- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 615
- نادىر
- 0
- يازما
- 70
ئۆسۈش
23%
|
مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل
بەزىدە تۇرمۇشىمىزدا پالانى قارى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان توك ياكى ھەركەت ئىنىرگىيە مەنبەسى ياساپتۇ دىگەن خەۋەرلەر قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ.
ماڭا مۇشۇنداق خىياللېرىنى دەپ كەلگەنلەردىنمۇ تۆت-بەشى بار. بەزىلېرى جاپالىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى مۇشۇ ئىشلارگە سەرىپ قىلىۋەتكەن. ئەلۋەتتە بۇ خىيالغا كەلگەنلەر كۆپ بولسىمۇ لىكىن شۇ ساھەدىكىلەردىن سوراپ قۇۋۋەت دىگەن نەرسىنى چۈشۈنۋىلىپ ئاندىن بۇنىڭ خام-خىيال ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىتىۋالىدۇ.
ئەمما 2009-يىلى توردا مۇشۇنداق بىر ماشىنا ئېلانىنى كۆرۇپ قىلىپ خېلى نەسىھەت قىلسام جاھىللىق قىلىپ توردىن ئۈچۈۋەتكىلى ئۇنىمىدى،مانا بۇ ئەسلى كۆرگەن بىردىنبىر ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان جاھىل بالا...
تىمىغا قايتاي: كەچتە ئاپتۇموبىلنىڭ ئوت ئالدۇرمىغان ئەھۋالدا چىرىقىنى ياندۇرۇپ مەشغۇلات قىلساق ھەم يورۇق ھەم ئۇزاقراق يىتىدۇ. ئەمما ئۈچ چاقلىق،ئىككى چاقلىق موتولېرىمىزنىڭ چىرىقى بولسا ھەم غۇۋا ھەم ئۇزاق يەتمەيدۇ.
بىر كىچىك 12ۋولىت20ئامپىرلىق باتارىيگە ئاپتۇموبىلنىڭ چوڭ چىرىقىنى(100ۋات) ئۇلاپ ياندۇرسىڭىز تۇكى بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىلا تۇگەيدۇ،ئوخشاشلا تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ئارقىلىق 220ۋولىتلىق بىسىمغا ئايلاندۇرۇپ 100ۋاتلىق لامپۇچكىنى ياندۇرسىڭىز تەتۈر ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئىچكى خورىشى تۈپەيلى تىخىمۇ تىزراق تۈگەيدۇ.
ئاپتۇموبىلنىڭ تۇراقلىق ماگىنىتلىق بولسۇن ياكى روتور ئورام بىلەن ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغىنى بولسۇن توك گىنراتورىنى قۇلىڭىز بىلەن تىز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۋەتسىڭىز بىر-ئازۋاقىتقىچە بارا-بارا ئاستىلاپ تۇختاپ قالىدۇ،ئەمما توك چىقىرىش ئۇچىغا بىر كىچىككىنە لامپۇچكىنى ئۇلاپ قۇيۇپ ئايلاندۇرۇپ باقسىڭىز،لامپۇچكا ۋال قىلىپ يورۇپلا گىنراتورمۇ ئايلىنىشتىن تىز سۈئەتتە تۇختاپ قالىدۇ،بۇ گىنراتور توك ھاسىل قىلغاندا يۈك چوڭ-كىچىكلىكىگە ماس ھالدا قارشىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنىڭ ياخشى ئىسپاتى.
بەزىلەر ‹‹ماشنىنىڭ ماتورىنى ئىلىكتىرماتورغا ئالماشتۇرۇپ، توك گىنراتورى(发电机(نى چوڭغا ئالماشتۇرۋىلىپ ماشنىنى بىرلا قوزغىتىۋالساق چىققان توكتا ئاكۇمۇلياتورنى زەرەتلەپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىكتىرماتورىنى تەمىنلەپ تۇختىماي ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلساقلا بولمامدۇ››؟ دەپ ھاياجان بىلەن سۆزلەپ كىتىدۇ.ئۇلار يەنە ‹‹بۇ ئىمانسىزلار مۇشۇنى بىلمەي كۆپ ماي كۆيدۇرۇپ مۇھىتنى بۇلغايدىغان ئىشلار بولسا قىلىدۇ،ئەقىل دەيدىغان نەرسە يوق››ئۆزىگە ئاللانىڭ بۇ ئەقىلنى سالغانلىقى ھەققىدە كېرىلىپ سۆزلەپلا كىتىدۇ...
ئەمدى بۇنى تەھلىل قىلىڭ:ئاپتۇموبىلغا ئولتۇرۇپ باققانلىكى ئىنسان تۈز يولدا كىتىۋاتقان ماشنىنىڭ تۇرخۇنىدىن كۆپرەك ئىس چىقسا سۈرئەتنىڭ ئاشىدىغانلىقى،ماينى تارتىۋەتسە بارا-بارا ئاستىلاپ قالىدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ. كىچىككىنە چىراققا قارشىلىق قىلىپ چىپپىدە تۇختىتىپ قويغان كۈچ چوڭ گىنراتوردا ماشنىنىڭ چاقىنىڭ ئايلىنىشىغا قانچىلىك قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ-ھە...
خەلقىمىز ئىچىدە تەبئى-پەن كەسىپلېرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاز، ھەم بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرى بولمىغانلىقى سەۋەپلىك بەزىلەر ھەتتا غايىۋى ماشنىلارنى ياسايدىغانلىقى تۇغرىسىدا ئاجايىپ ئېلانلارنى چىقىرىپ ئۇزۇن يىللار ياش پۇلدارلېرىمىزنى ئالداپ قاقتى-سوقتى قىلىپ جان بىقىپ كىلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى ئاتا-بۇۋىلېرىمىز ئېيتقان ‹‹ئۈژمە پىش،ئاغزىمغا چۈش››دىگەن بۇ ماقال-تەمسىل بىكار ئېيتىلمىغان.
نەدىمۇ ئۇنداق بىكاردىن كىلىدىغان ئىنىرگىيە بولسۇن. بۇنداق تۈرلەرگە قىزىقىپ قالغانلار شۇ كەسىپكە تەۋە كىشىلەردىن بىر-قانچىسىدىن مەسلىھەت سوراپ بىر ئىش قىلغايسىلەر...
يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى؛ماگىنىتلىق ھەركەت ماشنىلېرى،بۇ نەرسىلەرگە ئىشىنىپ مەبلەغ سېپ يۈرمەڭلار...
ماگىنىتنىڭ ئونداق خاسىيتى بولسا ئۆيلەردىكى ئەسكى-تۈسكى ئاۋاز ياڭراتقۇلار يىڭىسىدىن يۇقىرى باھادا يىغۋىلىنىپ تۈگەيتتى...
ئاپتور:ئابلىمىت مەمەت (مەن)
|
|