قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3699|ئىنكاس: 43

ياسىنجان سادىق چوغلان « ئالتۇن ئاچقۇچتا»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

6

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 20:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! بۈگـۈن قەشقەر ئالتۇن ئاچقۇچ تىل تەربىيلەش مەركىزى داڭلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننى مەركەزگە تەكلىپ قىلىپ بىر مەيدان لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مەن ۋە نۇرغۇن سىتۇدىنتلار،ياشلار بۇ لىكسىيەنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىدۇق. لىكسىيە تۇلىمۇ مەزمۇنلۇق،جانلىق بولدى. بۇلۇپمۇ ئاخىرىدا لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بىرىش ۋە ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ئەسەرلىرىنى ئىمزا قۇيۇپ تارقىتىش پائالىيىتى تولىمۇ قىزغىن ۋە ياخشى بولدى. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى يوللىيالماي قالدىم.....
ئاخىرىدا،ئۈزۈم سورىغان ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىنىڭ < تارىخ چىنلىقمۇ،توقىلمىمۇ> دېگەن سوئالغان قايتىدىن جاۋاب بەردى. شۇنى يوللاپ قويدۇم ۋاقىپ بولغايسىلەر!





تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟

ياسىنىجان سادىق چوغلان  


مۇھەررىر ئىلاۋىسى :                                                                           
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىلىم ۋە مەنىۋى زوقىمىزنىڭ بۇلىقى بولغان تۈرلۈك ـ تۈمەن كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر مەنىۋىيىتىگە زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر مەلۇم بىر كىتابنى ياكى مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن كىتابتىكى پېرسوناژ، ۋەقە، مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىدۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. بۇ ھەقتە ئەسەر ئاپتورى بىلەن پىكىرلەشكۈسى، ئايدىڭ بولمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئاپتوردىن سورىغۇسى كېلىدۇ. بىراق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تەھرىراتىمىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ‹‹ ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىماقچى. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ رايونىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئەدىبتىن سورايدىغان سوئاللىرى، ئېيتىدىغان كۆڭۈل سۆزلىرى بولسا تەھرىراتىمزىغا ئەۋەتىشىنى سورايمىز. تەھرىراتىمىز بار تىرىشچانلىقى بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېگىشلىك جاۋاب بېرىدۇ ۋە  بۇ سوئال ـ جاۋابلارنى  ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ سەھىپىمىزگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.                                                                                         
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياسىنجان سادىق چوغلان :                                   
مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوقۇرمەن. ئەدەبىيات خەزىنىمىزنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىجتىھاتلىق يازغۇچىلىرىمىز قاتارىدا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمەن. بولۇپمۇ سىز كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ‹‹ جاللات خېنىم ›› ، ‹‹ باھادىرنامە ›› قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور زىلزىلە، قىزىقىش قوزغىدى. بۇ ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ خەيرلىك قەدىمى سۈپىتىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ‹‹ ئەدىبلەردىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسى ئارقىلىق مۇشۇ ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمنى سورىغۇم بار.               
‹‹ جاللات خېنىم ›› رومانىڭىزدىكى باش قەھرىمان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ناھايىتى دانا، يىراقنى كۆرەر، كەسكىن ۋە ئىرادىلىك ئايال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ باشتىن ـ ئاخىر ئاشقۇن سوپىلارغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقىلايدۇ. ئەمما 18- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر تارىخچى، مەدەنىيەت ئەربابى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› ناملىق كىتابىدا مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ناھايىتى قانخور، تەكەببۇر، جاھالەت ھامىيسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئويلايمەن، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي سەئىدىيە خاندانلىقىغا خېلى يېقىن دەۋردە ياشىغان، شۆھرەتلىك تارىخچىدۇر. سىز مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز ئاساسىدىلا ئىجابىي قىلىپ ياراتتىڭىزمۇ  قانداق؟                                    
‹‹ باھاردىرنامە ›› رومانىڭىز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننىڭ كۆپلۈكى، ئەسەردىكى تارىخىي سەھنىنىڭ كەڭلىكى، ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى نۇقتىسىدىن ھازىرغىچە يېزىلغان ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە يېگانە ئەسەر بولۇپ قالدى ۋە ‹‹ تۇلپار مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشىپ، مۇناسىپ قەدىرلەشكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن. سوئالىم، چاغاتاي خانلىقى ۋە تېمۇرىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋر تېما قىلىنغان بۇ رومانىڭىزدا ھەقىقىي تارىخ قانچىلىك، بەدىئىي توقۇلما قانچىلىك؟  ‹‹  بابۇرنامە ›› ، ‹‹ تارىخىي رەشىدىي ›› قاتارلىق بىرىنچى قول تارىخ كىتابلىرىدىن قانچىلىك پايدىلاندىڭىز؟  ئوتتۇرا ئاسىيالىق قەلەمكەشلەر يازغان، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان شۇ دەۋر تارىخىغا بېغىشلانغان ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق تۈنلەر ›› ، ‹‹ ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر ›› ، ‹‹ نەۋايى ›› ... قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟ مەسىلەن : سىز ئۇلۇغبېك ئوبرازىنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقلىرىنىمۇ يېزىپسىز. ئەمما ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› دە ئۇلۇغبېك ناھايىتى ئادىل ، خەلقپەرۋەر، رەھىمدىل ھۆكۈمران سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ھەقىقىي ئادەملەر توغرىسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ شۇنداق تۈپتىن ئوخشىمايدىغان خاراكتېر بولسا، كىتابخانلارنى قايمۇقتۇرامدۇ قانداق؟                                                   
‹‹ باھادىرنامە ›› سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ‹‹ جاللات خېنىم ›› بولسا، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال پەيتىگە بېغىشلانغان رومان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟                                                        
مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئەدەبىيات ـ سەنئەت، ئاخبارات ـ نەشرىيات ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنغاندىن باشقا، ئاۋازغا ئېلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق شەكلىدە نەشر قىلىنىدىغان، رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلىدىغان، ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقىتىلىدىغان بولدى. گەرچە بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل نەشر نۇسخىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن شەخسلەرنىڭ ئەسەر ئاپتورىدىن ئىجازەت ئالماسلىقى، ھەق بەرمەسلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەقتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟                                                                                         
ـ كورلا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن: غېنى قۇربان   
  
باشتىكى سوئالىڭىز ھەققىدە بىر قانچە قېتىملىق رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە  ژۇرنال سۆھبەتلىرىدە خېلى تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەنىدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە ئىزاھات بېرەي : سىز تىلغا ئالغان مۆھتەرەم ئەللامە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قەلىمىگە مەنسۇپ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› نى تەچچە قېتىملاپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. شۇ تاپتا سىزگە ئاۋۋال مەزكۇر كىتابنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشىر قىلغان نۇسخىسىنىڭ 61-، 62- بەتلىرىدە جاللات خېنىمغا مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن بايانلاردىن ئۇچۇر بېرەي : ‹‹ ئافاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن قەشقەر ياغدۇغا دەپنە قىلىندى، خانىم پادىشاھ پەرزەنتلىرى بىلەن ياركەنددە، غوجا يەھيا قەشقەردە بەر قارار بولدى. بىر نەچچە مۇددەتتىن كېيىن خانىم پادىشاھ ياركەنددىن بارلىق ئۆلىما ـ ئۆمەرالىرى بىلەن قەشقەرگە مازار زىيارىتىگە كەلدى. يەھيا غوجام ئالدىغا چىقتى، ئاندىن بىللە تۇپراق بېشىغا باردى، غوجا يەھيا شەھەر ئىچىدە بولۇپ، مازارغا بېرىپ خانىمغا سالام قىلدى. بىر كۈنى ياركەندنىڭ ئەئلىمى مىرزا بارات غوجا يەھيانىڭ قېشىغا كېلىپ دېدىكى : ‹‹ يا غوجا يەھيا، مەملىكەتنى تۇتۇش مۈشكۈلدۇر، خانىم پادىشاھ ئايال كىشى، ئۇنىڭ بىلەن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولماس، مازاقلار كۆپتۇر، بۇ تەرەپ قىرغىز، ئۇ تەرەپ قالماق، سىز پايتەخت ياركەنددە خان بولۇپ ئولتۇرسىڭىز، خانىم پادىشاھ شاھزادىلەر بىلەن سەر مازاردا دۇئاگۇي بولۇپ ئۆتسە دۈشمەن قول سالالماس، ئاندىن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولاتتى ›› دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى. غوجا يەھيا ئېيتتىكى : ‹‹ بۇنداق قىلسام خەلق ماڭا ئاتىسى ئۆلمەك بىلەن شەھەر تالىشىپتۇ دەپ تەنە قىلىشىدۇ. ›› مىرزا بارات ئېيتتىكى : ‹‹ مەملىكەت خاراب بولۇر، نۆۋەت قولدىن كېتۇر، كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان پايدا بەرمەس. ›› بۇ چاغدا موللا ساقى خەۋەر تېپىپ بۇ مەسلىھەتكە قاتناشتى، ئۇنىڭ خوتۇنى بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلاپ خانىم پادىشاھقا يەتكۈزدى. خانىم پادىشاھ ئاڭلاپ بەتگۇمان بولۇپ، غوجا يەھيانى ئۆلتۈرۈشنىڭ پېيىگە چۈشتى. نەچچە كىشىنىڭ قولىغا تىغ بېرىپ، تەييار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى ئەتىگەندە غوجا يەھيا كەلدى، خانىم پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئاچچىق بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ ئى غوجا سىزدىن نە لازىمدۇركى، مەن مۇندا ( مازاردا ) قونغايمەن، سىز شەھەر ئىچرە پاراغەت بىرلە قونغايسىز، مەن سىزنىڭ ئىككىنچى ئانىڭىز تۇرسام، بىر نەچچە كۈن مەن يانغۇچە ئىشىك بېقىپ كېچە ـ كۈندۈز ياتمىسىڭىز، بۇ نىچۈك بىئەدەپلىكتۇر ؟ ! سىزلەرنىڭ قايسى ئاتىڭىزلەر پادىشاھ بولۇپ كەلگەن؟ بىزلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇي بولۇپ كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق دەۋاسى قىلماق بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› غوجا يەھيا كايىش بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ مەن ھەزرەتكە، سىزلەرگە خىزمەتتە بولۇرمەن دەپ كاشغەردە ئولتۇرغان ئىدىم، خىلۋەتتە دۇئاگۇيلۇق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ›› بۇ ھالەتتە لىتىپ بىكاۋۇل دەپ بىر كىشى بار ئىدى، بىلدىكى ئىش ئۆزگەردى، دەرھال ئىشارەت قىلدى، غوجىنى چاققانلىق بىلەن كانارىغا ئالدى. شۇ سائەتتە خانىم ياركەندە تامان ماڭدى، ياركەندگە بارغاندىن كېيىن بىر كېچىسى دىۋانىلەر مىرزا بارات ئەئلەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.                                                                          
ئەلقىسسە غوجا يەھيا ئافاق غوجا ۋاپاتىدىن ئالتە ئايدىن كېيىن خانىم پادىشاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، ئىككىسىنى ھەم ئۆلتۈردى، بىر ئوغلى غوجا ئەھمەدنى قاچۇرۇپ تۆشۈك تاغدا ساقلىدى ... ››                                                                             

خوش، بوۋىمىز مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆزى ياشىغان ئەينى دەۋردە بىزگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا مەلۇمات بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ دەۋردە ئافاق غوجىنىڭ كېيىنكى مۇرىتلىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا چوڭ ئىدى. تەزكىرەئىي ئەزىزاننى سىزمۇ ئوقۇپسىز، مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمىكىن، تەزكىرىدە ئافاق غوجا ناھايىتى ئۇلۇغلىنىپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاما بەشىنچى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغانلىقى، ھەم شۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن غالداننى بۇ زېمىنغا باشلاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي رېئاللىقنىمۇ چاندۇرماي بايان قىلىپ بەرگەن. جاللات خېنىم ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايانلارمۇ ئاشۇ چاندۇرماي قىلغان بايانلارنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن مېنىڭ چۈشەنچەم شۇكى : بىرىنچى ، ھەر قانداق ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ تەخت ـ سەلتەنىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم ( مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئانىمىز ) مۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ سانالغان يەھيا غوجا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم دېگەن بۇ ھاقارەت نامنى ئەينى دەۋردە ئۇنىڭغا خەلق ئەمەس، ئۇنىڭدىن ھاكىمىيەت تالىشىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن غوجا ـ ئىشانلارنىڭ بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن يەنە بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە جاللات خېنىم ئافاق غوجىغا تەگكەن بولسىمۇ، ئافاق غوجا جان ـ جەھلى بىلەن تەرغىب قىلغان ئىشقىيە سۈلۈكىگە كىرمىگەن، كىرگەن بولسا ئىدى، يەھيا غوجىنى ئۆلتۈرۈش تۈگۈل ھاقارەت قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەينى دەۋردە ئاۋام ئارىسىدا قارغىشقا كېتىمىز، يامان بولىدۇ، دەپ غوجا ئەۋلادىغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى؛ ئۈچىنچى، جاللات خېنىم ئەزەلدىن ئافاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆزگە ئىلغان ئەمەس، ئەگەر كۆزگە ئىلغان بولسا ئىدى، يەھيا غوجىغا : ‹‹ سىزنىڭ قايسىبىر ئاتا ـ بوۋىلىرىڭىز پادىشاھ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى ؟ سىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىڭىز بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇيلۇق قىلىپ ئۆتكەن ئەمەسمىدى؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق تەلەپ قىلىشىڭىز بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› ، دېگەن گەپنى قىلمايتتى؛ تۆتىنچى، جاللات خېنىم ئۆزىنىڭ سەئىدىيە خان جەمەتىنىڭ ھەقىقىي پۇشتى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى ۋە ئۆزىنى قانۇنلۇق تەخت ئىگىسى دەپ ھېسابلايتتى.                                                                    
ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، قېنى مەن ‹‹ جاللات خېنىم ›› ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇمغا تايىنىپلا يارىتىپتىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭ تارىخىي ئاساسى بارمىكەن؟                                                                                             
ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك، ‹‹ تارىخىي رەشىدى ›› ، ‹‹ بابۇرنامە ›› قاتارلىق كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ باھاردىنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي چىنلىق ھەققىدە سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى سەمىمىيىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، مۇمكىن بولسا ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئاشۇ ئىككى شاھانە ئەسەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇ چاغدا سىز بايا تىلغا ئالغان ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەقىقىي تارىخنىڭ چىنلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم چىقىرالايسىلەر.                                                      
ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئۇ كىتابلار ئاساسەن ئۇلۇغبەگ، نەۋايى، بابۇر، ھۇمايۇن ۋە ئەكبەرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان بىيوگرافىك رومانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ‹‹ باھادىرنامە ›› يازماي ئۆتۈپ كېتىدىغان تارىخىي شەخسلەر ئەمەس. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئاشۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار رومانلىرىدا يازغان تەپسىلاتلاردىن باشقا يازمىغان ياكى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن تەپسىلاتلارنىمۇ تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم. مەسىلەن : ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار يازغان بابۇرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان رومانلاردا پەقەت بابۇرنىڭ ئاتا جەمەتىگە تەپسىلىي ئورۇن بېرىلىپ، ئانا جەمەتىگە ئورۇن بېرىلمىگەن ياكى ئورۇن بېرىشنى خالىمىغان. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە بۇ تەرەپلىرى تەپسىلىي يېزىلدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، مەن بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايىنى ‹‹ باھادىرنامە ›› گە قىستۇرالمىدىم. سەۋەبى : بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايى ياشىغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتى رومانىمدا يانداش ۋەقەلىك سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، نەۋايىنى قەستەن كىرگۈزسەم، بىرىنچىدىن، روماننىڭ بەدئىيلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن؛ ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ شۆھرىتىگە مۇناسىپ تەسۋىرلىيەلمەي نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم، شۇڭا نەۋايى ھەققىدە ئاز ـ تولا ئۇچۇر بېرىش بىلەنلا كۇپايىلەندىم.         
ئۇلۇغبەگكە كەلسەك باھادىرنامىدە  ئىمكان بار تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ھېس قىلدىڭىزمىكىن باھادىرنامىدىكى ئۇلۇغبەگنىڭ ئادىللىقى، رەھىمدىللىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، ئىلىم سۆيەرلىكى، پەم ـ پاراسەتلىكى ‹‹ ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى ›› دىكى ئۇلۇغبەگدىن يۇقىرى تۇرسا تۇرىدۇكى، ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ.  ئەمما شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئۇلۇغبەگ يالغۇز مەرىپەتپەرۋەر ئالىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەلنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر. ئويلاپ بېقىڭ، تارىختا قايسى بىر ھۆكۈمدار قىلىچىدىن قان تامدۇرماي سەلتەنەت سۈرەلىگەن ؟ ھەقىقىي ئادەملەر ھەققىدە ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان ماكاندا، ئوخشىمىغان يازغۇچىلار ئونلاپ، ھەتتا يۈزلەپ رومانلار يېزىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقە ياكى سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، كىتابخانىلارنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى ناتايىن. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسى ئۇنچە ئاددىي، سەۋىيەسى ئۇنچە تۆۋەن ئەمەس. بەلكىم ئاشۇ ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ تارىخىي رېئال شەخسكە نىسبەتەن بىلىشى يازغۇچىدىن مول بولۇشىمۇ مۇمكىن.                                                                                            

‹‹ باھادىرنامە ›› سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ‹‹ جاللات خېنىم ›› بولسا، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال پەيتىگە بېغىشلانغان رومان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ دېگەن سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىم ھەققىدە داۋراڭ قىلىشتىن جاق تويغانمەن، مېنى ھەر قاچان بەدىئىي تەپەككۇر ئالىمىدە ياشاۋاتىدۇ، دەپ ئويلىسىڭىزلا بولدى.                                                                 
ئەڭ ئاخىرقى سوئالىڭىزدا كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپسىز. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشى، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، يانفون ئىقتىدارىنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قولايلىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى، رادىيو پىروگراممىلىرىنىڭ سەرخىللىشىشى... سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن، نۇقۇل كىتاب ـ ژۇرناللار ئارقىلىقلا زوق ئالىدىغان ئادىتى تۈپتىن ئۆزگەردى. ئۇلار ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشتىن، رومانلارنى رادىيودىن ئاڭلايدىغان، ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىلىرىنى ئۈن تەخسى، بارماق دىسكىلارغا قاچىلىۋېلىپ خالىغان ۋاقتىدا ئاڭلايدىغان، تورغا چىقىپ مەلۇم تور بېكەتلىرىدىن ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ۋاستىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى كۆتۈردى. ئەمما ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش شۇكى، مەيلى رادىيو ئىستانسىسىلىرى بولسۇن، مەيلى شەخسىي ئۈن ـ سىن شىركەتلىرى بولسۇن ۋە  ياكى ھەر خىل تور بېكەتلىرى بولسۇن، كۆپچىلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ تارقاتقان ۋاقتىدا، ئەسەر ئاپتورلىرىدىن ئىجازەت ئېلىش، مۇۋاپىق ھەق بېرىش دېگەندەك ئەقەللىي قائىدىنى ئېسىگە ئېلىپ قويمىدى. باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بىلمەيمەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئىجازىتىمنى ئېلىپ، ھەق بېرىپ ئاڭلاتقاندىن باشقا، باشقا تاراتقۇلار رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىمنى ئاڭلاتقاندا ياكى رادىيو دىرامىسى قىلىپ ئىشلىگەندە مەندىن ئىجازەت سوراپ قويمىدى. ئۈرۈمچى مىسران شىركىتى ‹‹ جاللات خېنىم ›› رومانىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بازارغا سېلىشتىن ئاۋۋال، ئىجازىتىمنى ئېلىپ، ھەق بەردى. شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەت ياكى تىجارەت ئورۇنلىرى مەندىن ئىجازەت سورىمايلا ئەسەرلىرىمنىڭ ئاۋازلىق  ياكى يېزىق نۇسخىلىرىنى خالىغانچە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلدى. سۈرۈشتۈرۈپ باقسام بىر قىسىم مەتبۇئات ئورۇنلىرى بىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى خالىغانچە رادىيودا ئېلان قىلساڭلار، ئاۋازلىق نۇسخىلىرىنى ئىشلىسەڭلار بولىدۇ، ئاپتورلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپتۇدەك. قانۇن بويىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىش ھوقۇقى يوق ھەمدە ئاپتورلار بىلەن تۈزۈشكەن كىتاب نەشر قىلىش توختامىغا ئۆز ئالدىغا بۇنداق ماددىلارنى كىرگۈزۈۋېلىشى خاتا. كۆپ قىسىم يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ ئىجازەتسىز، ھەق بېرىلمەيلا رادىيودا ئاڭلىتىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سۈرۈشتە قىلىشتىن خىجىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەنچە ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ ئىگىسى ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى قىلىشنى بىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆز ئەمگەك مېۋىسىنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى قوغداشىنى بىلىشى كېرەك. ئاشۇ بىر قىسىم رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىم رادىيودا ئاڭلىتىلغاندا، رادىيو دىرامىسى قىلىپ ئىشلەنگەندە، تۈرلۈك ئاۋازلىق نۇسخىلىرى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى قاتارىدا بازارغا سېلىنغاندا، ھەر خىل تور بېكەتلىرىدە قايتا ئېلان قىلىنغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتى، دەپ بىر تەرەپتىن خۇش بولسام، ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ بىر ئېغىز ئىجازەت سوراپ قويمىغانلىقىدىن، ئازراقمۇ ھەق بەرمىگەنلىكىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. بۇ ئەمگەكلىرىمنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەي گاڭگىرىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق تاراتقۇلار ئەسەرلىرىمنى ( ئىلگىرى ئىجازىتىمنى ئالماي ئېلان قىلىپ بولغان ئەسەرلىرىمنى قايتا ئېلان قىلسىمۇ ) ئىجازەت ئالماي، ھەق بەرمەي ئېلان قىلىدىكەن. چوقۇم قانۇنىي يول بىلەن قەدىر ـ قىممىتىنى قوغداشقا تىرىشىمەن، شۇنداقلا ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ مېنى ۋە بارلىق يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشىنى ۋە ئەمگەكلىرىمىزنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ گەپنى قىلسام چوغلان پۇلنىڭ كويىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، بەزى مەسىلىلەردە پۇل ھەقىقەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئەمگەكنىڭ قەدىر ـ قىممىتى پۇل بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، يازغۇچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى كېرەك.
   

                                            
مۇھەررىر : نۇرگۈل روزى

7

تېما

0

دوست

611

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21691
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 22:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى چىنلىق ناھايىتى توغرا شەررىھلىنىپتۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

278

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18464
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگىنىڭىزگە رەخمەت قېرىندىشىم.

0

تېما

1

دوست

847

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15756
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 10:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى قارام سۇپى يوققۇ بۇ تىمىدا

7

تېما

1

دوست

1815

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 12:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بولغاندا ، «باھادىرنامە»نىڭ داۋامىنى يىزىۋېتىپتۇ-دە!
پات  ئارىدا يۇز كۆرۇشكىدەكمىز.

ياسىنجاننىڭ قەلىمى ھارمىغاي..........

0

تېما

0

دوست

311

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   5.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21656
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 12:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەل ئەلىشىر نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ تارىخى يىزىلدىمىكىن دەپ شۇ ئەتراپنى قايتا قايتا ئۇقۇغان ئىدىم.....

2

تېما

0

دوست

1771

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 13:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  رەھمەت ، شۇنداق بولسا بىزمۇ  خاتىرجەم بۇلىمىز .
  1941-يىلدىكى تىھران يېغىنىدا ، سىتالىن گىرمانىيەنىڭ ئەڭ مىنەۋۋەر100 ئالىمنى ئېتىۋەتسەك گىرمانىيەنى ئۇنۇملۇك چەكلىگىلى بۇلىدۇ  دىگەندە ،روزۋىلىىت بىلەن چىرچىل قاتتىق خاپابۇلۇپ ، ئالىم دىگەن بىر دۋلەتنىڭ ئەمەس پۇتۇن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى .100ئالىمنى ئولتۇرۇش ئىنسانىيە ت ئۇچۇن چوڭ يوقۇتۇش ، ئۇنداق قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ دىگەنكەن .   

10

تېما

6

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 21:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
matimatika يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 12:41
شۇنداق بولغاندا ، «باھادىرنامە»نىڭ داۋامىنى يىزىۋېتى ...

ھەئە، 9 -قىسىمى يېرىم بوپتۇ.

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21948
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 23:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kutteken يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 21:56
ھەئە، 9 -قىسىمى يېرىم بوپتۇ.

بۇ  خەۋەر   ئىشەنچىلىكمۇ؟       بەك   خۇش   قىلىۋەتتىنىڭىز،،،،،رەھمەت  سىزگە

10

تېما

6

دوست

1380

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 420
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 23:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aaaadalat يوللىغان ۋاقتى  2013-9-16 23:27
بۇ  خەۋەر   ئىشەنچىلىكمۇ؟       بەك   خۇش   قىلىۋەتتىنىڭىز ...

ھەئە. ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دىدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )