قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1801|ئىنكاس: 4

ئاياللارنىڭ كىسەللىكى‹‹باغىرداق››ققا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھونزات

12

تېما

2

دوست

1124

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15113
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 18:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلارنىڭ كىسەللىكى‹‹باغىرداق››ققا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

            يىقىندا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشەلمىگەن بىر دوختۇر ئاغىنەم بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم.ئىشخانىسىدا كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىر قانچە ئەر-ئايال ئۆچرەت تۇرۇشقان ئىدى.بىكار بولۇشىنى ساقلاپ قىشىدا يىرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ئولتۇرۇپ قالدىم.نەچچە بىمار ئوخشىمىغان كىسەللەرنى دەپ دورا يازدۇرۇپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن 27-28ياشلارنىڭ چامىسىدىكى بىر چوكاننىڭ كىسەللىك ئەھۋالى مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى.بىچارە چوكان ناھايتى خىجىلچىلىق ئىچىدە قورۇنۇپ ياندىكى ئايال دوختۇرغا ئۆزىنىڭ كىسەللىك تارىخىنى سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى.
       -ئىككى يىلچە بولدى-دىدى ئۇ قورۇنۇپقىنە-ئوڭ كۆكسۈمنىڭ تۈگمىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى.نىمە بولغانلىقىنى ئۇقمىغان بولغاچقا بىر نەچچە ئاي يەرلىك ئۇسۇلدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ،دورا چىلاپ قاينىتىپ يۇيۇپ بەردىم ...ئۈنۈمى بولماي بارغانسىرى ئەتراپقا كىڭىيىپ سۇلۇق ئىششىق بولۇپ كەتتى.شۇڭا كەلگەنتىم...-دىدى ئۇ ئىغىر تىنغىنىچە.
           دوختۇر خانىم بىر مۇنچە چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن ياتاقتا يىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئۇ خانىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ يولغا سالدى.ئاغىنەم بىكار بولغاندىن كىيىن ئىشخانىدا باشقا بىمارمۇ قالمىدى.بۇ چاغدا ئۇلارنىڭمۇ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى.ئاغىنەم بىلەن ھىلىقى ئايال دوختۇر ھىلىقى بىمار ئۈستىدە جىق باش قاتۇردى.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە خانىم-قىزلاردىكى نۇرغۇن كىسەللىك مۇشۇ  باغىرداق بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.مەسىلەن؛
قىزلىرىمىز 13-14لەرنىڭ قارىسىنى ئالغىچە بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى تىزلا تەرەققى قىلىپ كۆكسى تەرەققى قىلىشقا باشلايدىكەن.بۇرۇنراق يىتىلگەنلىرى  ھەيىز كۆرۈش دەۋرىگە قەدەم قويىدىكەن.مۇشۇنداق مەزگىلدە بىر قىسىم ئانا بولغۇچىلار كىچىك قىزلىرىنى يىتەكلەشتە باش قاتۇرماي قارىغۇلارچە ئىش قىلىپ ئۇلارغا تىزلام باغىرداق سىتىۋىلىشقا ئالدىرايدىكەن.چوڭ-كىچىكلىكى،رازمىرى بىلەن ئانچە ھىساپلاشماي سۈپەتلىك،پاختا رەخت بولمىسىمۇ يۇمشاقلىرىنى تاللاپ كىيدۈرۈپ<<يامان كۆز>>دىن ساقلايدىكەن.لىكىن يىشى چوڭ بولغانسىرى قىزلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ ئانىسى تۈنجى قىتىم كەيدۈرۈپ قويغان باغىرداقنى <<زىيانسىز مەھسۇلات>>دەپ قاراپ ئىشلىتىۋىرىدىكەن.بەزىلەر توي قىلىش يىشىغا يەتكەندىن كىيىن <<سۈپەت>>توغۇرلاش ئىشى بىلەنلا بولۇپ كىتىپ سالامەتلىكىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئومۇمى بەدەن كۆرىنىشىدە ئانچە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ بەزىلىرىدە ئالاھىدە بولىدىكەن.كۆكسى كىچىكلىرى <<يوغان بولسا كۆركەم بولىدۇ>>دەپ قاراپ كۆكسىگە ماس كەلمىگەن باغىرداقلارنى تاقايدىكەن.بەزىلىرىنىڭ <<فىزولۇگىيلىك مىراس>>تۈپەيلىدىن بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئاچىلىرىدىن خىجىل بولۇپ كىچىكلىرىنى تاقاپ قىستاپ كىيىپ ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا تىرىشىدىكەن.كۆنۈپ قالغاندەك قىلغان بىلەن كۆكسىنىڭ ئىچىدىكى سۈت ماڭغۇچى كىچىك تومۇرلار قىسىلىپ ھەتتا ئىتىلىپ قىلىش گىردابىغا بىرىپ قالىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەمچەك قىسمىدا بىئارامسىزلىنىش،قىچىشىش،داغ پەيدا بولۇپ قىلىش،ئەمچەك تۈگمىسى تەرەققى قىلالماسلىق ئالامىتى كۆرۈلۈپ كىيىن بالا تۇققاندىن كىيىن سۈت چىقماسلىق،بالىسىنى ئىمىتەلمەسلىك مەسىللىرى كۆرۈلۈپ بالا ئانىسىغا قانمايدىغان،ئانا بالىسىغا ھەقىقى مىھرىنى بىرەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن <<ئىنەك>>نىڭ ئاستىغا تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ سۈت پاراشۇكى بىلەن بىقىپ جەمىيەتكە <<لىڭتاسما>>ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ بىرىدىكەن.ئىغىرراقى ئەمچەك ئەتراپى قىچىشىش،شەلۋەرەش،ئىسىلىش،بەز پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ راكقا قاراپ تەرەققى قىلىپ خانىم-قىزلىرىمىزنى ئەجەلنىڭ دەرۋازىسىغا سۆرەپ بارىدىكەن.نۇرغۇن ئاياللار كىسەللىكىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا تەرەققى قىلىدىكەن....بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟
        بۇ سۇئالغا ئاغىنەم بىلەن ھىلىقى دوختۇر ئايال مۇنداق جاۋاپ بەردى.
      -بۇنىڭدا ئالدى بىلەن توغرا،ساغلام كۆز قاراش تىكلەش كىرەك.بازارلاردىكى ئۆزى قىممەت ئەمما سۈپەتلىك تىكىلگەن سۈنئى تالالىق باغىرداقلارنى سىتىۋالغاندا ئىمكان بار قايناقسۇغا بىر بىسىۋىتىپ قۇرۇغاندىن كىيىن ئىشلىتىش،يۇيۇشقا توغرا كەلگەندە خىمىيىلىك ماددىسى كۆپ سوپۇن پاراشۇكىنى ئىشلەتمەي يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان زىيانسىز ياكى زىينى ئاز توقاچ سوپۇن بىلەن يۇيۇش،ئاپتاپ قىنىق چۈشىدىغان موھىتى پاكىزە ئورۇنغا ئىسىپ تۈپىسىگە ئاق رەختىن ئوراپ قۇرۇتۇش،كىيىش ئالدىدا ياكى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سىلىۋىتىپ كۆكسىنى يۇيۇۋىتىپ ئۇخلاش،كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى رازمىرىغا ماس كىلىدىغان پاختا رەخىتتىن تىكىلگەنلىرىنى سىتىۋىلىش ھەققىدە كۆپ توختالدى.مۇشۇنداق قىلغاندا خانىم -قىزلىرىمىزدا بولىدىغان نۇرغۇن ئۇششاق-چۈشەك كىسەللەردىن خالى بولغىلى بولىدىغانلىقى،مۇشۇ كىسەللىكلەرنىڭ باغىرداق بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مىنى خىلى بىلىمگە ئىگە قىلدى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ ئىشلارنى خانىم-قىزلارغا ئازراقمۇ بولسا ساۋات بولارمىكىن دەپ يوللاپ قويدۇم.توغرا چۈشىنەرسىلە.


مەنبە؛ئۆزەم


ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4279
توردىكى ۋاقتى: 1268
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 20:39:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ چوڭ بۇلىدۇ.بىز بالىلارغا ئىلمىي يۇسۇندا تەربىيە ئېلىپ بارساق ،ئۇلارنىڭ كەلگۈىسىدە بەزىبىر كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەنمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

9

دوست

996

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   99.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21640
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 22:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق نازۇك مەسىللىلەرگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇپ، قىزلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۇپ يېتىلىشىگە كۆڭۇل بۆلىشىمىز كېرەك. 80-يىللاردا بىز قىزلار بۇنداق مەسىلىلەرگە بەك ئىنچە قارايتتۇق . ئانىلىرىمىزمۇ باغىرداق ئورنىغا ساپ پاختىدا ئىشلەنگەن ئاق رەخلەرگە رېشىلىيە ئىشلەپ ، بەكمۇ يىم ئەمەس بەكمۇ كەڭ بولمىغان ئاساستا بەدەن شەكلىمىزگە قاراپ ئىچ كىيىم تىكىپ بېرەتتى. بىزمۇ ئوغۇل  ساۋاقداشلىرىمىز ۋە ئەر مۇئەللىملىرىمىز ئالدىدا خېلى خاتىرجەم ھەركەت قىلالايتتۇق . بولۇپمۇ تەنتەربىيە دەرسىدە سىنىپتىكى قىزلار دىيىشىۋالغاندەكلا كىيىپ كىلىشەتتۇق. ئايال خانىملىرىمىزمۇ  بىزدىن شۇنچىلىك رازى ئېدى..ھازىر قارايدىغان بولساق ئايرىم ساندىكى قىزلىرىمىز مەيلى دادا ۋە ياكى ئاكا-ئېنىلىرى بولسۇن ، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تارتىنىشمۇ يوق شۇنداق خاتىرجەم ھالدا .....تىپ يۇرۇشىۋېرىدۇ. بۇنداق دىسەم كاللىسى ئېچىلمىغان مۇنەججىمكەن دەپ قالمىغايسىلەر. شەرمى-ھايا خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرىدىن بىرىدۇر. مانا مۇشۇنداق بالدۇر كەيگەن «باغىرداق» تىن ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي كېسەل تېپىۋالىمىز. ئانا بولغۇچى چوقۇم قىزلىرىمىزنىڭ ئۆسۇپ -يېتىلىش دەۋرىدىكى فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىشىگە كۆڭۇل بۆلۇپ ، قىزلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك سېردىشايلى. قىزلىرىمىز كەلگۈسىنىڭ ئانىسى!

ھونزات

12

تېما

2

دوست

1124

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15113
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 23:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hayatnisa يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 22:07
مۇشۇنداق نازۇك مەسىللىلەرگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇپ، ...

ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ئىنكاس بوپتۇ.راس گەپنى قىلسام خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش پەقەت ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيتىلا بولۇپ قالماي پۈتكۈل جەمىيەتتىكى ھەر بىر ۋىجىدانلىق ئەركەكنىڭمۇ مەجبۇرىيتى...چۈنكى ھەممىمىزنىڭ ئانىمىز،ئاچا-سىڭلىمىز بار ئەمەسمۇ؟....
مەنمۇ بۇ تىمىنى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىزىپ چىقتىم.

0

تېما

1

دوست

933

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21648
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 01:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا ئاپىرىن !!ياخشى تېما ئىكەن!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )