يېزىلغان ئەسەردەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت يېزىلغان ئەسەر. ئۇنىڭدىكى ئەر باش قەھرىمان “مەن” ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى جىسمى قوشۇلغىنى بىلەن روھى قوشۇلمىغان ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ، بىر ئۆيدە تۇرغىنى بىلەن ئىككىسىنىڭ كۆڭلى بىر - بىرىدە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمايدۇ، بىر - بىرىگە سوغۇق، قوپال مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار ئۈچۈن ئائىلە بىر ئازابخانا، ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنىڭ بۇرۇقتۇرما، مەنىسىز، زېرىكىشلىك بولۇشىنى بەلگىلىگەن. ئۇلار ئىككىسى كۈندە بىر ئۆيدە ياشىسىمۇ، بىر - بىرىگە يات كۆرۈنىدۇ، بىر يەرگە كەلسە قىلىشقىلى گەپ تاپالماي ئۆز خىياللىرىغا بېرىلىپ كېتىدۇ. “ئۇچقۇر ئاياغ كەلدى”دىكى دادىسى تەرىپىدىن مېيىپلىك ھارۋىسىغا بەند قىلىنغان ئەر باش قەھرىمانمۇ ئېغىر دەرىجىدە ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىتتا ياشايدۇ. بۇ خىل مۇھىت ئۇنى چىدىغۇسىز ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. خوتۇن - بالىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلىشقۇدەك ھېچقانداق گەپمۇ قالمايدۇ. “ئۇ ئايالىنىڭ ئۆز ئايالى ئىكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭمۇ ئۆز پۇشتى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر تەن بەرگىنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى يەككە - يېگانىلىقى.” بۇ دەرىجىدىكى ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق ۋە ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەت ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ۋە گاڭگىرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ئۆزىنى “بۇ دۇنيادا ياشىشىنىڭمۇ، ئۆلۈشىنىڭمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق”، “چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭ ھاياتىغا موھتاج ئەمەس، شۇنداقلا ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ موھتاج ئەمەس” دەپ ئويلايدۇ. ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب دېڭىزىدا جان تالىشىۋاتقان پەيتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە مېيىپ بولمىسىمۇ، دادىسىنىڭ ئۇنى مېيىپلىك ھارۋىسىغا بەند قىلىپ قويغانلىقىنى ئۇقۇپ روھىي جەھەتتە پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. “رويال ھەققىدە ھېكايە”دىمۇ ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى يېزىلغان. ئەر تەرىپىدىن قىزىقىشى، ئارزۇ - غايىسى چەكلەنگەن، ئەركىنلىكى بوغۇلغان ئايال ئازاب ۋە دەرد - ئەلەم دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ روھى ئاخىر ئەرنى جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ. مەنىۋى بىرلىكتىن ئەسەرمۇ بولمىغان نىكاھ مۇناسىۋىتى ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىنىڭ كۈشەندىسىگە ۋە مەنىۋى قاتىلىغا ئايلاندۇرىدۇ. “بوۋاي ۋە تاختا مۈشۈك”مۇ ياتلاشقان ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بايانىدىن ئىبارەت. ئەسەردىكى بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش يوقالغان. نارازىلىق، ئاغرىنىش، توڭ تېگىش، سوغۇق مۇئامىلە، كۆيۈمسىزلىك، پەرۋاسىزلىق ئۇلارنىڭ ئاتا - بالىلىق تۇرمۇشىنىڭ تۈپكى مەزمۇنى. ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەت ئاتاقتا بار، ئەمەلدە يوق مۇناسىۋەت. بۇ ھال بوۋاينى غېرىبانە، تەنھا، يېگانە ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بوۋايغا ئوغلىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ تەنھالىق تۇيغۇسىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ يېنىكلىتىدىغان، ئۇنىڭ سادىق، قەدىناس ھەمراھىغا ئايلىنىپ قالغان مۈشۈكىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تەڭ بوۋايمۇ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ.
             ئۆزلۈكتىن ياتلىشىش −− ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىشنىڭ يەنە بىر خىلى. “كېچىدىكى ئادەم”دىكى “ئۇ” ئۆزلۈكىنى، ئۆز سالاھىيىتىنى ۋە ماھىيىتىنى يوقىتىپ، ئۆزىدىن ياتلىشىش تەقدىر - قىسمىتىگە دۇچار بولغان بىر ئەر. ئۇ خوتۇنىنىڭ بىر ئېغىز چاقچىقى بىلەن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۆزلۈكىنى يوقىتىش قەدىمى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىنى تونۇيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىگە بەلگە سېلىۋالغان ۋە ئايالى بىلەن پارول دېيىشىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلۈكىدىن ياتلاشقان بۇ ئادەمنى بۇ تاشقى بەلگىلەر قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاخىر ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويىدۇ. “ئۇ ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگىنىنى، نەگە كېتىپ بارغىنىنى، بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلگىنىنى، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلەلمەيدۇ.” بۇ ئەسەردىكى “ئۇ” كافكانىڭ “شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى”دىكى گىرېگورى بىلەن بىر خىل سېلىشتۇرمىلىق ھاسىل قىلىدۇ. گىرېگورى قوڭغۇزغا ئايلىنىپ كەتكەن، يەنى تاشقى قىياپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاڭ - تەپەككۇرى ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن گرېگورىنى ئۆزلۈكىنى يوقاتمىغان دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن “كېچىدىكى ئادەم”دىكى “ئۇ” گەرچە شەكىل جەھەتتە باشقا نەرسىگە ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزلۈكىنى، سالاھىيىتىنى، ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇ دەسلىپىدە ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن، كېيىنچە، بۇ خىل تەقدىر - قىسمەتكە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىشقا جېنىنىڭ بارىچە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىشتىن ئىبارەت تەقدىر - قىسمەتتىن زادىلا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىنى ياتلىشىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدۇ - يۇ، يار - يۆلەكسىز، يېگانە قالىدۇ ۋە قاراڭغۇلۇق تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ كېتىدۇ.
            مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزلىق، ئادەمنىڭ ھېسسىيات - ئىرادە مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى −− ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى يەنە بىر خىل ياتلىشىش بايانىدۇر. ئىنسان بىلەن ئىنسان، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى ئنساننى يار - يۆلەكسىز، تايانچسىز، مەھكۇم ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بۇ خىل ھاياتلىق ھالىتى ئىنساننىڭ تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىقىنى ئىنسانغا ھېس قىلدۇردى. نەتىجىدە ئىنسان غېرىبلىق، يار - يۆلەكسىزلىك ۋە چارىسىزلىق ئىلكىدە تىركەشتى، ئازابلاندى، گاڭگىرىدى، تەشۋىشلەندى. ئەسئەت ئەمەتنىڭ “دۈكۈر - دۈكۈر”، “ئۇچقۇر ئاياغ كەلدى” قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىزلىقى، ئۇنىڭ ھېسسىيات - ئىرادە مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى ھەمدە شۇ سەۋەبتىن تۇغۇلغان ئازاب، ۋەھىمە، تەشۋىشلىرى ئىپادىلەنگەن. “دۈكۈر - دۈكۈر”دە “مەن”نىڭ قۇترىغان، ئەسەبىي، يات بىر كۈچنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى يېزىلغان. ئەسەردە “مەن” ئەسەبىي بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئەسەبىي ئېشىكىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. بوۋاي بىلەن ئېشەكتىن تەركىب تاپقان ئەسەبىي، يات كۈچ “مەن” ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ، ئارامىنى بۇزىدۇ. “مەن” ئۇ كۈچنىڭ تەھدىتى ۋە ۋەھىمىسىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئاخىر بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى يوققا چىقىدۇ. ئەكسىچە ھېلىقى يات كۈچ بارغانسېرى زورىيىدۇ. “مەن” ئاخىر مەغلۇپ بولىدۇ. ئۆزىنىڭ تەھدىت ھەم ۋەھىمە ئاستىدا قالغان تەقدىرىنى ۋە مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى زادىلا ئۆزگەرتەلمىگەن “مەن” قاتتىق ئازاب ئىچىدە تېڭىرقايدۇ، ساراسىمىگە چۈشۈپ تەشۋىشلىنىدۇ. ھەممىدىن يامان بولغىنى شۇكى، “مەن” ئاشۇ ئەسەبىي يات كۈچنىڭ ئۆز ئوغلىنى زىيانلاندۇرۇپ قويۇشىدىن بەكلا ئەندىشىگە چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ئوغلى ئاشۇ يات كۈچنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئۆز دادىسىغا −− “مەن”گە تەھدىت سالىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى −− مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان “مەن”نىڭ ساراسىمە، تەشۋىشلىرىگە ئوغلىنىڭ ئاسىيلىقى ئېلىپ كەلگەن ئازاب قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قورقۇنچى ۋە غېرىبلىق - تەنھالىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۇقىرى چەككە چىقىرىدۇ. ئاپتور “مەن”نىڭ ئوغلىنىڭ دادىسىدىن يۈز ئۆرۈپ يات كۈچكە قوشۇلۇپ دادىسىغا تەھدىت سالغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنىڭ “مەن”نىڭ تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمىتىنى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بېرىدۇ. “ئۇچقۇر ئاياغ كەلدى” دىمۇ ئەر باش قەھرىمان دادىسى تەرىپىدىن مېيىپلىك ھارۋىسىغا بەند قىلىنىپ ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ھېسسىيات - ئىرادە مۇستەقىللىكىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدا يۈرىكىنى داۋالىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ ۋە ئارقىدىنلا مېڭىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغما پالەچلىكىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ ئىشنى دادىسىنىڭ ھايات چېغىدىكى يېقىنىدىن سۈرۈشتۈرىدۇ. ئاخىر ئۆزىنىڭ پالەچ ئەمەسلىكىنى، دادىسىنىڭ ئۇنى مېيىپلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، مېيىپكە ئايلاندۇرۇپ )پىسخىكا جەھەتتە ئۇنى مېيىپلىك تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈپ( قويغانلىقىنى ئۇقۇپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ساق تۇرۇپ 30نەچچە يىل مېيىپلىك ھارۋىسىدا كۈن ئۆتكۈزۈپ تارتقان كۈلپەتلىرى ئۇنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ؛ ئۇ ئاخىر ئۆزىنىڭ مېيىپلىكتىن ئىبارەت تەقدىر - قىسمىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەھەر كوچىلىرىدا قۇيۇندەك يۈگۈرەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ ۋە توختىماي چاپىدىغان يۈگۈرۈش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ساق تۇرۇپ مېيىپلىك ھارۋىسىغا بەند قىلىنىشى كىشىلەرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرماستىن، بەلكى قوپۇپ يۈگۈرۈشى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېيىپلىك ھارۋىسىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ، ئەسەر ئاخىرىدا ئۇنىڭ بۈگۈنى گۇگۇم مەزگىلىدە دادىسىنىڭ جەسىتىنى مېيىپلىك ھارۋىسىغا سېلىپ، ھارۋىنى شەھەرنىڭ شىمالىغا ئىتتىرىپ كەتكەنلىكى، ئەتىسى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئاق كېپەننى يېپىنچاقلىۋالغان بوۋاينىڭ بورىغا يۆگەلگەن ئۇچقۇر ئاياغنى مېيىپلىك ھارۋىسىغا سېلىپ شەھەرنىڭ جەنۇبىغا ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇ ھالەتنىڭ توختىماستىن دەۋر قىلىنغانلىقى يېزىلغان. بۇ ئارقىلىق ئاپتور ئۇچقۇر ئاياغنىڭ تەقدىرىنى −− مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يورۇتۇپ بەرگەن.
           شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەسئەت ئەمەتنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېغىر كىرىزىس ئىچىدە قالغان ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى، جۈملىدىن ئېغىر ياتلىشىش دەستىدىن قەدىر - قىممىتى يوقالغان، ئەركىنلىكى بوغۇلغان، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان ئېچىنىشلىق ھالىتى، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئازاب، تەشۋىش، ۋەھىمە، غېرىبلىق، تېڭىرقاش تۇيغۇلىرى ئوخشاشمىغان نۇقتىلاردىن ئىپادىلەنگەن. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېما يۈزلىنىشى جەھەتتىكى بىر ئۆزگىچىلىكى، مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇ ياتلىشىش ھادىسىسىنى يېزىشىدىكى مەقسىتى ئوقۇرمەننى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىش ئەمەس، بەلكى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇش، ئىنساننىڭ ئۆزىدىن ۋە بىر - بىرىدىن ياتلىشىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقۇرمەنگە ھېس قىلدۇرۇش. ئىنسان مەۋجۇتلۇقى، ھاياتلىق ھالىتى ۋە بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئىنسان دۇچ كېلىۋاتقان مەنىۋى ئازاب، يار - يۆلەكسىزلىك، غېرىبلىق ۋە تەنھالىق ھەققىدە ئوقۇرمەننى ئويلىنىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. مانا بۇنى ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنىڭ قىممىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، تېما يۈزلىنىشى جەھەتتە، ئەسئەت ئەمەت ئىپادىزم، مەۋجۇدىيەتچىلىك ۋە بىمەنە تىياتىرچىلىق قاتارلىق ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ياتلىشىش مەسىلىسىنىمۇ، ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى بولغان ئازاب، غېرىبلىق، ئامالسىزلىق، ھېسسىيات - ئىرادە مۇستەقىللىكى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ يوقىلىشى قاتارلىقلارنىمۇ پەلسەپىۋىلىك نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن ۋە ئىپادىلىگەن. بىزمۇ بۇ مەسىلىلەرنى پەلسەپىۋىلىككە ئىگە مېتافىزىكىلىق مەسىلىلەر دەپ چۈشىنىشىمىز، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىنلا چۈشىنىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئەسەرلىرىدە كونكرېت مەدەنىيەت كونتېكىستىنىڭ نامايان قىلىنماسلىقىمۇ ئېھتىمال بىمەنە مۇھىتتىكى ئىنساننىڭ ياتلىشىش تەقدىرىنى ۋە بىمەنە كەچمىشلىرىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىدىن بولغان بولسا كېرەك.

2. ياتلىشىش −− ئەجداد روھىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى −− يىلتىزىنى ئۇنتۇش، مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش

           ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى “كافكاچە ياتلىشىش بايانى”غا ئوخشىمىغان ھالدا، يەنە بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە “ئايتماتوفچە ياتلىشىش بايانى” ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇھەممەد باغراش، توختى ئايۇپلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش مەزگىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدەنىيەت پىسخىك قۇرۇلمىسىدىكى ئاينىشلارنى، ئەجدادلار تەرىپىدىن ئەۋلادمۇئەۋلاد قەدىرلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن گۈزەل نەرسىلەر −− ئېسىل ئەنئەنىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئېتىبارسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئەجدادىنى ۋە يىلتىزىنى ئۇنتۇپ ماڭقۇرتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەلەم ۋە ئېچىنىش ئىچىدە بايقىدى. پۇلنى، ماددىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ مىللەت ۋۇجۇدىدىكى گۈزەل نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش ياكى زامانىۋىلىقنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش دەپ چۈشىنىۋېلىش قاتارلىقلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇققا ئىنتايىن پاسسىپ، سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يەتكەن بۇ يازغۇچىلار مىللەت روھىنى پاكلاشنى، مىللىي پىسخىكا كىرىزىسىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئىجادىيەت مۇددىئاسى ۋە بەدىئىي غايىسى قىلىپ تاللىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ئەجداد روھىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇش قاتارلىقلارنى مىللەت پىسخىكىسىدىكى ئاينىش - ياتلىشىش دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. بۇنى يېڭى پىروزىچىلىقتىكى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم رېئال تېما يۈزلىنىشى دېيىشكە بولاتتى.
           مۇھەممەد باغراش بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باش كۆتۈرگەن مەنىۋى كىرىزىسلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ “يۈرەكتاغ”، “جىنايەت ۋە جازا”، “ئاقساق بۇغا”، “ئىزدەش” قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەجداد روھىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇش، مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.
          “يۈرەكتاغ” يازغۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ۋەكىللىك ئەسىرى. “يازغۇچى بۇ پوۋېستىدا، قەدىمكى دەۋر رىۋايىتىنى ھازىرقى دەۋر رېئاللىقى بىلەن ئۈنۈملۈك باغلاپ، ئەۋلاد بىلەن ئەجداد مۇناسىۋىتىگە دائىر پەلسەپىۋى - دىداكتىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.” ئاپتور پوۋېستىدا كىروران ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خاقانى بەگقۇلىبەگنىڭ ئۆز ئۇرۇق - قوۋمىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تومۇرىنى كېسىپ ئۆز قېنىنى بالىلارغا ئۇسسۇلۇق قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ خوتۇنى كۆركلە ئىنە )گۈزەل ئانا(نىڭ ئەلگە ماكان تېپىپ ئۇلارنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆك بۆرە ئانىنىڭ بېشارىتى بويىچە يۈرىكىنى سۇغىرىپ ئېلىپ قۇملۇققا تاشلىغانلىقى، يۈرەكنىڭ تاغقا ئايلىنىپ، تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇلاق سۇلىرى ئېقىپ تۇرغان، گۈل - چېچەككە، دەل - دەرەخكە تولغان بوستانلىق بىنا بولغانلىقى، كىروران ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شۇ يەرنى ماكان تۇتۇپ ياشىغانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى كۆپ ئاڭلاپ قەلبىدە بەگقۇلىبەگ بىلەن كۆركلە ئىنەگە بولغان ھۆرمەت - ئېتىقادى ئۇرغۇپ، ئاشۇ ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۈرەكتاغقا قاراپ سەپەرگە چىققان ئۈچ ئوغۇلنىڭ قۇملۇقتا قارا بوراندا كۆمۈلۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى؛ بالىلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ مەھەللىگە قاراپ كېتىۋاتقان شاقۇرلۇقلارنىڭ نارىش بوۋاينىڭ دالالىتى بىلەن بالىلارنىڭ جەسىتىنى يۈرەكتاغقا دەپنە قىلىش ئۈچۈن چۆلنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى نۇقتىلىق يېزىش، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ كۆركلە ئىنەنىڭ قەبرىسىنى كولاپ جەسىتىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەنلىكىنى قىستۇرما قىلىش ئارقىلىق، ئەجداد روھىنى ئۇنتۇش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەستىن چىقىرىش، ئەنئەنىدىن چەتنەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسىنى ۋە ئۇنىڭ تىراگېدىيەلىك ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يازغۇچى ئەسەردە بىر تەرەپتىن، شەھەرلىك بالا ئېلدوسنىڭ مەۋقەسىدىن شەھەرلىكلەرنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا زادىلا ئويلىمايدىغانلىقىنى، ھاۋاسى مۇزدەك ئاشۇ شەھەرنىڭ چىرايىمۇ، گەپ - سۆزلىرىمۇ مۇزدەك، تويماس، ئاچ كۆز، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلاپ قويمايدىغان ئادەملىرىنىڭ بەگقۇلىبەگنى، كۆركلە ئىنەنى، ئاشۇ يۈرەكتاغنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئاللىقاچان يادىلىرىدىن چىقىرىشقانلىقىنى، ھەتتا ئۇلار توغرىسىدىكى ئاشۇ گۈزەل رىۋايەتنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، شەھەرلىكلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى، ئەجداد روھىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئەجەللىك ياتلىشىشتىن بېشارەت بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، نارىش بوۋاينىڭ تىلى ئارقىلىق شاقۇرلۇقلارنىڭ بىر بۇردا ناننىڭ قۇلى بولۇپ، تىرىكچىلىك غوۋغاسىدا ئۆزىنى يوقىتىپ ئەجدادىدىن، ئۇلارنىڭ روھىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى، ئۇلاردىن تېنىپ، كۆز يەتكۈدەك يەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان يۈرەكتاغنى تاۋاپ قىلىشنى تەرك ئەتكەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق يېزىلاردىكى ياتلىشىشنى بېشارەتلەيدۇ. ئەسەردىكى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن قىستۇرۇلغان ھازىرقى زامان ماڭقۇرتى −− بەستلىك يىگىت ئوبرازى ئارقىلىق ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئۆز يىلتىزىنى −− كىملىكىنى، ئەجدادىنى ئۇنتۇپ، ئەنئەنىسىدىن چەتنەشتىن ئىبارەت ياتلىشىشنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ماڭقۇرتى بولمىش بەستلىك يىگىتنىڭ نەزىرىدە ئاتا - بوۋا دېگەن ئۆزىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى، يۈرەكتاغدەك قەدىمىي جايدا قەدىمكى زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ گۆرى بولىدۇ، ئۇ گۆردىكى ئادەملەر بىلەن ھازىرقى كۈندىكى ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋەت يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ گۆردىكى ئادەملەرنى كولاپ چىقىرىپ شەھەرمۇ - شەھەر ئايلاندۇرۇپ كۆرگەزمە قىلسا بولىۋېرىدۇ. بەستلىك يىگىتتىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زامان ماڭقۇرتى ئۆز ئەجدادىنى، ئۆزىنڭ كىملىكىنى ئۇنتۇغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئاتىسى، ھەتتا بوۋىسى دېمەتلىك دانى ياغچى، نارىش بوۋاي قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا سالام قىلىشنى، ئۈچ بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەندە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى زادىلا بىلمەيدۇ. ئەكسىچە “نېمە ئادەم سىلەر؟ نەگە بېرىپ كېلىۋاتىسىلەر؟” دەپ توپقا قاراپ ۋارقىرايدۇ. بۇ ماڭقۇرت يەنە ئۈچ بالىنىڭ پاجىئەسىدىن، نارىش بوۋاينىڭ دەۋەت - دالالەتلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئويغانغان شاقۇرلۇقلارنى روھىي ماكانى ۋە تاۋاپگاھىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
             شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئەسەر ئېلدوس تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر ۋە شاقۇر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلمىسى. ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك، جەمئىيەتتە ياتلىشىش ھادىسىسى باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ياتلىشىشنىڭ شەھەرلەر بىلەن يېزىلاردىكى دەرىجىسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. يېزىلار نىسبەتەن بېكىنمە ھالەتتە تۇرغىنى ئۈچۈن ياتلىشىش شەھەرلەرگە قارىغاندا ئانچە ئېغىر ئەمەس. خۇددى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئېلدوسنىڭ نەزىرىدىكى شاقۇردەك. شاقۇرلۇقلار ئەجداد روھىنى تاۋاپ قىلىشنى ئۇنتۇغىنى بىلەن ھېچبولمىسا ئۇلارنىڭ جان - پىدالىق، نىجادكارلىق روھى ۋە خىسلىتى ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئۇنتۇمىغان. “كۆچ - كۆچ” رىۋايىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد سۆزلەپ كەلگەن. شۇڭا شاقۇرلۇقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكتاغنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ يۈرىكىدىن بىنا بولغان، ئۇلارنىڭ روھى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاي ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. گۈزەل مىللىي ئەنئەنىلەر شاقۇرلۇقلارنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شاقۇردا ئەنئەنىدىن چەتنەش، بىر - بىرىدىن ياتلىشىش ئانچە ئېغىر ئەمەس، ئۈچ بالا ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە شاقۇرلۇقلارنى ئويغاتتى. نارىش بوۋاينىڭ خىتابى ۋە دالالىتى ئۇلارنى ئەجدادلىرىنىڭ روھىنى تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار نارىش بوۋاينىڭ دېگىنىدەك، ئۈچ بالىنىڭ مېيىتىنى كۆركلە ئىنەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن يەرلىكىگە قويسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئەجداد ۋە ئەۋلاد روھى ماكانلاشقان يۈرەكتاغنى تاشلىۋەتمەيدىغان، پات - پات بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولىدۇ. دېمەك، ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈمى نارىش بوۋاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا: “يۈرەكتاغقا بېرىشنى، ئۇ يەرنى تاشلىۋەتمەسلىكنى، ئۇ يەرنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكنى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالدى، شۇنداق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىزگە ئۆگەتتى. بىزنى غەپلەتتىن، ئازغۇنلۇقتىن تارتىپ چىقاردى. بىزنى ئويغاتتى!” ئەسەرنىڭ بايانلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇنداق قىلىپ شاقۇرلۇقلار ئويغاندى. شەھەرلىكلەرچۇ؟ ئېلدوسنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئاتا - ئانا نېمە بولۇپ كېتەر؟ ئۇلار ئېھتىمال ئالدى بىلەن ئوغلىنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنى ئاشۇ سەھراغا يولغا سېلىپ قويغان ئۆزلىرىنى، ئاندىن ئوغلىنىڭ يۈرەكتاغقا بېرىشتىن ئىبارەت بەڭباشلارچە، ھاقامەتلەرچە قىلىقىنى، ئاخىرىدا ئېلدوسنىڭ ئىش - ھەرىكىتىگە ئوبدان كۆز - قۇلاق بولمىغان مومىسىنى ئەيىبلەر. ئۇلار يۈرەكتاغدىكى نىجادكار ئەجدادلىرىنىغۇ ئۇنتۇغان، ئۇلار ھەققىدىكى رىۋايەتنىمۇ بىلمەيدۇ. مانا بۇ شەھەرلىكلەردىكى ئەجدادىنى ئۇنتۇش كېسىلى. شۇڭا شەھەردە ھېلىقى بەستلىك يىگىتتەك ماڭقۇرتلار پەيدا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە بالىلارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەجدادىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشتىن ئىبارەت ياتلىشىشنىڭ ئېچنىشلىق ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالايدىغان، ئاۋامنى غەپلەتتىن ئويغىنىشقا چاقىرالايدىغان روھىي ئويغاق نارىش بوۋاي يوق. بۇ ھال شەھەرلىكلەرنى بىر مەھەل غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن شەھەرلىكلەرنىڭ ئەجدادتىن ياتلىشىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلمىقى قىيىن. بۇنى ئاز دېگەندەك، تۈرلۈك زامانىۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان شەھەرلىكلەر بۇنداق ئەجدادىنى ئۇنتۇش كېسىلىگە خېلى ئۇزاققىچە شىپالىق دورا تاپالماي ئازابلىنىشى، تېڭىرقىشى ۋە گاڭگىرىشى مۇمكىن، مانا بۇلار بۇ ئەسەردە بېشارەتلەنگەن پىكىرلەردۇر.
            “جىنايەت ۋە جازا” مۇھەممەد باغراشنىڭ سېھرىي رېئالىزملىق ئۇسۇل ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش ۋە ئىنسانىي ماھىيەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسىرى. ئاپتور بۇ ئەسەرنىڭ بېشىدىلا چوپان چاپىنى ۋە چوپان ئىشتىنى كىيىۋالغان ئەلەس يىگىتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنىمۇ توغرا ئاتىيالمايدىغان، تۇغقان ئانىسىنىمۇ “ئانا” دەپ باقمىغان، ئۆزىنىڭ نېرىسىنى بىلمەيدىغان ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدىغان، “ئۆزۈمدىن باشقا چوڭى يوق، ھېچكىمنى تونۇمايمەن، ئۆزۈم چوڭ” دەپ قارايدىغان بىر ماڭقۇرت. ئۇ ئەجدادىنى بىلمەيدۇ، ئانىسى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەتنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، “كىم ئۇنى تۇغسۇن دەپتىكەن؟ مەن >مېنى تۇغ< دېمىگەندىكىن ئۆزىنىڭ ئىشى...” دەپ قارايدۇ . ئۇ بولغۇسى قېيىنئانىسىنىمۇ ئۆزى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بىر خوتۇن دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئەكەلدۈرۈپ، بولغۇسى قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاكىسى بىلەن بىللە بولدى دېگۈچە ھاراق ئىچىشىدۇ. ئاپتور بۇ ئوبراز ئارقىلىق چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسى ۋە ئاينىتىشى )يازغۇچى بۇنى شۇ كۈنلەردە مودا بولغان چوپان چاپىنى ۋە ئىشتىنى، “كېنت” تاماكىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن( نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاپتور يەنە شوپۇرنىڭ كۆزىدىن ئىنسانىي قەدىر - قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى يوقىتىپ، ئىتائەتچان قۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن ئانا - بالىنىڭ )ئەلەس يىگىتنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاكىسىنىڭ( بىر - بىرى بىلەن بوغۇشۇپ ئۇرۇشۇپ كېتىشلىرىنى، ئەلەس يىگىتنىڭ ئۇ ئىككىسىنى دەسسەپ - چەيلەشلىرىنى يازىدۇ. قۇرئەنداز قىزنىڭ ئاغزىدىن سول ياندىكى ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ سەزمەس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تەم - پۇراقنى، ئىسسىق - سوغۇقنى، قورساق ئاچقاننى سەزمەس بولۇپ كەتكەنلىكىنى؛ يەنە بىر ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا تونۇماسلىق، ئۇنۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلقى، ئۇ ئۆيدىكى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئايالنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايالنىڭمۇ كۆز ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ نەسلى ۋە كىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى، “ئۇلاردا قىلچىلىكمۇ قانداشلىق كۆز قارىشى، قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى، ئانا - بالىلىق رىشتىسى دېگەن نەرسىلەر زادىلا مەۋجۇت ئەمەس” ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. مانا بۇلار تولىمۇ ئېچىنىشلىق ياتلىشىش كارتىنىسى. بىز ئۇنىڭدىن بەزىلەرنىڭ ئېڭىنى چىرمىۋالغان مەنىۋى قۇلچىلىقنى، ئاڭ - تەپەككۇر ۋە ئىنكاس پالەچلىكىنى، ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ۋە قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ يوقىلىشىنى، گۈزەل ئەنئەنىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي غايىسى يۇقىرىقى تەقدىر - قىسمەتكە دۇچار بولغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى )ئەلەس يىگىت بۇنىڭ سىرتىدا( دۇچ كەلگەن ياتلىشىش ھادىسىسىنى جىنكەش باخشىنىڭ سۇيىقەستىگە جورۇپ، باخشىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ، ياتلىشىشقا خاتىمە بېرىدۇ.
          “ئىزدەش” مۇھەممەد باغراشنىڭ ئېتنىك ياتلىشىش تېمىسىدىكى يەنە بىر ئەسىرى. بۇ ھېكايىدە ئاپتور “مەن”نىڭ ئۆيىگە، ھەتتا پۈتۈن بىر قورۇغا ھېچكىشىنىڭ ھېيتلاپ كەلمىگەنلىكى، “مەن” ھېيتلاشقا چىققان بولسىمۇ، بىراق نەگە بېرىشىنى بىلمىگەنلىكى، ئاغىنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى بولسا تاپالمىغانلىقى قاتارلىقلارنى يېزىش ئارقىلىق بەزى كىشىلەردىكى ياتلىشىشنىڭ ھەتتا ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلەرنىمۇ ئۇنتۇش دەرىجىسىگە بارغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەسەردىكى “مەن” ئەلۋەتتە ھېيت كۈنىنى، ھېيت كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىشىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بىراق ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قورۇغىمۇ ھېچكىم ھېيتلاپ كەلمىدى. دېمەك بىر قىسىم كىشىلەر ھېيتنىمۇ، ھېيتلاش ئادىتىنىمۇ ئۇنتۇدى. بۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي ئۆرپ - ئادەتنى، ئەنئەنىنى ئۇنتۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
            “بۆشۈك” توختى ئايۇپنىڭ ياتلىشىش تېما قىلىنغان ئەسىرى. ھېكايىدە ئاپتور بۆشۈك، بوۋايدىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋە تېنىگەن يىگىت ئوبرازى ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشتىن ئىبارەت بىر خىل ياتلىشىش ھادىسىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ باش تېمىسى تۇغۇلغۇسى ئوغلىغا بۆشۈك ئېلىشنى رەت قىلغان يىگىت بىلەن بوۋاينىڭ دىيالوگى ۋە بوۋاينىڭ ئوي - خىيالى ھەمدە ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشنى خالىماسلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن. ھېكايىدىكى يىگىت پۇل ۋە ماددىي مەنپەئەتنى ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەپ قارايدىغان ئېتىقادنى كىشەن ۋە بويۇنتۇرۇق دەپ ھېسابلايدىغان، “بىز تەڭرى، بۆشۈك ۋە ئەللەي ناخشىسى دېگەنلەرنى خۇددى ئۆيىمىزدىن ئەخلەتنى سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلايمىز” دەپ جار سالىدىغان، ئەجدادىنى، ئاتا - ئانىسىنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدىغان بىر ئازغۇن. ئۇ “بىزنىڭ كاللىمىز مۇشۇنداق بۆشۈكتە تولا چايقىلىپ، مېڭىمىز سېسىق تۇخۇمدەك قوچۇلۇپ كەتكەن. شۇڭا بىز دۆت، تەلۋە، مېڭىمىز ئاددىي... مەن بالامنىڭ كەلگۈسىدە بۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن” بوۋاي بىكارغا بېرەي دېگەن بۆشۈكنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. بوۋاينىڭ سۆزى بويىچە، بۆشۈك “روھ بىلەن شىجائەت ۋە ئېتىقادنىڭ يۇغۇرۇلمىسى...” بولۇپ، يىگىتنىڭ بۆشۈكنى قوبۇل قىلماسلىقى ئەمەلىيەتتە ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ۋە خىسلەتلىك نەرسىلەرنى، جۈملىدىن ئادىمىيلىكنى رەت قىلىشى ئىدى. بۇ يىگىتمۇ بوۋاي تۇرۇۋاتقان شەھەردە كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقان “ئۆز يۇرتىدىن، ئۇرۇق - پۇشتىدىن تانغۇچىلار - تېنىگەنلەر”نىڭ بىرى بولۇپ، بوۋاينىڭ قارىشىچە ئۇلارنىڭ “ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارغا خاس بولغان مېھىر - ۋاپا، ئەقىل - پەزىلەت، مۇھەببەت - نەپرەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى دېگەنلەر تېپىلمايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەم ياكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئەر ياكى ئاياللىقىنى، ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى، نەدە تۇغۇلۇپ، نەدە ئۆسكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئاتا - ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى تونۇمايتتى...” يازغۇچى يىگىتنىڭ سۆزلىرى ۋە بوۋاينىڭ كۆز قاراش - مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق يىگىت ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن، ئەنئەنىلىرىدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئىبارەت ياتلىشىش ھادىسىسىنى قاتتىق پاش قىلىدۇ. ئاپتور ئەسەردىكى تۇغۇلۇش قەرەلىدىن ئالتە ئاي ئېشىپ كېتىپمۇ يەنە ئەجداد ئەنئەنىسىدىن چەتنىگەنلەرنىڭ بىرى بولغان دادىسىغا نەپرەتلىنىپ، ئۆزىنىڭمۇ دادىسىدەك تېنىگەن بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلۇشنى خالىمايۋاتقان ھامىلە بىلەن دوختۇر ئايالنىڭ دىيالوگى ئارقىلىق دوختۇر ئايالنىڭمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا تېنىگەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، يازغۇچنىڭ ئەنئەنىدىن چەتنەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇشتەك ياتلىشىشنى بىر ئەۋلاد ئومۇميۈزلۈك يۇقتۇرۇۋالغان ئەجەللىك مەنىۋى ئىللەت دەپ قارىغانلىقى ئىدى. ئەسەر ئاخىرىدا يازغۇچى تېنىگەن يىگىتنىڭ ئەسلىگە قايتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئەسلىگە قايتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ چۈشىدە بوۋاي ياسىغان بۆشۈكلەردىن بىرىدە ئۆزى، يەنە بىرىدە بالىسى يېتىپ ئانىسى بىلەن خوتۇنى بىرلىكتە ئېيتىۋاتقان ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق تېنىگەنلەرنى ياتلىشىش كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇش غايىسىنى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.

3. ياتلىشىش −− نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىش

            بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك، جەمئىيەتتە پۇلپەرەسلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى كىشىلەرنى مەنپەئەتپەرەسلەشتۈرۈۋەتتى. پۇل ۋە ماددىي مەئىشەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھايات پائالىيىتىنىڭ بىردىنبىر مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر نەزىرىدە پۇلنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇلنى دەپ ئادىمىيلىكنى تەرك ئەتتى، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەردىن ۋاز كەچتى. پۇلپەرەسلىكتىن ئىبارەت نەرسىگە قۇل بولۇش، پۇلغا چوقۇنۇش پىسخىكىسى ئۇلارنى ۋۇجۇدىدىكى ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ۋە غۇرۇردىن، مۇقەددەس ئېتىقاد، يۈكسەك ئەقىدىلەردىن، ئالىيجاناب خىسلەتلەردىن بىراقلا مەھرۇم قىلىپ قويدى. نەتىجىدە ئۇلار بىر خىل مەنىۋى ۋاكۇئۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ياكى پۇلخۇمار ھايۋانغا ئايلىنىپ كەتتى. مانا بۇ ئىنساننىڭ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئەنئەنىۋى گۈزەل مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن، ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ياتلىشىشى ئىدى. مۇھەممەد باغراشنىڭ قەلىمىدىكى چۈنچىباي ۋە كامالىدىنلارنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي ماھىيىتىدىن ياتلاشقان پۇلپەرەسلەر دېيىشكە بولىدۇ. “ئاپپاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى”دىكى چۈنچىباي “پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن، پۇل تاپىمەن دەپ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان.” ئۇ “كېچە - كۈندۈز پۇل ۋەسۋەسىسىدە ئۇخلىيالمايدۇ، لېكىن پۇل تاپالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پۇل تېپىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، مۇشۇ ئىزتىراپ ئىچىدە قىينىلىدۇ، پۇچىلىنىدۇ، ئۆرتىنىدۇ... ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئەمدى لاۋۇلدايدىغىنى پۇلنىڭ ئوتى بولۇپ قالىدۇ.” ئۇنىڭ يۈرىكى پۇل ئۈچۈنلا سوقىدۇ، ئۆزى پۇلدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە قىزىقمايدۇ. ئۇ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، نەزىرلەرگە زادىلا بارمايدۇ، ئەل - جامائەت بىلەن باردى - كەلدى قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ، يۇرت ۋە مەھەللىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ دېگەنلەرگە قىلچە قىزىقمايدۇ. ئوغلىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلەن زادىلا ھېسابلاشمايدۇ. پۇل ۋەسۋەسىسى ئۇنى ئادەمگەرچىلىك قائىدە - يوسۇنلىرىدىن، ئادىمىي پەزىلەتلەردىن، ئاتىلىق بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتتىن ئۈزۈل - كېسىل مەھرۇم قىلىدۇ. ھەممىنى تەرك ئېتىپ سېپى ئۆزىدىن پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ئايلانغان چۈنچىباي ئاخىرىدا ئەجداد روھىنىڭ، پاكلىق ۋە مۇقەددەسلىكنىڭ، ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ سىمۋولى بولغان ئوغلىدىن، ئەجداد روھىنى ئەۋلاد ۋۇجۇدىغا كۆچۈرگۈچى ۋاسىتە بولغان خوتۇنىدىن ئايرىلىپ، روھىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. مانا بۇ يازغۇچى تەكىتلىمەكچى بولغان ئاقىۋەت −− نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، ئىنسانىي ماھىيەتنى ۋە ئادىمىي خىسلەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ياتلىشىشنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى بولسا كېرەك.
           “كەلكۈن”دىكى كامالىدىنمۇ پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ۋۇجۇدىدىكى ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى پۈتۈنلەي تەرك ئەتكەن بىر ئازغۇن. ئۇ ئازراق پۇللۇق بولغاندىن كېيىنلا ئەسلىي ماھىيىتىدىن ياتلىشىپ، ئەنئەنىۋى مىللىي قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىشەنچ - ئېتىقادلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە - يوسۇنلارنى، ئاتا - بوۋىسىنى ئۇنتۇماسلىق، شۈكۈر - قانائەت، ئىنسابنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدىكى دەۋەت - دالالەتلەرنى يالاڭتۆشلەر پەلسەپىسى دەپ قارايدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمانلىق يولىنى تۇتۇپ ياشاۋاتقان، ماددىي جەھەتتە نامرات بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە يار تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان دادىسى قاتارلىق يۇرت جامائىتىنى ئەخمەق - ھاماقەتلەر، ياشاشنى بىلمەيدىغانلار، تىرىكچىلىك يولىدا جان تالىشىۋاتقانلار دەپ كەمسىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەنىۋى كىرىزىسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ھاراقكەشلىك ۋە قىمارۋازلىق ئۇنىڭ مەنىۋى پاجىئەسىنى تېزلىتىدۇ، پۇلپەرەسلىك ئۇنىڭ ئېڭىدىكى ئىنسانىي پەزىلەت چۈشەنچىلىرىنى، ئىشەنچ - ئېتىقادلارنى، ئەجداد ئەنئەنىسىنى ۋە قائىدە - يوسۇنلىرىنى پاك - پاكىز يۇيۇپ تاشلايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ مەنىۋى جەھەتتە پۈتۈنلەي ۋاكۇئۇم ھالەتكە كىرىدۇ ۋە سېپى ئۆزىدىن پۇلخۇمار مەخلۇققا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەزخورنىڭ “خوتۇنۇڭنىڭ چېچىنى كېسىپ كەلسەڭ پۇل بېرىمەن” دېگەن گېپىگە ئىشىنىپ خوتۇنىنىڭ ھەم ئۇزۇن، ھەم توم ئىككى تال ئۆرۈم چېچىنى كېسىپ كېلىدۇ ۋە “سەن بۇنى ئاز كۆرسەڭ دادامنىڭ ساقىلىنىمۇ كېسىپ كېلىمەن. دادامنىڭ ساقىلىنى ئالامسەن؟ ئاپپاق، ئۇزۇن، پاكىز. پۇللا بەرسەڭ ھازىرلا كېسىپ كېلىمەن” دەيدۇ.  پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانغا خاس ئاڭ - تەپەككۇردىن، ئىنسانىي غۇرۇرىدىن، ئادىمىيلىكتىن مەھرۇم قالغان بۇ ئازغۇننى ۋاقىتسىز كەلگەن كەلكۈن ھادىنىڭ ئاشپۇزۇلىدىكى بارلىق قىمارۋاز - ھاراقكەشلەر بىلەن قوشۇپ سۈپۈرۈپ كېتىدۇ. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، توغرا يول بىلەن ھالال پۇل تېپىپ بەختلىك ياشاش، تاپقان پۇللىرىنى ئۇلۇغۋار غايە - نىشانلار ئۈچۈن سەرپ قىلىش ۋە ساۋابلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش، پۇل ئارقىلىق ئالىيجاناب پەزىلەتنى، قان - قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلىش، ماختاش - مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش. ئەمما پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى تەرك ئېتىش، ئەجداد ئەنئەنىسىدىن يۈز ئۆرۈش كەچۈرگۈسىز گۇناھلىق ئىش. مۇھەممەد باغراش ھەر ئىككىلا ئەسىرىدە مانا مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ، نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ئىنسانىي خىسلەتلەردىن ياتلىشىپ كېتىش قىلمىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

4. ياتلىشىش −− ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقچىلىق

           بۇ خالىدە ئىسرائىل قەلىمىدىكى “ئوربىتا” ۋە “ھاڭغىت كۆلى”دە ئىپادىلەنگەن ياتلىشىش بايانىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككىلا ئەسەردە يازغۇچى فېمىنىزملىق مەۋقەدە بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن مەنىۋى ئازاب ۋە خورلۇقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەمدە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى سوغۇقچىلىق، ئاياللارنىڭ غېرىبسىنىش، گاڭگىراش، يار - يۆلەكسىزلىك، ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇق، مۇھەببەتكە، چۈشىنىشكە تەشنالىق قاتارلىق تۇيغۇلىرىنى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت بىلەپ ئىپادىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش “ئوربىتا”دا تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردىكى ياتلىشىش مەسىلىلىرى خېلى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا يىغىشقا بولىدۇ.
         “ئوربىتا” ئاپتورنىڭ ئاسىيەنىڭ ئاڭ پائالىيەتلىرى ۋە پىسخىك كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىۋى ئازابلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاسىيە بىلەن ئېرى ئابلېكىم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇش، سوغۇقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىك ھەققىدىكى بايانلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەسەرنى باش پېرسوناژ ئاسىيەنىڭ مەنىۋى ئازابلىرىنىڭ خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاسىيە ئىسكەندەرگە مەيلى بار تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ماھىنۇر بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەن، بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توي قىلالماي قالغان ئابلېكىم بىلەن توي قىلىدۇ. ئاسىيە ئەسلىدە ماھىنۇردىن ئايرىلىپ قېلىپ يالغۇزلۇق، غېرىبلىق دەردىدە ئۆرتىنىۋاتقان ئابلېكىمنى ئۆز ياشلىقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن بەختلىك قىلىشنى، ئۇنىڭ دەردلىك قەلبىگە مەلھەم بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدى. بىراق تويدىن كېيىن ئاسىيەنىڭ كۈنلىرى جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئازاب - خورلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئابلېكىم ئاسىيەنى خالىسا جىنسىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان قورال قىلىدۇ، خالىسا زالىملىق قىلىپ، ئەرلىك ئىمتىيازىنى يۈرگۈزىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەر - خوتۇنلۇق مېھىر - مۇھەببەتنى، بىر - بىرىگە بولغان ۋاپا - ساداقەتنى، بەخت ۋە خۇشاللىقنى ئەمەس، بەلكى قاقشاش - زارلىنىشنى، ئەيىبلەش، ئۆچمەنلىكنى كۆرىمىز. ئابلېكىم ئاسىيەنى ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلغۇچى دەپ قاراپ ئۇنى قاتتىق ئۆچ كۆرىدۇ، خورلايدۇ، جىسمانىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئازابلايدۇ. ئاسىيە ئۈچۈن ھايات ئېغىر يۈك، ياشاشنىڭ ئۆزى ئازاب چېكىش بولۇپ قالىدۇ، ئائىلە −− ئۆي دوزاخقا ئايلىنىدۇ. ئابلېكىم ئاسىيەنى ئۇرۇپ، خورلىغاندىن سىرت، يەنە سىرتتا ئاشنا تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچىدۇ يۇ، ئاسىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ئەۋەتىلگەن بىر تال ئاتكىرىتكا ئۈچۈن ئۇنى سوراققا تارتىدۇ ۋە قاتتىق ئۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئايىغى چىقماس دەتالاشلار، ئابلېكىمنىڭ يولسىزلىق بىلەن قىلىۋاتقان مۇتتەھەملىك ۋە زومىگەرلىكلىرى، ئاسىيە ئارقا - ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەت ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىدۇ. ئۇ خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئاسىيە ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.
             ئەسەردە گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يەنە بىر ياتلىشىش ھادىسىسى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشتىن ئىبارەت. ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن بىز ئاسىيە بىلەن ئابلېكىمنىڭ بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بارلىقىنى بىلىمىز. ئۇ ئۈچ بالا بىلەن ئاتا - ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئېغىر دەرىجىدە ياتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئورنى يوق. ئابلېكىم بىلەن ئۈچ بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ زالىم - زومىگەرلىكى ۋە ھاراقكەشلىكى بالىلىرى قەلبىدىكى دادىلىق ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتكەن. ئاتىلىق مەسئۇلىيەتنىمۇ، مەجبۇرىيەتنىمۇ ئۇنتۇغان، قەلبىدە بالىلىرىغا قىلچە كۆيۈم ۋە مۇھەببەت يوق، بالىلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان بۇ دادىدىن بالىلىرى يەتكۈچە بىزار. ئابلېكىمنىڭ ئۆيدىكى زورلۇق - مۇتتەھەملىكلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن، ھەتتا يىرگىنىپ كەتكەن كىچىك قىزى ئاسىيەگە: “ئاپا، ئۇنى بالكوندىن تاشلىۋېتەيلى!” دەيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى: “ئاپا، سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالغانسىز؟ مەن ئۇنىڭ مېنىڭ دادام بولۇپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن” دەيدۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا. ئېنىقكى، ئابلېكىمنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرى بالىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنداق بولسا ئاسىيە بىلەن بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق؟ ئاسىيە بالىلىرىغا بارلىقىنى ئاتىغان، بالىلىرى ئالدىدىكى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان مېھرىبان ھەم كۆيۈمچان ئانا. ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشۇپ كەتمىگىنىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىمۇ دەل ئاشۇ بالىلارغا بولغان ئانىلىق مۇھەببەت ۋە كۆيۈم، بىراق بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئاسىيە تاماق ئېتىش، كىر - قات يۇيۇش ۋە ئۆي تازىلاش ماشىنىسى، خالاس. ئۇلاردا ئۆزلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئانىسىغا نىسبەتەن ھۆرمەت، كۆيۈنۈش، مېھىر - مۇھەببەت يوق. ئۇلار ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكى، روھىي كەيپىياتى قاتارلىقلارغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئاپىسىنىڭ ئۆي تازىلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قورساقلىرىنىڭ ئېچىپ كەتكىنىدىن قاقشىسا - قاقشايدۇكى، بىرەرسى كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىن پول سۈرتكۈچنى ئالمايدۇ. ئېھتىمال ئۇلار ئاپىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆز بۇرچىنى −− ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىق دەپ چۈشەنسە كېرەك. ئابلېكىمنىڭ خورلاش ۋە ئازابلاشلىرىغا بالىلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ۋە پەرۋاسىزلىقى قوشۇلۇپ، ئاسىيەنى پۈتۈنلەي يار - يۆلەكسىز، غېرىب ۋە بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىت ئاسىيەنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا روھىي جەھەتتىكى يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
            كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، “ئوربىتا”دىكى ياتلىشىش بايانى بىلەن ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنىڭ بىر تۈرى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش بەزى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. يەنى ھەر ئىككىيلەنلا ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ياتلاشقان ئائىلىۋى مۇھىتتىكى تەنھالىق، غېرىبسىنىش، گاڭگىراش، ئەركسىزلىك تۇيغۇلىرى، مەنىۋى ئازاب ۋە تىركىشىش، مۇھەببەتتىن مەھرۇملۇق قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش “ئوربىتا” ۋە ئەسئەت ئەمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىكى ئورتاقلىق. بىراق ئۇلارنىڭ ياتلىشىش بايانى يەنە ئۆز ئالدىغا خاسلىققىمۇ ئىگە. ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش مەسىلىسىمۇ باشقا ياتلىشىش مەسىلىلىرىگە ئوخشاشلا پەلسەپىۋىلىك نۇقتىسىدىن ئىپادىلەنگەن، ئۇ بۇ خىل ياتلىشىش مەسىلىسىنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىدىكى كونكرېت مەسىلە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئابستراكت مەسىلە سۈپىتىدە كۆزىتىدۇ. ياتلىشىشنىڭ مەنبەسىنىمۇ جەمئىيەتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پىسخىكىسى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن ئىزدىمەيدۇ ياكى ئوقۇرمەننى شۇنداق قىلىشقا ئۈندىمەيدۇ. قىسقىسى، ئەسئەت ئەمەت ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشنى كونكرېت مەدەنىيەت كونتېكىستىغا قويۇپ ئىپادىلىمەيدۇ. ئەمما “ئوربىتا”دا خالىدە ئىسرائىل ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىشنى كونكرېت ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىغا قويۇپ ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى ياتلىشىشنىڭ ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى ئازاب ھەم تىراگېدىيەنىڭ مەنبەسىنى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پىسخىكىسى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن ئىزدىيەلەيمىز. مەسىلەن: ئاسىيە بىلەن ئابلېكىم ئوتتۇرىسىدىكى ياتلاشقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى، بۇ خىل مۇناسۋەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئاخىر ئاسىيەنى روھىي بەرباتلىققا ئېلىپ بېرىشىنى ھەمدە ئاسىيەنىڭ شۇنچە خورلۇق ۋە ئازابلارنى تارتقان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە چىشىنى چىشلەپ ياشىشىنى ئەرلەر ۋۇجۇدىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ھەم ئاياللار تەرىپدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان ئەرلىك ئىمتىياز ئېڭى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا قويىدىغان “ۋاپادار ئايال، مېھرىبان ئانا” بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئۆلچىمى، ئاياللاردىكى ئەرلەرگە بېقىنىش ۋە چوقۇنۇش پىسخىىسى، تاشلاندۇق ئاياللىقتىن، تۇل خوتۇنلۇقتىن قورقۇش پىسخىكىسى قاتارلىق مەدەنىيەت پىسخىك ئامىللىرى نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. يازغۇچى ئەسەردە تاپشۇرغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشكە ئىمكان بېرىدۇ. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ياتلىشىش بايانىدىكى خاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ياتلىشىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى چىقىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بەلگىلىگەن. ئەسئەت ئەمەت ئەسەرلىرىدە ياتلىشىش مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىكى ئىنسان دۇچ كەلگەن تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەت ۋە مەنىۋى ئازاب دەپ قارىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇڭا پېرسوناژلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت كونتېكىستىمۇ ئېنىق تاپشۇرۇلمىغان. خالىدە ئىسرائىلنىڭ “ئوربىتا”سىدا بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ياتلىشىش كىرىزىسىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى بولغان ئائىلىۋى مۇناسىۋەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ كەلگەن تىراگېدىيەلىك ئاقىۋىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ بىرسى ياتلىشىشنى ئىنسان دۇچ كەلگەن پاجىئە ۋە ئازاب دەپ قارىغان، يەنە بىرسى ياتلىشىشنى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن مەنىۋى كىرىزىس دەپ تونۇغان، شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ياتلىشىش بايانىنى ئايرىم - ئايرىم مۇھاكىمە قىلدىم.
           ياتلىشىش تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئاقىۋىتى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قېلىپتا بىر تەرەپ قىلىنغان: بىرىنچىسى، تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەت ۋە ئازابتىن قۇتۇلالماسلىق قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ ۋە قاتتىق مەنىۋى ئازاب، غېرىبلىق، يار - يۆلەكسىزلىك تۇيغۇلىرى ئىلكىدە قىينىلىدۇ. ئۇلار بۇ خىل تىراگېدىيەلىك تەقدىر - قىسمەتتىن ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسىمۇ، بىراق بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەسئەت ئەمەتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرى ۋە خالىدە ئ−ىسرائىل−نىڭ “ئوربىتا” پوۋېستى مۇشۇ قېلىپقا مەنسۇپ؛ ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ ياتلاشقىنىنى ئاڭقىرالماسلىق ۋە غەپلەت ئىلكىدە داۋاملىق ياتلىشىش، ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇش قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئۆزلىرىنىڭ ياتلاشقىنىنى زادىلا ئاڭقىرالمايدۇ، ئەكسىچە غەپلەت ئىلكىدە ياتلىشىش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ تۈرتكىسىدە غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. مۇھەممەد باغراشنىڭ “يۈرەكتاغ”، “جىنايەت ۋە جازا”، توختى ئايۇپنىڭ “بۆشۈك” قاتارلىق ئەسەرلىرىنى مۇشۇ قېلىپقا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، ماددىي ئىستەك ۋەسۋەسىسىدە قاتتىق ياتلىشىش ۋە ئاخىر ھالاك بولۇش قېلىپى. بۇ خىل قېلىپتا ئەسەردىكى باش پېرسوناژ ماددىي ئىستەك ۋەسۋەسىسىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ياتلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ ۋە ئاخىرىدا ياتلاشقىنىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ھالاك بولىدۇ. مۇھەممەد باغراشنىڭ “كەلكۈن”، “ئاپپاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى” قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ قېلىپقا كىرىدۇ. كېيىنكى ئىككى خىل قېلىپ ئاساسەن ئەجداد روھىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇش، مىللىي ئەنئەنىدىن چەتنەش، نەرسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىش قاتارلىق ياتلىشىش ھادىسىلىرى تېما قىلىنغان ئەسەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ.

مەنبە:تارىم 2010-9سان

2

تېما

0

دوست

1377

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 12:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىككىنە سەۋەنلىكنى ھىسابقا ئالمىغاندا ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. كىچىككىنە نۇقسان شۇكى، بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ئاۋۇ ئىككى شەخىس( ئۇ ئىككى شەخسنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دۇنيادا پەقەت 2،3 دۆلەتلا تۇتىيا بىلىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بولسا ئەخلەت ھىسابلايدۇ)نىڭ ئالغان نەقىلىنى ئالماي بىزنىڭ ياكى باشقا مەشھۇرلارنىڭ ماس كەلگۈدەك كۆز قاراشلىرىنى ئالغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن دەپ قارايمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 13:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا ياتلىشىشش بايانى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )